ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| كىنو چولپانلىرى | شىنجاڭ چولپانلىرى | ئامىرىكا - ياۋرۇپا | يـاپـۇن - كورىيە | جۇڭــگـــو چولپانلىرى | ئىنتىرنىت كومپىيۇتىر | تەيۋەن-شىاڭگاڭ | ھىندىستان چولپانلىرى | تەنتەربىيە چولپانلىرى  
ئورنىڭىز:چولپانلار >> شىنجاڭ چولپانلىرى >>

كىچىك چولپان ئەرافات

图片说明
|< << [1] >> >|
 نۇرغۇن بالىلار كىچىكىدىنلا سەنئەتكە ھېرىسمەن كېلىدۇ. ئەرفانمۇ خۇددى شۇلارغا ئوخشاش كېچىكىدىنلا سەنئەتكە ھېرىسمەن ئىدى. ئوغلىدىكى سەنئەتكە بولغان قىزغىنلىقىنى سەزگەن ئارسلان ئاكا ئەرفاننى ئۈچ يېشىدىن باشلاپ مەخسۇس تەربىيىلەپ، ھەر خىل سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قانتاشتۇرىدۇ. ئەرفان بەش ياشقا كىرگەندە بىر قانچە ناخشىنى راۋان ئېيتالايدىغان بولىدۇ. بىر كۈنى ئەرفاننىڭ ئاپىسى گېزىتتىن مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ئالاھىدە 1+6» سەنئەت پىروگىراممىسىغا شىنجاڭدىن نامزات تاللاۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ قالىدۇ. ئۇ ئەرفاننى قانتاشتۇرۇپ بېقىشنى ئويلاپ ئەرفاننى ئىمتىھان مەيدانىغا ئېلىپ بارىدۇ.       ئەرفان تىزىملاتقانلارنىڭ 875چىسى يەنى ئەڭ ئاخىرقىسى ئىدى. ئۇماق ھەم چىرايلىق ئەرفان يېقىملىق ناخشىسى، چاققان ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇ مەيداندىكى مۇئەللىملەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ ۋە شۇ مەيداندىلا ئەرفاننىڭ تاللانغانلىغى ئېلان قىلىنىدۇ. ئەرفان 2004-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ئالاھىدە 1+6» پروگىراممىسىغا قاتنىشىدۇ ۋە تاماشىبىنلارنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا، قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ.       ئاتا-ئانىسى ئەرفاننى بەش يېشىدىلا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىدۇ. ئۇ بىرىنچى سىنىپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئارىسلان ئاكا ئۇنى بېيجىڭ چەتئەل تىلى مەكتىپىنىڭ شۆبە باشلانغۇچ مەكتىپىگە يۆتكەيدۇ. دەسلىپىدە ئەرفان ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرچە ئوقۇغاچقا خەنزۇ تېلىدا خېلىلا قىينىلىدۇ. ئەرفاننىڭ يەنە باشقىلارنى دوراش ئىقتىدارىمۇ ئالاھىدە يۇقۇرى ئىدى. شۇڭا ئۇ خەنزۇ تىلىنى باشقىلارنى دوراش ئارقىلىق ئۈگۈنىپ ناھايىتى تىزلا سىنىپنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتىدۇ. ئەرفان ھازىر ئۈچۈنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتىدۇ.      ئۇنىڭ تەنتەربىيە جەھەتتىمۇ ئالاھىدىلىكى بار. يۈگۈرۈشكە، توپ ئويناشقا، چېلىشىشقا ئالاھىدە قىزىقىدۇ. ئۇ ئۆز مەكتىپىدە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يۈگۈرۈش تۈرىدە ھازىرغىچە بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەي كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا مەركىزىي تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇنىڭ تەنتەربىيە جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرۈپ ئۇنى تەنتەربىيە مەكتىپىگە قوبۇل قىلماقچىمۇ بولغان.       ئەرفان بۇ مەكتەپكە يېڭى كەلگىنىدە مۇنداق بىر ئىش بولغان: ئەرفان تەبىئىتىدىن شوخ بولغاچقا، سىنىپقا تىزىپ قويغان شاھماتقا قىزىقىپ بىر تال ئۇرۇقنى ئەمدىلا قولىغا ئېلىشىغا 6-يىللىقتا ئوقۇيدىغان، شاھمات مۇسابىقىسىدە مەكتەپ بويىچە ئىزچىل بىرىنچى بولۇپ كېلىۋاتقان بىر بالا ئۇنى مەنسىتمىگەندەك قىلىپ «شاھمات ئويناشنى بىلمىگەندىن كېيىن ئۇنى نىمىشقا تۇتىسەن» دەپ ئەرفاننىڭ قولىدىكى شاھمات ئۇرۇقىنى تارتىۋالىدۇ. بۇ ئىش ئەرفانغا بەك ئېغىر كېلىدۇ. ئەرفان كەچتە ئاپىسىغا ئۆزىنىڭ شاھمات ئۈگۈنىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىدۇ. ئاپىسى ئەتىسى ئەرفاننى شاھمات ئۈگۈنىش كۇرسىغا بېرىدۇ. ئەرفان 15كۈن ئىچىدىلا شاھمات ئويناشنى ئۈگىنىۋالىدۇ ھەم مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن شاھمات مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەي كېلىۋاتقان ھېلىقى بالىنى ئۇتۇۋېلىپ مەكتەپتىكىلەرنى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇرۋېتىدۇ.       ئەرفاننىڭ چىرايلىقلىقى، ئۇماقلىقى، ئىنكاسىنىڭ تىزلىگى، ئورۇنداش ماھارىتىنىڭ يۇقۇرىلىقى نۇرغۇن داڭلىق رېژىسسورلارنىڭ، چولپانلارنىڭ ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئامېرىكا، بېلگىيە ۋە شوتلاندىيەگە بېرىپ ئويۇن قويىدۇ. ئامېرىكىنىڭ لوس-ئانژېلىس شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كېچىلىكىدە ئۇ ئەسلىدە بىر ناخشا ئېيتماقچى بولۇپ سەھنىگە چىقىدۇ. ئۇ ناخشىنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن رىياسەتچىنىڭ ئۇنىڭ ئۇماق قىلىقلىرىغا ھەۋىسى كېلىپ ئۇنى 40 مېنۇتتەك سەھنىدىن چۈشۈرمەيدۇ. بۇنىڭغا رېژىسسورنىڭ ئاچچىغى كېلىدۇ. باشقا ئارتىسلارمۇ نومۇر ئورۇندىشى كېرەك-تە، لېكىن رېژىسسور ئەرفاننىڭ قېلىقلىرىنىڭ پۈتۈن تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە رام قىلىپ، كېچىلىكنى تېخىمۇ قىزىتىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ سەھنىگە يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئەرفاننى كۆتۈرۈپ سۆيۈپ كېتىدۇ.تۇغۇلغان ۋاقتى: 1998-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى يۇرتى: ئۈرۈمچى قىزىقىشى: سەنئەت، تەنتەربىيە، شاھمات ئارزۇسى: كىنو چولپىنى بولۇش ياخشى كۆرىدىغان تامىقى: نان، شويلا، پولۇ، كاۋاپ، چۆچۈرەئالاھىدىلىگى: شوخ، جانلىق (مۇئەللىم سوئال سورىغاندا دادىل قول كۆتۈرىدۇ)قاتناشقان ناخشا كېچىلىكى: ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىگە 1000كۈن قالغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كېچىلىكىدە داڭلىق ئارتىس چېڭ لوڭ بىلەن بىللە ناخشا ئېيتقان. دۇنيا مېيىپلەر ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق ناخشىسىنى ئېيتقان.دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ يۇقۇرى ئاۋازلىق ناخشىچىلار بىلەن بىللە شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كېچىلىكىدە ناخشا ئېيتقان.جوڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق ناخشىسىنى ئېيتقان. 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق ناخشىسىنى ئېيتقان.
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号