• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • Google دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-10
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    google7Xhئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    Google دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۇچۇر ئىزدەش تور بېكىتىنىڭ نامى بولۇپ، بۇ ئىسىم ھازىر Internet دېگەندەك داڭلىق سۆزگە ئايلاندى. بۇنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟7Xhئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    Google (گۇگېل) ئىنگلىزچە سۆز Googol (گۇگول)نىڭ ئىملاسىغا سەل ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ قوللىنىلغان ئىسىم بولۇپ، زىيادە چوڭ ساننى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ 10 نىڭ 100-دەرىجىسى (يەنى بىرنىڭ كەينىگە 100 دانە نۆل كەلگەن سان) دىن ئىبارەت.
    ئۇ بەلكىم پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق زەرىچىلەرنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىنمۇ چوڭ بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق مەزمۇندىكى سۆزنى تور بېكەت نامىغا ئىشلىتىشى ھەيران قالارلىق ئىش بولماستىن، ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان كىشى داڭلىق كومپيۇتېر ۋە ماتېماتىكا دوكتۇرى ئىدى.
    Googol دېگەن سۆزنى ئەڭ دەسلەپتە ئامېرىكىلىق ماتېماتىكا ئالىمى Edward Kasner (ئېدۋارد كەسنېر)نىڭ 9 ياشلىق جىيەنى Milton Sirotta (مىلتون سىروتتا) ئوتتۇرىغا قويغان.
    ئۇنىڭ بۇ ئىسىمنى شىركەت نامىغا ۋە تور بېكەت نامىغا قوللىنىشى Internet دۇنياسىنى بويسۇندۇرۇشىدىكى مۇستەھكەم ئىرادىسىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ. ئەمما، Google شىركىتى، Googol دېگەن ئىسىمنى ئىشلەتمىگەن، چۈنكى، Googol.com ئاللىبۇرۇن باشقىلار تەرىپىدىن تىزىملىۋېلىنغان بولۇپ، ئىملاسى خاتا بولغان Google نى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولغان.
    Googol زىيادە چوڭ ساننى بىلدۈرىدۇ، ئەمما، ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ سان بار. كومپيۇتېر ئالىمى Frank Pilhofer (فرانك) ئوتتۇرىغا قويغان Googolplex دېگەن سان تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، ئۇ 10 نىڭ Googol -چى دەرىجىسىگە تەڭ. ناۋادا، ئۇنى قەغەزگە بېسىپ چىقارماقچى بولسىڭىز، 3.125*10^85 يىل ساقلايسىز.

    7Xhئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
    7Xhئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    • مىھمان سالاھىتىدە يوللايمەن

    ئاقيول كىنو قانىلى
    كىنو قانىلىغا مەرھەمەت