ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| كىنو چولپانلىرى | شىنجاڭ چولپانلىرى | ئامىرىكا - ياۋرۇپا | يـاپـۇن - كورىيە | جۇڭــگـــو چولپانلىرى | ئىنتىرنىت كومپىيۇتىر | تەيۋەن-شىاڭگاڭ | ھىندىستان چولپانلىرى | تەنتەربىيە چولپانلىرى  
ئورنىڭىز:چولپانلار >> شىنجاڭ چولپانلىرى >>

سادىق ھاجى ساتتار

سادىق ھاجى
|< << [1] >> >|
سادىق ھاجى ساتتار 1942 - يىلى قەدىمى مەدەنىيەت بۆشۈكى بولغان قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيىسى نەزەرباغ رايونى چۈمبۇس كەنتىدە مېھنەتكەش دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مەكتەپ يېشىغا توشقاندىن كېيىن قازىرىق مەكتىپىدە ئوقۇغان. ئۇنىڭدىكى سەنئەت ئىشتىياقى ۋە ئۇلى ئۇنىڭ ئۆز يېزىسىدىكى مەكتەپ ھاياتىدا سېلىنغان بولۇپ، ئۇ بالىلىق چاغلىرىدىلا مەكتەپنىڭ سەنئەت كۇرژىكىغا قاتنىشىپ، ئۆز قابىليىتىنى نامايەن قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئەينى يىللاردا چۈمبۇس يېزىسىدا مەخسۇس ئويۇن قويۇش ئۈچۈن ياسالغان بىر سەھنە بولۇپ، قەشقەر سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى پات - پات بۇ يەرگە كېلىپ دىراما، ئوپىرا، ناخشا - ئۇسۇللارنى ئوينايتتى. ھەر قېتىم ئويۇن قويۇلۇپ ئاخىرلاشقاندا تەڭتۈش بالىلار سەھنىدە قويۇلغان ئويۇنلارنى دوراپ مەھەللىنى بىر ئالاتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە كىچىك سادىقنىڭ دوراش ماھارىتى ھەممىدىن ئۈستۈن، ھەركەتلىرى تېتىك ۋە چاققان بولغاچقا تەڭتۈشلىرى ۋە چوڭلارنىڭ ئالدىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى. سادىق ھاجى ساتتار 1956 - يىلى قەشقەر سەمەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، ئاپتونۇم رايوندىن ئوقۇغۇچى تاللاشقا بارغان سەنئەتكارلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە كۆزىتىشى ۋە سېنىقىدىن ئۆتۈپ ئاپتونۇم رايونلۇق سەنئەت ئۆمىكى ئاچقان ئۇسسۇلچىلارنى يېتىشتۈرۈش كۇرىسىغا قوبۇل قىلىندى ھەمدە شۇ يىلى پېشقەدەم سەنئەتكار سىراجىدىن زۇفەر، ئامىنە غالىيۋالارنىڭ كۆرسىتىشى، مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بېيجىڭ ئۇسسۇل مەكتىپىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلدى. ئۇ ئوقۇشنى تاماملاپ شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ئوپىرا ئۆمىكىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر مەزگىل بالىت ئۇسسۇلى ئاساسى مەشىقىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، بىر تۈركۈم ياش ئارتىسلارنى يېتىشتۈردى. 1963 - يىلى <گۈلەمخان> ئوپىراسىدا شاڭيو ئوبرازىنى، 1963 - يىلى <ياش ئەۋلادلار> دىرامىسىدا باش پىرسۇناژ شاۋجىينىڭ رولىنى جانلىق يارىتىپ نەتىجە قازاندى. ئۇ يەنە بېيجىڭ كىنو سىتۇدىيسى ئىشلىگەن < يايلاقتىىكى بۈركۈت > فىلىمىدە باش پىرسۇناژ مال دوختۇرى ئالىم رولىنى ئورۇنداپ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ياخشى تەسىر قوزغىدى ۋە ئالاقىدار يولداشلار ئۇنى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىدىن ئوپىرا ئۆمىكىگە ئالماشتۇرۇپ قويدى. سادىق ھاجى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 1988 - يىلى تەڭرىتاغ كىنو سىتۇدىيسى ئىشلىگەن <سەرسانلار> ناملىق ھېكايە فىلىمدە باش پىرسۇناژ بولغان دارۋاز ئۇستازى قادىر ھاجى رولىنى؛ 1991 - يىلى ئىشلەنگەن <موللا زەيدىن> ناملىق ھىكايە فىلىمدە گايىت ھاجى رولىنى؛ 1991 - يىلى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسسى ئىشلىگەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى <جۇڭگودىكى خىسلەتلىك ئوت> دا ئۇيغۇر بوۋاي ئارمان ئوبرازىنى؛ 1993 - يىلى تەڭرىتاغ كىنو سىتۇدىيسى بىلەن تىيەنجىن كىنو سىتۇدىيسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن ھىكايە فىلىم <ئاماننىساخان> ۋە شۇ ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا مۇقامشۇناس، شائىر ئاماننىساخاننىڭ دادىسى مەخمۇت ئاكىنىڭ ئوبرازىنى؛ 1994- يىلى ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى <تۇمانلىق سەھەر>دە ئابلىز ھاجى رولىنى؛ <زوزوڭتاڭ> ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ھەيدەر بەگ ئوبرازىنى؛ 2000 - يىلى ئىشلەنگەن <كۈتۈش> ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىدە دادا ئوبرازىنى؛ شۇنداقلا يىقىندىن بۇيان ئىشلەنگەن < ھەسرەتلىك كۆز يېشى> ناملىق تۆت قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا سادىق ئاكا رولىنى؛ < قاينام> ناملىق ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا دادا رولىنى؛ <جۇدۇندا ئىچىلغان چېچەك> ناملىق ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا پىشقەدەم مائارىپچى؛ <سەھرادىن كەلگەن بالا باققۇچى قىز> ناملىق ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىردا دادا رولىنى؛ يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام فىلىملىرىدىن <بايات مۇقامى> دا دادا رولىنى؛ <سىگاھ مۇقامى> دا قۇمۇل ۋاڭى رولىنى؛ <كۆلەڭگە> ناملىق ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا پادىچى بوۋاي رولىنى؛ <دولان ياشلىرى> ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا مۇقام پىشۋاسى ئوبرازىنى مۇۋاپىقىيەتلىك يارتىپ كەڭ سەنئەت سۆيەر كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان ئوبرازى ۋە ئالقىشىغا ئىرىشتى. سادىق ھاجى ساتتار ئۇزۇن يىللىق سەنئەت ۋە ئېكران ھاياتىدا پېرسۇناژلار ئوبرازىنى يارىتىش جەريانىدا تۇرمۇش ئۆگىنىش ۋە تەجرىبىلەرنى توپلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ، پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرىنى، ئالاھىدىلىكلىرىنى پۇختا ئىگەللەپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى ھسېسىياتىنى چوڭقۇر ئىچىپ بىرىپ بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى. ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېينكى ئېكران ھاياتى تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغۇسى.
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号