قورغانغا قەدەم
1
سەھەر
ئىشىكنى ئاچتىم شۇقەدەر تەمكىن ،
پەشتاقلار سىلكىندى غەمكىن بەك غەمكىن.
تېنىمدە سۇس تىترەك ،
بىلىكىمدىن توخوئەت ئۆرلىدى،
خىياللىرىم يۇمران گۈللىدى...
گۈللۈكتە،
گۈللەرگە قارىماي يولوڭغا قاراۋاتىمەن
بارمىقىمنى كىچىك بالىدەك ساناۋاتىمەن .
مەن ئەمدى
قوغدىلىشنىڭ نىمىلىكىنى،
سۆيۈلۈشنىڭ قانداقلىقىنى ،
بىلىپ قالىمەن .
باغرىمدىكى ھەسرىتىمنى يۇلۇپ ئالىمەن !
ئاخشام چۈشۈمدە
بىر قارا قول سۇندى ساڭا بىر چىنە زەھەر ،
بىر تېمىم يېشىمنى قوشسام
ئۇ يەنىلا بوپ قاپتۇ ھەسەل .
ئەركىكىم ،
قەھىرلىك كۆزلىرىڭگە قارىدىم
سەھەر گۇگۇمىنىڭ يورىقىنى
تۇيغۇم بىلەن سىيلىدىم .
بىر كۈنى ،
«قېرىندىشىم» دىسەم
بالام سومكىسىدىن قىرىنداش ئالغان ،
يالغۇزلىقىنى باغرىمغا پىچاق قىپ سالغان .
مانا بۈگۈن قېرىنداش دىسەم ،
تاغلار ئاياغىڭدا تالقان بولدى .
نا ئەھلىلەر كانارىغا ئېلىنىپ
ئۆز تېنىنى ئۆزلىرى سويدى .
مەندىن قان چىقمىدى ياش چىقتى ،
ئالقىنىمغا سۈزۈك –سۈزۈك تاش چىقىتى.
جىنىم !
بامدات ئۈچۈن توۋلانغان ئەزان ،
مەسچىت قۇببىسىدە ھىلال بولدى.
بوۋاڭنىڭ قىسمەتلىك ئاۋازى
موجولغان يۈرىكىمگە لىققىدە تولدى .
2
بىر دۆۋە توپا
يالغۇز دەرەخ يىنىدا ،
قەدرىڭ بىلەن ئاتىلار قەبرە .
ھەي زۆھرە ...
ئاللا ئۇلۇغ ئادەملەر ئەزىز ،
دۇنيانى بىر چەتكە سۈرۈپ قويوپلا
تۇغۇۋالغۇم كەلدى بىر تال قىز .
بەلكىم ،
ئۇنىڭ بەختى شورلوق بولسىمۇ ،
كۆز ياشلىرى تۇزلۇق بولسىمۇ ،
مۇھاببەتكە قىنىپ ياشايتتى ،
كىملىكىنى بىلىپ ياشايتتى ،
خۇددى سەندەك ،
خۇددى مەندەك ...
ئۇمۇ چوقوم ئانا بولاتتى ،
ساڭا ئوخشاش قاش –كۆزلىرى قارا بولاتتى .
ئاھۇ دەپ چاقىرسام ،
جىمى جاھان ھەيران قالاتتى .
.............
ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن چاچلىرىنى تارىدىم
ئۇچامدىكى گۈللۈك كۆينەككە جىمجىت قارىدىم
جىنىم
قىسمەتلىرىڭ دىلىمغا يانا ،
ئاجايىپ بىر پىراقنى سالدى .
ئانىمىزنىڭ مىھرى ھەم قەدرى ،
ئۆمۈر پايانىمدا مەڭگۈلۈك قالدى .
مەن ھاياتنىڭ گۈزەللىكىگە ئشەندىم ،
سىنى سۆيگەن يۈرىكىم بىلەن
ئاللانىڭ ھىكمەتلىرىنى چۈشەندىم .
3
كۆيمەكتە ۋاقىتنىڭ قەدىمى،
ئۇنتۇلدى كېچىنىڭ ئەلىمى .
بىر پارچە ئوت،بىر تۇتام ھەسرەت،
پەلەك چەرخىگە يۆگۈشۈپ قالدى.
بىزنى قۇش دەپ
يەتتە قات ئاسمان ئارىغا ئالدى.
قەدىمىي دەرەخلەرنىڭ سۆزلىگۈسى،
سۇلارنىڭمۇ يىغلىغۇسى كەلدى....
ھەي سەھەر!
سەن
ناشتىسىز،غەمسىز ئۆتۈپ كىتىسەن.
كۆڭلىمدىكىنى بىلىپ كىتىسەن.
سەھەر!
سەن مېنىڭ
تارالمىغان چېچىم.
قاشلىق ئىتىلمىگەن قېشىم،
تۆكۈلمىگەن يېشىم !
ھاياجان ھەم غەليان بىلەن كېتىۋاتىمەن،
ناخشامنى گۈلدىكى شەبنەمگە قېتىۋاتىمەن.
يۈرىكىمدە چەكسىز مۇھەببەت،
تىلىدىم ساڭا چىدام،
ئۆزۈمگە تاقەت...
جېنىم!
مەن بولمىسام
كۈنلەر يەنە كەچ بولىدۇ.
سەن بولمىساڭ
ئاياللىقىم،ئانىلىقىم خەس بولىدۇ.
تۆكۈلگەن چېچەكلەرنى كۆيدۈرگۈم كەلدى،
شاللىقلاردا يۈگۈرگۈم كەلدى....
ئاچلىق تىكەنلىرىنى يۇلدۇم،
چۆلگە
سەن ئۈچۈن قەسىر قۇردۇم!
تۇتام-تۇتام سېغىنىشىمدىن،
باغلام-باغلام يېلىنجىشىمدىن...
گۈل بەرگىدىن تام ياسىدىم،
ياڭاق شاكىلىدا جام ياسىدىم.
ئادىرىسمان چېچىكىدە ئىسرىق سېلىپ،
بىر بۇغىنىڭ تېرىسىنى
تەختىڭگە سېلىپ قويدۇم .
مەن بەخىتنىڭ تەمىنى بىلدىم.
باغرىڭنىڭ قوۋۇقلىرىدىن سەل بولۇپ كىردىم.
شىلدىرلىدى بىر تۈپ ئاق قىيىن:
«بۇ قىسسە،
تەبئەتنى، مۇھەببەتنى
ئەل قىلىدۇ مىڭ يىلدىن كىيىن...»