يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 391|نەقىل: 17

(ئاھۇ)قورغانغا قەدەم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
220 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
445

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 15:30:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قورغانغا قەدەم

1

سەھەر

ئىشىكنى ئاچتىم شۇقەدەر تەمكىن ،

پەشتاقلار سىلكىندى غەمكىن بەك غەمكىن.

تېنىمدە سۇس تىترەك ،

بىلىكىمدىن توخوئەت ئۆرلىدى،

خىياللىرىم يۇمران گۈللىدى...

گۈللۈكتە،

گۈللەرگە قارىماي يولوڭغا قاراۋاتىمەن

بارمىقىمنى كىچىك بالىدەك ساناۋاتىمەن .

مەن ئەمدى

قوغدىلىشنىڭ نىمىلىكىنى،

سۆيۈلۈشنىڭ قانداقلىقىنى ،

بىلىپ قالىمەن .

باغرىمدىكى ھەسرىتىمنى يۇلۇپ ئالىمەن !

ئاخشام چۈشۈمدە

بىر قارا قول سۇندى ساڭا بىر چىنە زەھەر ،

بىر تېمىم يېشىمنى قوشسام

ئۇ يەنىلا بوپ قاپتۇ ھەسەل .

ئەركىكىم ،

قەھىرلىك كۆزلىرىڭگە قارىدىم

سەھەر گۇگۇمىنىڭ يورىقىنى

تۇيغۇم بىلەن سىيلىدىم .

بىر كۈنى ،

«قېرىندىشىم» دىسەم

بالام سومكىسىدىن قىرىنداش ئالغان ،

يالغۇزلىقىنى باغرىمغا پىچاق قىپ سالغان .

مانا بۈگۈن قېرىنداش دىسەم ،

تاغلار ئاياغىڭدا تالقان بولدى .

نا ئەھلىلەر كانارىغا ئېلىنىپ

ئۆز تېنىنى ئۆزلىرى سويدى .

مەندىن قان چىقمىدى ياش چىقتى ،

ئالقىنىمغا سۈزۈك –سۈزۈك تاش چىقىتى.

جىنىم !

بامدات ئۈچۈن توۋلانغان ئەزان ،

مەسچىت قۇببىسىدە ھىلال بولدى.

بوۋاڭنىڭ قىسمەتلىك ئاۋازى

موجولغان يۈرىكىمگە لىققىدە تولدى .

2

بىر دۆۋە توپا

يالغۇز دەرەخ يىنىدا ،

قەدرىڭ بىلەن ئاتىلار قەبرە .

ھەي زۆھرە ...

ئاللا ئۇلۇغ ئادەملەر ئەزىز ،

دۇنيانى بىر چەتكە سۈرۈپ قويوپلا

تۇغۇۋالغۇم كەلدى بىر تال قىز .

بەلكىم ،

ئۇنىڭ بەختى شورلوق بولسىمۇ ،

كۆز ياشلىرى تۇزلۇق بولسىمۇ ،

مۇھاببەتكە قىنىپ ياشايتتى ،

كىملىكىنى بىلىپ ياشايتتى ،

خۇددى سەندەك ،

خۇددى مەندەك ...

ئۇمۇ چوقوم ئانا بولاتتى ،

ساڭا ئوخشاش قاش –كۆزلىرى قارا بولاتتى .

ئاھۇ دەپ چاقىرسام ،

جىمى جاھان ھەيران قالاتتى .

.............

ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن چاچلىرىنى تارىدىم

ئۇچامدىكى گۈللۈك كۆينەككە جىمجىت قارىدىم

جىنىم

قىسمەتلىرىڭ دىلىمغا يانا ،

ئاجايىپ بىر پىراقنى سالدى .

ئانىمىزنىڭ مىھرى ھەم قەدرى ،

ئۆمۈر پايانىمدا مەڭگۈلۈك قالدى .

مەن ھاياتنىڭ گۈزەللىكىگە ئشەندىم ،

سىنى سۆيگەن يۈرىكىم بىلەن

ئاللانىڭ ھىكمەتلىرىنى چۈشەندىم .

3

كۆيمەكتە ۋاقىتنىڭ قەدىمى،

ئۇنتۇلدى كېچىنىڭ ئەلىمى .

بىر پارچە ئوت،بىر تۇتام ھەسرەت،

پەلەك چەرخىگە يۆگۈشۈپ قالدى.

بىزنى قۇش دەپ

يەتتە قات ئاسمان ئارىغا ئالدى.

قەدىمىي دەرەخلەرنىڭ سۆزلىگۈسى،

سۇلارنىڭمۇ يىغلىغۇسى كەلدى....

ھەي سەھەر!

سەن

ناشتىسىز،غەمسىز ئۆتۈپ كىتىسەن.

كۆڭلىمدىكىنى بىلىپ كىتىسەن.

سەھەر!

سەن مېنىڭ

تارالمىغان چېچىم.

قاشلىق ئىتىلمىگەن قېشىم،

تۆكۈلمىگەن يېشىم !

ھاياجان ھەم غەليان بىلەن كېتىۋاتىمەن،

ناخشامنى گۈلدىكى شەبنەمگە قېتىۋاتىمەن.

يۈرىكىمدە چەكسىز مۇھەببەت،

تىلىدىم ساڭا چىدام،

ئۆزۈمگە تاقەت...

جېنىم!

مەن بولمىسام

كۈنلەر يەنە كەچ بولىدۇ.

سەن بولمىساڭ

ئاياللىقىم،ئانىلىقىم خەس بولىدۇ.

تۆكۈلگەن چېچەكلەرنى كۆيدۈرگۈم كەلدى،

شاللىقلاردا يۈگۈرگۈم كەلدى....

ئاچلىق تىكەنلىرىنى يۇلدۇم،

چۆلگە

سەن ئۈچۈن قەسىر قۇردۇم!

تۇتام-تۇتام سېغىنىشىمدىن،

باغلام-باغلام يېلىنجىشىمدىن...

گۈل بەرگىدىن تام ياسىدىم،

ياڭاق شاكىلىدا جام ياسىدىم.

ئادىرىسمان چېچىكىدە ئىسرىق سېلىپ،

بىر بۇغىنىڭ تېرىسىنى

تەختىڭگە سېلىپ قويدۇم .

مەن بەخىتنىڭ تەمىنى بىلدىم.

باغرىڭنىڭ قوۋۇقلىرىدىن سەل بولۇپ كىردىم.

شىلدىرلىدى بىر تۈپ ئاق قىيىن:

«بۇ قىسسە،

تەبئەتنى، مۇھەببەتنى

ئەل قىلىدۇ مىڭ يىلدىن كىيىن...»


كونا ئەزا

زۆھرەگۈل

Rank: 3Rank: 3

توردا
130 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
625
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 15:39:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ...پاھ... ماۋۇ قۇرلارنى، نىمە دەي، قوللارغا دەرت كەلمىسۇن چىمەنقۇش
بىر دۆۋە توپا

يالغۇز دەرەخ يىنىدا ،

قەدرىڭ بىلەن ئاتىلار قەبرە .

ھەي زۆھرە ...


ئاللا ئۇلۇغ ئادەملەر ئەزىز ،

دۇنيانى بىر چەتكە سۈرۈپ قويوپلا

تۇغۇۋالغۇم كەلدى بىر تال قىز

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاھۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 15:44  


باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 15:49:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏ئالامەت چىقىپتۇ بۇ شېئىر ھەدە ... ‏جايىدا ئولتۇرغانلار ئىلھام ئېلىپ قەدىمىنى تېزلىتىدىغان بولدى جۇمۇ 

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 15:52:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شئرلىرىڭىز قالتىس جۇمۇ

كونا ئەزا

زۆھرەگۈل

Rank: 3Rank: 3

توردا
130 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
625
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 16:01:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مودەن يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 15:52
شئرلىرىڭىز قالتىس جۇمۇ

شۇ قالتىس ئادەملەرنىڭ بىر قۇر گېپىمۇ قالتىس دېسە.... بەزىدە مۇشۇنداق قابىليەتنىڭ ئۆزۈمدە بولمىغانلىقىدىن بەك ئەپسۇسلىنىمەن، لېكىن بەزىدە چىمەنقۇشنىڭ مۇشۇنداق بومبىلىرىنى ئوقۇيدىغان مەندەك ئوقۇرمەننىڭ بولغىنىمۇ ياخشى، يەنىلا ئۇ يازسۇن مەن ئوقۇي دەپ ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىمەن

باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 16:03:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلا تامغىسى ئارقىلىق ھاياجىنىمنى ئىپادىلىدىم، باشقىلار مېنى ساۋاتسىز دەۋېرىپ بارغانسىرى ئىنكاسنىمۇ تۈزەپ يازالمايدىغان بولۇپ قېلىۋاتامدىم، گەپلىرىم قولاشمايدىغاندەكلا ھېس قىلىپ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 16:09:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىيىشىمنى بىلمەي قالدىم،شۇڭا قالتىس دىگەنتىم مەن قالتىس ئەمەس

كونا ئەزا

زۆھرەگۈل

Rank: 3Rank: 3

توردا
130 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
625
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 16:11:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مودەن يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 16:09
نىمە دىيىشىمنى بىلمەي قالدىم،شۇڭا قالتىس دىگەنتىم مەن ...

مەنمۇ شۇ ئاھۇنى قالتىس دېگەن ئىدىم، مودەن

باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 16:15:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل ئىپادىلىشىم جايىدا بولمىغان بولسا كەچۈرۈڭلار....دۇسلار

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
285 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 20:26:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«مۈشۈك يىلدا ئاسلانلايدۇ تۆت-بەشنى،مۈشۈك تۇغىدۇ،يولۋاس نەچچە يىلدا بىر تۇغىدۇ .يولۋاس تۇغىدۇ   »دەپ قۇياتتى بىر ئۇستاز...خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاشلا   ھە..

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 03:26 , Processed in 0.396047 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش