بۈگۈن

بۈگۈنكى ئاياللار

نىكاھ ۋە ئائىلە

بالىلار مائارىپى

ئۆرپ-ئادەتلەر

تىل ئۆگىنىش ئەتراپىمىزدا

كۆڭۈلدىكى سۆز

تاغدىن-باغدىن

تارىختىكى ئاياللار

يىگىتلىك

بالىلار ئەدەبىياتى

مەشھۇر شەخسلەر

تېببىي مەسلىھەت

شېئىرلار

دوست-مۇھەببەت

ناخشا-مۇزىكا

قىزلارغا سۆز

ئەرلىك جاسارىتى

چوڭلارغا سۆز

مەدەنىيەت

پىسخىكا دوختۇرى

ھېكايە-نەسىر

ئەدەبىي ئۇچۇرلار

يۇمۇر-لەتىپىلەر

ئانىلىرىمىز ئاتىلار سۆزى

بالىلار ئويۇنلىرى

ھويلا-ئارام مومامنىڭ شىپاسى راست ئىشلار

تەنقىد-ئوبزور

رەسىم-سۈرەتلەر

شېئىرھېكايە-نەسىر ئەدەبىي ئۇچۇرلار راست ئىشلار خاتىرىسى ئوبزور
باش بەت

سىزمۇ ئاجراشقانمۇ ؟

يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-16 23:56 مەنبەسى: 7QIZ.com ئاپتورى: ئۆكسۈش كۆرۈلۈشى: قېتىم
تۇنجى ئىجادىيەت ئەسرىمنى يەتتە قىزلىرىمدىكى خانىم - قىزلارغا سوۋغا قىلىمەن ۋە ھەممىڭلارغا چوڭقۇر بەخىت تىلەيمەن!

بەلكىم ئىسمىمغا قاراپ ئېسىڭلارغا دەرھال تۈركىيەنىڭ قايسى بىر يازغۇچىسىنىڭ <ئۆكسۈش> نامىلىق ئەسىرى ۋە شۇ ئەسەردىكى <خەندان>،<نالەن>،<كامرانبەي> لەرنىڭ قىسمەتلىرى كۆز ئالدىڭلاردا نامايەن بولۇشى مۆمكىن ،ئەپسۇس بۇ قانداقتۇر بىر يازغۇچىنىڭ ھېكايىسىدىكى پېرسۇناژنىڭ قىسمىتى ئەمەس ياكى قانداقتۇر شۇ ئەسەرلەردىكى پېرسۇناژلارنىڭ ئۆكسۈشلىرى ئەمەس بەلكى ئۆزۈمنىڭ قىسقىغىنە ھايات سەپىرىمدىكى ئۆكسۈشلىرىمدۇر .
سىزمۇ ئاجراشقانمۇ ؟
قانداق سوئال بۇ ،كىشىنىڭ شەخسىيىتىنى بۇ يەردە سوراپ  دەپ رەنجىپمۇ كەتمەڭ ، تىمامنى ئوقۇپلا ئىچىڭىزدە ئۆز- ئۆزىڭىزگە جاۋاپ بەرسىڭىزلا بولدى .
ئەگەر ئاجراشمىغان بولسىڭىز ھەرگىز ئاجراشماڭ ،نىمىشقا دەمسىز نىمىشقىلىغىنى بۇ ئەسىرىمنى ئالدىرىماي ئەستەيدىل ئوقۇسىڭىز ئاندىن بىلىسىز، ئەگەر ئاجراشقان بولسىڭىز ،نىمىشقا ئاجراشقان،سەۋەنلىك كىمدىن ئۆتكەن، ھازىر سىز قايتا تۇرمۇشلۇق بولدىڭىزمۇ يوق ، ئۇچۇ؟ تۇرمۇشۇڭلارنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولامدۇ يوق ، بۇ توغرىسىدا سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىشىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .
مەنمۇ خۇددى سىزدەك ۋە باشقىلاردەك ئىڭەلەپ يىغلاپ بۇ يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقان.
--قىزكەن، بۇ بالىمىز راستلا قىزكەن، تەڭرىگە مىڭ رەھمەت ،ئاخىرى قىزىمىز بار بولدى ،-دەپ ئاتا- ئانام كۆز ياشلىرى قىلىشقان بىر قىز ئىدىم .
تەڭرىم بەش ئوغۇلنىڭ ئىچىدە مېنى يالغۇز قىز قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئاتا- ئانامنىڭ دۇئاسىغا لايىق ئەقىلنىمۇ ئاتا قىلغان ئىدى ، مەن مەكتەپ يېشىغا توشماي تۇرۇپلا دادامنىڭ يېقىن دوستنىڭ ياردىمىدە مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش شەرىپىگە ئىگە بولدۇم.
يېشىمنىڭ كىچىكلىكىنى باھانە قىلىپ باشتا ئالغۇسى كەلمىگەن مۇئەللىمىم بولسا ئاز كۈن ئۆتمەيلا مېنى ماختايدىغان، بالىلارغا :
--قاراڭلارچۇ نەفىسەگە ئۆزىنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي ھەم ئەقىللىق ھەم تىرىشچان ،سىلەر مۇشۇ كىچىك قىزدىن ئۈگىنىڭلار دەپ ۋارقىراپ كېتەتتى، بۇنداق ۋاقىتتا مەن بىلەن ياخشى ئۆتىدىغان بىر نەچچە قىز- ئوغۇل ساۋاقداشلىرىم ماڭا ھەۋەس بىلەن قاراشسا يەنە بەزىلىرى خۇددى <ھېلى تەنەپۇستا كۆرىسەن> دەۋاتقاندەك ئالىيىشىپ قاراپ كېتەتتى.
مانا مۇشۇنداق ماختاش ۋە ماختىنىشلار ئىچىدە كىچىككىنە تۇرۇپلا باشلانغۇچ مەكتەپنى تاماملاپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتتۈم بۇ قىسقىغىنە مەكتەپ ھاياتىمنىمۇ خۇددى باشلانغۇچ مەكتەپتىكىگە ئوخشاش ئەلا نەتىجىلار بىلەن پۈتتۈرۈپ تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانى بېرىپ نەتىجىمىزىنى كۈتۈپ ئولتۇرغان كۈنلەردە قولۇمغا مەلۇم بىر سىفەن مەكتىپىنىڭ ئىمتىھانسىز ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئوقتۇرۇش قەغىزى كەلدى ، بۇ پەقەت نەتىجىسى ئالاھىدە ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلدىغان بىر ئىمتىياز ئىدى ،بۇ ئۇقتۇرۇشنى كۆرۈپ ئاتا- ئانام شۇنچىلىك خۇشال بولدىكىن ئەيھاناس مەھەلىدە كۆرگەن ئادەمگە:
--قىزىمىز ئىمتىھانسىز ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى ، دىيىشىپ ھىجىيىپ كېتىشەتتى،مەن بولسام ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىدىم چۈنكى مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرىنىمۇ ياخشى نەتىجىلىرىم بىلەن پۈتتۈرۈپ ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان مەكتەپلەردە ئوقۇغۇم ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن كەسپنى قىلغۇم بار ئىدى، ئەمما ئاتا - ئانامنىڭ  دائىم :<چوڭ بولساڭ چوقۇم ئوقۇتقۇچى بولىسەن قىزىم > دىگەن گەپلىرى ۋە ھازىرقى بۇ خۇشاللىقىغا قاراپ ئۆز ئارزۇيۇمدىن ۋاز كېچىپ ئاتا - ئانام ئارزۇ قىلغان بۇ كەسىپتە ئوقۇش قارارىغا كەلدىم -دە، تەييارلىقىمنى قىلىپ يۇرتتىن ، ئاتا - ئانامدىن تۇنجى قېتىم ئايرىلىپ يىراق يۇرتقا قاراپ يول ئالدىم ، بۇ يۇرتلاردا مېنى نىمە قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرىدۇ ،قىزىقسىڭىز داۋاملىق يەتتە قىزلىرىمغا كىرىپ بۇ تىمىنى ئوقۇشنى ئۇنۇتماڭ .


ياخشىكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
ئۆكسۈش تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-16 23:06 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2010-06-16 23:06
تەۋسىيەلەر