يېزا ئىگىلىك مىنسىتىرلىقىنىڭ مۆلچەرىچە، بۇ يىل يازلىق ئاشلىقتىن يەنە ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد باركەن، بۇ بۇ يىل ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە مال باھاسى ئومۇمىي سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا پائال رول ئوينايدىكەن، ئېلىمىز بۇنىڭدىن ئون يىل ئىلگىرى يولغا قويۇشقا باشلىغان ئاشلىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى سىياسىتى ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى كۈچلۈك مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ئۇدا ھوسۇل ئېلىشنى ئىلگىرى سۈردى.
2004-يىلى ئېلىمىز ئاشلىق سېتىۋېلىش بازىرى ۋە سېتىۋېلىش باھاسىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىپ، ئاشلىق باھاسىنى بازار بەلگىلەيدىغان بولدى، ئاشلىق باھاسى قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوغداش ئۈچۈن 2004- ۋە 2006-يىلدىن باشلاپ دۆلەت ئاساسلىق ئاشلق ئىشلەپچىقىرىلدىغان رايونلاردا شال، بۇغدايدىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىلىق ئاشلىق تۈرىگە ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىنى يولغا قويدى.
دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئېلىمىز ھەر يىلى ئاشلىقنىڭ تەننەرخ كىرىمى، تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، بۇغداي، شال قاتارلىق تۈرلۈك سوررتلارنىڭ ئەڭ تۆۋەندە سېتىۋېلىش باھاسى سەۋىيەسىنى بېكىتكەن شۇنداقلا زىرائەت تېرىقچىلىق ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، دېھقانلارنى تېرىقچىلىق قىلىشقا يېتەكلەپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا تۈرتكە بولغان.
يېڭى ئاشلىق چىققاندىن كېيىن، دېھقانلار بازارغا كىرىپ ئاشلىق ساتىدۇ، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان رايونلار بازارلىرىدا ئاشلىق باھاسى بىرقەدەر چۈشۈپ، ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىدىنمۇ تۆۋەن بولۇپ قالغاندا دۆلەت بېكىتىپ بەرگەن كارخانىلار يەنى جۇڭگو زاپاس ئاشلىق شىركىتى ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى بويىچە ئاشلىقنى سېتىۋېلىپ، بازاردىكى ئاشلىق باھاسىنىڭ مۇۋاپىق يۇقۇرى ئۆرلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، بىرقانچە يىلدىن بۇيان، گەرچە خەلقئارا بازارلاردا ئاشلىق باھاسىدا زور داۋالغۇش بولسىمۇ، دۆلەت ئىچىدە ئاشلىق باھاسىدا باشتىن ئاخىرى مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلاپ قېلىنىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپچانلىقى بىرقەدەر ياخشى قوغدىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى، بۇ دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېىشىشى، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئويندى، 2007-يىلدىن 2012-يىلىغىچە، يېزىلاردا دېھقانلارنىڭ ئوتتىرىچە ساپ كىرىمى يىلىغا %9.9 ئېشىپ، شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆزىلىرى بىر تەرەپ قىلالايدىغان كىرىمىدىن 1.1 پوئىنت يۇقۇرى بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت ئاشلىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى سىياسىتىنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەم بازارنىڭ مېخانىزملىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدىغان، ھەم دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇقىم تەرەقىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىغان جۇڭگونىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاشلىق باھاسىنى قوللاش سىياسەت سىستېمىسنى بەرپا قىلىدۇ.
جۇڭگودىن سېرلانكىغا بېرىپ ساياھەت قىلىدىغانلار %98.5كە يەتتى
ئالدىنقى بەش ئايدا ئاپتونوم رايوننىڭ CPI سى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4.4 پىرسەنت ئاشتى
جۇڭگو كىنو بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ھىندىستاندا ئېچىلدى
يۈننەندە يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ھادىسى يۈز بەردى
16ياشلىق قىز ئوپىراتسىيە قىلىنىپ ياشلىق ھالىتىگە قايىتتى
گىرمانىيىنىڭ غەربىدىكى شەھەردىكى ئاھالىلەر رايۇنىدا پارتىلاش يۈز بەردى
ئۆلۈپ كەتكەن ئاپىسىنىڭ پاراۋانلىق پۇلىدىن بەھرىمان بۇلۇش
بىر قېتىملىق خىزمەت ئىزدەش ياردەم پۇلى
ھىندىستاندىكى ئاۋاتسىيە شىركىتى ماينىڭ تەننەرخىنى تىجەش ئۈچۈن قىز مۇلازىمەتچى قۇبۇل قىلىدىكەن
سىچۈەنلىك ئەليۇل ئەلانىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس
ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان سۇرىيە مەسىلىسى سۆھبىتىنى بىكار قىلدى
سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى « بىز غەربنى ھەيران قالدۇرىمىز » دىدى
مىسىر ۋەزىيىتى پەسكويغا چۈشتى
بېرمادا دىنىي توقۇنۇش يۈز بېرىپ مۇسۇلمانلارنىڭ دۇكانلىرى كۆيدۈرۋېتىلدى
« تۈرمىدىن قېچىش » فىلىمىدىكى باش پىرسۇناژ ئۆزىنىڭ ھەمجىنىس ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىدى
ئوتتۇرا شەرق داۋالغۇشىدىكى ئۈمىد
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى
سۈرىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەكشۈرۈش گۇرۇپىسىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى
ئافغانسىتان زۇڭتۇڭى كارزاھى بۈگۈن پاكسىتانغا زىيارەتكە بارىدۇ
ئاقچى ناھىيىسىدە كەلكۈن كېلىپ 5ئادەم قازا قىلىپ 3ئادەم يۇقاپ كەتكەن
