يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 568|نەقىل: 19

بارلىقىمنى بېرەي ساڭا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 14:39:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كەل قەدىردان قولۇڭنى بەر قەلبىمنى بېرەي،

ھايات شېرىن- مۇھەببەتتە، مېھرىمنى بېرەي.

تىك ياشىغىن، نىسىۋەڭ بار ئايدا، قۇياشتا،

گۈل بېغىڭغا ھارارەتتىن تەپتىمنى بېرەي.


داستىخان سالاي خامىنىڭنى سوقسا جۇت بوران،

چاي ئىچەيلى بىر چىنىدىن تۇرۇپ يانمۇ- يان.

ئالتە كۈنلۈك قونالغۇ بۇ، ھەممىمىز مېھمان،

ئادەملەرگە ئادىمىيلىك قەرزىمنى بېرەي.


گەر چاڭقىساڭ مېنى بۇلاق دەپ بىلگىن،

قانات قاقساڭ يەنە سۈزۈك ئاسمان دەپ بىلگىن.

غەملەنمىگىن مۈشكۈلىڭدە خاقان دەپ بىلگىن،

ئاتەش قوللار ساڭا تاجۇ- تەختىمنى بېرەي.


مېھىر- ۋاپا ئېقىن بولۇپ قالسۇن يۈرەككە،

چىن سۆيگۈدىن تولسۇن ئالەم گۈلگە- چېچەككە.

نېمە يەتسۇن بۇ دۇنيادا باغرى كەڭلىككە،

تەڭ كۈلەيلى، كېرەك قىلساڭ بەختىمنى بېرەي.


بۇنىڭدىن ئۈچ يىل مۇقەددەم سەن قوللىرىمنى چىڭڭىدە سىقىپ ئوتلۇق مېھرىڭ بىلەن، ئىشەنچكە تولغان كۆزلىرىڭنى كۆزلىرىمگە تىكىپ تۇرۇپ:
-مەرىم،  سېنى ئۆمۈرۈمنىڭ ئاخىرغىچە كۈلدۈرىمەن، كۆزلىرىڭدىن چىققان ياشمۇ خوشاللىق يېشى بولىدۇ، دېگەن ئىدىڭ.
مانا ئۈچ يىل ئۆتۈپ، بۈگۈنگە قەدەر سەن دېگىنىڭنى قىلىپ كەلدىڭ، بەرگەن ۋەدەڭنى ئورۇنلاش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىڭ ھەممىنى قىلدىڭ، مەرىڭنى ۋە پەرىشتە سۈپەت شۇ ئوماق گۈللىرىڭنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن ھەر جاپالارنى بېشىڭدىن ئۆتكۈزدۈڭ.  
بىز كۈلدۇق، بىزنىڭ كۈلكىمىزگە قاراپ سەنمۇ كۈلدۈڭ، ئەمما سەن بۇ كۈلكىلەرنى قولغا كەلتۈرگىچە قانچىلىك جاپالارنى چەكمىدىڭ؟ قانچە كېچىلەرنى ئۇيقىسىز ئۆتكۈزدۈڭ؟ لېكىن سەن ۋايسىمىدىڭ، مەيلى چارچىغىن ۋە مەيلى خاپىلىق تارتقىن بىزنىڭ ئالدىمىزدا چېھرىڭدىكى شۇ كۈلكەڭنى زىنھار يوقاتمىدىڭ.
ھېلىمۇ ئېسىمدە سەن بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە كەڭ پېشانىلىرىڭ پارقىرىپ تۇراتتى، نە قورۇقتىن ئەسەر يوق ئىدى، مانا بۈگۈن پېشانەڭ ۋە كۆزلىرىڭ چۆرىسىدىكى بىزئۈچۈن چۈشكەن ئەشۇ قورۇقلىرىڭىنى كۆرگىنىمدە ئىچىلىرىم ئاچچىق بوپ كېتىدۇ.
بۇ قېتىم مەن يۇرتقا قايتقاندا<< بىر خىزمەتدېشىم، مېنى چاچلىرىڭدىكى ئاقلار كۆپىيىپ، قورۇقلىرىڭ جىقىيىپ قاپتۇ، قېرىپ قاپسەن دېدى>> دەپ، ساڭا نارازى بولغاندەك ئۇچۇر يازغىنىمدا سەن:
- ئەمەليەتتە بەخت ئىچىدە ياشاۋاتقانلار ئۈچۈن بۇ قورۇق ۋە ئاق چاچلار بىر زىننەت، دېدىڭ،
بۇ سۆزۈڭنى ئاڭلاپ يازغان ئۇچۇرۇمغا خىجىل بولدۇم.
قەدىرلىك قىسمەت، بۈگۈن مەن بۇ يەردە سېنىڭ ئەتىكى شۇ مۇبارەك كۈنىڭگە، يەنە ئانامنىڭ سېنى ئاپىرىدە قىلغان كۈنىگە، بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلگەن شۇ خانىمىزدە يالغۇز ئولتۇرۇپ، بەكلا ئاددى، ئەمما قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن چىققان ھەققىقىي مۇھەببەتكە يۇغۇرۇلغان، چىن ئەقىدەمنىڭ سېمىۋۇلى سۈپەت سۆزلىرىم بىلەن ساڭا تەبىرىكنامە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
كاللامدا نۇرغۇن گەپلەر بار، ئەمما مېنىڭ قەلەم قۇۋىتىم ساڭىمۇ ئايان، مەن قانداقتۇر سېنى ھاياجانغا سالىدىغان پاساھەتلىك سۆزلەرنى قىلالمايمەن، پەقەت ئەڭ ئاددى سۆزلەر بىلەن ساڭا بەخت ۋە ئامانلىق تىلەيمەن!
مېنىڭ بارلىق يۈرەك سۆزلىرىم يۇقۇردىكى ناخشىدا بار ئىكەن، ئەگەر نەچچە يىللار ئىلگىرى بولغان بولسا، چوقۇم ئۆزۈم ئېيتىپ بەرگەن بولاتتىم، لېكىن ھازىرقى تۇرۇقۇم ئۆزۈڭگە ئايان (سەھنە مېنى تېپىپ چۈشۈرۋېتىدۇ ھازىر)
قىسمەت، ئەتە مېھرىبان ئانىمىزنىڭ سېنى يورۇق دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان كۈنى، مەن ئوماق قىزلىرىم  بىلەن بىرلىكتە سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭنى تەبىرىلەيمەن، ئۇلۇغ ئاللاھتىن مېھرىبان ئانىمىزغا جەننەت ماكان تىلەيمەن!
تېنىڭ سالامەت، ئىشلىرىڭ بەرىكەتلىك بولسۇن! بەختلىك تۇرمۇشىمىز يامان كۆزلەردىن نېرى بولسۇن!



مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 1

توردا
31 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى
نادىر
0
يازما
177
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 15:06:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر تېمىغا ئىنكاس يېزىۋاتاتتىم،مۇشۇ مەرىمگۈل(مەنمۇ شۇنداق دەۋالاي ھە)ھەدىنىڭ بۇنداق يازمىلېرى ئادەمنى بىرخىل تەسىرلەندۈرىدۇ.مانا بۇ مۇھەببەت،بۇنى ئوقۇپ تەسىرلەندىم،مەرىمئاي ھەدە ئەلۋەتتە ئېيتىپ بولغۇسىز ھاياجاندىدۇرمۇشۇنداق چىن نەرسىنىڭ ئادەمنى تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ئەڭ زور بۇلىدىكەن،نېمە دەيمەن؟ھەقىقى بەخىتنىڭ،بەخىتلىك ئائىلىنىڭ سىماسىنى كىتابلاردىن كۆرۈپ قالغانمەن،ھەدەمنىڭ بۇنداق يازمىلېرىدىن بەخىتنىڭ شەجەرىسى مەۋج ئۇرۇپ تۇرىدۇ ،تور گەرچە مەۋھۇم دۇنيا بولسىمۇ بۇ مۇنبەردە بىزنىڭ كۆزىمىز ئەمەس،يۈرەكلېرىمىز شاۋقۇنسىز سۆزلىشىدۇ،..................(ھاياجاندا تېمىدىن چەتنەپ كەتمەكچى بولۇۋاتىمەن).........سىلەرگە ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن،چىن قەلبىمدىن ئائىلەڭلارغا بەخىت تىلەيمەن،قىسمەت ئاكامنىڭ توغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن.

ئەي قىز،سۆزى،كۈلكىسى،يىغىسى ئەرزان قىز بولۇشتىن ساقلىنىڭ!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
972 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 15:29:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسمەتكامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن . تۇغۇلغان كۈنلەرنى دائىم مۇشۇنداق قۇرۇقلا تەبرىكلەمدۇق دەيمەن .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 15:56:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسمەتۇللاھ يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 15:29
قىسمەتكامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن . تۇغۇلغا ...

ئۈرۈمچىگە كېلىڭە تازا ھۆل تەبىرىكلەيمىز

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 15:57:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى ھەدەمنى تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىلىدىغانلار قاتارىغا كىرگۈزۈپ قويۇشنى ئىلتىماس قىلىمەن.

بەزى يەرلىرىنى ئوقۇپ ھەقىقەتەن ھاياجانلاندىم. ھەركىمنىڭ ئۇنداق كۆڭۈللۈك، خاتىرجەم تۇرمۇشى بولىۋەرمەيدۇ. سىلەرگە بەخت تىلەيمەن مەرۋەرى ھەدە .

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 16:26:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسمەت ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 16:28:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسمەتۇللاھ يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 15:29
قىسمەتكامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن . تۇغۇلغا ...

سىزگە ئەۋەتكەن سوۋغام قۇرۇقمىكەن

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 8Rank: 8

توردا
220 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
445

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 16:41:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسمەتنى يەنە بىر ياش قېرىتىۋەتكىنىڭىزنى تەبرىكلەمدۇقئاياللارغۇ تۇغۇتتىن كىيىن ئون ياش ياشىرىدۇ

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 17:23:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
u=148012961,1669236416&fm=51&gp=0[1].jpg
تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك قىسمەتكا.مەرىم سىلەرگە بەخىت-ئامەت يار بولغاي،سىزدەك بىر مىھىربان ئايالى ،ئۇماق پەرزەتلىرى بولغاشقا قىسمەتكام جاپا تارتسىمۇ بىلىنمەيدۇ ئەلۋەتتە. سىز ناخشا ئېيتالمىسىڭىزمۇ،ئۇنىڭغا ئاتاپ شېر-رومانلارنى يازالمىسىڭىزمۇ لىكىن سىزنىڭ ئېيتقان ھەر-بىر سۆزلىرىڭىز بىر كۈيۈمچان ئايالنىڭ بىر  مىھىربان ئانىنىڭ چىن يۈرەك سۆزى ئەلۋەتتە.خوشاللىق سىلەرگەمەڭگۈ يار بولغاي

Rank: 8Rank: 8

توردا
813 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1384

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 17:24:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسمەتكا: تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن. راست گەپنى دىسەم سىلەرنىڭ ئائىلەڭلارغا كۆزۈم بەك قىزىرىدۇ، بوپمۇ نوپۇسۇڭلارنىڭ كۆپلىكىگە، ھەم قايىل بولىمەن. ئاللاھ سىلەرنى ئىناق، قوۋناق قىلغاي.
مەرىگۈل: سىزمۇ بەك جاپا تارتتىڭىز. بالىڭىز تۇغۇلسا جاپا تارتىپ بېقىپ يۈرمەسلىكىڭىز ئۈچۈن ماڭا بىرىۋىتەرسىز.

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 07:41 , Processed in 0.085127 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش