ھەرقايسى مەۋھۇم بويۇم سودىگەرلىرىگە:
تاۋباۋتورىنىڭ سىتاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا،يىقىندىن بېرى %70تىن كۆپرەك مال سېتىۋالغۇچىلار مال سېتىۋالغاندا ئاۋال ئىستىمالچىلار كاپالەت مۇلازىمىتىگە قاتناشقان مەھسۇلات ۋە دۇكانلارنى تاللىغان،ھەمدە ئىستىمالچىلار كاپالەت مۇلازىمىتىگە قاتناشقان سودىگەرلەرگە قارىتا پۇل قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشمۇ ئادەتتىكى سودىگەرلەرگە قارىغاندا خېلىلا ئاز بولغان.
 ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداش؛بازارنى ساپلاشتۇرۇش ۋە نورمال سودىگەرلەرگە ياخشى بىر بازار مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن،تاۋباۋ تورى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل تۈردىكى مال ساتقۇچىلارغا قارىتا"پۈتۈن تۈرلۈك كاپالەت مۇلازىمىتى"پىلانىنى يولغا قويماقچى.
بۇ ئۈچ تۈر تۆۋەندىكىدەك:
1.تېڭشۈن QQمەخسۇس رايونى
 2.تور ئويۇنلىرى مۇلازىمەت رايونى
 3.كۆچمە،بىرلەشمە،تېلىگىراف ئابونتلىرىغا پۇل قاچىلاش رايونى
تەپسىلى ئەھۋال تۆۋەندىكىچە:
 1. 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ پەقەت ئىستىمالچىلار كاپالەت مۇلازىمىتىگە قاتناشقان(ئىستىمالچىلار كاپالەت مۇلازىمىتىگە قاتنىشىپ،1000يۇەن كاپالەت پۇلى تاپشۇرغان)سودىگەرلەرلا ئاندىن يۇقىرىقى ئۈچ تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى بازارغا سالالايدۇ.
 2. 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كىيىن،ئىستىمالچىلار كاپالەت مۇلازىمىتىگە قاتناشمىغان بارلىق سودىگەرلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئۆچۈرىلىدۇ.
بۇ پىلان ئوتتۇرغا قويۇلغاندىن كىيىن تور سودىگەرلىرى ئوتتۇرسىدا بەس-مۇنازىرە پەيدا بولدى.ئىستىمالچىلار كاپالەت مۇلازىمىتىگە قاتناشقان سودىگەرلەرنىڭ ھەممىسى بۇ قاراشنى قوللىغان.لېكىن كۆپلىگەن ئىستىمالچىلار كاپالەت مۇلازىمىتىگە قاتناشمىغان،لىكىن ھەقىقىي سودا قىلىپ كېلىۋاتقان سودىگەرلەر بۇ خىل قاراشقا قارشى تۇرغان.
 ئىستىمالچىلار كاپالەت مۇلازىمىتىگە قاتناشقان سودىگەرلەرنىڭ سودىسىنىڭ ياخشى بولىشى ھەم ئىستىمالچىلارنىڭ مۇشۇ تۈردىكى دۇكانلارنى تاللىشىنى ۋە ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ تاۋباۋ تورى يۇقارقى پىلاننى ئوتتۇرغا قويغان.
 بەلكىم مۇشۇ پىلان ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كىيىن تاۋباۋ تورى نۇرغۇنلىغان سودىگەرلەردىن ئايرىلىپ قىلىشى مۇمكىن،لېكىن تاۋباۋ تورىنىڭ ئىشەنچىسى ئىشىپ بېرىشى مۇمكىن.
تاۋباۋدا سودا ئاخىرلاشقاندىن كىيىن مال كەلمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟
تاۋباۋ تورىنىڭ مەۋھۇم بويۇم سودىسىغا قارىتا يولغا قويغان قارارى
تاۋباۋدا دۇكان ئاچماقچى بولغانلار(چوقۇم كۆرۈڭ)
تاۋباۋدىن ستىۋالغان مال كەلمىسە قانداق قىلىش كىرەك؟
توردا دۇكان ئېچىپ پۇل تاپقىلى بولامدۇ؟
توردا دۇكان ئېچىشنى بىلەمسىز ؟
بەشىنجى ئەۋلاد قىممەت تولۇقلاش سىسىتىمىسى
5-ئەۋلادكۆپ ئىقتىدارلىق قىممەت تولۇقلاش سىستىمىسى ھەققىدە ئومۇمى چۈشەنچە
توردا دۇكان ئىچىش ئۈچۈن قانداق تەييارلىقلارنى قىلىش كىرەك
توردا دۇككان ئىچىپ پۇل تىپىشقا ئىشەنچىڭىز بارمۇ؟