ھاماقەت يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 00:39 
ئۇيغۇر سوسكا ئەمسىلا بولامدا؟؟؟؟؟؟ ئۇيغۇر ئۇيغۇرنى ئا ...
ھاماقەت ئەپەندىم، سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭىزدىن كىمگە رەنجىۋاتقانلىقىڭىزنى زادىلا بىلەلمىدىم. ئەگەر ئاۋۇ ئەسەر مۇكاپاتلاش پائالىيىتىنىڭ يالغانلىقى ئۈستىدە رەنجىۋاتقان بولسىڭىز شۇ نەرسە سەمىڭىزدە بولسۇن، بىزنىڭ بۇ يالغانچىلىق بىلەن شېرىكچىلىكىمىز يوق. ئەگەر مايلامچى سىزگە بۇ مۇنبەرنى بەك كۆپتۈرۈپ سۆزلەپ باشلاپ كىرىپ ئۈمىدسىزلىنىپ قالغان بولسىڭىز بۇنىڭغىمۇ مېنىڭ شۇنداقلا باشقا تورداشلارنىڭ ئامالى يوق.
ئەگەر بۇ مۇنبەردە كۆڭلىڭىزدىكىدەك مۇنازىرە تاپالمىغان بولسىڭىز ھېچكىمنىڭ ھېچكىمنى زورلاپ تۇتۇپ قېلىش ھوقۇقى يوق، تور دۇنياسى ئەركىن دۇنيا، خالىغان كىشى، خالىغان يېرىدە خالىغان تور بەتلەرنى زىيارەت قىلسا بولىدۇ. سىزگە ماس كەلگۈدەك نى نى مۇنازىرە مۇنبەرلىرى بار شۇ يەردە قانچىلىق سۆزلىگىڭىز كەلسە سۆزلەۋېرىڭ، بۇ مۇنبەردە خانىم- قىزلار كۆپىرەك، يۈرەك ئۆزىمىزگە چۇشلۇقلا، ئارتۇق گەپنى كۆتۈرگۈچىلىكىمىز يوق.
سىز بۇ مۇنبەردە كىم بىلەن نېمە توغۇرلۇق مۇنازىرە قىلماقچى ئىدىڭىزكىن تاڭ بىلمىدىم؟
ئېسىڭىزدە بولسۇن، بۇنىڭدىن 3 يىل بۇرۇن قانچىلىغان تور بەتلەر ئەنە ئەشۇنداق ئايىقى چىقماس مۇنازىرىلەرنىڭ قۇربانى بوپ كەتمىدى؟ شۇ مۇنازىرىلەردە بويۇن تومۇرلىرى كۆپكىدەك سۆزلەپ، چوڭ يەردىن چۈشكەن شۇ پەيلاسوپلارنىڭ ھالى نىمە بولدى، ئۇلارنىڭ شۇ گەپلىرى قاچىلىغان ئادەملەرگە زىيان سالدى....... بولدى، سىزگە بۇ يەردە ئارتۇق گەپ قىلغۇم يوق، راست گەپ قىلسام بۇ يەردە تور بەت ئېچىپ، ئاقمايدىغان مۇلاھىزە، مۇنازىرە تۈپەيلى، ئۆزۈمنى، ئائىلەمنى ۋە مۇنبەرگە قەدەم تەشىرىپ قىلىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمنى بالاغا تىققۇم يوق. بۇ يەردە مۇنبەر توغۇرلۇق ھەر قانداق گەپ قىلىشىڭىزنى خالىمايمەن!
يەنە بىر گەپنى ئەسكەرتسەم، سىزنىڭ يازغان ئىنكاس ۋە تېمىلىرىڭىزدىن تور دۇنياسىغا تۈنۈگۈن كىرگەندەك قىلمايسىز، ئەمما ئىملارىڭىزغا قاراپ، قىلغان گېپىڭىز بىلەن زادىلا باغلاشتۇرالمىدىم، ئىملارىڭىزغا كۆپىرەك دىققەت قىلغان بولسىڭىز!