![]() سۆيەلەمسەن بىر مىنى دىلدىن
سۆيەلەمسەن بىر مىنى دىلدىن،
گەر يەتسىمۇ بېشىمغا كۈلپەت.
جۈپ قەدەھكە تولدۇرۇپ مەينى،
بولالامسەن ماڭىلا ئۈلپەت.
سۆيەلەمسەن بىر مىنى دىلدىن،
بولسىمۇ كۆز نۇرلىرىم ئۆچكەن.
ئالالامسەن بىردىن-بىر يۇلۇپ،
پۇتلىرىمغا كىرسە گەر تىكەن.
سۆيەلەمسەن بىر مىنى دىلدىن،
تەقدىر ماڭا قىلسىمۇ چاقچاق.
باسالامسەن باغرىڭغا يەنە،
كۆزلىرىمگە تىكىلىپ ئۇزاق.
سۆيەلەمسەن بىر مىنى دىلدىن،
كەتسەممۇ گەر يىراق-يىراققا.
كۈتەلەمسەن پىنھاندا يالغۇز،
چىداپ مىڭچە ھىجران، ئازاپقا.
(سەنسىز)
|



