يېقندا، 3D بېسىش ماشىنىسى توغرىسىدا ئىنتايىن قىزغىن پاراڭلار بولماقتا، ئۇنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار.؟ ئۇنىڭ تۈزۈلۈش ئىقتىدارى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىغا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ، بۇ مەسىللەرنى " يەرشارى ۋاقىتلىق گېزىتىنىڭ " مۇخپىرى ئىسرائىلىيەدە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ 3Dبېسىش ماشىنىسى كارخانىسى Stratasysنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش باش شىتاتىنى زىيارەت قىلدى، Stratasys يۇقىرى قاتلامدىكىلەر " يەر شارى ۋاقىتلىق گېزىتىنىڭ " مۇخپىرىغا ئاشكارلاپ مۇنداق دېدى؛ بۇ شىركەتنىڭ 3D بېسىش ماشىنىسىنىڭ يەرشارىدىكى سېتىلىشى ئاللىبۇرۇن 60000غا يەتتى، ئارىسىدىكى ماشىنا ساھەسى ، ئېلىكتۇرون ئىستىمال ساھەسى بىلەن مەھسۇلات ئىستىمال ساھەسىنىڭ خېرىدارلىرىنىڭ سانى ئالدىنقى 3 ئورۇنغا ئۆتتى، ئاسىيا قىتئەسى، ياپۇنىيەدىن كەلگەنلەرنىڭ تالۇن ئورنى 1 ئورۇندا،
بۇ تەتقىق قىلىپ ئېچىش باش شىتاتىنىڭ ئورنى يۇقىرى يېڭى پەن-تېخنىكا رايۇنىدا، ئىسرائىلىيە پايتەختى تېلاۋېيفۇ شەھەر رايۇنىدىن 30 مىنۇتلۇق مۇساپە. بۇ شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن باش دېرىكتۇرى سەجىلاد مۇنداق دېدى. {ساناھەت ساھەسىدىكى ، 3D بېسىش ماشىنىسىنىڭ ئەۋزەللىكى ئىنتايىن كۆرىنەرلىك دەرىجىدە، ئاساسلىق ئالاقىدار چوڭ شىركەتلەر دىگىدەك بىزنىڭ خېرىدارلىرىمىز، نۆۋەتتە، بىز كەڭ- كۆلەملىك خەلىقلەرگە قولايلىق سودا ساھەلىرىگە كېڭەيتىمەكچى.
مۇخپىر MakerBotشىركىتىنىڭ باش بېتىگە تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن بىر سانلىق مەلۇمات تور ئامبىرىغا كىردى، ئابونىتلار ئوخشاش بولمىغان مەھسۇلات تۈرلىرى بۇيىچە بىۋاستە ھەقسىز چۈشەردى، جىلاد مۇخپىرغا مۇنداق دېدى؛ كۆپىنچە ئادەملەر ئۆزىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلفۇنىنى لايەھەلەپ خاسلاشتۇرۇپ قاپلىۋالىدۇ ، بۇنداق نەرسىلەر بىزنىڭ سانلىق مەلۇمات تور ئامبىرىدىمۇ بار، سىز ئۆزىڭىز خالىغان رەڭلەرنى ،خالىغان نەقىشلەرنى، خالىغان رەسسىملەرنى تاللىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ، تاللاپ بولغاندىن كىيىن سېستىمىسىنى بېسىش ماشىنىسىغا يوللاپ بەرسىڭىز بۇلىدۇ،
مۇخپىرنىڭ ھېس قىلىشىچە، بۇ شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە باشقۇرۇش جەھەتتە سەۋىيىسى ئىتايىن يۇقىرى،
ئاپارات سېختا سىناق ئېلىپ بېرىلىپ، 20 بېسىش ماشىنىسى ئېغىر سىناقلارنى قۇبۇل قىلىدى، بۇ بېسىش ماشىنىسىنىڭ بۇيىغا ئوخشاپراق كىتىدىغان قىسىمى ئادەتتە ئىشخانىلاردا نۇسخىئالغۇ قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ، ئىگىزلىكى 1.5، كەڭلىكى 1 مىتىر ئەتراپىدا، تۆۋەنكى تارىتمىسىنى ئاچقاندا، تاللا بازارلىرىدا ساتىدىغان چوڭ تىپتىكى سۇلياۋ بوتولكا قاتارلىقلار نەقىش قىلىپ ياسىلىپ چىقىدۇ، ھەممە قىسىمى ئوچۇق ئەينەك بۇلۇپ مەشغۇلات ئېلىپ بارغۇچىلار سۇلياۋ بوتولكىنىڭ ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، مەھسۇلات بېسىپ چىقىرىلغاندىن كىيىن ، مەھسۇلات يەنە " يۇيۇش ۋە سىلىغدىلىدۇ" بۇنى بىر خىزمەتچى كىلىپ ئورۇندايدۇ، خىزمەتچى خادىملار ئۆرە تۇرۇپ ، سول قۇلى بىلەن ھازىر بېسىپ چىقارغان مەھسۇلاتنى ، ئوڭ قۇلىدا قۇرۇتۇش ماشىنىسىغا ئوخشاش بىر قورالنى ئېلىپ، ئىككى قولى بىلەن ئەينەك ئېدىشنىڭ ئىچىگە سېلىپ مەھسۇلاتنى تازلايدۇ،
Stratasys تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش قىسىمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن مۇدىرى سەيگەي. مىڭچىك بولسا شىركەتنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش كەسپىگە مەسئول بولغىلى 10 يىلدىن ئاشتى، ئۇ مۇنداق دېدى؛ بىز ھازىر ئاساسلىق سۇلياۋ ماتىرياللارنى بېسىپ چىقىرىۋاتىمىز، ئوخشاش ۋاقىتتا ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل رەڭدىكى مەھسۇلاتنى بېسىپ چىقارغىلى بۇلىدۇ، يەنە ئوخشاش خىلدىكى مىتاللارنى بېسىپ چىقارغىلى بۇلىدۇ، يەنە يېرىم سۇلياۋ بىلەن مېتال بۇيۇملارنى ئوخشاش بېسىپ چىقارغىلى بۇلىدۇ، گەي يى قۇلىغا پۈركۈگۈچنى ئېلىپ كۆرسىتىپ دېدى، بۇ نەرسە بەك مۇھىم، سۈپىتى ياخشىنى تاللاش كېرەك، چۈنكى بارلىق سۇلياۋ خام ماتىرياللىرى بۇ جايدىن پۈركۈتۈپ چىقىشتىن شەكىللەنگەن.
قانداق كارخانىلار سىلەرنىڭ چوڭ خېرىدارىڭلار؟ مۇخپىر سورىدى، گەي يى جاۋاپ بىرىپ مۇنداق دېدى؛ ئىسرائىلىيە باش شىركىتى 1998 يىلى قۇرۇلغان، 2001 يىلى بىرىنچى 3Dبېسىش ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىلدى، ئامىرىكا مېننىسوتا شىتابى باش شىركىتى 1986 يىلى قۇرۇلدى،ئون نەچچە يىلدەك تارىخى بار، ئامىرىكا ئالەم ئارا ئۇچۇش، باۋما شىركىتى، ياۋرۇ ئامىرىكا ئايروپىلان ياساش سانائىتى قاتارلىق 10 نەچچە يىللىق كونا خېرىدارلار،
شىركەت باش شىتابى تېخى ھەممە تەجىرىبە ئۆيلىرىنى مۇخپىرغا كۆرسەتمىدى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش باش شىتابى يېقىندا، يەنە بىر چوڭ تىپتىكى 3D بېسىش ماشىنىسى بارلىقىنى، ئىسرائىلىيە جەنۇبى قىسىمىدا ، يەنە بىر زاۋۇتى بارلىقىنى ئۇ زاۋۇت ئاساسلىق 3Dبېسىش ماشىنىسىنىڭ خام ماتىريالىنى تەييارلايدىغانلىقىغا مەسئول ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى.