كۈز پەسلى ، سېغىنىپ قالدىم باھارنى
كۈز پەسلى سېغىنىپ قالدىم باھارنى.
چىچەكلەر ئېچىلغان گۈزەل باغلارنى.
كىپىنەك قوغلۇشۇپ ھارماي ئوينىغان،
قوينى كەڭ تەبىئەت گۈزەل سەھرانى...
سېغىندىم ھال مۇڭ بوپ ئەسرا بولۇشقان،
كاكۇك گۈل قاپلىغان بولاق بويىنى،
سېغىندىم مەجنۇنتال سايە تاشلىغان،
مەڭگۈلۈك ئۇنتۇلماس شۇ كۆنا جاينى.
ياز پەسلى كەلگەندە قەدەملىرىڭ يوق،
تەنھالىق قىينىدى مىسكىن قەلبىمنى.
سەن بىلەن بەك گۈزەل كۆرۈنگەن بۇلاق،
ئەسلەتتى بىر غەملكىن قىزنىڭ كۆزىنى.
سىپايە قەدەمدە كەپ قاپتۇ كۈزمۇ،
باغلاردىن تارىتىپ مىۋىنىڭ ھىىدى.
شۇنچە ساپ ھاۋادىن ئالساممۇ نەپەس،
نەپەسلەر قىستايدۇ كەلمەي يار ھىدى .
كۈز پەسلى ئىزلىدىم باھار پۇرىغى،
ئامرىغىم ھىدلاي دەپ ھىدىڭنى رەت-رەت.
ئوخشىشىڭ يوقكەنغۇ جاھاننى كەزسەم،
كەلگىنە بۇ ساڭا ئاداقى پۇرسەت.
چىرمىما ئازاپلار مەن نەپەس ئالاي
خىياللار دېڭىزى كۆۋەجەپ يەنە،
ھەر يانغا سۆرەيدۇ كەچمىش كېمەمنى.
ھەم يۇتماق بولىدۇ تارتىپ باغاشلاپ،
ئەسلىمەم دولقۇنى چۆكتۇرۇپ مىنى.
ئىرادەم يېيىلار خۇددى يەلكەندەك،
دولقۇنغا ئۇ قارشى كېمەمگە مادار.
ئورتەيدۇ قەلبىمنى شىرىن بىر ئازاپ،
كۆزلىرىم ئىزلەيدۇ تۇنۇش بىر دىدار.
باقىمەن كۆكلەرگە ئىلتىجا بىلەن،
ئۇنۇتماق بولىمەن بارچە دەرتلەرنى.
كۆزلەرىم تۆكىدۇ ساناقسىز ئۇنچە،
يۇيماقچى بولغاندەك ھەسرەت داغلارنى.
قويىۋەت ئەركىمگە خىياللار مىنى،
چىرمىما ئازاپلار مەن نەپەس ئالاي.
بەختلىك ياشاشقا ھەقلىقمەن ئەسلى،
بۇ كەڭرى دۇنيادىن بەختىمنى تاپاي.
خاتا كۆرگەن چۈش
كەپ قالدى نە سەۋەپ يەنە ئۇچۇرۇڭ،
بۇ ئازغۇن خىيالنى ئۆتمۈشكە باشلاپ.
ئۇنۇتقان ھەمىنى ھەتتا سېنىمۇ،
ھەسرەت ۋە ئازاپنى يىراققا تاشلاپ.
قانداقمۇ ئۇنتۇيمەن ئاشۇ چاغلارنى،
پەرۋاسىز سەن مىنى كەتكەنتىڭ تاشلاپ.
قاردەك ئاق بىغۇبار سەبى قەلبىمگە،
سەن ئىنئام ئەيلىدىڭ ساناقسىز ئازاپ.
بەخىت ھەم خوشاللىق ئىزلىگىنىم راس،
شەيدا بوپ تىكىلگەن ئاشۇ كۆزلەردىن.
ساقلىسۇن ئىلاھىم ئىككى يۈزى بار،
ھىلىگەر شىرىن سۆز قارا يۈزلەردىن.
بولدى قىل ئۇچۇرىڭ جاۋاپسىز ھامان،
سەن ئەمدى مەن ئۈچۈن ئازاپلىق ئۆتمۇش.
سەن بىلەن ئۆتكۈزگەن ھەر بىر دەقىقە،
كۆرمەسكە تىگىشلىك خاتا كۆرگەن چۈش.
تەستىقلىغۇچىدىن: باشقۇرغۇچىلار، تېمىنى تەھرىرلەپ قويساڭلار بوپتىكەن.