يېقىندا ئەلى بابا، تېڭشۈن، شىنلاڭ، شېڭدا، ۋاڭيى، ياماسۈن جۇڭگۇ قاتارلىق 21 دۆلەت ئىچىدىكى ئېنتىرنىت كارخانىسى خاڭجوۋدا بىرىنچى قېتىملىق ئېنتىرنىت سودا بىخەتەرلىك يىغىنى ئاچتى. 20 دىن كۆپىرەك ئېنتىرنىت كارخانىلىرى جامائەت خەۋىپسىزلىك قىسىمىدىكىلەرنىڭ رەھبەرلىك قىلىشى ئاستىدا " ئېنتىرنىت ئالدامچىلىقىغا قارىشى ھەيئەت " تۇرغۇزۇپ چىقىتى.
ئەلى بابا تور بېتىنىڭ باش خېيىم -خەتەر ئەمەلدارى شىياۋ شاۋ فىڭ مۇنداق كۆرسەتتى، 21 ئېنتىرنىت كارخانىرى ئۆز- ئارا بىرلىشىپ، روشەن ھالدا سىرىتقا قاراپ سىگىنال چىقىرىشى،ھەر قايسى ئېنتىرىنىت كارخانىلىرى ئوتتۇرسىدا ئېھتىمال رىقابەت بار، بىراق بەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە باشقا ئېنتىرنىت تورىنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئۈچۈن، ھەر قايسى ئېنتىرىنىت كارخانىلىرى ئۆز- ئارا ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە كۈچ چىقارمىسا بولمايدۇ،
شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئېنتىرىنىت تورىنىڭ بىخەتەرلىكىجەھەتتە ئاشۇ قانۇن بىلەن ئوينىشىدىغانلارنى بىرلىكتە پاش قىلىپ قارىشى تۇرۇش. بۈگۈن بولسا ھەر قايسى ئېنتىرىنىت كارخانىلىرى بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ ئېنتىرىنىت تورىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بىرىنچى مۇھىم قەدەم،
ئەلى بابا قاتارلىق 21 ئېنتىرىنىت كارخانىسى بىرلىكتە ھەرىكەتلەندى، ھەمدە ئۇچۇرنى ئېنىقلايدىغان تارقىتىش يولى، ئالاقە يولى، سودا ئالاقە يولى ،چىقىم يولى قاتارلىق ئۆز- ئارا زەربە بىرىش، ئۆز- ئارا ئالدىنى ئېلىش 4 ھالقىسىنى شەكىللەندۈردى. پىروگىرامما لايىھەلەپ، ھەرىكەت مىزامىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، 2013 يىلدىن 2014 يىلغىچە بۇ پىلاننى ئەمەلىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرغا قويدى.
تىجارەتتىكى كۆپچىلىكنىڭ ئەلۋەتتە تىقابەت ئېڭى بۇلىدۇ بىراق بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە رىقابەت بولمايدۇ، بۇ ئىشتا كۆپچىلىك قانچە بىرلەشسە شۇنچە پايدىلىق، بۇ بولسا ئېنتىرىنىتنىڭ ئاساسى، بىخەتەرلىك بولمىسا جەمىئەتنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ،
دېققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى ، تور ئالدامچىلىقى، مەلۇم بىر ئىش تاختىسىدا ئامانلىق ،بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ چىڭ تۇرغان بولسا جىنايەتچى ئۇنسۇرلاربولسا ئايلىنىپ كىلىپ باشقا جايدا جىنايەت تۇغدۇرماقتا،
تور ئالدامچىلىقى بولسا ئېنتىرىنىت كەسپىدىكىلەرنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئەگەر بۇنداقلارنى يوقاتمىساق ،ئېنتىرىنىت ئابۇنىتلىرى مەڭگۈ خاتىرجەم بۇلالمايدۇ.