سىچۈەنلىك ئەليۇل ئەلانىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس
شىنخۇا تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ئەليۇل ئەلاسى چېن شاۋ ئەدەبىياتتا 101، ماتىماتىكىدا 138، ئنگىلىز تىلىدا 124، ئۈنۋېرسال تەبىي پەندە 249،ئۇمۇمىي نۇمۇردا 612نۇمۇر ئالغان بۇلۇپ ،ئەمما چېن شاۋ يەنىلا قۇبۇل قىلىنالماسلىقىدىن ئەنسىرەيدىكەن .
مۇخبىر چېن شىياۋنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ئۇ ئۆيىدە كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇراتتى .چېنشىياۋنىڭ پۈتۇن بەدىنىدە ئەڭ كۈچلۈك ھېسابلىنىدىغىنى ئۇنىڭ ئوڭ قۇلى بۇلۇپ تاماق يىيىش ،خەت يېزىش ،تورغا چىقىش قاتارلىقلاردا ئوڭ قۇلىغا تايىنىدىكەن ،سول قۇلىنىڭ بولسا ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ئىكەن ،يول ماڭغاندا سول پۇتى تىترەيدىكەن ،گەپ قىلغاندا كېكەچلەيدىكەن .چېنشىياۋ مۇخبىرغا <مەن ئىمتىھاندا مۆلچەرىمدىن 10نۇمۇر تۆۋەن ئېلىپ قالدىم ،چۈنكى مەن خەتنى ئاستا يازىمەن خېتىممۇ سەت >دىگەن ،18يىل بۇرۇن چېنشىياۋنىڭ ئانىسىنىڭ تۇغۇتى قىيىن بۇلۇپ ،ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىگە ئوكسىگىن يىتىشمىگەن .چېنشىياۋ تۇغۇلغاندىن كېيىنمۇ 1سائەت جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان .
چېنشىياۋنىڭ ئانىسى مۇخبىرغا <بىزمۇ بالا 10ئايلىق بولغىچە ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بايقىماپتۇق >دېدى دوختۇر چېن شىياۋغا مېڭە پارالىچى دەپ دىئاگونۇز قويغان ،ئەر-ئايال ئىككىسى چېن شىياۋنى نۇرغۇن دوختۇرخانىلارغا كۆرسەتكەن ،نۇرغۇن ئىقتىسادىي چىقىم تارتقان .بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ئانىسى ئىشتىن قالدۇرۇلغان ،
چېن شىياۋنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىدىن ئەنسىرىگەن بولسىمۇ چېن شىياۋ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن قەلەم تۇتۇشنى ،ۋە خەت يېزىشنى مەشق قىلغان ،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بەرگەن بولسىمۇ ئۇ بۇنى رەت قىلغان ،بارا-بارا خەتنى تېز يازىدىغان بولغان ، چېنباۋنىڭ دىيىشىچە ئۇ كىچىك ۋاقتىدا دائىم بېيجىڭغا بېرىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن ،ئەمما ئۇ ھازىر قارارىنى ئۆزگەرتكەن بۇلۇپ چېنشىياۋ <ئاتا-ئانام مەن ئۈچۈن كۆپ جاپا تارتتى ،شۇڭا ئۆيىمىزگە يېقىن دەپ سىچۈەن ئۈنۋېرستىتىنى تولدۇردۇم >دىگەن .
چېن شىياۋ ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى سەۋەبىدىن قۇبۇل قىلىنماي قېلىنىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن ،ئۇنىڭ دادىسىمۇ بىر ئاز ئەنسىرىۋېتىپتۇ .