خوتۇن - قىزلار ئاشخانا ئىشلىرى بىلەن كۆپ شۇغۇللانسىمۇ، لېكىن ئاشخانىدا تەبىئىي ھۆسۈن تۈزەش بۇيۇملىرى بارلىقىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. مەسىلەن: تەرخەمەك،شوخلا، كالا سۈتى، تۇخۇم، ھەسەل قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ تەركىبىدە ۋېتامىن، ئاقسىل، كالىتسىي، كالىي، ناترىي، ماگىنىي قاتارلىق ئېلمېنتلار بولۇپ، بۇلار تېرىنى يۇمشاق قىلىدۇ ۋە پارقىرتىدۇ ھەمدە قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
تەرخەمەكنى ئازراق سۈتتە قاينىتىپ مۇزلىغاندىن كېيىن كۈندە بىر نەچچە قېتىم يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە ياكى قىزارغان شوخلىنى سىقىپ سۈيىگە ئازراق ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە تېرىنى ئاقارتىدۇ.
تەرخەمەكنى يانجىپ سۈيىنى يۈز، قولغا سۈرتۈپ بەرسىمۇ تېرىنى يۇمشاق پارقىراق قىلىدۇ. تۇخۇم شاكىلى ئىچىدە قېپقالغان تۇخۇم ئېقىنى يۈزگە سۈرۈپ بىر كېچە ئۆتكەندىن كېيىن يۇيۋەتسە، يۈز تېرىسىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ، قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. سۈت قۇتىسىنىڭ ئاغىزىغا يېپىشىپ قالغان خام قايماقنى داۋاملىق يۈزگگ سۈرتۈپ بەرسە، يۈزنى ئاقارتىدۇ ۋە پارقىرتىدۇ.
مەنبە:100<<كېسەلگە 100رېستىپ>>تىن ئېلىندى
قېنى سىزمۇ سىناپ بېقىڭ ،ئۈنۈمىنى كۆرۈپ قالسىڭىز بۇ تىمىغا ئىنكاس يېزىپ ئۇقتۇرۇپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ !
|