ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| كىنو چولپانلىرى | شىنجاڭ چولپانلىرى | ئامىرىكا - ياۋرۇپا | يـاپـۇن - كورىيە | جۇڭــگـــو چولپانلىرى | ئىنتىرنىت كومپىيۇتىر | تەيۋەن-شىاڭگاڭ | ھىندىستان چولپانلىرى | تەنتەربىيە چولپانلىرى  
ئورنىڭىز:چولپانلار >> شىنجاڭ چولپانلىرى >>

دىلناز ئەخمىدى

图片说明1
|< << [1] [2] [3] [4] >> >|

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شىنـــجــاڭ چولپانلىرى >> دىلناز ئەخمىدى
 
سەنئەتكارلار ئائىلىسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك قىزى، ناخشا ساھەسىدە بىردىنلا چاقناپ چىققان يورۇق يۇلتۇز -- دىلناز ئەخمىدى 1980- يىلى 11- ئاينىڭ 20 -كۈنى قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ( بۇرۇنقى پايتەختى ) ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ھازىر ئۇيغۇرلار ئىچىدىلا ئەمەس، قازاقىستاندىكى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنىدىكى ھەتتا ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەردىكى ناخشا ھېرىسمەنلىرىگە كەڭ تونۇلغان ناخشىچىمىز ھېسابلىنىدۇ.

دىلناز ئۇيغۇر سەنئىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئەخمەدىلەر ئائىلىسىدىن ئىبارەت قايناق سەنئەت دەرگاھىدا تۇغۇلۇپ ئۆستى. دادىسى مۇرات ئەخمىدى ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان مىللىتىمىزنىڭ تۆھپىكار سەنئەتكارلىرىنىڭ بىرى. مۇرات ئاكا ھازىر قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك قۇددۇس غوجامياروۋ نامىدىكى دۆلەت ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ مۇدىرى. يېقىندا مۇرات ئاكا قازاقىستاندا سەنئەتكارلارغا بېرىلىشكە تېگىشلىك ئەڭ ئالىي ئاتاق -- "قازاقىستان خەلق ئارتىسى" شەرەپلىك نامىغا ئېرىشتى. مۇرات ئەخمىدى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىغا داڭقى كەتكەن <<ياشلىق>> ئانسامبىلىنى قۇرۇپ، <<ئاپپاق-ئاپپاق توشقانلارىم>>، <<بىرىنچى مۇھەببەت>>، <<ئايدىڭ كەچلەردە>>، <<ئوينا ياشلىق>> ... قاتارلىق بىر يۈرۈش نادىر ناخشىلارنى ئىجات قىلىپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ۋە رايونىمىزدا زور ئۇتۇق قازانغان. مۇرات ئەخمىدىنىڭ ئاتىسى مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئەخمىدى 1950- يىللىرى رايونىمىزدا، كېيىنراق قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا تونۇلغان ئاتاقلىق ناخشىچى بولۇپ، ئابدۇرېھىم ئەخمىدى ھايات ۋاقتىدا "ئۆزبېكىستان خەلق ئارتىسى" دېگەن ئالىي شەرەپ ئاتىقىغا مۇيەسسەر بولغان. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا<<تەنلىرىم ياپراق>> قاتارلىق ئېسىل ناخشىلىرى بىلەن خەلقنىڭ يۈرەك تارىنى تىترەتكەن سەنئەتكار ئىدى.

مۇرات ئەخمىدى ئۆزىنىڭ بۇ ئامراق قىزى دىلنازنى ناخشىچى قىلىش ئويى يوق ئىدى. شۇڭا ئالىي مەكتەپتە ئىنگلىز تىلى كەسپىدە ئوقۇتتى. چەتئەل تىلىنى پۇختا ئىگىلىگەن دىلناز ئانا تىلى ئۇيغۇر تىلىغا پىششىق بولۇپلا قالماي، رۇس ۋە قازاق تىللىرىنىمۇ ئانا تىلىدەك بىلىدۇ. ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە دىلناز ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ناخشىچىلىقتىن ھەرگىز ۋاز كېچەلمەي، يەنىلا ئاتا كەسپىنى قولغا ئالدى. تۇنجى ئېكران ھاياتى ھەممىمىزگە تونۇش بولغان <<سېھىرلىك ئالما >> فىلىمىدە بىر ناخشا ئېيتقاندا ئاران 4 ياش ئىدى. 16 يېشىدىن باشلاپ ناخشا ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ تاتلىق ئاۋازى بىلەن ئېيتقان <<تاڭ سەھەر>>، <<ۋاپادارىم>>، <<مەلىكە>> قاتارلىق يېقىملىق ناخشىلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ يادىدا بولۇشى كېرەك. 2003- يىلى قازاقىستاندىكى يۈزدىن ئارتۇق مىللەت ئىچىدىن تاللىنىپ لاتۋىيىنىڭ يۇرمالا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ناخشا فېستىۋالى (كۆرىكى ياكى بايرىمى) غا قاتنىشىپ ئالدىنقى نەتىجىلەرگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئىنگلىز تىلىدىكى ناخشىسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىپ قازاقىستان ۋە بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلدى!

2005- يىلغا قەدەر 3 پارچە ئۈن پلاستىنكىسى چىقارغان بولۇپ ( دىلناز 2005- يىلدىن بۇيان تەييارلاۋاتقان 4- پلاستىنكىسى بۇ چاغقىچە نەشردىن چىققان بولۇشى ئېھتىمال.) ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە مىللەت خەلقلىرى تالىشىپ سېتىۋالدى ( چىقارغان ئالبوملىرى: Может, однажды <<بەلكىم بىر چاغدا>> - رۇس تىلىدا، <<ۋاپادارىم>> - ئۇيغۇر تىلىدا، Золотой <<ئالتۇنۇم>> - رۇس تىلىدا ) ئۇيغۇرچە ئالبومىدىكى كۆپلىگەن ناخشىلىرى ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغاچقا بىر بىرلەپ ئاتاپ يۈرمىدىم.

دىلناز ناخشىچىلىق ساھەسىدىلا تونۇلۇپ قالماي، يەنە كىنو ئاكتيورلۇق ساھەسىگە مەردانە قەدەم بىلەن كىرىپ كەلدى. 2005- يىلى مۇستەقىل قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ تارىخىي تېمىدىكى كاتتا كىنو-فىلىم -- <<كۆچمەنلەر>> نى ئىشلىگەندە، رېژىسسورنىڭ دىلنازنى بىر كۆرۈپلا رولغا مۇۋاپىق دەپ ھېسابلىشى بىلەن فىلىمدىكى ئاساسلىق روللاردىن قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ قىزىنىڭ رولىنى ئالدى. ھەمدە ئامېرىكا ئاكتيورلىرى -- جېي ھېرناندېس، كۇنو بېكېر، مارك داكاكوس قاتارلىقلار بىلەن رولغا چىقىپ ئۆزىنىڭ ئاكتيورلوق تالانتىنى نامايان قىلدى. بۇ تالانتى بىلەن كىنو سەنئىتى ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم شەرەپ كەلتۈردى. نۇرغۇنلىغان كەسىپ ئەھلىلىرى دىلنازنى كىنو چولپىنى بولۇش ئەۋزەللىكىگە ئىگە ئۈمىدلىك يۇلتۇز، دەپ قاراشماقتا.

دىلناز ئەخمىدىيېۋانىڭ ئۈمىدلىك كېلەچىكى ئۇنى ئۆزى ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئېلىپ كەلمەكچى بولغان تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن چاقىرماقتا!... بىزمۇ دىلنازنىڭ خەلقىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قازىنىشىغا تىلەكداشمىز

ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号