كەل قەدىردان قولۇڭنى بەر قەلبىمنى بېرەي،
ھايات شېرىن- مۇھەببەتتە، مېھرىمنى بېرەي.
تىك ياشىغىن، نىسىۋەڭ بار ئايدا، قۇياشتا،
گۈل بېغىڭغا ھارارەتتىن تەپتىمنى بېرەي.
داستىخان سالاي خامىنىڭنى سوقسا جۇت بوران،
چاي ئىچەيلى بىر چىنىدىن تۇرۇپ يانمۇ- يان.
ئالتە كۈنلۈك قونالغۇ بۇ، ھەممىمىز مېھمان،
ئادەملەرگە ئادىمىيلىك قەرزىمنى بېرەي.
گەر چاڭقىساڭ مېنى بۇلاق دەپ بىلگىن،
قانات قاقساڭ يەنە سۈزۈك ئاسمان دەپ بىلگىن.
غەملەنمىگىن مۈشكۈلىڭدە خاقان دەپ بىلگىن،
ئاتەش قوللار ساڭا تاجۇ- تەختىمنى بېرەي.
مېھىر- ۋاپا ئېقىن بولۇپ قالسۇن يۈرەككە،
چىن سۆيگۈدىن تولسۇن ئالەم گۈلگە- چېچەككە.
نېمە يەتسۇن بۇ دۇنيادا باغرى كەڭلىككە،
تەڭ كۈلەيلى، كېرەك قىلساڭ بەختىمنى بېرەي.
بۇنىڭدىن ئۈچ يىل مۇقەددەم سەن قوللىرىمنى چىڭڭىدە سىقىپ ئوتلۇق مېھرىڭ بىلەن، ئىشەنچكە تولغان كۆزلىرىڭنى كۆزلىرىمگە تىكىپ تۇرۇپ:
-مەرىم، سېنى ئۆمۈرۈمنىڭ ئاخىرغىچە كۈلدۈرىمەن، كۆزلىرىڭدىن چىققان ياشمۇ خوشاللىق يېشى بولىدۇ، دېگەن ئىدىڭ.
مانا ئۈچ يىل ئۆتۈپ، بۈگۈنگە قەدەر سەن دېگىنىڭنى قىلىپ كەلدىڭ، بەرگەن ۋەدەڭنى ئورۇنلاش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىڭ ھەممىنى قىلدىڭ، مەرىڭنى ۋە پەرىشتە سۈپەت شۇ ئوماق گۈللىرىڭنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن ھەر جاپالارنى بېشىڭدىن ئۆتكۈزدۈڭ.
بىز كۈلدۇق، بىزنىڭ كۈلكىمىزگە قاراپ سەنمۇ كۈلدۈڭ، ئەمما سەن بۇ كۈلكىلەرنى قولغا كەلتۈرگىچە قانچىلىك جاپالارنى چەكمىدىڭ؟ قانچە كېچىلەرنى ئۇيقىسىز ئۆتكۈزدۈڭ؟ لېكىن سەن ۋايسىمىدىڭ، مەيلى چارچىغىن ۋە مەيلى خاپىلىق تارتقىن بىزنىڭ ئالدىمىزدا چېھرىڭدىكى شۇ كۈلكەڭنى زىنھار يوقاتمىدىڭ.
ھېلىمۇ ئېسىمدە سەن بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە كەڭ پېشانىلىرىڭ پارقىرىپ تۇراتتى، نە قورۇقتىن ئەسەر يوق ئىدى، مانا بۈگۈن پېشانەڭ ۋە كۆزلىرىڭ چۆرىسىدىكى بىزئۈچۈن چۈشكەن ئەشۇ قورۇقلىرىڭىنى كۆرگىنىمدە ئىچىلىرىم ئاچچىق بوپ كېتىدۇ.
بۇ قېتىم مەن يۇرتقا قايتقاندا<< بىر خىزمەتدېشىم، مېنى چاچلىرىڭدىكى ئاقلار كۆپىيىپ، قورۇقلىرىڭ جىقىيىپ قاپتۇ، قېرىپ قاپسەن دېدى>> دەپ، ساڭا نارازى بولغاندەك ئۇچۇر يازغىنىمدا سەن:
- ئەمەليەتتە بەخت ئىچىدە ياشاۋاتقانلار ئۈچۈن بۇ قورۇق ۋە ئاق چاچلار بىر زىننەت، دېدىڭ،
بۇ سۆزۈڭنى ئاڭلاپ يازغان ئۇچۇرۇمغا خىجىل بولدۇم.
قەدىرلىك قىسمەت، بۈگۈن مەن بۇ يەردە سېنىڭ ئەتىكى شۇ مۇبارەك كۈنىڭگە، يەنە ئانامنىڭ سېنى ئاپىرىدە قىلغان كۈنىگە، بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلگەن شۇ خانىمىزدە يالغۇز ئولتۇرۇپ، بەكلا ئاددى، ئەمما قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن چىققان ھەققىقىي مۇھەببەتكە يۇغۇرۇلغان، چىن ئەقىدەمنىڭ سېمىۋۇلى سۈپەت سۆزلىرىم بىلەن ساڭا تەبىرىكنامە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
كاللامدا نۇرغۇن گەپلەر بار، ئەمما مېنىڭ قەلەم قۇۋىتىم ساڭىمۇ ئايان، مەن قانداقتۇر سېنى ھاياجانغا سالىدىغان پاساھەتلىك سۆزلەرنى قىلالمايمەن، پەقەت ئەڭ ئاددى سۆزلەر بىلەن ساڭا بەخت ۋە ئامانلىق تىلەيمەن!
مېنىڭ بارلىق يۈرەك سۆزلىرىم يۇقۇردىكى ناخشىدا بار ئىكەن، ئەگەر نەچچە يىللار ئىلگىرى بولغان بولسا، چوقۇم ئۆزۈم ئېيتىپ بەرگەن بولاتتىم، لېكىن ھازىرقى تۇرۇقۇم ئۆزۈڭگە ئايان
(سەھنە مېنى تېپىپ چۈشۈرۋېتىدۇ ھازىر
)
قىسمەت، ئەتە مېھرىبان ئانىمىزنىڭ سېنى يورۇق دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان كۈنى، مەن ئوماق قىزلىرىم بىلەن بىرلىكتە سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭنى تەبىرىلەيمەن، ئۇلۇغ ئاللاھتىن مېھرىبان ئانىمىزغا جەننەت ماكان تىلەيمەن!
تېنىڭ سالامەت، ئىشلىرىڭ بەرىكەتلىك بولسۇن! بەختلىك تۇرمۇشىمىز يامان كۆزلەردىن نېرى بولسۇن!