ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| كىنو چولپانلىرى | شىنجاڭ چولپانلىرى | ئامىرىكا - ياۋرۇپا | يـاپـۇن - كورىيە | جۇڭــگـــو چولپانلىرى | ئىنتىرنىت كومپىيۇتىر | تەيۋەن-شىاڭگاڭ | ھىندىستان چولپانلىرى | تەنتەربىيە چولپانلىرى  
ئورنىڭىز:چولپانلار >> شىنجاڭ چولپانلىرى >>

شامىل شاكىر

图片说明1
|< << [1] [2] [3] [4] [5] [6] [7] >> >|

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شىنـــجــاڭ چولپانلىرى >>شامىل شاكىر
 
شىنجاڭ ھەربىي رايون سەنئەت ئۆمىكىنىڭ يۇقىرى ئاۋازلىق ئاتاقلىق ياش ئۆزبېك ناخشىچىسى، رىياسەتچى، تونۇلغان ئىجادىيەتچى، پۈتۈن ئارمىيە بويچە مۇزىكا ساھەسىدە ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك ئارتىس شامىل شاكىر 1976- يىلى گۇچۇڭ ناھىيىسىدە ئەسكەرلىككە قاتناشقان. ئۇ قىسىمدا جەڭچى، كاتىپ، پەيجاڭ، مۇئاۋىن كومىسسار، كومىسسار قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ تۆۋەندە رېۋىزىيە كومىسسارى بولغان مەزگىلىدە، خىزمەتتىكى تۆھپىسى ئالاھىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىككى يىل ئۇدا 3- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن ئىلغا كوممىسسار بولغان.

1984- يىلى 12- ئايدا، شىنجاڭ ھەربىي رايون سەنئەت ئۆمىكىنىڭ يالغۇز كىشىلىك ناخشىچىسى بولغان. 1986- يىلى ناخشىچىلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان.

1995- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت ئىنستىتۇتىدا بىلىم ئاشۇرۇپ، پروفېسسورى لى شۇاڭجياڭنىڭ تەربىيىسىدە بولغان.

1981- يىلى پۈتۈن ئارمىيە بويچە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت بايرىمىدا<< مەن قىسمىنىڭ ناخشىچىسى >> ناملىق ناخشىسى ئورۇنداش ۋە ئىجادىيەت تۈرى بويچە ئىككى تۈردە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

1984- يىلى لەنجۇدا پۈتۈن ئارمىيە بويچە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت مۇسابىقىسىدە، < مېنىڭ ناخشام> < مېنىڭ راۋابىم> قاتارلىق ناخشىسى ئورۇنداش، ئىجادىيەت قاتارلىق ئۇچ تۈردە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

1985- يىلى < بادام دوپپا> < شىنجاڭ ياخشى > ناملىق ناخشىلىرى مەملىكەت بويچە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

1989- يىلى < قاراۋۇلخانا ۋە مەن> ناملىق ناخشىسى پۈتۈن ئارمىيە بويچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە ئورۇنداش 2- دەرىجىلىك ۋە ئىجادىيەت 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

1992- يىلى 6- نۆۋەتلىك پۈتۈن ئارمىيە بويچە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت مۇسابىقىسىدە< قىسمىدىكى ھەپتە ئاخىردىكى كېچىلىك> ناملىق ناخشىسى ئورۇنداش ۋە ئىجادىيەت قاتارلىق ئىككى تۈردە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

1994- يىلى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئىككى قېتىم چوڭ تىپتىكى يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.

1996- يىلى مەملىكەت بويچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن < كۇڭ فەن سىنگە مەدىھە تېمىسىدىكى ناخشا مۇسابىقىسى>دە ئېيتقان < سېغىنىش> ناملىق ناخشىسى ئورۇنداش ۋە ئىجادىيەت قاتارلىق ئىككى تۈردە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

1996- يىل 7- ئايدا، بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن < شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىشى> سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشتى ھەم < جۇڭگو مىللىي ناخشىلىرى مۇزىكا كېچىلىكى> گە قاتنىشىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويچە ئەڭ تەسىر كۇچىگە ئىگە ناخشىچىلارنىڭ بىرى بولۇپ مۇكاپاتلىنىدۇ.

ئۇنىڭ 18 ناخشىدىن تەركىپ تاپقان < غەربى رايون بۈركۈتى> ناملىق MTVپلاستىنكىسى تارقىتىلدى. بەش نۆۋەت جياڭ زېمىن، لى پىڭ، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى.

ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号