يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1763 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 214|ئىنكاس: 12

كۆز-ياش يازمىلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
18
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى 14:38:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كۈز پەسلى ، سېغىنىپ قالدىم باھارنى


كۈز پەسلى سېغىنىپ قالدىم باھارنى.

چىچەكلەر ئېچىلغان گۈزەل باغلارنى.

كىپىنەك قوغلۇشۇپ ھارماي ئوينىغان،

قوينى كەڭ تەبىئەت گۈزەل سەھرانى...



سېغىندىم ھال مۇڭ بوپ ئەسرا بولۇشقان،

كاكۇك گۈل قاپلىغان بولاق بويىنى،

سېغىندىم مەجنۇنتال سايە تاشلىغان،

مەڭگۈلۈك ئۇنتۇلماس شۇ كۆنا جاينى.



ياز پەسلى كەلگەندە قەدەملىرىڭ يوق،

تەنھالىق قىينىدى مىسكىن قەلبىمنى.

سەن بىلەن بەك گۈزەل كۆرۈنگەن بۇلاق،

ئەسلەتتى بىر غەملكىن قىزنىڭ كۆزىنى.


سىپايە قەدەمدە كەپ قاپتۇ كۈزمۇ،

باغلاردىن تارىتىپ مىۋىنىڭ ھىىدى.

شۇنچە ساپ ھاۋادىن ئالساممۇ نەپەس،

نەپەسلەر قىستايدۇ كەلمەي يار ھىدى .


كۈز پەسلى ئىزلىدىم باھار پۇرىغى،

ئامرىغىم ھىدلاي دەپ ھىدىڭنى رەت-رەت.

ئوخشىشىڭ يوقكەنغۇ جاھاننى كەزسەم،

كەلگىنە بۇ ساڭا ئاداقى پۇرسەت.




چىرمىما ئازاپلار مەن نەپەس ئالاي


خىياللار دېڭىزى كۆۋەجەپ يەنە،

ھەر يانغا سۆرەيدۇ كەچمىش كېمەمنى.

ھەم يۇتماق بولىدۇ تارتىپ باغاشلاپ،

ئەسلىمەم دولقۇنى چۆكتۇرۇپ مىنى.




ئىرادەم يېيىلار خۇددى يەلكەندەك،

دولقۇنغا ئۇ قارشى كېمەمگە مادار.

ئورتەيدۇ قەلبىمنى شىرىن بىر ئازاپ،

كۆزلىرىم ئىزلەيدۇ تۇنۇش بىر دىدار.





باقىمەن كۆكلەرگە ئىلتىجا بىلەن،

ئۇنۇتماق بولىمەن بارچە دەرتلەرنى.

كۆزلەرىم تۆكىدۇ ساناقسىز ئۇنچە،

يۇيماقچى بولغاندەك ھەسرەت داغلارنى.


قويىۋەت ئەركىمگە خىياللار مىنى،

چىرمىما ئازاپلار مەن نەپەس ئالاي.

بەختلىك ياشاشقا ھەقلىقمەن ئەسلى،

بۇ كەڭرى دۇنيادىن بەختىمنى تاپاي.




خاتا كۆرگەن چۈش




كەپ قالدى نە سەۋەپ يەنە ئۇچۇرۇڭ،

بۇ ئازغۇن خىيالنى ئۆتمۈشكە باشلاپ.

ئۇنۇتقان ھەمىنى ھەتتا سېنىمۇ،

ھەسرەت ۋە ئازاپنى يىراققا تاشلاپ.




قانداقمۇ ئۇنتۇيمەن ئاشۇ چاغلارنى،

پەرۋاسىز سەن مىنى كەتكەنتىڭ تاشلاپ.

قاردەك ئاق بىغۇبار سەبى قەلبىمگە،

سەن ئىنئام ئەيلىدىڭ ساناقسىز ئازاپ.





بەخىت ھەم خوشاللىق ئىزلىگىنىم راس،

شەيدا بوپ تىكىلگەن ئاشۇ كۆزلەردىن.

ساقلىسۇن ئىلاھىم ئىككى يۈزى بار،

ھىلىگەر شىرىن سۆز  قارا يۈزلەردىن.




بولدى قىل ئۇچۇرىڭ جاۋاپسىز ھامان،

سەن ئەمدى مەن ئۈچۈن ئازاپلىق ئۆتمۇش.

سەن بىلەن ئۆتكۈزگەن ھەر بىر دەقىقە،

كۆرمەسكە تىگىشلىك خاتا كۆرگەن  چۈش.



تەستىقلىغۇچىدىن: باشقۇرغۇچىلار، تېمىنى تەھرىرلەپ قويساڭلار بوپتىكەن.


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
840 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1516
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى 19:58:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا ھا ھا ... تۇنۇۋالدىمغۇ ھىلال قىز . كەلگەن قەدەم مەرھابا !

Rank: 1

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
18
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى 21:28:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىپ قىلغاندىكىن كىرمىسەم سەت تۇرا ئەمدى

Rank: 1

توردا
235 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
364
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 08:29:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدەم مۇبارەك. قارشى ئالىمىز .
شېئىرلىرىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەمبەرنىسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 08:30  


تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
514
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 09:01:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئرىڭىزنى بەكمۇ ياختۇردۇم بەك ياخشى چىقىپتۇ،مەرھابا قەدەملىرىڭىزگە

Rank: 1

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
18
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 09:51:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇرغىنىڭلاردىن تولىمۇ سۈيۈندىم،لىكىن مۇنبەر قۇرۇلمىسى بىلەن تازا تۇنۇش بولمىغاچقا بىزەيمەن دەپ قالايمىقان قىلىپ قويدۇم،باشقۇرغىچىلار ئېغىر كۆرمەي تەھىرلەپ قويغان بولساڭلار!

Rank: 1

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
514
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 10:06:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئرىڭىزنىڭ ئېسىلىقىدىن ئۇ يەرلىرىنى ھىس قىلمىدۇق،كىتىپىرىپ ئۈگىنىۋالىسىز

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1373 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3420

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 12:32:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆز-ياش يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 09:51
ياقتۇرغىنىڭلاردىن تولىمۇ سۈيۈندىم،لىكىن مۇنبەر قۇرۇل ...

مەرھابا، كۆز ياش!
رەسىملەرنى چىقىرىشقا ئامال بولمىدى، تېمىڭىزنى بىرەر قۇر تەھرىرلەپ قويدۇم، ئەسمەتۇللاھ بەگ بىزەكچىلىككە خېلى ئۇستا شۇنىڭدىن ئۆگىنىپ تېخىمۇ ئېسىل يازمىلارنى يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!!!

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 1

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
18
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 13:45:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مايسىخان يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 12:32
مەرھابا، كۆز ياش!
رەسىملەرنى چىقىرىشقا ئامال بولمىدى ...

رەخمەت سىزگە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
840 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1516
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 14:17:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەچەت شېئىرلارنى يېزىۋىرىڭە . مەنمۇ بىزىۋېتىمەن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى 23:02 , Processed in 0.054627 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش