ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟ بىز نۇربۇلاق مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەن ئىدۇق. 11- چىسلا تىزىملاش تەپسىلاتىنى خەۋەر قىلىمىز دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدۇق. نەچچە كۈندىن بىرى مۇشۇ پائالىيەتنىڭ بەزى ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كىتىپ، تورغا چىقالماي، تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا جاۋاپ يازالمىدىم. بۇ سەۋەنلىكىم ئۈچۈن تورداشلاردىن ئەپۇ سۇرايەن!
11- چىسلا تىزىملاش جەريانىدىكى تەپسىلاتلارنى خەۋەر قىلالمىدۇق، سەۋەبى: بىز بۇ پائالىيەتكە قاتناشتۇردىغان ئەسەرلەرنى ھەرقايسى ۋىلايەت شەھەرلەردە تىزىملاش ئورنى تەسىس قىلىپ، تالۇن كىسىپ تىزىملاشنى پىلان قىلغان ئىدۇق، ھەم شۇنداق تەستىق ئالغان ئىدۇق. لىكىن نۇرغۇن تورداشلىرىمىز تېلىفۇن ئارقىلىق كۆپلىگەن پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويدى، دىمەك ھەرقايسى ناھىيەلەرگىچە تىزىملاش ئورنى تەسىس قىلساقمۇ يەنىلا يېزىلاردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ۋە شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا قۇلايسىزلىق ئېلىپ كىلىدىكەن. يېزىلاردىكى قېرىنداشلىرىمىز، ئەسەر تىزىملىتىش ئۈچۈن، نۇرغۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىدىكەن ۋە كىلىپ-كىتىش كىراسى ئۈچۈن بەزى جايلاردا نەچچە ئون يۈەن، بەزى جايلاردا نەچچە يۈز يۈەن چىقىم بولىدىكەن، بىز بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، پۇچتا ئارقىلىق تىزىملاش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان ئىدۇق، بۈگۈن تەستىقلاپ بەرمەكچى ئىدى، ئەمما بۈگۈن ئۇلارنىڭ (مەدەنىيەت ئىدارىسى) نىڭ مۇھىم يىغىنى بولغاچقا تەستىقلاشقا ۋاقىت چىقمىدى، بىز 15- چىسلادىن بۇرۇن، پوچتا ئارقىلىق تىزىملاشنى ياكى مەخسۇس بىر تور بەت ئېچىپ شۇ ئارقىلىق تىزىملاشنى ئۇقتۇرىمىز،
ئالدىنقى ئۇچۇردا بەزى مەسىلىلەر ئېنىق بولماي قاپتۇ، پائالىيەتكە قاتناشتۇردىغان ئەسەرلەردىن ھىكايە بىلەن، ئىتۇت- كۈلدۈرگە 2000 خەت دىگەن ئۆلچەمنىڭ سىرتىدا (5000 خەتكىچە بولىدۇ. 1000 خەت دىگىنىمىز 2 بەت بولىدۇ).
قاتناشتۇردىغان ئەسەرلەر بۇرۇن توربەتلەرگە يوللانغان بولسىمۇ بولىدۇ، پەقەت مەتبۇئاتتا نەشىر قىلدۇرۇلمىغان بۇلىشى شەرت. بىر ئادەم بىر پارچە دىگەن ئۆلچەم يوق. نەچچە پارچە قاتناشتۇرسا بولىۋېرىدۇ.
بۇ پائالىيەت مەركىزىگە بىر يىلدىن بىرى بەك تەستە تەستىق ئالدۇق، بۇ بىر قېتىملىق بىلەن توختاپ قالمايدۇ
مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان ئەسەرلەرنىڭ سانى، تىزىملاتقان ئەسەرنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە قاراپ بىكىتىلىدۇ.
دوستلارنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمىز.
تېلفۇن نومىرى: 15292864484، 18999196445.
چ چ: 2224266181، ئېلخەت:
nurbulak@hotmail.com