يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 660|ئىنكاس: 1

بىر سۆزۈم باردىيەلمىگەن(دىلداش) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
38 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
58

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 22:35:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىر سۆزۈم باردىيەلمىگەن(دىلداش)


ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)


بىر سۆزۈم بار ساڭا مېنىڭ دېيەلمىگەن،
دېمەي دەيمەن لېكىن يەنە كۈنەلمەيمەن.
مۇڭغا تولدى ئىستەكلىرىم تەڭقىسلىقتا،
قانداق قىلاي ئۆزەم تەبىر بېرەلمەيمەن.

خىيالىمدا ھەمراھ بولدۇڭ ئۈمىد بېرىپ،
ئارمانىمدا سەيلە ئەتتىم جامالىڭنى.
تېلغۇن قىلىپ دەرتلىرىمنى تۆككۈم كېلەر،
جۈرئەت قىلماي كەلدىم بىلمەي خىيالىڭنى.

تەشۋىشلىنىپ بارار قەلبىم چوغلانساممۇ،
ساڭا بولغان ئاشىقلىقنى بىلدۈرەلمەي .
يۈرىكىڭنىڭ پايانىغا چۆكۈپ مەڭگۈ،
ئەقىدەمدىن كۆچەت بولۇپ كۆكلىيەلمەي.

تالاي ئويلاپ بىلەلمەيمەن قەلبىڭدىكى،
ماڭا بولغان سېنىڭ يەكۈن - قارارىڭنى.
شەيدالىقنى ساڭا ئوچۇق دېيەلمىدىم ،
تىلىسەممۇ ئارمان بىلەن ۋىسالىڭنى.

ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)قەشقەر يېڭشەھەر ناھيسىدە شىپاگەر.
ئاپتۇرنىڭ ئەسكەرتمىسى - مىنىڭ تىمىلىرىمنى رۇخستىمسىز باشقا مۇنبەرگە كۈچۈرۈشكە،خالىغانچە ئۆز نامىدا كۈچۈرۋىلىشقا بولمايدۇ.


Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى 00:42:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېنى چۈشەپ ئويغۇنۇپ كەتتىم ،
تاتلىق ئۇخلاپ بولغانسەن بۇ تاپ.
ساڭا كۆيگەن ئاشىق يۈرۈكتىن،
شېئىر يازدىم يار ساڭا ئاتاپ.


مەن ئىسمىڭنى چاقىرىپ سالدىم،
ئۇچراشتۇققۇ چۈشۈمدە دىدار.
ئەجەپ نەرسە سىغىنىش دىگەن،
ئېيتقىن ، نىچۈن سەن چۈشۈندە بار ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 03:47 , Processed in 0.044194 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش