توكيوئۇنۋېرستېتىدىكى تەتقىقاتچىلار بىر خىل <<گۈرۈچ ۋاكسىنىسى >>نى تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ ،گۈرۈچ تامىقىنى .ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ،ئادەملەر خولېرا كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدىغان باكتېرىيەگە قارىتا ئىمىمۇنېتېت ئىقتىدارىغا ئىگە بولالايدىكەن . توكيوئۇنۋېرستېتىدىكى تەتقىقاتچىلار يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ كىشىلەر داۋاملىق ئىستېمال قىلىدىغان گۈرۈچكە خولېرا ۋاكسىنىسىنى مۇۋەپىقىيەتلىك ھالدا كۆچۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان . تەتقىقاتچىلار گېن تېخنىكىسى ئارقىلىق گۈرۈچتىكى ئاقسىل تەركىبىنى ئۆزگەرتكەن ھەمدە بۇ ماددىنى <<خولېرا ئۈچەي زەھىرى >> دەپ ئاتىغان .بۇ ماددا بەدەنگە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ، بەدەندە ئىممۇنىتېتىلىق رېئاكسىيە پەيدا بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،بەدەندە خولېرا كېسىلىگە قارىشى ئىممۇنىتېت پەيدا قىلىدىكەن . ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە ،بۇنداق << كۆچۈرۈپ ئۇلاش >> ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان گۈرۈچ ۋاكسىنىسىنى ئىستېمال قىلىش ئوڭاي بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى تەننەرخىمۇ ئەرزان ئىكەن . ئوكۇل سېلىش ئارقىلىق ۋاكسىنا ئەملەش ئۇسۇلىغا سېلىشتۇرغاندا بۇنى كىشىلەر تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلالايدىكەن . مەنبە : << ھاياتلىق 2010- يىل 3- سان >> |


