بۈگۈن

بۈگۈنكى ئاياللار

نىكاھ ۋە ئائىلە

بالىلار مائارىپى

ئۆرپ-ئادەتلەر

تىل ئۆگىنىش ئەتراپىمىزدا

كۆڭۈلدىكى سۆز

تاغدىن-باغدىن

تارىختىكى ئاياللار

يىگىتلىك

بالىلار ئەدەبىياتى

مەشھۇر شەخسلەر

تېببىي مەسلىھەت

شېئىرلار

دوست-مۇھەببەت

ناخشا-مۇزىكا

قىزلارغا سۆز

ئەرلىك جاسارىتى

چوڭلارغا سۆز

مەدەنىيەت

پىسخىكا دوختۇرى

ھېكايە-نەسىر

ئەدەبىي ئۇچۇرلار

يۇمۇر-لەتىپىلەر

ئانىلىرىمىز ئاتىلار سۆزى

بالىلار ئويۇنلىرى

ھويلا-ئارام مومامنىڭ شىپاسى راست ئىشلار

تەنقىد-ئوبزور

رەسىم-سۈرەتلەر

شېئىرھېكايە-نەسىر ئەدەبىي ئۇچۇرلار راست ئىشلار خاتىرىسى ئوبزور
باش بەت

ماڭا ئىشىنەمسىز؟

يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-19 17:35 مەنبەسى: 7QIZ.com ئاپتورى: ماھىتابان كۆرۈلۈشى: قېتىم
بۇ تېمامنى ئەڭ سۆيۈملۈك جاپاكەش يولدۇشۇمغا ئاتىلار بايرىمىلىق سوۋغا سۈپىتىدە سۇنىمەن ، قۇبۇل قىلغايسىز !

شۇنداق بىر ئانا بار، ئۇ خۇددى باشقا جاپاكەش ئانىلاردەك كېچە -كۈندۈز بالىلىرىغا ئىمان، ئىنساپ دىيانەت تىلەپ دۇئا قىلىدۇ .
شۇنداق بىر ئايال بار، ئۇ مەيلى قانچىلىك جاپا تارتسىمۇ، بەخىتلىك ئائىلىسى ، ئوماق پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بالىلارنىڭ دادىسى بىلەن تەڭ تىرىشىدۇ. سۆيۈملۈك يولدىشىنى ئەتتىگەندە كۈلۈپ ئۇزاتسا كەچلىگى يەنە چېھرىدىكى ئىللىق كۈلكىسى بىلەن كۈتىۋالىدۇ.


 شۇنداق بىر ئاتا بار .ئۇ
جاپاكەش ئاتا ئۆز ئائىلىسى ئۈچۈن ئەرلىك مەسئۇليىتىنى ، مەجبۇريىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەيلى قانچىلىك جاپا تارتىسمۇ ۋايسىمايدۇ، ئۇنىڭ چېھرىدە شۇنداق بىر كۈلكە بار، ئۇ كۈلكە باھار شامىلىدەك ھەر قانداق جۇدۇننى يوق قىلۋېتەلەيدۇ. ئۇنىڭ چېھرىدىكى ئۇ كۈلكە ئەزەلدىن ئۆچۈپ باققان ئەمەس ، دەل مۇشۇ ئىللىق كۈلكە مىسكىن بىر ئاجىزەنىڭ قەلبىدىكى يارىغا مەلھەم بولغان ۋە ھاياتقا قايتىدىن كۈلۈپ قاراشنى ئۈگەتكەن ، دەل مۇشۇ ئىللىق كۈلكە بۇ دەرتمەن ئانىغا ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرغان ، يەنە مۇشۇ كۈلكە ئانىغا ئىشەنچ ئاتا قىلغان ، يەنە بۇ كۈلكە ئانىنى بۇ مۇرەككەپ تۇرمۇش قاينىمىغا  باشلاپ كىرگەن، تا بۈگۈنگە قەدەر بۇ كۈلكىلەر ئىككى پەرزەنتكە ئائىلىنىڭ مېھرىنى، ئاتا- ئانىنىڭ چەكسىز مۇھەببىتىنى ھېس قىلدۇرۇپ قاھ- قاھلاپ كۈلدۈرۈپ كەلمەكتە.


قەدىرلىكىم :تۇرمۇش يولى ئەگرى-توقايلىق، بوران  -چاپقۇنلۇق بولىدۇ ئەلۋەتتە. سىز بىلەن بىز بۇ بورانلاردا قېلىپ باقمىغان ئەمەسقۇ ؟ بۇ ئەگرى- توقايلىق يوللاردا مېڭىپ باقمىغان ئەمەسقۇ؟
نۇرغۇن جاپالارنى بېشىمىزدىن كەچۈرۈپ بۈگۈنىمىزگە ئېرىشتۇق، بۇ تۇرمۇش قانچىلىك بەدەل تۆلىدۇق، قانچىلىك قۇربانلىقلارنى بەردۇق، قانچىلىك قىيىنچىلىقلارنى يەڭدۇق ، تېشىمىزدا كۈلۈپ تۇرۇپ ئىچىمىزدە بىر- بىرىمىزگە بىلدۈرمەي يىغلىغان كۈنلىرىمىزمۇ بولدى ئەلۋەتتە.

قەدىرلىكىم: مەن سىزگە شۇنداق ئىشىنەتتىم ، دوستلىرىمغا توختىماي ماختىغۇم ، سىزنىڭ ياخشى تەرەپلىرىڭىزنى ھەممىگە بىلدۈرگۈم ، ئۆزۈمنىڭ بەخىتلىك ئىكەنلىكىمنى ھەممىگە جاكارلىغۇم ، سىزدەك يولدۇشۇمنىڭ بارلىقىنى ھەممە- ھەممىگە دىگۈم كېلەتتى، سىز بىلەن بالىلىرىمنى ئېلىپ يولدا بىللە ماڭسام شۇنچىلىك پەخىرلىنەتىمكىن خۇددى بۇ دۇنيادا ھېچكىمنى ئۆزۈمدەك بەخىتلىك ئەمەستەك ئويلاپ كېتەتتىم. <<يامان كۆزلەردىن نېرى قىلسۇن خۇدايىم >>دەپ توختىماي پىچىرلايمەن ئۆز -ئۆزۈمگە....

مانا، بۈگۈن ناھايتى كىچىككىنە تىلغا ئالغۇسىز بىر ئىش تۈپەيلى كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولدى، سىزنىڭ قەتئىيلىك بىلەن قىلغان ھەر- بىر ئېغىز گېپىڭىزنى ئويلىسام يۈرۈكىمگە مىڭچە چۈمۈلە كىرۋالغاندەك بىئارام بولۋاتىمەن، ئەجىبا سىزنىڭ ماڭا بولغان  ئىشەنچىڭىز شۇنچىلىكمۇ؟
ئەجىبا، بىز بەختىمىزنى ئاشۇ ئاغىزىدىن ئېشەك سۈدىگىنىڭ پۇرىقى كېلىپ تۇرغان ئىمانسىزلار بىر ئېغىز گېپى بىلەن ۋەيران قىلۋېتىمىزمۇ ؟ ئەجىبا مېنىڭ قىلغانلىرىم ، قىلۋاتقانلىرىم كۆيىنىشلىرىم ئاشۇ بىر ئېغىز گەپنىڭ ئورنىنى باسالماسمۇ ؟
ئەتتىراپىمىزدا ئاڭلاپ تۇرۋاتىمىز، كۆرۈپ تۇرۋاتىمىز قانچىلىغان بەخىتلىك ئائىلىلەرنى ئەنە شۇنداق <<بۇرتى بار>> خوتۇنلارنىڭ  تۇترۇقسىز گەپلىرى ۋەيران قىلمىغان دەيسىز. مەن ئاۋال سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە ئىشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەتە بارلىق ئۇلۇغ ، جاپاكەش ئاتىلارنىڭ بايرىمى سىزنىڭمۇ بايرىمىڭىز ، مەن بالىلىرىم بىلەن بىرلىكتە سىزنىڭ بايرىمىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، ئاللاھتىن تېنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن ~!
سىزدىن شۇنداق بىر سوئال سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ ،ماڭا ئىشىنەمسىز ؟
ئەگەر ئىشەنسىڭىز بۇ جاھاندىكى ھەر قانداق ئىش بىزنى ۋە بۇ بەىىتلىك ئائىلىمىزنى بۇزۋېتەلمەيدۇ ، ئۇنداق بولمايدىكەن كىچىككىنە شامالدىمۇ بۇ ئائىلىمىز ۋەيران بولىدۇ ............................................

 

 


ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
ماھىتابان تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-16 12:06 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2010-06-16 12:06
تەۋسىيەلەر