بىر سۆزۈم باردىيەلمىگەن(دىلداش)
ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)
بىر سۆزۈم بار ساڭا مېنىڭ دېيەلمىگەن،
دېمەي دەيمەن لېكىن يەنە كۈنەلمەيمەن.
مۇڭغا تولدى ئىستەكلىرىم تەڭقىسلىقتا،
قانداق قىلاي ئۆزەم تەبىر بېرەلمەيمەن.
خىيالىمدا ھەمراھ بولدۇڭ ئۈمىد بېرىپ،
ئارمانىمدا سەيلە ئەتتىم جامالىڭنى.
تېلغۇن قىلىپ دەرتلىرىمنى تۆككۈم كېلەر،
جۈرئەت قىلماي كەلدىم بىلمەي خىيالىڭنى.
تەشۋىشلىنىپ بارار قەلبىم چوغلانساممۇ،
ساڭا بولغان ئاشىقلىقنى بىلدۈرەلمەي .
يۈرىكىڭنىڭ پايانىغا چۆكۈپ مەڭگۈ،
ئەقىدەمدىن كۆچەت بولۇپ كۆكلىيەلمەي.
تالاي ئويلاپ بىلەلمەيمەن قەلبىڭدىكى،
ماڭا بولغان سېنىڭ يەكۈن - قارارىڭنى.
شەيدالىقنى ساڭا ئوچۇق دېيەلمىدىم ،
تىلىسەممۇ ئارمان بىلەن ۋىسالىڭنى.
ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)قەشقەر يېڭشەھەر ناھيسىدە شىپاگەر.
ئاپتۇرنىڭ ئەسكەرتمىسى - مىنىڭ تىمىلىرىمنى رۇخستىمسىز باشقا مۇنبەرگە كۈچۈرۈشكە،خالىغانچە ئۆز نامىدا كۈچۈرۋىلىشقا بولمايدۇ.