تۈركىيە يېقىندىن بۇيان كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقارماقتا ، چۈنكى ئالاھىدە غەلبە قازانغان تۈركىيەنىڭ ئەڭ بۈيۈك فىلىمى كۇرتلار ۋادىسى دىن ئېلھاملانغاندىن بۇيان نۇرغۇن ئېسىل كىنولار مەيدانغا كەلمەكتە، نۇرغۇن داڭلىقلار ناخشا چولپانلرىمۇ كىنو ساھەسىگە بەس بەستە قوشۇلماقتا ، تۈركىيە مودا ناخشىچىسى ئىسمايىل يىكا مۇ يېقىندا بىر فىلىمدە رول ئېلىۋاتماقتا ، ئۇنىڭ فىلىملىرى يېقىندا يېتىپ كېلىشى مۆمكىن !
تۆۋەندە سىلەرگە كۇرتلار ۋادىسى فىلىمىدىكى چاكىر ئەپەندى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئادانالىق فىلىمىنى ئىشلەپ زور شۆھرەت قازانغان ياش مودىل ۋە تالانلىق ئاكتيۇر مەھەممەت ئەكيف ئەلاكورتنى تونۇشتۇرماقچىمىز ! 1979- يىلى تۈركىيە ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان بۇ ياش يېگىت . ياش ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا شان شەرەپلەرگە ئېرىشىپ كەلگەن . 2001-يىلى Best Model of Turkey (يەنى تۈركىيەنىڭ ئەڭ كاتتا مودىلى ) شەرىپىگە ئېرىشكەن . ئۇ رول ئېلىپ يارىتىپ كەلگەن ئوبرازلار ۋە ۋاقىتلىرى : Ural Metro Palas / 2001-2002 Ali Kırman Kırık Ayna / 2002-2003 Kenan Zeytin Dalı / 2003-2004 Ahmet Gesili Hacı / 2004-2005 Genco Boran Sıla / 2005 Maraz Ali Adanalı / 2008 -
باشقا تەپسىلاتلارغا قىزىقسىڭىز ئۇنىڭ داۋاملىشىۋاتقان يېڭى فىلىمى : ئادانالىق رازۋىتچىك چاكىر نىڭ مەخسۇس تور بېكىتىنى زىيارەت قىلىڭ ! تور ئادېرىسى : www.adanali.com.tr |