
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئەبۇزەبى: ‹‹ئاستانە قوۋۇقى››
‹‹ئاستانە قوۋۇقى›› دەپ نام بېرىلگەن بۇ بىنا ئەبۇزەبىدىكى ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش بولۇپ، ‹‹ئەڭ يانتۇ بىنا›› تۈرى بويىچە جىنىس رىكوردتىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. يانتۇلىق دەرىجىسى°18، پارىژدىكى يانتۇ مۇنارنىڭ 4 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ.

نورۋېگىيە، سىۋالبارد ئارىلى: سىۋالبارد يەرشارى ئۇرۇق ئامبىرى
چاپقۇندىن ساقلىنىش ئىشىكى، ۋاكوئۇملىق قۇلۇپ ھەمدە سېنزور سەپلەنگەن؛ بۇ ئامباردىكى تۈرلۈك زىرائەتلەرنىڭ ئۇرۇقى ساقلىنىدىغان بولۇپ، ھەر خىل تەبئىي ئاپەتلەردىن كېيىنمۇ، بۇ ئۇرۇق ئارقىلىق تېرىقچىلىق قىلىشقا بولىدۇ.

ئەنگلىيە ستەيفورد: يانتۇ قاۋاقخانا
بۇ قۇرۇلۇشنىڭ بىر تەرىپى يەنە بىر تەرىپىدىن 4 فۇت ئېگىز بولغاچقا، موشۇ نام بىلەن ئاتالغان. بىنانىڭ ئېگىزلىك پەرقى كان كولاش سەۋەبلىك پەيدا بولغان گىئولوگىيىلىك ھەرىكەت كەلتۈرۈپ چىقارغان.

جۇڭگو، ئەنخۇي: پىئانىنو ئۆي
بىر-بىرىگە گىرەلەشتۈرۈپ سېلىنغان بۇ ئىككى قۇرۇلۇشنىڭ بىرىنىڭ شەكلى پىئانىنوغا، يەنە بىرىنىڭ شەكلى ئىسكىرىپكىغا ئوخشايدۇ.

رومىنىيە بۇخارېست: پارلامىنت بىناسى
بۇ قۇرۇلۇش سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ياسالغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ مەمۇرىيەت بىناسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئالەم بوشلىقىدىنمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.

شۋېتسىيە، مالمو شەھىرى: تولغانما بىنا
بۇ بىنانى Santiago Calatrava لايىھەلىگەن بولۇپ، شۋېتسىيەدىكى ئەڭ ئېگىز ئولتۇراق بىنا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىنا يەر يۈزىدىن ئۈستىگىچە °90 تولغانما ھاسىل قىلغان.

ھىندىستان، بومباي: ئاندىلا
دۇنيادىكى قىممىتى مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان تۇنجى ئولتۇراق جاي، 2010- يىلى قۇرۇلۇش تاماملانغان. بۇ بىنانىڭ ئىگىسى ھىندىستانلىق سودىگەر مىركىش ئامبانى، لېكىن ئۇنىڭ ئائىلىسى تېخى بۇ بىناغا كۆچۈپ كىرمىدى.

ئاۋىستىرىيە، گراز شەھىرى: گراز گۈزەل-سەنئەت سارىيى
غەلىتە مەخلۇق سۈپىتىدە ياسالغان بۇ قۇرۇلۇش ئەتراپتىكى باشقا بىنالارغا سېلىشتۇرغاندا ئۆزگىچە گەۋدىلىنىدۇ.

ئەزەربەيجان، باكۇ: ھەيدەر ئەلىيىۋ مەدەنىيەت مەركىزى
ئىراقلىق داڭلىق ئايال ئاخىتىكتور زاھا ھەدىد لايىھەلىگەن بۇ قۇرۇلۇش موبىئۇس پىرىنسىپىنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغان.

ۋىيتنام، دالات شەھىرى: ئەسەبىي ئۆي
‹‹ئەسەبىي ئۆي›› ناملىق بۇ مىھمانخانا دالى بىلەن گائۇدى بىرلىكتە روياپقا چىقارغان لايىھە بولۇپ، قۇرۇلمىسى ئەتراپتىكى مۇھىت بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇلغان.
دۇنيادىكى ئەڭ غەلىتە قۇرۇلۇش شەكىللىرى
ئەنگىلىيە ‹‹مۇردىلار نامايىشى›› نىڭ تەننەرخى زىيادە يۇقىرى بولۇپ كەتكەچكە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
قورقۇنچلۇق يۈز رەڭلىك سىزمىلىرى
دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت تاماكا بارلىققا كەلدى
گېرمانىيەدە ‹‹مۇردىلار نامايىشى›› ئۆتكۈزۈلدى
ئەنگىلىيەلىك بوۋاي 1.8 مېتىرلىق چوڭ قاپاق يېتىشتۈردى
جەنۇبىي ئافرىقا خەلقئارا چاچ ۋە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش بايرىمى
ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا...
9 چوڭ توغرا كېلىپ قېلىش
مەن دادامدەك دادام بالامدەك
خوشخەۋەر:ئاقيول تورىنىڭ يانفۇن تور بىكىتى ئىچىۋىتىلدى!
پولات ئەلەمدارنىڭ ئوغلى ئەلى نادىر شاشمازنىڭ رەسىمى ئاشكارلاندى
«سېھىرىلىك قارا ئورمانلىق» ناملىق فىلىم لوندوندا تۇنجى قويۇلدى
سوفى ماغسونىڭ ياش ۋاقتىدىكى سۈرەتلىرى
ئەنجىلىنا جۇلىنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىرى
2015-يىلى قويۇلىدىغان قالتىس بوللىۋود فىلىملىرىغا نەزەر
پۈتۈن دۇنيا كىنوچىلىقىدا قانچە [-ۋود]بار؟
جۇڭگودىكى سېمىز ئون ئايال چولپانغا نەزەر
ئالتۇن شار مۇكاپاتى 12-يانۋار تارقىتىلىدۇ
«ئادانالىق» تىكى مىرزى ئەلىنىڭ رولىنى ئالغان مەھمەتنىڭ قىز دوستى