بۈگۈن

بۈگۈنكى ئاياللار

نىكاھ ۋە ئائىلە

بالىلار مائارىپى

ئۆرپ-ئادەتلەر

تىل ئۆگىنىش ئەتراپىمىزدا

كۆڭۈلدىكى سۆز

تاغدىن-باغدىن

تارىختىكى ئاياللار

يىگىتلىك

بالىلار ئەدەبىياتى

مەشھۇر شەخسلەر

تېببىي مەسلىھەت

شېئىرلار

دوست-مۇھەببەت

ناخشا-مۇزىكا

قىزلارغا سۆز

ئەرلىك جاسارىتى

چوڭلارغا سۆز

مەدەنىيەت

پىسخىكا دوختۇرى

ھېكايە-نەسىر

ئەدەبىي ئۇچۇرلار

يۇمۇر-لەتىپىلەر

ئانىلىرىمىز ئاتىلار سۆزى

بالىلار ئويۇنلىرى

ھويلا-ئارام مومامنىڭ شىپاسى راست ئىشلار

تەنقىد-ئوبزور

رەسىم-سۈرەتلەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > ئەدەبىيات >

سەزگۈرلىكى ئېشىپ كېتىش

يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-17 12:15 مەنبەسى: ئاپتورى: جۇلالىق كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،يەتتە قىزلىرىمدىكى بارلىق دوستلار ! (جۇلالىق)تىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام! بۇ سالامنى كېچىكىپ بەرگەن بولساممۇ يەنىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،يەتتە قىزلىرىمدىكى بارلىق دوستلار !

(جۇلالىق)تىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!

بۇ سالامنى كېچىكىپ بەرگەن بولساممۇ يەنىلا قۇبۇل قىلغايسىلەر. ھەممىڭلارنى دائىم ئەسلەپ تۇردۇم. ئاخىرى بىر يەرگە جەم بولدۇق. تور توختاپ قېلىپ دوستلىرىمىز بىلەن بولغان ئالاقىمىزمۇ ئۈزۈلۈپ قالدى.مۇشۇ جەم بولمىقىمىزمۇ ئاسانغا چۈشمىدى. دوستلىقىمىزنى مەڭگۈ قەدىرلەيلى. يەتتە قىزلىرىمدىكى بارلىق دوستلارنىڭ دوستلۇقى مەڭگۈلۈك دوستلۇق.

تور ئەسلىگە كېلىپ يەتتە قىزلىرىمدىكى قىسمەتداشلار يەنىلا بىر يەرگە جەم بولدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن قول تۇتۇشۇپ بىللە ئالغا ئىلگىرىلەيمىز. ھەممەيلەننىڭ مەنزىلى بىر.

سەزگۈرلىكى ئېشىپ كېتىش
مىكرو ھېكايە: ئابلىز ئىبراھىم دولان
 
ــ‹‹ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك››
ــ ئۇيغۇر خەلق ماقالى
 
بىر بالا ئۆيىدە ئويۇنچۇق ئويناۋاتاتتى. بىر كەمدە كىرىسلودا گېزىت ئوقۇپ ئولتۇرغان دادىسى ئويۇنچۇق ساقچى ماشىنىسىنىڭ توختىماي غۇيۇلدىغان ئاۋازىدىن قاتتىق چۆچۈگىنىچە چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. گويا ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا قولىدا كويزا كۆتۈرۈۋالغان ئىككى ساقچى پەيدا بولۇپ، ‹‹سەن چېرىكلىك،خيانەتچىلىك،پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندىڭ›› دەپ ئۇنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ ئېلىپ ماڭىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى - دە، شۇئان قان بېسىمى ئۆرلەپ، ھوشىدىن كېتىپ ئارقىسىغا ئۇچۇپ چۈشتى ۋە ئاغزىدىن كۆپۈك يېنىپ، جاۋغىيىغا سىرغىشقا باشلىدى.
بالا بۇنىڭغا دىققەت قىلمىغاچقا خىيالىدا يوق ئويۇنچۇق ماشىنىسىنى ئويناۋەردى. بىر كەمدە ئاپىسى ئاشخانا ئۆيدىن بىر تەخسە قورۇمىنى كۆتۈرگىنىچە چىقىپ كەلدى ۋە ئۆيدىكى بۇ پاجىئەنى كۆرۈپ ‹‹ۋايجان...›› دېگىنىچە قولىدىكى تەخسىنى يەرگە تاشلىۋەتتى.
‹‹چاڭ›› قىلىپ تەگكەن تەستەكتىن بالىنىڭ كۆزىدىن ئوت چاقناپ كەتتى. ئۇ شۇھامان يىغلاشقا تەمشەلدىيۇ، ئاپىسىنىڭ غەزەپلىك چىرايى ۋە دادىسىنىڭ قېتىپ كەتكەن يۈزىگە قارىغىنىچە شۈمشىيىپ توختاپ قالدى. ئاپىسى ئۇنىڭ قولىقىنى سوزغىنىچە ۋارقىراشقا باشلىدى:
ــ ھەي ياغاچ قۇلاق، گەپ ئاڭلامسەن-ئاڭلىمامسەن زادى؟ مەن ساڭا نەچچە قېتىملاپ دېدىمغۇ، داداڭ ئۆيدە بار چاغدا ئويۇنچۇق ساقچى ماشىنىسى ئوينىما دەپ؟ مانا قارىغىنە، داداڭنىڭ يەنە سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىپتۇ...
 
شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى.
2010-يىل 1-سان.

ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
  • ئالدىنقىسى : مۇشۇ ئەڭ ئالدىنقىسى
  • كېيىنكىسى : مۇشۇ ئەڭ كېيىنكىسى

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
جۇلالىق تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-05-15 21:05 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2010-05-15 21:05
تەۋسىيەلەر