«سەييارە»، «كەتمە»، «چۈش ۋە رېئاللىق»، «مۇھەببەت»، «دالا سەيلىسى» قاتارلىق كۆپلىگەن لىرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغاپ، ئۇلارنىڭ قەلغبىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالغان تالانتلىق ناخشا چولپىنى ئارزۇگۈل خەندان 1972-يىلى 11-ئاينىڭ 18- كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. ئۇ بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپلا ناخشىغا ھەۋەس باغلىغان بولۇپ ھەممىشە رادىئودا ئاڭلىتىلغان ناخشىلارنى دوراپ ئېيتاتتى. ئۇنىڭ يېقىملىق، تاتلىق ئاۋازىدىن سۈيۈنگەن ئاتا - ئانىسى ۋە ئاڭلىغۇچىلار ئارزۇگۈلنى كەلگۈسىدە چۇقۇم بىر داڭلىق ناخشىچى بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ، دەپ تەرىپلەپ كېتەتتى. ئارزۇگۈل دەرۋەقە ئۆزىنىڭ سەنئەتتىكى تەبىئى تالانتى بىلەن 1991- يىلى 9- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ، ئاكتيورلۇق، ناخشا ئۇرۇنداش، سەھنە تىلى قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە ئەتراپلىق تەربىيىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازى، ناخشا ئېيتىش ماھارىتى ناھايىتى تىزلا ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلىرىنىڭ ۋە ئويۇن قويۇش شىركەتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇ 1992- يىلى قىشلىق كانىكولدا ئويۇن قويۇش گورۇپپىسى تەركىبىدە تۇرپان، قۇمۇل، قاراماي، قاتارلىق جايلاردا 30 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ تاتلىق ئاۋازى بىلەن بىر قانچە لىرىك ناخشىلارنىڭ تاماشىبىنلارغا قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەت بولدى ھەم ئۇلاردا ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇردى. بۇ ئارزۇگۈلنىڭ سەنئەت ھاياتىدا باسقان تۇنجى قەدىمى ئىدى
ئۇ شۇنىڭدىن ئېتبارەن 1993 - يىلى بېيجىڭ شەھەرلىك سەنئەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەكلىپى بىلەن بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجېن، جۇخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلاردا 100 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىپ، ناخشا ئېيتىش تالانتىنى مەملىكەت سەھنىلىرىدە نامايەن قىلدى. 1994- يىلى ئاتاقلىق ناخشىچى ئىمىنجان يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئوپېرا ئۆمىكى تەشكىللىگەن ئويۇن قويۇش ئەترىتىنىڭ تەركىبىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 4 ۋىلايەتتە 50 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ قەلبلەرنى ھاياجانغا سالغۇچى لىرىك ناخشىلىرى بىلەن كەڭ تاماشىبىنلار قىزغىن ئالقىشلايدىغان، ناخشىسىنى ئەڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان تالانتلىق خۇشناۋا ناخشىچىغا ئايلاندى. ئۇ 1995- يىلى 8- ئايدا يەنە ئويۇن قويۇش ئۆمىكى تەركىبىدە قازاقىستان، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىرىگە بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئاممىباب، لىرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق قوشنا ئەللەردىمۇ ئالاھىدە ئالقىشقا سازاۋەر بولدى.
قىسقىغىنە ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدىلا شۇنچە كۆپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ھەم ئۈمىدلىك بىر ناخشىچىغا ئايلانغان ئارزۇگۈل 1996- يىلى 7- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىغا ئاۋاز ئارتىسى بولۇپ ئورۇنلاشتى. ئۇ شۇنىڭدىن ئىتىبارەن بىر تەرەپتىن ئاۋاز بېرىش كەسپىگە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلاپ، خىلمۇخىل پېرسوناژلارنىڭ ئاۋازىنى جانلىق ھەم تەسىرلىك بېرىپ، بۇ ساھەدە كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ناخشا ئورۇنداش ماھارەتلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆزگىچە ئۇسلۇب ۋە پۇراققا ئىگە كۆپلىگەن لىرىك ناخشىلارنى ئارقا - ئارقىدىن ئورۇنداپ، سەنئەتخۇمار خەلقىمىز ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى. بولۇپمۇ ئۇ ئورۇندىغان«چۈش ۋە رىئاللىق»،«كەتمە»،«سەن يارە» «رەنجىمە»، «كەل مۇھەببەت»، «دالا سەيلىسى»، «شاھ سەنەم» قاتارلىق ناخشىلار مېلودىيەسىنىڭ چىرايلىقلىقى، يېقىملىق، ھەم لەرزانلىقى بىلەن كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىپ، ئۇلارغا كۈچلۈك بەدئىي لەززەت بېغىشلىدى. ئارزۇگۈل خەنداننىڭ ھازىرغىچە «چۈش»، «كەتمە» ناملىق ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى، «شوخ بالا»، «سېغىنىش» قاتارلىق MTV پلاستىنكىلىرىنى نەشىر قىلىنىپ، بۇ ياش ناخشچىنىڭ سەنئەت تالانتىنى تېخىمۇ روشەن گەۋدىلەندۈردى.
2002- يىلى ئۇ ئورۇندىغان «دالا سەيلىسى» ناملىق ناخشا مەركىزى خەلىق رادىئو ئىستانىسى ۋە شىنجاڭ خەلىق رادىئو ئىستانىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆتكۈزگەن 12 - قېتىملىق مۇكاپاتلىق ناخشا قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدە 2 - دەرىجىلىك ئورۇنداش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا ئارزۇگۈل ئابدۇخېلىل ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ «جىنايەتكە تولغان چىكاگو»، «ئاققا مەستانە بولغان ئايال»، كورىيە فىلىملىرىدىن «ھايات گۈلى»، «قەقنۇس»،«كۈل قىز»،«چۆرە قىز سەييۈ»قاتارلىق 4000 قىسىمدىن ئارتۇق كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىكى باش رول ۋە ئاساسلىق روللارغا جانلىق ھەم ئوبرازلىق ئاۋاز بېرىپ، ئۆزى ئاۋاز بەرگەن پېرسوناژلىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسى ھەم ئوخشىمىغان ھايات كەچۈرمىشلىرىنى روشەن يورۇتۇپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.كورىيە تېلىۋىزىيە تىياتىرى«كۈل قىز»نىڭ ئاساسلىق ناخشىسىنى ئۇيغۇرچە ئۇرۇنلاش ئارقىلىق تاماششىبىنلارغا بۇ تېلىۋىزىيە تىياتىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرغان شۇنداقلا بۇ ناخشا ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا مودا ناخشىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
خەلقىمىز بۇ تالانتلىق ياش ناخشىچىنىڭ تاتلىق ئاۋازى بىلەن ئېيتقان لىرىك ناخشىلىرىنى ئەبەدىي قەدىرلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىجادىي ھاياتىنىڭ يەنىمۇ ئوزاق مەنزىللەرگە ئۇلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ .بىز ئاقيول تورى نامىدىن بۇ تالانتلىق ناخشىچىمىزنىڭ ئەبەدىي زەپەر قۇچىشىغا،يېڭى ناخشلىرىنى خەلق بىلەن داۋاملىق يۈز كۆرۈشتۈرىشىگە ھەم كۈنلىرىنىڭ خۇشال-خۇرام،بەخت ئامەت ئىچىدە ئۆتىشىگە چەب دىلىمىزدىن .تىلەكداشمىز |