-
كۆرگەنىدىم... - [شېئىرلىرىم]
2009-05-20
كۆرگەن ئىدىم تاش ئورۇندۇقتا،
سېنىڭ سۇلغۇن تەبەسسۇمىڭنى.
شۇندىن بىرى بولدۇممەن گادا،
كەيىپلىكتىن ئاختۇرۇپ سېنى.تاش ئورۇندۇق ياكى تەبەسسۇم،
دېرىزەمنى چەكتى تالاي رەت.
ئاھ، بىلىمەن بۇ ئۇرۇنۇشۇم
ئەمەس ئۆلۈم، ئەمەس مۇھەببەت.ئاۋازىڭنى ئاڭلايمەن ھەردەم
ئۆلۈپ تۇرۇپ، ئۆلتۈرۈپ تۇرۇپ.
يېپىشىسەن پىشىمگە مەھكەم،
كەچكۈزدىكى گۈللەردەك سۇلۇپ.بىلسەڭ، كۆكسۈم يارا ئېغىزى،
لەۋلىرىمدە بورانلىق كېچە.
كۆزلىرىمدە سۆيگۈ ئېتىزى
چاك-چاك بولۇپ يېرىلغان شۇنچە.تونىمايسەن مېنى ئۇچراتساڭ،
تونىمايسەن تاش ئورۇندۇقنى.
تاش ئورۇندۇق ئېسىمدىكى تاڭ،
كۆرسىتىدۇ يىراقتىن سېنى.كۆرىنىسەن بەكمۇ يىراقتىن
ئىيۇلدىكى ئالۋۇنغا ئوخشاپ.
مېنى سورا جىمجىت بۇلاقتىن
پىشانەمدە ئوينايدۇ ئاپتاپ.2009-يىلى 19-ماي
随机文章:
22 - خاتىرە 2009-04-29ئەتىياز 2009-05-02ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى 2009-04-29يازدىكى زېرىكىش 2009-04-26