يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 638|نەقىل: 26

ئالاھىدە خوش-خەۋەر. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
4
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:21:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى

جەمىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى ۋە كەسپى ساپاسى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، دىيارىمىز دىكى ئەدىپلىرىمىز ، يېزىقچىلىق ساھەسىگە يېڭى قەدەم قويغان ۋە قەدەم قويىۋاتقان ياشلىرىمىز كۈندىن- كۈنگە كۆپەيمەكتە. ئەمما مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنىۋاتقان گېزىت-ژۇرناللار كۆپ بولسىمۇ، يەنىلا دىيارىمىزدىكى يازغۇچى ئەدىپلىرىمىزنىڭ ئىھتىياجىنى قامدىيالمايۋاتىدۇ.
ئىلىكتىرۇن ساھەسى تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسىدە، نۇرغۇنلىغان توربەتلەر ۋە مۇنازىرە مۇنبەرلىرى قۇرۇلۇپ، يازغۇچى ئەدىپلىرىمىزنىڭ ئىجادى مىۋىللىرىنى نامايەن قىلىدىغان، شۇ ئىجادىيەت تۇغرىلىق پىكىر ئالماشتۇردىغان، ئۆز ئەمگىگە باھا ۋە پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلايدىغان،شۇ ئارقىلىق يېزىقچىلىق سەۋىيىسىنى ئاشۇرىدىغان. سورۇن ھازىرلاندى. مانا بۇ ئۇيغۇر يازغۇچىلىق ساھەسىدىكى چوڭ يۈكسىلىش ھىساپلىنىدۇ.
ئۇيغۇر ئەدەبىيات ساھەسىدىكى يازغۇچى ئەدىپلىرىمىزنىڭ، ئىجادى ئەسەرلىرىنى باھالىتىش،شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كەسپى بىلىمىنى ئاشۇرۇش، يېزىقچىلىق قابىليىتىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈش ۋە يازغۇچى ئەدىپلىرىمىزگە ئىلھام بېغىشلاشنى مەقسەت قىلىپ، <نۇربۇلاق مۇكاپاتلىق ئەسەر باھالاش مەرگىزى> قۇرۇلدى.
مەرگىزىمىزنىڭ بىرىنجى قارارلىق <مۇكاپاتلىق ئەسەر > پائالىيىتى باشلاندى.
پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتى :
1-پائالىيەتنىڭ ۋاقتى

ئەسەر تىزىملىتىش ۋاقتى:2012- يىلى 9-ئاينىڭ 11 كۇنىدىن، 10-ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە بولىدۇ. 11- ئاينىڭ 10- كۈنى نەتىجە ئىلان قىلىنىدۇ.
2-باھالاش ۋە مۇكاپاتلاش

باھالاش: 1-،2-،3-،4-،5- گىچە بولىدۇ.
مۇكاپات:
1- دەرىجىلىك مۇكاپات: 2000 يۈەن نەخ پۇل.
2-دەرىجىلىك مۇكاپات: 1000 يۈەن نەخ پۇل.
3-دەرىجىلىك مۇكاپات: 500 يۈەن نەخ پۇل.
4-دەرىجىلىك مۇكاپات: 200 يۈەن نەخ پۇل.
5-دەرىجىلىك مۇكاپات: 100 يۈەن نەخ پۇل.

3-پائالىيەتكە قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەرنىڭ ژانىرى ۋە ھەجمى

پائالىيىتىمىزگە قاتناشتۇردىغان ئەسەرلەرنىڭ ژانىرى: ھىكايە، نەسىر، ماقالە، ئوبزۇر، شېئېر، ئۇچرېك، ئەدەبى خاتىرە، ئىتوت-كۈلدۈرگە قاتارلىقلار بىلەن چەكلىنىدۇ.
ھەجمى: تىزىملاتماقچى بولغان ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ئىخچام، تىلى راۋان بولىشى، ھەجمى ئەڭ كۆپ بولغاندا 2000 خەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىگى تەلەپ قىلىنىدۇ.
4-پائالىيەتكە قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەرگە قۇيىلىدىغان تەلەپ

پائالىيىتىمىزگە ساغلام، مۇكەممەل بولغان ئەسەرلەر قاتناشتۇرلىدۇ. تۆۋەندىكى مەزمۇندىكى ئەسەرلەر قاتتىق چەكلىنىدۇ.

1- دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە، مۇقۇملىقىغا ۋە مەخپىيەتلىكىگە تەسىر يەتكۆۈزىدىغان مەزمۇندىكى ئەسەرلەر.
2- مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۆۈزىدىغان، زوراۋانلىق، تىرورلۇق، بۆلگۈنچىلىك تۈسىنى ئالغان، خۇراپى ۋە سېرىق مەزمۇندىكى ئەسەرلەر.
3- دۆلەتنىڭ قانۇنى ۋە ئاساسى قانۇنغا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرى ۋە سىياسەتلىرىگە قارشى مەزمۇندىكى ئەسەرلەر.
4- پائالىيىتىمىزگە قاتناشماقچى بولغان ئەدىپلىرىمىزنىڭ بىزنى ساغلام ئەسەر بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

5-ئەسەرلەرنى تىزىملاش ۋە باھالاش جەريانىدىكى تەپسىلاتلار

1 - تىزىملاتقان ئەسەرلەرنى، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى مەتبۇئات ئورۇنلىرىدىكى ئاتاقلىق، كۆزگە كۆرۈنگەن داڭلىق تەھرىر ۋە مۇھەررىرلەر تەكلىپ بىلەن تەكشۈرۈپ باھالاپ بىكىتىدۇ.
2- باھالانغان ئەسەرلەرلەر، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولسۇن ياكى مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن بولسۇن، باھالاشتىن ئۆتكەن ئەسەرلەر، مەخسۇس كىتاپ قىلىپ نەشىر قىلدۇرلىدۇ. ھەمدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر ئاپتۇرىنىڭ سۈرىتى ۋە قىسقىچە تەرجىمھالى بېسىلىدۇ.
3- تىزىمغا ئالدۇرغان ئەسەر، مەيلى مۇكاپاتلانسۇن ياكى مۇكاپاتلىنالماي باھالىنىشتىن ئۆتكەن بولسۇن ۋەياكى باھالاشتىن ئۆتەلمىگەن بولسۇن، ھەربىر ئەسەر ئىگىسىگە، باھالاشتىن ئۆتكەن ئەسەرلەردىن نەشىر قىلدۇرغان كىتاپتىن بىر پارچىدىن ھەقسىز ئەۋەتىپ بىرىلىدۇ.
4- ئەسەر تىزىملاتقۇچى ھەربىر پارچە ئەسەر ئۈچۈن، 20 يۈەن تاپشۇرىدۇ. (ئەسىرىڭىز باھالاشتىن ئۆتەلمىگەن ھالەتتىمۇ، سىز تاللانغان ئەسەرلەر جەملەنگەن بىر پارچە كىتاپقا ئېرىشىسىز.)
5- ئاپتۇرلار چۇقۇم تىزىملاتقان، ئەسىرىنىڭ ئاستىغا ئىسىم-فامىلىسىنى، ئېنىق ئادرىسىنى ۋە مۇقۇم تېلىفۇن نومۇرىنى يېزىشى لازىم.
6-ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيە-شەھەرلەردىكى ئەسەر تىزىملاش ئورنى ۋە ۋاقتى 9- ئاينىڭ 11- كۇنى ئېنىق ئۇقتۇرلىدۇ.
7- ئەسەر تىزىمغا ئالدۇرغۇچى ئاپتۇرلار، ئەسەر تىزىملاتقاندا چۇقۇم تامغا بېسىلغان تالۇن ئېلىشى كىرەك. مەيلى مەرگىزىمىزدىن مەخسۇس خادىم بېرىپ تىزىملىسۇن ياكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيە-شەھەرلەردىكى ۋاكالىتەن تىزىمغا ئالغۇچى خادىملار تىزىملىسۇن، ئەسەر تىزىملىغاندا مەرگىزىمىزنىڭ مەخسۇس تالۇنىنى ئىشلىتىىدۇ. ۋە بۇ تالۇنغا ۋاكالىتەن تىزىملىغۇچى خادىم تىزىملىسا ئۆزىنىڭ تامغىسى، مەرگىزىمىزدىن مەخسۇس بارغان خادىم تىزىملىسا مەرگىزىمىزنىڭ مەخسۇس تامغىسى بېسىلىدۇ.
8-ئاپتۇرلار ئەسەر تىزىملاتقان تالۇننى مۇقۇم ساقلىشى كىرەك، چۈنكى شۇ تالۇن ئارقىلىق، ئۆز ئەسىرىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلالايدۇ.

6- ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيە-شەھەرلەردىن ۋاكالىتەن ئەسەر تىزىملىغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ. 7- ۋاكالىتەن ئەسەر تىزىملىغۇچىلارغا قۇيۇلىدىغان تەلەپ؛



1- ۋاكالىتەن ئەسەر تىزىملىغۇچى چۇقۇم ئەستايىدىل، سەمىمى بولىشى، يېزىقچىلىق كەسپىنى چۈشىنىشى كىرەك.
2- ۋاكالىتەن ئەسەر تىزىملىغۇچىنىڭ مۇقۇم ئورنى بولىشى، مۇشۇ كەسىپكە ماس كىلىشى كىرەك. يەنى پەقەت كومپىيوتۇر مۇلازىمەت ئورنى ياكى شەخسى كىتاپخانىسى بارلار، ۋاكالىتەن تىزىملىغۇچىلىققا قوبۇل قىلىنىدۇ.


ئالاقىلىشىش تېلفۇن نومۇرى: 15292864484 18999196445



مەنبە: نۇربۇلاق مۇكاپاتلىق ئەسەر باھالاش مەرگىزى.




مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
424 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
886

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 19:43:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭغا ئېگە بۇلىدىغان بىرە توربىكەت، بلوگ دىگەن يەر يوقمۇ ؟ بىرە توربىكەتتىن مەسئۇل بولغان بولسا تېخىمۇ قۇلايلىق بۇلار ئىكەن.
مۇنبىرىمىزدىن ئەسمەتۇللاھ، گۇلخان، نازپەرى( كىيىنكى ئىسمىنى ئىسىمگە ئالالمىدىم) قاتارلىق ئەزالار قاتنىشىپ باقسا بولغۇدەك. ئايدار ھەدەم قىززىقمايدۇ ھەقاچان

باھا سۆز

قەمبەرنىسا  كىيىنكى ئىسىمغا رەھمەتۇللاھ دەپ قوشۇپ قويۇڭ !   يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 10:43:02

Rank: 8Rank: 8

توردا
813 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1384

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 19:54:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنى قاتناشمىسۇن دىسىڭىز قاتناشماي؟

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
285 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 20:20:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور دۇنياسىدىكى  مۇسابىقە دىگەنلەرگە ئىشەنمەيدىغان  بوپ كەتتىم رەھىمىتۇللا بەگ،ئادەمنى كىچىك بالىنى گوللىغاندەك گوللاپ......ئەمدى يەنە بىر نۆۋەت شۇنداق بۇلۇپ قالسا تورنى پۈتۈنلەي تەرىك ئەتمەي.......ئازراق سەمىمىيەتلىك ....... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۇلخان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 20:23  


زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
285 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 20:25:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما يوللىغۇچى نۇربۇلاق  يۇقارقى گىپىمدىن رەنجىمىگەي..........

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
424 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
886

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 22:38:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 19:54
مېنى قاتناشمىسۇن دىسىڭىز قاتناشماي؟

زىنھار ئۇنداق ئەمەس. خېلى بولدى بىر نەرسە يازمىدىڭىز شۇڭا دەپ قاپتىمەن. مەن نۇربۇلاق دىگەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز شۇڭا قاتنىشىڭ، قاتناشماڭ دىگەننى مەن دىيەلمەيمەن. قاتنىشىدىغان ئىشىڭىز بولسا قاتناشتۇردىغان ئەسىرىڭىزنى ئۇقۇشنى تەقەززالىق بىلەن ساقلايمەن.

Rank: 8Rank: 8

توردا
813 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1384

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 04:39:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھى ھى ھى ....
چاخچاق دەپ قويغان. راست مەن ئالدىراش ....

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 08:40:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردىكى يازغۇچى،شائىرلارتىز تۇتۇش قىلساڭلار بولغۇدەك.....سىلەرگە ئامەت تىلەيمەن،ھەم يولىغان ئەسىرىڭلارنى تىزراق كۆرۈشنى ئۈمىت قىلىمەن..

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
30
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 00:39:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر سوسكا ئەمسىلا بولامدا؟؟؟؟؟؟ ئۇيغۇر ئۇيغۇرنى ئالدىمىسا باشقا ئىشى يوقما ؟؟؟؟ مەن بۇ قالدۇرۇلغان تېلىفۇنغا نەچچە  قېتىم تېلىفۇن ئۇردۇم   بىراق ئالىدىغان ئادەم  يوق  ياكى مۇلازىمەت دائىرىسىدە ئەمەس دېگەن جاۋاپقا ئېرىشتىم  دېمەك بۇبىر يالغانچىلىق ئىكەن دېگەن ھىسقا كېلىپ قالدىم . ئاچىقىم كەلسىمۇ يەنىلا شۇلاردىن پەخىرلەندىم ئۇيغۇر سودىغا ئايلاندۇرۇپ ساتمىغان مۇشۇ ئىشى قالغان بۇنىمۇ بازارغا يۈزلەندۇرۇپ يېڭىچە ماتا يولىنى ئېچىپتۇق دەپ .( ئەينى ۋاقتا ئەجداتلىرىمىز يىپەك يولىنى ئېچىپتىكەن )
بۇتېمىنى ئوقۇپ شۇنداق سۆيۈنگەن ئىدىم گەرچە كەمبەغەل تېجارەتچى بولساممۇ بۇ بۇمۇكاپاتقا ھەسسەمنى قوشايدەپ ئويلىغاىن ئىدىم ئەپسۇس  بىراق بۇ تېلاۇنلارنىڭ ھىچقايسى بىلەن ئالاقىلىشال مىدىم
ئاخىىرىدا ماڭا بۇ توربەتنى تەۋسىيە قىلغان  ھەم مەن ھورمەتلەيدىغان ئىنىم مايلامچى شۇگەپنى دەپ قويايكى ماڭا كېرىكى سەمىمىيەت .مەنگەرچە كىچىك تېجارەتچى بولساممۇ مەبلىغىم ئاز بولسىمۇ مىلىتىمنىڭ ئەدەبىيات سەنئىتى ئۈچۈن  بولۇپمۇ ئەدەبىيات تارىخ ، ئىشلىرى ئۈچۈن بار بولغان مەبلىغىمنىڭ ھەمىسىنى دوغا تىكەلەيدىغان جاسارەتكە ئىگە ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قالما .  بۇندىن كىيىن  تېمائارقىدىن كۆڭۈل سېرلىرىنى توكۇشىدىغان ، توربەتتە سۆز بېشى بولۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلما ،  راسگەپنىقىلسام سېنىڭ بۇ توربەتتە مە دېگىنىڭنى ئاڭلاپ شۇنداق سۆيۈگەن ۋە شاتلانغان ئىدىم ، نىمىلا بولمىسۇن مۇازىر لىشەرمەن بۇجەرياندا داۋامنى يېسەمۇمۇ  بىرئاز نەرسە ئۈگۈنەرمەندەپ  . ئەپسۇسۇس مەن بۇ مۇنبەردە........................................................................................................................ مۇلاھىزە  مۇنازىرىنىڭ ئىشقى مۇھاببەت تېمىسى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلماپ تىمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھاماقەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 00:46  


Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 08:21:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قانداق ئىش بولۇپ كەتتى ؟
بىرنىڭ دەردى مىڭغا دىگەن مۇشۇ شۇمۇ ئەمدى ؟

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 06:08 , Processed in 0.070269 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش