• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • تور سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

    مەنبە : تور سودا بلوگى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-05-20
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    تورسودىسى – ساتماقچى ، ئالماقچى بولغان مالنى تور ئارقىلىق سېتىپ ، تور ئارقىلىق ئالىدىغان ، سودا ، تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ، ئىستىمالچىلار مال ساتىمەن ، مال ئالىمەن دەپ ناھىيە ( شەھەر ) ، ئۆلكە ئاتلاپ يىراققا بارمايدىغان ، بازارمۇ – بازار ، دۇكانمۇ – دۇكان ئارىلاپ يۈرمەيدىغان ، يول ئازابى تارتمايدىغان ، مۇشەققەت كۆرمەيدىغان ، سودىنى جانلاندۇرۇپ ، تىجارەتنى روناق تاپقۇزىدىغان ، ئىستىمالچىلارنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ ئۇلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىدىغان سودا بولۇپ بۇ سودا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئىلغارلىقى ، زامانىۋىلىقى ، دۇنياۋىلىقى ، قولايلىقلىقى ، جەلىپكارلىقى بىلەن پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ، كۆپلىگەن سودا ، تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ، مىلىيونلىغان ئىستىمالچىلارنىڭ قوللىشىغا ، ئالقىشىغا ئېرىشتى ھەم ئېرىشمەكتە . رايونىمىزدا تور سودىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ تىز تەرەققى قىلىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە . ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ھەر قايسى جايلاردىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە تور سودا قىلىدىغان مۇلازىمەت ئورۇنلىرى ، تور ئارقىلىق مال كەلتۈرىدىغان تىجارەتچىلەر ،تور ئارقىلىق مال سېتىۋالىدىغان ئىستىمالچىلار يىلسىرى كۆپەيمەكتە . شەھەر – بازارلاردا تور سودىسىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى ، توردىن مال سېتىۋالىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان تور ھەۋەسكارلىرى تور سودىغا قىزىقماقتا . ئۇلار تور سودىغا ئائىت كەسپى بىلىملەرنى ئۈگۈنۈپ ، تور سودىسى ، كۆپ خىل تور مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىگىلىك تىكلەشنى ، تىجارەتتە روناق تېپىشنى ئارزۇ قىلىشماقتا . بىراق ، توردا سودا قىلىشنى ئۈگۈتىدىغان ئورۇن ، كەسپى جەھەتتىن تەربىيلەيدىغان ، ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىدىغان كەسپى خادىملارنىڭ ئاز بولۇشى ، تور سودىسىغا ئائىت ئۇيغۇرچە كىتاپ ، ماتىريال ، ئوقۇشلۇقلارنىڭ ئىنتايىن كەمچىل بولۇشى ، ئۆزلۈكىدىن ئۈگۈنۈش ئىمكانىيىتىنىڭ تار بولۇشى .... قاتارلىق كۆپ خىل سەۋەپلەردىن كۆپلىگەن تور سودا ھەۋەسكارلىرى توردا سودا قىلىشنى قانداق ئۈگۈنۈشنى ، كىمدىن ئۈگۈنۈشنى ، قايسى ئۇسۇل بىلەن ئۈگۈنۈشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالماقتا . ئۇلار ئۈمۈد بىلەن ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە : بىزمۇ ئەجىر قىلساق توردا سودا قىلىشنى ئۈگۈنەلەرمىزمۇ ؟!ئۈگەنسەك تىجارەتتە مۇۋاپىقىيەت قازىنالارمىزمۇ دەپ تەشۋىشلەنمەكتە .مېنىڭ جاۋابىم : ئەگەر سىزدە توردا سودا قىلىشنى ئۈگۈنىدىغان ، توردا سودا قىلىپ تىجارەتتە مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان قەتئىي ئىرادە ، بوشاشماي تىرىشىدىغان جاسارەت بولىدىغان بولسىلا تۆۋەندىكى ئاساسى شەرتلەرنى ھازىرلىسىڭىز ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرسىڭىز توردا سودا قىلىشنى ئۈگۈنۈپلا قالماي ، بەلكى تور سودا كەسپىدە زور مۇۋاپىقىيەتلەرنى قازىنالايسىز .( ئۆزۈمنىڭ ئويلىغان ، ھېس قىلغانلىرىم ) 1. تور سودا كەسپىگە ھەقىقىي رىشتە باغلاش كېرەك تور سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش شەرەپلىك ، ئۇلۇغۋار ، ئىستىقباللىق كەسىپ . گەرچە توردا سودا قىلىشنى ئۈگۈنۈش تەستەك ، ئىشنى باشلاش قىيىندەك تۇيۇلسىمۇ ، ئەمما ئىددىيە جەھەتتە بۇ كەسىپكە قىزىقىدىغان ، مۇشۇ كەسىپنى سۆيىدىغان ھەم قەدىرلەيدىغان قەتئىي ئىرادە ، تىرىشچانلىقلا بولسا توردا سودا قىلىشنى ئۈگەنگىلى ھەم نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ . 2. تور سودىسىغا ئائىت كەسپى بىلىملەرنى پۇختا ئىگەللەش لازىم تور سودىسى – بىلىمگە ، تېخنىكىغا ، زامانىۋى ئۇچۇر ۋاستىسىغا تايىنىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان سودا . شۇڭا توردا سودا قىلىشنى ئۈگەنمەكچى ، تىجارەتتە مۇۋاپىقيەت قازىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھەر بىر تور سودا ھەۋەسكارى تور سودىسىغا ئائىت بىلىملەرنى پۇختا ئىگەللىشى لازىم . ئۈگۈنۈش ئۇسۇلى : بىرىنجىدىن : تور سودا بىلىملىرىنى پۇختا ئۈگەنگەن ، تور سودىنىڭ قائىدە – قانۇنىيەتلىرىنى ، تېخنىكا – مەشغۇلات تەرتىپلىرىنى چوڭقۇر ئىگەللىگەن . مەلۇم ۋاقىت تور سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان تەجرىبىلىك كەسىپ ئەھلىللىرىدىن ئۈگۈنۈش . ئىككىنجىدىن : تور سودىسىغا ئائىت تۈرلۈك ئوقۇشلۇق ، كىتاپ – ماتىرياللاردىن ئۈگۈنۈش . ئۈچىنچىدىن : سۇ ئۈزۈشنى سۇدا تۇرۇپ ئۈگەنگەندەك تور سودىنى تور سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا ئۈگۈنۈش . تۆتىنجىدىن : كونا – يېڭى تور سودا ھەۋەسكارلىرى ئۆز ئارا ئۈگۈنۈش ، ئۆز ئارا ئۈگۈتۈش . بەشىنچىدىن:تور سودا مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئۈگۈنۈش . نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىي مەشغۇلات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش . 3. ‹‹ قوش تىل ›› لىق بولۇش كېرەك . ‹‹ كۆپ تىللىق ›› بولسا تېخىمۇ ياخشى . تور سودىسى رايونىمىزدىن ھالقىپ پۈتۈن مەملىكەتكە ، مەملىكىتىمىزدىن ھالقىپ دۇنياغا يۈزلەنگەن سودا.ئۇنىڭ ئۈستىگە تور سودىغا ئائىت نۇرغۇنلىغان خەنزۇچە ئۈگۈتۈش ماتىرياللىرى بار بولغان بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇرچە ماتىرياللار يوق ھېساپتا . شۇڭا ‹‹ قوش تىل ›› لىق بولۇش . مۇمكىن بولسا ‹‹ كۆپ تىللىق ›› بولۇش لازىم . 4-سودا ئىشلىرىنىڭ قائىدە – قانۇنىيەتلىرىنى بىلىش كېرەك . تور سودىمۇ ئەنئەنىۋى سودىغا ئوخشاش بازار ، خېرىدار ، ئىستىمال ، باھا ، مۇلازىمەت ، ئۇچۇر قاتارلىقلار بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ . ئەگەر بۇلارنىڭ قايسى بىرىدە ‹‹ مەNsqئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    سىلە ›› كۆرۈلسە تور سودىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇڭا بازارنىڭ ئاددىي قائىدە قانۇنىيەتلىرىنى بىلىش ، بازارنىڭ ئەھۋالى ، ئىستىمالنىڭ يۈزلىنىشىگە دىققەت قىلىش كېرەك . 5-پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش لازىم تور سودىسى – پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغۇچىلارغا ، ئىككىلىنىپ ئارىسالدى بولۇپ قاراپ تۇرغۇچىلارغا ئەمەس بەلكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتقۇچىلارغا ، ئەمەلى قول سېلىپ ئىشلىگۈچىلەرگە مەنسۈپ . 6- توردا دۇكان ئېچىش لازىم تور دۇكىنى مەلۇم بىر چوڭ ‹‹ تور ›› نىڭ ( مەسلەن ‹‹ تاۋباۋ ›› ‹‹ پەي پەي ›› تورلىرىغا ئوخشاش ) قارمىقىدا ئېچىلغان تور دۇكىنىنى كۆرسىتىدۇ . ھەر بىر تور سودا مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئالدى بىلەن تور ماگىزىنى ئېچىپ تەشۋىق پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىپ ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ ئۆز دۇكىنىنىڭ ئىشەنچ دەرىجىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرگەندە ئاندىن تۈرلۈك سودا ئىشلىرىنى تەرتىپلىك ، قانۇنىيەتلىك ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ . 7-تور سودا ئەخلاقىغا ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن ، نىزام ، بەلگۈلىمىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىش كېرەك . تور سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار كەسىپتە ئەستايىدىل ، مەسئۇلىيەتچان بولۇش ، خېرىدارلارغا سەمىمىي ،قىزغىن ، ئەلا مۇلازىمەت قىلىش ، سودىدا ئادىل ،ھەققانىي بولۇش ،ۋاقىت ،ئۈنۈم قارىشى كۈچلۈك بولۇش ، يالغان ، ساختا ، ناچار ماللارنى ئېلىپ سېتىشتىن قاتتىق ساقلىنىش ، كەسىپ ئەخلاقىغا ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن ، نىزام ، بەلگۈلىمىرىگە خىلاپ قىلمىشلار بىلەن قەتئىي شۇغۇللانماسلىق لازىم . 8.قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىش كېرەك . توردا سودا قىلىش داۋامىدا ھەممە ئىشلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشى ، ھەر ۋاقىت ئوڭۇشلۇق بولۇشى ناتايىن . ئالغا ئىلگىرلەش داۋامىدا ئۇچراشقان قىيىنچىلىق ، مەغلۇبىيەت مۇۋاپىقىيەتنىڭ ئانىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن . شۇڭا خىزمەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچراپ قالغاندا ئالدىراپ بەل قويۇۋەتمەسلىك ، تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەشكە سەل قارىماسلىق ، ئۇلۇغۋار غايە – نىشاندىن تەۋرەنمەسلىك لازىم . 9- مەبلەغ سېلىش لازىم . يېتەرلىك مەبلەغ تور سودىسىدا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ ماددى كاپالىتى . 10. مالنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇش كېرەك . مال سۈپىتىنىڭ ياخشى ياكى ناچار بولۇشى تور سودىسىنىڭ تەقدىرى ، ئىستىقبالىنى بەلگۈلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ، ھەل قىلغۇچ ئامىل . شۇڭا ھەر بىر تور سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچى توردا ساتماقچى ھەم ئالماقچى بولغان مالنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى قاتتىق چىڭ تۇتۇش لازىم . تور ئارقىلىق سېتىۋالىدىغان ياكى توردا ساتىدىغان مال بولسۇن چوقۇم مالنىڭ سۈپىتى ياخشى ، ئىشەنچىلىك ھەم باھاسى مۇۋاپىق بولۇش كېرەك . يالغان ، ساختا ، ناچار ماللارنى توردىن سېتىۋالماسلىق ھەم توردا ساتماسلىق ، تور ئالدامچىلىقى بىلەن قەتئىي شۇغۇللانماسلىق لازىم . 11.ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ، نوپۇزنى قوغداش كېرەك . ئىستىمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسى تور سودىدا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئۇل تېشى . ئۇ ، تور سودىنىڭ تەقدىرىھەم ئستىقبالىنى بەلگىلەيدۇ . شۇڭا ھەر بىر تور سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ ، ھەمدە خېرىدارلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ، ئىستىمالچىلارغا ئەتراپلىق ھەم ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ مىڭلىغان ، مىلىيونلىغان ئىستىمالچىلارنىڭ ھەقىقىي ئىشەنچىنى ، قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىشى كېرەك . شۇنداقلا مىڭ تەسلىكتە قولغا كەلگەن ئىشەنچنى ، ئابروي – نوپۇزنى خۇددى ئۆزىنىڭ كۆز قاچۇغىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشى ھەم قوغدىشى لازىم . كونىلارنىڭ ‹‹ خېرىدارىڭ بولمىسا ، زىلۋالىقىڭ نە ئەتىۋا ›› دىگىنى ئەنە شۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . 12-يېڭىلىق يارىتىش كېرەك . يېڭىلىق يارىتىش –مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىش ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ، يېڭى بازار ئېچىشنى كۆرسۈتىدۇ . تور سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ ، مۇلازىمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ، يېڭى بازار ئاچقاندىلا ئىستىمالچىلارنىڭ كۆپخىل ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ ، تىجارەتتە روناق تاپقىلى بولىدۇ . 13-تور سودا ئالدامچىلىقىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك . بازاردا سېتىۋالىدىغان ماللار ساختىلىقتىن خالىي بولمىغىنىدەك ، تور سودىسىمۇ ساختىلىقتىن خالىي ئەمەس. تور سودا ئالدامچىللىرى ، تور سودا ‹‹ قويمىچى ›› لىرىنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ . ئىستىمالچىلار ئىچىدە تور سودا ئالدامچىللىرىغا ئالدىنىپ ، تور سودا ‹‹ قويمىچى ›› لىرىغا قويلۇپ كەتكەنلەر ، ئېغىر زىيان تارتقانلارمۇ ئاز ئەمەس . شۇڭا تور سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ، توردىن مال سېتىۋالغۇچىلار تور سودا ئالدامچىلىقىدىن ھەر ۋاقىت ھوشيار تۇرۇشى ، توردا مال سېتىۋېلىشنىڭ قائىدە – قانۇنىيەتلىرىنى ، مەشغۇلات تەرتىپىنى پۇختا بىلمەي ھەم چۈشەنمەي تۇرۇپ تور سودىسى بىلەن شۇغۇللانماسلىقى كېرەك . بولۇپمۇ سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان تور ، ئىشەنچ دەرىجىسى تۆۋەن تور دۇكانلىرىدىن مال سېتىۋېلىشتا قاتتىق ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك . 14-تور سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۆز ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك . تور سودىسى – زامانىۋى ئۇچۇر ۋاستىسىغا ، يۇقۇرى پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان سودا . مەشغۇلات تەرتىپى دەسلەپكى ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن بىر قەدەر نازۇك ھەم مۇرەككەپ . شۇڭا تور سودىسىغا ئائىت كەسپى بىلىملەرنى ، توردا مال سېتىش ، مال سېتىۋېلىشنىڭ قائىدە – پىرىنسىپلىرىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر يولدىلNsqئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    ا ئىگەللەپ كەتكىلى بولمايدۇ . شۇڭا تور سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار دائىم ئۈگۈنىشى ، ئۆز ئارا يېقىن ئالاقە – مۇناسىۋەتنى ساقلىشى لازىم . يىغىپ ئېيتقاندا ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كومپىيوتىر ئېلىكتىرونلۇق تور ئالاقە ئىشلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ شەھەر ، بازارلاردا توردا سودا قىلىدىغانلار ، تور ئارقىلىق مال سېتىۋالىدىغان ئىستىمالچىلار يىلسىرى كۆپەيمەكتە . تور سودىسى ، تور مۇلازىمىتى مىلىيونلىغان كىشىلەرنىڭ كۈندىىك تۇرمۇشىغا ، مال سېتىۋېلىش ، مال سېتىش ئىشلىرىغا ، خىزمەت ، ئۈگۈنۈش ، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە .... چوڭقۇر سىڭىپ كىرمەكتە . شۇ سەۋەپلىك جەمئىيەتنىڭ تور سودىسى ، تور تېخنىكىسىنى بىلىدىغان كەسىپ ئەھلىللىرىگە بولغان ئېھتىياجى بارغانسىرى ئاشماقتا . ئەگەر سىز توردا سودا قىلىشنى ئارزۇ قىلسىڭىز پۇرسەتنى غەنىمەت بىلەپ ، مەۋقەيىڭىزنى ، تىرىشچانلىقىڭىزنى توردا سودا قىلىشقا ، تور تېخنىكىسى ئۈگۈنۈشكە ، ئەسلىدە بىلىدىغان بىلىملىرىڭىزنى مۇستەھكەملەشكە قارىتىڭ . ‹‹ قىيىن ئىش يوق ئالەمدە ، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە ›› دىگەن ھېكمەتنى ئۆزىڭىزگە قىبلىنامە قىلىڭ . شۇنداق قىلسىڭىز سىزمۇ ئانچە ئۇزۇنغا قالماي ئاللا خالىسا توردا سودا قىلىشنى ئۈگۈنەلەيسىز . ئەجىر مېھنىتىڭىزدىن خۇشپۇراق گۈللەر ئېچىلدۇرالايسىز ...... !Nsqئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    مەنبە: مىسرانىم تورى Nsqئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    ئاقيول كىنو قانىلى
    يىڭىلانغان كومپىيۇتىر بىلىملىرى
    كىنو قانىلىغا مەرھەمەت
    ئەڭ يىڭى تور سودىسى