يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1878|نەقىل: 32

[7يىگىت] مېنىڭ يازمىلىرىم ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
95 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
195

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى 21:14:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويلاپ باقسام بۇ مۇنبەرگە كىرىپ ئەتىسىدىن باشلاپ < كۆڭۈل خۇشلۇقى بىلەن كۆڭۈلدىكى سۆز > سەھىپىسىگە باشقۇرغۇچى بوپتىمەن..ناخشا-مۇزىكىنى ئانچە-مۇنچە يوللاپ تۇرغان بولساممۇ،بىرە يازما يوللاپ باقماپتىمەن..بۈگۈن ئولتۇرۇپ بۇرۇنقى يازمىللىرىمنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم..ھەقىقەتەنمۇ مەن يازغان ئىكەنمەن..مەيلى راست ۋەقە ياكى ئويدۇرما ، خىيالى دۇنيا بولسۇن ، كۆزۈمنىڭ ئاغرىشىغا قارىماي ، قولۇمنىڭ تېلىشىغا قارىماي بىردىن-بىردىن يېزىپ تۈگەتكەن شۇ يازمىللىرىمنى بۇ مۇنبەرگە توپلام قىلىپ يوللاش نىيىتىگە كەلدىم...
مۇنبەرلەردىن چىقىپ قالدىممۇ ياكى ۋاقتىم چىقمايۋاتامدۇ بىلمىدىم.لېكىن چوقۇم يەنە ياخشى يازمىلارنى يوللايمەن..
تۆۋەندە سىلەرگە بۇرۇنقى ئەسەرلىرىمدىن نەچچىنى مۇشۇ تېمىغا قالدۇرماقچى..ھەممىنى تاپالمىغان بولساممۇ كۆپ ئاز قىسمىنى قالدۇردۇم ، توردىكى ئەزالار باشقىچە ئويلىماي يېزىلغان ئەسەر توغۇرلۇق پىكىر قىلساڭلار بولىدۇ ...

* * * * *

ئۇ مېنىڭ ، سىزنىڭ ، ھەممىمىزنىڭ ئانسى ..




بىز ھەممىمىز،نەچچە مىڭلىغان ئۇرۇقلارنىڭ ئارىسىدىن تاساددىبى ئۇچرىشىپ قالغان ئىككى ئۇرۇقلار ئارىسىدىنلا بۇ دۇنياغا تۆرىلىمىز-ئەلۋەتتە.
ئانا بولغۇچى نەچچە ئاي قورساق كۆتۈرۈپ،قىلغان ھەر-بىر ئىش ھەركىتى،ئىستىمال قىلغان ھەر-بىر يىمەكلىكىنى قاتتىق ئېھتىيات بىلەن قىلىش يولىدا،بىزنى ساغلام،ھەممە جەھەتتىن ئاۋايلاپ تۇغۇشقا تىرىشىدۇ.گەرچە مەن بىرە ئايالنىڭ تۇغۇت بۆلىمىدىكى ئەشۇ قاتتىق ئېڭراشلىرى،تولغاق ئازابى بىلەن دۇنياغا كۆز ئاچماقچى بولغان يۈرىكىنىڭ بىر پارىسىنى قانچىلىغان كۈچلىرى بىلەن دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغانلىق نەق مەيداننى كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ.تۇغۇلۇپ ھازىرغىچە بولغان ئارلىقتىكى ئانامنىڭ مېنى قانچە-مىڭلىغان تەربىيە،ئەركىلىتىشى،ماڭا بولغان كۆيۈمچانلىقى ۋە مېھرىبانلىقىدىن ھېس قىلالماي تۇرالمايمەن !
« ئانا » دىگەن بۇ سۆز تولىمۇ ئۇلۇغدۇر. كونىلارنىڭ « ئاياللار بىر قولىدا بۆشۈكنى،بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ » دىگەن سۆزى ھازىرنىڭ ئۆزىدە خىيالىمدىن كەچمەكتە.مەيلى ئۇ كوچىدىكى بۇزۇق ئايال بولسۇن،ياكى لاياقەتلىك بىر ئايال ۋە ئانا بولسۇن،ئۇ ھامىنى پەرزەنتلىك بولۇپ،ئۆز پەرزەنتى ئۈچۈن كۆپلىگەن قان-تەرلىرىنى سىڭدۈرىدۇ ..
خۇددى قاغىمۇ ئۆزىنىڭ بالىسىنى قارا دىمەي ئاق دىگەندەك.ھەرقانداق بىر ئانا ئۆزىنىڭ بالىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ،ھەرقانداق مۇشكۇلاتلاردىن ساقلاشقا تىرىشىدۇ.بەزىبىر ئانىلار پەرزەنتىگە بولغان كۆيۈمچانلىقىنى ھەددىدىن - زىيادە ئاشۇرۋىتىپ،پەرزەنتىنىڭ خاتا بولغان بەزىبىر قىلمىشلىرىغا يول قويىشىمۇ تۇرغانلا گەپ.شۇنچە جاپا مۇشەققەتتە ئۆزىنىڭ پەرزەنتى ئۈچۈن ھاردىم-تالدىم دىمەي پۈتۈن زېھنىنى پەرزەنتىگە بەرگەن ئەشۇ ئانىلىرىمىز،ھېلىھەممۇ كىشىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇنلىغان ئسسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە.
ئۆز پەرزەتىنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ،تولا يىغلاپ نېرۋىسى ئاجىزلاپ كېتىپ بارغان،كۆزلىرىدىن ياشلار توختىماس بوپ قالغان،ئېغىرراقلىرىنىڭ بالا ئازابىغا چىدىماي بۇ دۇنيادىن خوشلىشىۋاتقان خەۋەرلىرىنى تور دۇنياسىدىمۇ ئۇچراتماق ئانچە-تەست ئەمەس !
« ئابدۇقادىر جالالىدىن » ئەپەندىنىڭ ( بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك ) ناملىق ئەسىرى كۆپلىگەن تورداشلارغا تونۇشلۇق بولىشى مۇمكىن ..
شۇ ئەسەردىكى ئاز قىسىم يېرىنى ئۈشبۇ تېمىغا يېزىپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم :


«ئانا» دېگەن ئۇقۇمنىڭ مەنە قاتلىمى مۇنداق بولسا كېرەك: ئانا - ھاياتنىڭ كېيىنكى ھالقىلىرىنى تۇغقۇچى. بۇ جەھەتتە «ئانا» ئۇقۇمى بارچە شەيئىگە ئورتاق بولۇپ، بىر تۈپ ياۋا ئوتمۇ ئانا، ئۇمۇ ئۆز ۋۇجۇدىدا ئۆزىنىڭ كېيىنكى نەسلىنى يېتىلدۈرىدۇ. مېكيانمۇ ئانا، ئۇمۇ چۈجىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، تاپقان-تەرگەنلىرىنى شۇلارغا بېرىدۇ. بىزدىمۇ «ئانا» ئۇقۇمىنى پەقەت «تۇغۇپ قويغۇچىدىنلا ئىبارەت» دەپ چۈشىنىدىغانلار تالاي. بۇنى بىز بىئولوگىيىلىك ئانىلىق، دەپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ. ۋەھالەنكى، ئىنسان بۇنداق ئانىلىق بىلەن «ئىنسان» بولۇش شەرىپىنى ئۆتىيەلمەيدۇ. «ئانا» يەنە مېھىر-مۇھەببەت تۇپرىقى ياكى ئۈن-تىنسىز بەدەل، بۇ يەنىلا ھەممە مىللەتتە ئورتاق. ئەگەر تەڭرى ئىنسانلارغا «مېھىر»دىن ئىبارەت بۇ گۈزەل تەبىئەتنى بەرمىگەن بولسا، ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ تۈگىمەس جەبىر-جاپاسى تۈپەيلى ئۇلارنى تۇنجۇقتۇرۇۋەتكەن بولاتتى. ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرى ئالدىدا دەل مۇھەببەت تۈپەيلى ئۆمۈرلۈك مالاي. مۇھەببەت بۇ خىل مالايلىققا شۇنداق قىممەت ئاتا قىلغانكى، ئانا دەل مۇھەببەت ئارقىلىق تۆلىگەن بەدەللىرىنى ئۇلۇغۋار مەنىگە ئېرىشتۈرەلىگەن. ئەگەر دۇنيادا ئانا مېھرىدىن ئىبارەت ئىپتىدائىي مۇھەببەت بولمىسا، دۇنيا قاباھەت بىلەن تولغان كۇھىقاپقا ئايلانغان بولاتتى، شۇنىڭدەك ئانا مېھرىدىن بەھرىمەن بولمىغان پەرزەنتمۇ باغرى تاش جىنايەت ماشىنىسىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.
يۇقىرىدىكى سۆزلەر تولىمۇ ئورۇنلۇق ئېيتىلغان.ھەممىمىز ئانا مېھرىگە مۇھتاج.ئانا مېھرىنى تېتىپ باقمىغان ھەر-بىر پەرزەنت ئۆزىنىڭ كېلەچىكىدە نۇرغۇنلىغان خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ قويىشى،تۇيۇق يوللاردىن قانداقتۇر تېگى يوق ھاڭ،چىقالماس پاتقاققا پېتىپ قېلىشى مۇمكىن.
ئانا توغۇرلۇق مەدھىيلەنگەن شېئىر-قوشاق،ناخشا-فىلىملەر تولىمۇ كۆپ.ئۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئېسىلىنىڭ-ئېسىلى بار.شۇ ناخشا-فىلىم،شېئىر-قوشاقلارنى يازغان كىشىلەر « ئانا » نىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى شۇلارنىڭ شۇنچە جاپاكەش ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن بولسىدى،دۇنيا مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان بولاتتى.
ئەشۇ شېئىرلار ئىچىدە « دەۋران » ئەپەندىنىڭ  ئانىغا مەدھىيلەپ يازغان مۇنۇ شېئىرى ماڭا خويمۇ ياقىدۇ .. ھوزۇرۇڭلاردا:


« ئانا قەسىدىسى »


ئانام زور بەخىتمىسەن ئىلاھىدىن ئۇلۇغ،
جاھاننى ئىزدىسەم، ئىزدىسەم تولۇق،
سېنىڭدەك كۆيۈمچان ئىنسان بارمىدۇ،
سېنىڭدەك ئانىلار يەنە بارمىدۇ؟!

شۇنچە كەڭ-بىپايان كائىنات  ئارا،
پەقەت سەن، پەقەت سەن شادلىقىم ئانا.
كۈلگەچكە ئارمىنىم ئەجرىڭدىن مانا،
سەن ئۈچۈن قەسىدە يازىمەن شۇڭا،

جاھاننى ئىزدىسەم، ئىزدىسەم ئانا،
سېنىڭدەك پاسىبان بارمىدۇ يانا.
سەن مېنى قاتارغا قوشتۇڭ چوڭ قىلىپ،
تەڭرىمۇ بەختىمنى قويدى ئوڭ قىلىپ.

بىلمەيمەن نەدە ئۇ ئىلاھ دېگەنلەر،
ياشايمەن سېنىلا ئىلاھىم بىلىپ.
جاھاننى ئىزدىسەم، ئىزدىسەم ئانا،
سېنىڭدەك مېھرىبان چىقارمۇ يانا.

جان ئانا،  سەن شۇنچە بولغاچ مۇلايىم،
ئاتىدىم شۇڭىمۇ سېنى ئىلاھىم.
كەچۈرگىن، بىلمەستىن گۈدەكلىكىمدە،
بار بولسا ئالدىڭدا قىلغان گۇناھىم.

مېنىڭسىز ئۆتمەيدۇ گېلىڭدىن گىياھ،
جاھاننى ئىزدىسەم، ئىزدىسەم يانا،
سېنىڭدەك كۆيۈمچان ئانا بارمىدۇ،
سېنىڭدەك جان كۆيەر يانا بارمىدۇ.

مەن ئۈچۈن ئالەمچە چەكسەڭمۇ جاپا،
زەررىچە قىلماستىن تەنەيۇ-تاپا.
قەلبىمگە چېھرىڭدىن چېچېپ نۇر-زىيا،
ئۆستۈردىڭ سەن مېنى بولۇپ باشپانا.

ھاتەمدەك مېھرىبان، سېخى ئەي ئانا،
قەلبىڭدە يانىدۇ ئاتەش، ئوت- لاۋا.
تاپغاچ مەن مېھرىڭدىن دەردىمگە داۋا،
سەن مېنىڭ مۇقەددەس ئىلاھىم شۇڭا.

ماگىللان كەزگەندەك ئالەمنى گويا،
ئىزدىسەم تائابەت جاھاننى يانا،
سېنىڭدەك  غەمگۈزار ئىنسان بارمىدۇ،
سەن كەبى  ئانىلار يانا بارمىدۇ.

ئويلايلى دوستلىرىم، ئويلايلى راسا،
پەرزەنتلىك بۇرچىمىز بولدىمۇ ئادا!؟
ئويلايلى دىل پارى- پەرزەنتى ئۈچۈن،
ئانىدەك باش پانا، يانا بارمىدۇ،

ماگللان كەزگەندەك ئالەمنى گويا،
ئىزدىسەم بىر ئۆمۈر جاھاننى يانا.
ئانامدەك كۆيۈمچان ئانا بارمىدۇ،
ئانىدەك چىن ئىنسان يانا بارمىدۇ؟!


بۈگۈنكى كۈنلۈككە كەلگەندە،ھەممىمىزنىڭ يۈرەك-پارىنى تىترەتكەن،ئەلمىساقتىن بىزنىڭ مىللىتىمىزدە بولۇپ باقمىغان « ئانىنى خورلىغان ئايال » ناملىق بىر كۆرۈنۈش،يېقىندىلا تۇرپان شەھىرىدە يۈز-بەردى. ( فىلىمىنى كۆرگەن بالىلار كۆپ ھەقاچان شۇڭا يوللىمىدىم ) ..
شۇمۇ بىر « ئانا » غۇ.ئۆزىنىڭ ئايال كىشى ھەم بىر « ئانا » ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇغان شۇ ئالۋاستى قانۇن تەرىپىدىن 2 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئاسانلا قۇتۇلۇپ قالدى.
ئەگەردە بىزنىڭ قانۇنىمىز بويىچە جازا كۆرگەن بولساق،خەلق چوقۇم چالما كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۋەتكەن بولاتتى.ئۇنداق ئىشلارنىڭ بۇنۇڭدىن كىيىن، ياق-ياق مەڭگۈ بىزنىڭ ئارىمىزدا يۈز بەرمەسلىكىنى ھەممىمىز ئۈمۈت قىلىمىز ...

ئاۋال ئۆزىمىزدىن باشلايلى :

ئاپتوبۇسلاردا نۇرغۇنلىغان ياشقا چوڭ ئانىلارنى كۆرىمىز ئورۇن بوشۇتۇپ بېرىلى. ( ئۇ مېنىڭ ، سىزنىڭ ، ھەممىمىزنىڭ ئانسى )
كوچىلاردا تېڭىرقاپ يۈرگەن ئانىلارنى كۆرىمىز،ئۇلاردىن نىمە سەۋەپلىكىنى سورايلى.( ئۇ مېنىڭ ، سىزنىڭ ، ھەممىمىزنىڭ ئانسى )
يولدىن ئۆتەلمەيۋاتقان ھاسسىلىق ياكى ئاجىزە ئانىلارنى كۆرىمىز،ئۇلارغا ياردەم قىلىلى.( ئۇ مېنىڭ ، سىزنىڭ ، ھەممىمىزنىڭ ئانسى )
كوچا-كويلاردا تۇرمۇش ئۈچۈن تىرىشىپ-تىرمىشىپ جاپالىق تىجارەتلەرنى قىلىۋاتقان ئانىلارنى كۆرىمىز،باشقىلاردىن ئالغاندىن شۇلاردىن ئالىلى.( ئۇ مېنىڭ ، سىزنىڭ ، ھەممىمىزنىڭ ئانسى )
يەنە نۇرغۇن - نۇرغۇن مىساللار بار .. ھەممىنى ئۆزىمىدىن باشلايلى.( ئۇ مېنىڭ ، سىزنىڭ ، ھەممىمىزنىڭ ئانسى )


* * * * *


رومانتىك ...



ئۇنۇڭ ئوتىدا كۆيۈپ-كۈل بولغان ۋاقىتلىرىم ..
شۇنچە گىرەلەشكەن،سۆيۈشكەن،ۋەدىلەشكەن مۇھەببىتىم.مانا بۈگۈنكى كۈنلۈكتە مېنى يىراق جايلارغا ئاپىرىپ،ھاۋا يەپ كېلىشىنى ئېيتتى.
ئەلۋەتتە ئۇنۇڭ تەلىپىنى رەت قىلغۇم كەلمىدى !
دەرىزىدىن قارىسام، سىرتتا قار توختىماي يېغىۋاتاتتى.ئۆزۈممۇ-زە،مۇشۇ قار-يامغۇر دىگەنگە سەلپەل ئامراق بالا بولمىسا...
شارپامنى يۆگەشتۈرۈپ،ئاستاغىنە ئاياقلىرىمنى كىيىشكە تەمشەلدىم.
قورو ئىچىدىن كوچىغا چىققىنىمدا،كوچا چىراغلىرى سۇس ھالدا يېنىپ،يېغىۋاتقان ئاپئاق قارنى تاس قالغاندەك زادى سېرىق رەڭگە ئەكەپ قويغىلى.لېكىن-زە ئاجايىپ گۈزەل جۇمۇ.بەلكىم مەندىن باشقا ئوغۇللار بۇنداق مەنزىرىدىن تولۇق راھەتلىنەلمەيدۇ.
مەندىكى رومانتىكلىق تۇيغۇسى بەكلا كۈچلۈك.ئۆزەم يالغۇز قالغان ۋاقىتلاردا نۇرغۇن شېرىن خىياللارنى قىلىۋىتىمەنكى .. ئەيھانناس ..
بەزىدە ئۆزۈمگە ئۆزۈم تۆۋەەە دىگىنىمچە كۈلۈپ كېتىمەن.
بۇنداق پەچەت مەنزىرىدە ئەلۋەتتە بىر تال تاماكا چەككۈم كەلدى.بىرئاز پىيادىمۇ ماڭغۇم كەلدى.بىراق مېنىڭ سۆيگۈنۈم ساقلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ.يەنىلا ئۇنۇڭ قېشىغا ئۇچتۇم.
ئۇنۇڭ قوروسى ئالدىغا بارغاندا قانداقتۇر يەنە بىر خىياللار كېلىپ،تېلىفۇن قىلغۇم كەلمىدى.ئەينى ۋاقىتلاردىكى مەخپى شېفىرلارنى ئىشلەتكۈم كېلىپ،بىناسى ئالدىدا كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قارىشىغا قارىماي « فىشت ، فىشت ، فىشت » قىلىپ ئىسقارتتىم.
ئاللا - ئاللا ...
ئۆزۈمنىڭ جېنى جۇمۇ سىز دىگىنىچە دەرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ شۇنداق يېقىملىق كۈلدى.مەنمۇ ھەم چاقچاق قىلىپ. « جانىم قوماندانىم ، توختاپ تۇرسىڭىز گىتتىرىمنى ئەكەپ ، ( سۇ پەرىسى ) دىگەن ناخشىغا چېلىپ،سىزنى 3 - قەۋەتلىكىگە قارىماي سەكرەپ چۈشكىدەك دەرىجىدە مەس قىلىۋىتەتتىم » دەپ قويدۇم ..
ھاززىر چۈشىمەن ھاجېم ، دىگىنىچە دەرىزىنى گوم تاقاپ غۇۋا سىماسى غايىپ بولدى ..
ساقلا-ساقلا 15 مىنۇتتا ئاران چۈشتى بۇ سۆيگۈنۈم...
ياۋۋۋ ئاللا ، سىز بىلەن كۆرۈشمەك خوتۇن ئالماقتىن تەس بوپ كەتتى جۇمۇ نىگار ..
\ ئۇنداق دىمىڭە جانىم ، مانا چۈشتىمغۇ.گەپنىڭ پوسكاللىسى بۈگۈن يىراق-يىراق يەرلەرگە ئاپىرىپ كېلىڭچۇ مېنى.ئۈرۈمچىدە ئانچە-يىراق يەر يوق.بەك بارغۇڭىز كەپكەتكەن بولسا.خۇڭيەنچىگە ئاپىرىپ كېلەي. ھاھاھا...
\ مەيلى كۆڭلىڭىز قاقار جانىم.سىز بىلەن بىللە بارىدىغانلا ئىش بولسا ،، بولدىلا ئاغزىمدىن سا چىكەتمىسۇن. ماڭدۇقمۇ ؟
ماڭدۇق ئەمسە.چىڭ تۇتۇڭ .. يىقىلىپ كەتسىڭىز خۇڭيەنچى ئەمەس دوختۇرخانىغا بارىمىز ..
----------
----------
----------
سىز مېنىڭ دىسە ، مەن سىزنىڭ دىيىشكەن بىلەن مېڭىپ،خا خا-شى شى شاڭخو پاراڭ دىگەننى راسا قىلىپ،خۇڭيەنچى ئەتراپىغىمۇ كەپ قاپتۇق.تۇيۇقسىز نىم بولدىكىن ماروژنى يىگۈسى كەپ قالغىنىنى ئېيتىپ سالدى.( 冰吉林 ) ..
توۋا مۇشۇ قىزلارنىڭ سوغۇقنى - سوغۇق دىمەي ، شۇنداق سوغۇق نەرسىلەرنى ، كاتاراس - كۇتۇرۇس قىلىپ يەپ كېتىشلىرى مېنى بەكلا ھەيران قالدۇراتتى.
ئىزدەشكە باشلىدىم.ئۇ دۇنكانغا كىرىمەن ، بۇ دۇكانغا كىرىمەن ، سەل كەچ بولغاچقىمۇ كۆپىنچىسى تاقاق.بەزەنلىرىدە ئۇ ياقتۇرىدىغىنى يوق چىقىپ كەتتۇق.دەھشەت پىقىرۋەتتۇق ئىشقىپ...
شۇ ئەسنادا كاللامغا بىر ئىش كەلدى :
بىر چاغلاردا يەنە بىر دوستۇمنىڭمۇ شۇنداق كەچتە مارۇژنى يىگۈسى كەپ-قاپ ئۇنۇڭغىمۇ تېپىپ بېرىمەن دەپ خېلى كۆپ پىقارغان ئىدۇق.ئاقىۋەتتە تاپالىدۇق.شۇنداق پەيزى يەۋەتكەنتى ئۇمۇ قوشۇقى بىلەن ئالدىرماي-ئالدىرماي شوراپ دىگەندەك ..
ئاۋۇ دۇكانغا كىرىپ باقىلى دىگەن ئاۋاز بىلەن خىيالىم بۆلۈنۈپ كەتتى..
ماقۇ ، ماقۇ ،، جۈرۈڭ ..
ھە ، نىم بولسا باركەن ..ئالدۇقتە كۆلنىڭ يان تەرىپىدىكى جىمجىت يەرگە ئورۇنلاشتۇق ..
ئارىدا ئىككىمىز بىر مەھەل جىمجىتلىشىپ كەتتۇق.بىر ئازدىن كىيىن ئۇ سۆز باشلىدى :
\ جانىم .. سىز دۇنيادا ئەڭ قايغۇرىدىغان ئىش نىمۇ ؟
سىز بىلەن تونۇشۇپ قالغانلىق ..
\ ما ئەسكىنى.مەندىن جاق تويغان ئوخشىمامسىز ؟
تويمامتىم ئەمسە.بۇنداق كەچتە ھەم لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قاردا مېنى تېشىغا ئەچىقسىز. ( چىرايىمنى پەقەتلا ئۆزگەرتمىگەن ھالدا دەۋەتتىم )
\ ياۋ ئاللا ،،  ( كەچ ) دەيدىغان ۋاقىتلىرى بولىدىكەن - ھە .. مەن بىلەن ئارانبىر كەچە كۆرۈشۈپ قويسىڭىز نىم بوپتىكەن ؟
بىر نەرسە بولمايدۇ.سىز بىلەنلا كۆرۈشىدىغان ئىش بولسا ، تەڭ-كېچە بولسىمۇ مەيلى.چاقچاق قىپ قويدۇم دەپ كۈلۈپ سالدىم ..
\ سىزدىن سوئال سوراي ، ماڭا سەمىمى جاۋاپلارنى بەرسىڭىز بولامدۇ ؟
سوراڭ ، قولۇمدىن كېلىشىچە راست گەپ قىلىشقا تىرىشىمەن . ھا ھا ھا
\ يەنە چاقچاققا ئايلاندۇرۇپ .. مەن ماڭا لازىم بولغان،مەن تىڭشاشنى خالايدىغان جاۋاپلارنى سورىماقچى جانىم.چاقچاققا ئايلاندۇرۋالمىسىڭىز.مۇنداقمىتى-يە .. بولىدۇ ! ئاللاھ گۇۋاھ ... سوراڭ ...
\ سىز مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىسىز ؟50% ياخشى كۆرىمەن سىزنى ..
\ مەن چاقچاق ئارلاشتۇرۋالماڭ دىدىمغۇ جانىم ؟
مەن چاقچاق ئارلاشتۇرۋالمىدىم.راست گەپنى قىلدىم.ياخشى كۆرۈشنىڭ ھەممىسىنى سىزگە ئاتىۋەتسەم.ئاتا-ئانامنى،ئۆيدىكى قېرىنداشلىرىمنى،ئۇرۇق-تۇققان دوست-يارەنلىرىمنى قانداق ياخشى كۆرىمەن.
ئۇ بۇ جاۋابىمدىن شۇنداق مەمنۇن بولدى بولغاي.مەڭزىمگە نەچچىنى سۆيىۋەتتى !
\ بولدى ئەمدى سوئال سورىمايمەن.دىگىنىچە ئورنىدىن دەس-تۇرۇپ . ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ :
\ ماڭا ھازىرنىڭ ئۆزىدە توي تەكلىپى قويىڭە جانىم.بىز توي قىلايلى ، مېنى ئەمرىڭىزگە ئېلىڭ .. مەن سىزنى سۆيىمەن.ئۇنۇڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ ئاغزىمدا شوراۋاتقان تاماكامنى چىقارغىم كەلمەي،نەچچىنى ئارتۇق شورىۋەتتىم ..
توۋا ئادەم دىگەندە ھېسيات ئاجايىپ بولىدىكەن.مەن ئۇنى شۇنچە سۆيىمەن،ئۇمۇ ھەم سۆيىدۇ.يەنە بىر-بىرىمىزگە قانمىغان ھالدا توي قىلىپ بىر ئۆيگە كىرگۈمىز كېلىدىكەن.كىشىلىك دۇنيادا ئادەمنىڭ يولۇقمايدىغان،ئۇچراتمايدىغان ئىنسان،تۇرمۇش،ئىشلار بولمايدىكەن.
مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈنلا،ئۇنۇڭ بىلەن بىرلىكتە بولىۋاتىمەن.ئەلۋەتتە ئۇنى سۆيمىگەن،قەدىرلىمىگەن بولسام،بۇنداق ۋاقىتتا ئۇنۇڭ بىلەن بىرگە بولۇپ ۋاقتىمنى بىھۇدە ئىسراپ قىلمىغان بولاتتىم...
توغرا مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن.بۇرۇنمۇ ھەم كىيىنمۇ مۇشۇنداق ياخشى كۆرىشىم كېرەك.دىگىنىمچە ئورنىمدىن تۇرۇپ،ئاچقۇچ ئاسقۇچۇمدىكى بىر تال « يۈرەك » نى ئۇنۇڭغا بېرىپ.قولىنى مەھكەم تۇتۇپ.مەن سىزنى سۆيىمەن قىزچاق ماڭا ياتلىق بولۇڭ دىۋىدىم..
جاھاندىكى ئەڭ ئوماق،ئەڭ تاتلىق،ئەڭ ياڭراق يىغا ئاۋازى ماڭا ئاڭلاندى ...



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   7YIGIT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى 17:49  


باغرىڭغا باش قويغاننىڭ ھەممىسىنى مېنى سۆيىدۇ دىمە.پاشىمۇ ئاۋال قونۇپ ئاندىن قېنىڭنى شورايدۇ ئەمەسمۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
95 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
195

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى 21:23:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

<> سۇلتان ساڭا ئۆچ بولدۇم <>


دادىسى: قاراڭ سۇلتان كېلىۋاتىدۇ.
ئاپىسى: ۋاي قېنى؟   
ئاپپاق بالام،جېنىم بالام يۈرىكىم بالام، ساق-سالامەت چىقتىڭمۇ ؟
ئەكەل قولۇڭدىكى نەرسىلەرنى مەن كۆتىرىۋالاي،ھېرىپ كەتكەنسەن ، ئالدىڭغا بارالمىدۇق بالام ، ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىڭ ياخشى بولدى. جۈر ئۆيگە كىرىپ كېتەيلى !
ئالە ئىسسىق چايدىن نەچچە يۇتۇم ئىشكەچ تۇرغىن، سەن ئامراق گۆشنان سېلىپ بېرەي، داداڭ بىلەن پاراڭلاشقاچ تۇرغىن.
سۇلتان: بولدى ئاپا ئاۋارە بولمامەن سىرتقا چىقىمەن.
ئاپىسى: نىمە؟ بالام نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا تۇرۇپ ئاز جاپا چەكمىدىڭ، سېنى كۆرۈپ شۇنداق خۇشال بولغان ئىدۇق، ئەمدى ئۆيگە كېلەر كەلمەيلا يەنە سىرتقا چىقىمەن دەيسەنغۇ. داداڭنىڭ چىرايىغا قاراپ باققىنە، ھارغىنلىق، يالغۇزلۇق، مىسكىنلىك تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ، دوست-دۈشمەنلەرنىڭ ئالدىدا بولسىمۇ بىزنى ئويلاپ قويمىساڭمۇ ئۆزۈڭنىڭ جېنىغا ئىچىڭ ئاغرىسۇن. ئۇنداق قىلما بۈگۈنگىچە ئۆيدە بىز بىلەن چىرايلىق ئولتۇرۇپ تاماق يىگەش مۇڭداش بولىلى، تېشىغا ئەتىلەتتىن چىقساڭمۇ بولىدۇ. يەنە شۇ سەن تۇغۇلغان، بۇزۇلغان، ئۈرۈمچى يوقاپ كەتمەيدۇ بولامدۇ ئاپپاق بالام !
سۇلتان : ئاپا ، ماقۇل دىسەڭچۇ، مەن مۇشۇ ئۆينىڭ ئادىمى بولغاندىكىن قاچانلا مۇڭداشساق بولىدۇ، ئەل-ئاغىنىلىرىم بىلەن كۆرىشىۋالاي، ئۇلار بىلەن سالاملاشقاچ، قول كۆرىشىۋالاي ، كەچتە يەنە كېلىمەن ئەمەسمۇ.
ئاپىسى : يەنە ئاغىنەم دەيسەنغۇ بالام. ھېلىمۇ ئاغىنە دەپ كۆرمىگەن كۈننى كۆردىڭ، ئاشۇ نىجىس ( ئاق تاماكا ) دىگەن نەرسىنىمۇ شۇ ئاغىنىلىرىڭ بىلەن چەكتىڭ، ئۇنداق قىلما، بىزگە ئىچىڭ ئاغرىسۇن، داداڭ بولغان ئادەم ئۆزىمۇ بۇرۇن لۈكچەك بولغاچقا ساڭىمۇ ئارتۇق تۆشۈك گەپ قىلمايدۇ، ھەر قانچە بولسىمۇ ئەمدى ئۆزۈڭنى توختۇتۇپ ئۆيلىنىدىغان ۋاقتىڭ كېلىپ قالدى. بىزنى ئۇنداق ئەنسىرىتىپ يۈرسەڭ قاچانغىچە سېنىڭ كەينىڭدە يۈرىمىز، سەنمۇ چوڭ بوپ قالغان ئادەم.
دادىسى : بولدى سۆزلەۋەرمەڭ، تېشىغا چىقسا چىقسۇن، ئايلىنىپ ھاۋا يەپ كىرسۇن، تۈرمىدە تۇرۇپ جەمئىيەتنىمۇ سېغىنىپ قالدى. يېنىڭدا پۇلۇڭ بارمۇ ؟ مە ئالە ماۋۇ، 300 يۈەئەننى يېنىڭغا سېلىپ قوي. ئاغىنىلىرىڭنىڭ ئالدىدا چېنىپ قالمىغىن.
ئاپىسى: نىمانداق قىلىلا، سۇلتان يالغۇز مېنىڭ بالاممۇ، مەن بۇ يەردە ئۇنىڭغا ئادەم بولۇش توغۇرلۇق گەپلەرنى قىلىۋاتسام، سىز ئۇنى تالاغا چىق، مانىڭغا ( ئاق تاماكا ) ئېلىپ چەك دىگەندەكلا پۇل بېرىۋاتىسىزغۇ، نىمە قىلغىنىڭىز بۇ، دادا بولغان ئادەم ئوغلىنى لۈكچەك چوڭ بولدى دەپ شۇنداقمۇ قويىۋەتكەن بولامدۇ، ھازىرقى ۋەزىيەتتە شۇنچىلىك چىڭ تۇرسا،يەنە تېشىغا چىقىپ چېكىۋالسا بېشىڭىزنى تاشقا ئۇرغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ.
دادىسى: نىمانداق قايناۋىرىسەن ئاپىسى، بولدى قىل، سېنىڭ بۇنداق ۋايساشلىرىڭ ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى ھازىر، بۇنداق تالاش-تارتىش قىلساق پايدىسى يوق، ئۆزى بىر كاللىسى بار ئادەم بولغاندىكىن ئويلىنىپ ئىش قىلار ئەمدى.
ئوبدان ئاڭلا ئاپاڭ كەچتە تاماق ئېتىپ ساقلاپ تۇرىدۇ، بالدۇرراق قايتىپ كىرگىن ئۆيگە، سېنى ساقلايمىز.
سۇلتان: خوش ئاپا، خوش دادا، كەچتە كۆرىشىلى !

ئاپتور: [ يەنى مەن يازغۇچى ]
سۇلتان، تېشىغا چىقىپ ئەتراپقا شۇنداق بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن، جەمئىيەتنىڭ شۇنداق ساپ ھاۋاسىنى تويماي، تويماي نەچچە رەت سۈمۈرۋەتتى. كەينىدىن ئاستاغىنە يانچۇقىدىن تاماكىسىنى چىقىرىپ تۇتاشتۇرۇپ نەچچىنى شورىدى دە، ئابايقى ئۆيدىكى بولغان گەپلەرنى يەنە ئويلىدى.
ئۆز-ئۆزىگە بىر نەرسىلەرنى دىگەن پېتى، دۇكانغا كىرىپ، دۇكاندارغا ، ( شىنجاڭ پىۋىسى ) دىن ئىككىنى ئېلىپ بېرىشنى دىدى. شۇ دۇكاندا ئولتۇرۇپ، بىر كۆتۈرگىنىچە تىنماي، ئىككى پوتۇلكا پىۋىنى ئىچىۋەتتى.
يېقىن بىر ئاغىنىسىگە تېلىفۇن قىلىش كاللىسىغا كېلىپ تىلىفۇن تۇرۇپكىسىنى قولىغا ئالدى؛
ۋەي --
ئۆمەرما ؟
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئاداش !
شۇنداق مەن سۇلتان، قانداق ياخشى تۇردىڭمۇ ؟
مەنمۇ ياخشى ئاداش،ئاللاھقا شۈكىرى !
شۇنداق، بۈگۈن چىقىشىم.
ساق-سالامەت چىقتىم ئاداش رەھمەت !
مەن...  ھازىر مەلىدە. سەنچۇ ؟
دەم ئالغانمىتىڭ، ئەمسە ياخشى بوپتىغۇ. نەدە كۆرىشىمىز ؟
بەخىت يولىدىكى ( 新疆第一盘 ) نىڭ ئالدىدىما ؟
بولىدۇ، مەن ھازىر ماڭدىم ئەمسە ، سەل تۇرۇپ كۆرىشىلى، خوش .
سۇلتان يەنە ئۆيىگە تىلىفۇن قىلىشنىمۇ ئۇنۇتمىدى.
سۇلتان : ئاپامما، مەن مەن ، تاماقنى ماڭا ئەپ قويماڭلار بولدى . ئاغىنىلىرىم بىلەن تاماق يەيدىغان بولدۇق، كەشتە كەشتىرەك كىرىشىم مۇمكىن مەندىن ئەنسىرمەڭلار !
تىلىفۇننى قويۇپلا ئاغىنىسى بىلەن دىيىشكەن جايغا قاراپ ماڭدى.
ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ:
سۇلتان: ئاداش، بۈگۈن چىقتىم ئىچىم سەل سىقىلىپ قالدى، بىرەنى تېپىپ بەرگىن، مەن ئۆزۈم ئالسام بۈگۈن چىققان ئادەم تازا قاملاشمىغۇدەك، شۇڭا ساڭا تىلفۇن قىلغانتىم.
ئۆمەر: [ ئاغىنىسى ]   جىنىم دوستۇم، بولدى قىلساڭچۇ، بىر ئوبدان تاشلاپ چىقتىڭ يەنە شۇ نەرسىگە بېرىلسەڭ ئويلاپ باققىن، سەن ئۆيدە بىر ئوغۇل كەينىڭدە سىڭلىڭ بار، بۇ قېتىم يەنە بىرەر كېلىشمەسلىك بولسا، ئاتا-ئاناڭ قانداق بوپ كېتەر .
سۇلتان: ئاداش، بۇنداق پەتىۋا گەپلەرنى ھازىر ئاڭلىسام، قۇلاققا كىرمەيدىغىنىنى ئۆزەڭمۇ بىلىسەن، ياخشىسى بۇنداق گەپلەرنى دىيىشمىسەك، ئاتا-ئانامنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان بولسام ئابايلا ئۆيدىن چىقمىغان بولاتتىم، ئۇلارنىڭ ئالدىدىمۇ بەك خىجىلمەن، بۈگۈن چىقىپ تۇرسام مېنى ئەيىپلەشتە يوق، شۇنداق ياخشى كۈتۈۋالغانتى، ئۆيدە ئولتۇر دىسە ئۇنىماي تالاغا چىقىمەن دەپ بىر مۇنچە خاپىچىلىق بولۇپ يەنە چىقتىم.
ئۆمەر: مانا، مانا، قايسى بىر ئاتا-ئانا ئۆزىنىڭ پەرزەنتىگە كۆيۈنمەيدۇ، ئەسلى قائىدە بويىچە بۈگۈن چىققاندىكىن ئاپاش-داداشلارنىڭ قېشىدا تۇرۇپ ئەتىگىچە چىقساڭمۇ بولاتتى، بىز ئاغىنەڭ چېغىمىزدا شۇ يەردە ياتقان ۋاقتىڭدا يوقلاپ چىقالمىدۇق، ئاتا-ئاناڭ ھەر ھەپتىسى شۇ يەرگە چىقىپ تۇردى،شۇنى بولسىمۇ ئويلىغىن، مەن ئاغىنەڭ بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنداق دەيمەن،ئەل-ئاغىنە دىگەنمۇ تايىللىق، بىز تىخى توي قىلمىغان شۇنىڭغا ئاز-تولا بولسىمۇ مۇشۇنداق ئىزدىشىپ تۇرۇۋاتىمىز، كىيىنچە قانداق بولىدۇ تىخى !
سۇلتان: ئوخخو...        بولدى قىلە ئاداش، جۈرە تىلفۇن قىلە كىمدىن ئالىمىز، بۈگۈنلام قىلىمەن كىيىن ھەرگىز قىلمايمەن.
ئۆمەر:  شۇ بىر قېتىم دەپلام پېتىپ كېتىدىغىنىڭنى بىلىسەن ئاداش، سەن بىلەن كۆرۈشۈپ قاپتىمەن، كەتسەم خاپا بولىسەن، بوپتۇ بۈگۈن چىقتىڭ، مۇشۇ نەرسىنىڭ دەردىدە نۇرغۇن قېتىم يېتىۋەتتىڭ، بۈگۈن مەن تېپىپ بېرەي، كىيىن ماڭا يەنە دىسەڭ چىرايىڭغا تۈكۈرۈپ قويىمەن.
سۇلتان: بولىدۇ، بولىدۇ ئاداش، يۈر !
ئاپىسى: ۋاي بالام، ۋاي بالام.... نەلەردە تېڭىرقاپ يۈرىدىغانسەن.
دادىسى: بولدى، قىلىڭلار ئاپىسى، ھېشنىم بولماس، ئەكىلە تامىقىڭنى بىز يەۋىرەيلى، بۇ بالىنى ئۆزۈڭ بىلىسەن، ئەتتىگەندە بىر چاي ئىشسە ئىشتى، بولمىسا بىركۈن بىركۈن تاماق يىمەي يۈرىدۇ، ھەي ، ( ياماننىڭ ئوتى يامان ) دەپ بۇ بالىغا ئىككىلىمىز ئامراق، كىچىكىدىن شۇنداق ئارزۇلاپ،باققاندىكىن ئەمدى چىداپ باقايلى، بولدى قايغۇرما.
ئاپىسى: ئاللاھ ئىگەم ئۆزىڭىز بار، شۇ پەرزەنتىمنىڭ بارلىق گۇناھلىرىنى كەچۈرگەيسىز، بىلىپ-بىلمەي ئالدىڭىزدا قىلغان گۇناھلىرىدىن مەخپىرەت قىلغايسىز، جىنىم بالام،كۆڭلىڭگە ئىنساڭ بېرەر.
دادىسى: بولدى بولدى، مەنمۇ ئۇنىڭدىن ئەنسىرمەي دىسەممۇ يەنىلا شۇ ، شوخ چوڭ بولغانلىقىدىن مەنمۇ جىق گەپ قىلمايمەن،چوڭ بوپ قالغاندا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى، بىز ھەرقانچە گەپ قىلساقمۇ ئاڭلىمايدۇ، سەن داھىم مېنى گەپ قىلمايسىز،يامان ئۆگىتىپ قويدىڭىز دەيسىز، ئەجىبا مەن شۇنچىلىك ئەخمەقمەنمىدۇر،مېنى شۇنچىلىك كارى يوق كۆرەمسەن، ئۇنتۇپ قالما، ئۇ مېنىڭ پۇشتۇمدىن بولغان،ئۇنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقىنى باشقىسىنىڭ ئەمەس،مېنىڭ قېنىم، مەن ئەلۋەتتە ئەنسىرەيمەن،ئاغزىمدا ئۇنداق بۇنداق دىگەن بىلەن،يۈرىكىم داۋاملىق ئېچىشىدۇ،كەش-كەش ئۆيگە كىرمەي قالسا،شۇ كېچىلىك ئۇيقۇ ماڭا ھارام بولغۇسى. مەن ئەنسىرەيمەن، ئوغلۇمدىن ئەنسىرەيمەن.
قاچانمۇ ئۇ كېلىپ مېنى چىڭ قۇچاقلاپ، دادا دەركىن دەپ شۇنچىلىك تەقەززا بولىمەن، مەنمۇ ئۇنى ( ئوغلۇم ) دەپ باغرىمغا چىڭ باسسام دەيمەن.

ئاپتور:
ئۆي ئىچى جىمجىتلىققا ئايلاندى. دادىسى بولغان پەرىشان 50 ياشلارنىڭ چامىسىنى ئالغان، ئەركەك ، ئۈن-تىنسىز ھالدا تاماكىسىنى ئۇلاپ-ئۇلاپ شوراپ كۆزىنى بىر نۇقتىغا تىككەن ھالدا ئولتۇراتتى.

ئاپىسى بولغان بىچارە بايقۇش ئايال كۆزلىرى نەمدەلگەن ھالدا ئوغلى ئۈچۈن ئاللاھتىن نىمىنىدۇر ، تىلەۋاتاتتى !
   ئىچكىركى ئۆينىڭ ئىشىك يوچىقىدىن،ئاباينىڭ ياقى بولغان ئەھۋاللارنى كۆرۈپ تۇرغان سۇلتاننىڭ سىڭلىسى ( دىلنۇر ) كۆڭلى سۇلتاندىن قاتتىق ئاغرىنغان ھالدا،ئاتا-ئانىسىنىڭ نالە قىلىشلىرىغا قاراپ ، كەينىگە بۇرۇلۇپ دەرىزە تۈۋىگە بېرىپ،بارلىق ئاۋازى بىلەن توۋلىدى... سۇلتان ساڭا ئۆچ بولدۇم .....

تامام !


<> سۇلتان قايتىپ كەل <> ...


ئاپتور:
-ياخشىمۇسىزلەر !
ھەر قانداق بىر ئائىلە،شۇنداقلا ھەر-بىر كىشىنىڭ باشقىلارغا بىلدۈرۈشنى خالىمايدىغان بىر مەخپىيەتلىكى بولىدۇ.بۇنى ھەر قايسىڭلار چۈشىنىسىلەر. بەلكىم سىلەرنىڭمۇ شۇنداق مەخپىيەتلىكىڭلار بولىشى مۇمكىن؛
مېنىڭ ھازىر سىلەرگە دەپ بەرمەكچى بولغان ۋەقەلىكىم بولسا، دەل جانابى (سۇلتان) نىڭ مۇشۇ ئۆمرىدىكى بىردىنبىر ئۇنى قەدىرلەپ سۆيگەن بىر قىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان نالىسى،ھەم شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا يازغان ئاخىرقى بىر پارچە خېتى دىسەكمۇ بولىدۇ . مەرھەمەت ھوزۇرۇڭلاردا !
----------------------------------------------------------------------------------------------
سوفىيە :
-باغرىم سۇلتانغا !
سىزنى ئۆمرىمنىڭ ئاخىرىغىچە سۆيۈشكە مەن رازى، پەقەت سىز مېنىڭ قېشىمغا قايتىپ كەلسىڭىزلام،مەن سىز ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشلارغا بەرداشلىق بېرىشنى ھەم قۇربان بېرىشنى خالايمەن !
- سۈرىتىڭىز كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ، سىز كۆز ئالدىمدا تۇرۇپمۇ يەنە نىمىشقا سىزنى سېغىنىدىغاندىمەن. بەلكىم ناخشىنى سېغىنغاندىمەن، قايسى ناخشا ئۇنتۇلۇپ قالمىغانسىز، سىز داھىم ماڭا گىتتار بىلەن ئورۇنلاپ بېرىدىغان ناخشىڭىزنى دەيمەن ؛
- مەن ئاڭلاپ يېتىپ كەلدىم،
مەلەڭگە ئۇچۇپ ئوقتەك.
خەتمۇ يازمىدىڭ يايرىم،
قەغەز،قەلىمىڭ يوقتەك.


- خەت بىلەن سالام دەيدۇ،
كىشنىڭ يارلىرى كۈندە.
ھېچكىمدىن ئۇچۇرۇڭ يوق،
ئىزدەپ چىقىمەن كۈندە.

- يازنىڭ يېرىمى كەتتى،
كېلەر يازغىچە كىم بار.
خەت يازماي ئۆزۈڭ كەلگىن،
خېتىڭ كەلگۈچە كىم بار. !

ئۆزۈمگە ئۆزۈم ئېيتىپ كېتىپتىمەن دىسە، قىززىق. بۇمۇ سىزگە بولغان سېغىنىشىممۇ ؟  
سۇلتان بۈگۈن سىزدىن ئايرىلىپ تۇرغىلى نەپمۇ - نەخ بىر يىل بوپتۇ. بىر يىل دىگەن سۆز قارىماققا ناھايىتى ئاسانلام ئېغىزدىن چىققان بىلەن،لېكىن مەن ئۈچۈن شۇ بىر يىلنىڭ مىنۇت،سىكىنۇتلىرى نەقەدەر تەستە ئۆتكەنلىكىنى بىلەمسىز، يەنە ئالتە ئاي ۋاقتىڭىز قالدى، ئالتە ئاي،،، ھەي ،، ئاللا !


مەن چىدىشىم كېرەك شۇنداقمۇ ؟ كىممۇ مېنى سىزدەك ئەبلەخنى ياخشى كۆرۈپ قالسۇن دەپتىكەن. كىچىكىمىزدىكى ئوينىغان ۋاقىتلىرىمىزنى ئويلىسام كۆڭلىم بىرخىللا بولۇپ قالىدۇ. سىز مېنى شۇنداق جىلە قىلىپ يۈرىتىڭىز،تاكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققىچە. سىز دائىم مېنىڭ چېچىمنى تارتىپ بىرمۇنچە يۇلىۋالاتتىڭىز. مەن يىغلاپ تۇرۇپ سىزگە نىمىشقا ئۇنداق قىلىسىز دىسەم ( ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ چېچىنى يۇلىدۇ ) دەيتىڭىز، شۇ گەپنى ئاڭلىغان ھامان يىغلاشتىن توختاپ قالاتتىم،نىمىشقىكىن تاڭ شۇ گەپنى يۈرىكىمنىڭ قاتلام-قاتلاملىرىغا ئورنۇتىۋەتكەن ئىدىڭىز. شۇڭلاشقىمىكىن سىز بىلەن مەنمۇ قىيىشاتتىم.
ھازىر قار يېغىۋاتىدۇ،تېشىدا نۇرغۇنلىغان جۈپ كۆزلەر كەشلىك مەنزىرلەردىن ھوزۇر ئالغاچ قېن-قېنىغا پاتماي كۈلۈشۈپ يۈرىدۇ، مەن قارغا بەك ئامراق،،،   مېنىمۇ شۇنداق سەيلە قىلدۇرغىلى ئاپچىققان بولسىڭىز مەن شۇنداق خۇشال بولغان بولاتتىم سۇلتان.
سىز بەك شەخسىيەتچى،كىچىككىنە ئىشلار كۆڭلىڭىزگە ياقمىسا ئاسانلا خاپا بولۇپ قالىسىز،قارشى تەرەپنى ئازراقمۇ ئويلاپ قويمايسىز، مېنىڭمۇ ئەينى ۋاقىتلاردا سىزگە يۈرەكلىك ھالدا ئۆزۈمنىڭ كۆڭۈل سۆزىنى ئېيتالماسلىقىمدىكى سەۋەپمۇ شۇ ئىدى.
چۈنكى سىزگە ئويۇن-تاماششا شۇ بولسىلا بولاتتى، ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا، ( ئوغۇل بالا دىگەن چىشى بار ۋاقتىدا گۆش يىيىشى كېرەك ) دەپلام،يۈرەتتڭىز، نە،ئاتا-ئانىڭىز،، نە،قىز دوسلار خۇددى سىزگە ئەسقاتمايدىغاندەك، شۇ ئاغىنىلىرىڭىز بىلەنلام يۈرەتتىڭىز. !

---   بۇرنۇم يەنە قاناپ كەتتى سۇلتان،،،  مەن يىغلايمەن، يىغلاپ توختىتالمايمەن !
سىز بولغان بولسىڭىز چوقۇم مېنى بەزلىيەلىگەن بولاتتىڭىز. ئەپسۇس سىزنى ئەمدى كۆرۈش ماڭا نىسىپ بولمىغان ئوخشايدۇ.
سۇلتان،،،   قولۇم مىدىرلاشتىن توختاپ قېلىۋاتىدۇ،يۈرىكىم ئېچىشىۋاتىدۇ،بۇرنۇمدىن توختىماي قان ئېقىۋاتىدۇ. مەن قانداق قىلىمەن،،،
مەن،، مەن ،،  ماڭا ھازىرنىڭ ئۆزىدە سىز لازىم .   
مەن سىزنى مەڭگۈ ئەسلەيمەن سۇلتان، بۇ دۇنيادىمۇ ئەسلىدىم،ئۇ دۇنيدىمۇ چوقۇم ئەسلەيمەن. سىز قايتىپ چىققاندىن كىيىن چوقۇم ئاتا-ئانىڭىزنىڭ گېپىنى ئاڭلاڭ سۇلتان، ئەمدى ئۇ نەرسىنى قىلماڭ، جىنىم سۇلتان ئۆزىڭىزنى ئاياڭ،سىزنى سېغىنىشىمنى نەچچە يىللاردىن بۇيان مۇشۇنداق خەت ئارقىلىقلام ئىپادىلەپ يۈردۈم بەلكىم بۇ ئاخىرقى قېتىمقىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن سىز كەلگۈچە مەن چىدىيالمايدىغاندەك قىلىمەن. ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن بۇ ساقايماس كېسىلىدىن كۆپ ئازابلاندىم. مېنى كەچۈرۈڭ. !

  -- مېنىڭ مودەنگۈلگە ئامراق ئىكەنلىكىمنى بىلىسىز سۇلتان، چوقۇم چوقۇم (7) نى ئېلىپ چىقىڭ ، گۈللەر سۇسىز قالمىسۇن سۇلتان،چاڭقىغان كۆڭۈللىرىمگە شۇ بولسىمۇ ئارامبەخىش ئەتسۇن، سىزدىن ماڭا بولغان ئاخىرقى ئىلتىجاھىم بولسۇن.....
خەير ؛ ئۆزىڭىزنىڭ شۇ تەنلىرىڭىزنىڭ ساق-سالامەت ، كۈلىرىڭىزنىڭ خۇشال-خۇرام، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ئاللاھتىن تىلەيمەن. !

ئاپتوردىن :
- سوفىيە، دىگەن بۇ قىز سۇلتاننىڭ كىچىكىدىن بىللە ئوينىغان دوستى بولىدۇ، بۇ رەھمەتلىك ئۆزىنىڭ ( ئاق قان) كېسىلى بولغانلىقى ئۈچۈن سۇلتانغا ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئېيتىشنى خالىمىغان، ئۇنىڭ كۆڭلى دەل سۇلتانغا چۈشكەن. لېكىن ئۇ بۇ ھېسياتىنى يەنە يوشۇرۇپ تۇرالمىغان، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ سۇلتان بىلەن بىللە ئۆتۈشنى، ئۇنى كۆرىۋىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ شۇ كېسىلى ئۇنىڭ غەيرىتىدىن ئۈستىن كېلىپ،2004 -يىلى 2-ئاينىڭ 14- كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن بۇ ئالەمدىن ئۆتكەن.
سۇلتان ئۇ ۋاقىتلاردا شۇ نىجىس زەھەرنىڭ كاساپىتىدىن تۇرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ئىدى، شۇڭلاشقا ئۇ بۇ ئىشلاردىن تۈپتىن خەۋەرسىز ئىدى!
سوفىيەنىڭ بۇ خېتى ئۇنىڭ كىيىم ئىشكاپىدىن تېپىلغان، ئۇنى دەل سۇلتاننىڭ سىڭلىسى ( دىلنۇر ) تېپىۋالغان ھەم كۆزلىرى ياشقا تولغان ھالدا ئوقۇپ ئەپچىقىپ چوڭلىرىغا كۆرسەتكەن، ئۆزىنىڭ كۆڭلى شۇنداق يېرىم ھالدا [ رەھمەتلىك ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى يەڭگىسىنىڭ قەۋرىسى ئالدىغا ئۆزى (7) تال مودەنگۈلنى ئەپچىقىپ قويغان ]

  ===  كەينىگە شۇنداق قارىغىنىدا پۈتۈن ئالامنىڭ ھەممە يېرىدە ئۇ قىزنىڭ ، نالىسى ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىۋالغان ھەم شۇ قىزنىڭ يىغلامسىرىغان چىرايى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمىگەن، ئاخىرى چىدىيالماي قالغان دىلنۇر يەنىلا ۋارقىراپ تاشلىدى: سۇلتان قايتىپ كەل ....

تامام !


<> بۈگۈن سەيشەنبە <> ...



مەن ئۈچۈن ، تۇغۇلغان كۈنۈمدىن مۇھىم بولغان 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئاخىرى كەلگەن ئىدى ...
گەرچە كېلەر سەيشەنبە كۈنى ئۇلۇغ ھېيتىمىز بولسىمۇ مەن بۈگۈنكى سەيشەنبە ئۈچۈن ئۇ ھېيتلىرىمىزنىمۇ ئۇنتۇغان ئىدىم !

* * *
ئەتتىگەن-سەھەردە جىرىڭلىغان تېلىفۇن ئاۋازى بىلەن قولۇمدىكى سۈت ئىستاكانىنى قويۇپ ، تېلفۇن تۇرۇپكىسىغا يۈگۈردۈم ؛
- ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم،
شۇنداق مەن سۇلتان.
ئاللاھقا شۈكىرى ، ئۆزلىرىچۇ ئانا ؟
ئاللاھ ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن ... سوفىيە نىڭ يېنىغا چىقاي دەپ تۇرىۋىدىم ئۆزلىرىنىڭ تېلىفۇنىنى ساقلاپ تۇرغان ...
بولىدۇ ئەمسە ، مەن ماشىنا بىلەن سىزنى ئالغىلى ئالدىڭىزغا باراي ، بۈگۈن ھاۋا سوغۇقراق قېلىنراق كىيىنىۋالالا.
ناشتىنى قانداق قىلغىنىمنىمۇ بىلمىدىم.ئالدىراش ماڭا چاقىرىش نىسىپ بولمىغان « قېيىنئانام » نىڭ قېشىغا بېرىش ئۈچۈن ئالدىراش تەييارلىقىمنى قىلىۋاتاتتىم.
ياتاق ئۆيۈمنىڭ ئىشىكى چېكىلدى ...
- ئاپا ، بىرە گەپ بارمىدى ؟
گۈلزار ئاپاڭغا سالام ئېيتىپ قويغىن ، مەن كېلەر پەيشەنبە قىزىمنىڭ بېشىغا چىقىپ ئايرىم يوقلاپ كېلىمەن.بۈگۈن سەن بىز ئۇنۇڭدىن ئايرىلغىلى نەق 5 يىل بوپتۇ بالام.بەلكىم سېنىڭ كۆڭلۈڭ مېنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە يېرىم بولىشى مۇمكىن بىراق سەن ئۆزۈڭنىڭ شۇ مىجەزى بىلەن بىزگە بۇنى بىلىندۈرمەي كەلدىڭ.بەلكىم سوفىيە قىزىمنىڭ روھىمۇ خۇش بوپ قالار،ساڭا نەچچە يىلدىن بېرى ئاز گەپ قىلمىدۇق ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۈگۈنكى مۇشۇ كۈندە ساڭا يەنە قايتىلىغىم كەلدى ...
« سەن مۇشۇ 5 يىل جەرياندا نىمىلەردىن ئايرىلىپ نىمىلەرگە ئېرىشكىنىڭنى ئوبدان ئويلا .. سەنمۇ چوڭ بولدۇڭ بۇنداقلا ئۆتۈپ كەتمەيسەن،بەلكىم شۇ مۇھەببىتىڭگە تەقۋادارلىقىڭنى بىلدۈرۋاتقانسەن بىراق بۇنىڭ بىلەن سەن ئۆمرىڭنى تەنھالىق بىلەن ئۆتكۈزسەڭ سوفىيە ھەرگىزمۇ خاتىرجەم ياتالمايدۇ.گەڭ ئاڭلىغىن بۇگۈن چىققان ۋاقتىڭدا ئۇنۇڭغا ئېيتقىن ئوغلۇم ، ئۇ چوقۇم ئاڭلىيالايدۇ،سەن ئۈچۈن بەخىت تىلەيدۇ ، تويۇڭنى قىلىۋالغىن ئاتاڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ قىلساقمۇ مەيلى ... »
ئانا ،، مەن ...
- بولدى سەن سۆزلىمە نىمە دەيدىغىنىڭنى بىلىمەن بالام ... ئۇ ناھايىتى ياخشى قىز ئىدى ، ئۇنۇڭدىن كېلىنىم بولىشىنى ئاللاھتىن مەنمۇ ئۈمۈت قىلىمەن،ئىككىڭلارنىڭ كىچىكىڭلاردىن ئىككى ئۆيدە چوڭ بولغىنىڭلارنى پۈتۈن قوشنىلار بىلىدۇ.ساڭا چوقۇم شۇنداق ياخشى قىزدىن بىرسى ئۇچرايدۇ ، پەقەت سەن ئۇ مەزلۇملارغا پۇرسەت بەرسەڭلا !
  بولدى ئانا مەن كېچىكىپ قالماي كېيىن پاراڭلىشىلى..
بۈگۈنكى كۈنلۈكتىكى ئۈرۈمچى قەبرىستانلىقى شۇنداق جىمجىت ئىدى.ياغقان قارلارنىڭ دەستىدىن قەدەملىرىمىزنى ئاران-ئاران ئېلىپ مېڭىۋاتاتتۇق.
قەۋرە مەنزىلىگە ئاز-قالغانسىرى ، يۈرۈكۈم ئەنسىز دۈپۈلدەپ كۆزلىرىمگە ئىختىيارسىز كەلگەن ياشنى يوشۇرۇشقا ئامالسىز قېلىۋاتاتتىم ،ئۆزۈمنى شۇنچە تۇتىۋىلىشقا تىرىشىۋاتاتتىم،ئۆزۈمنى چاندۇرماسلىقنىڭ ئامالىنى قىلىۋاتاتتىم.شۇ خىياللاردا قەۋرە ئالدىغا كېلىپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن.تۇيۇقسىز يېنىمدىكى گۈلزار ئاپامنىڭ « ئاھ ،، قىزىم » دەپ يۈرەكلىرىنىڭ قات-قاتلىرىدىن فونتاندەك ئېتىلىپ چىققان يىغا ئاۋازى مېنىلا ئەمەس پۈتكۈل ئالەمنى زىلزىلىگە سېلىۋەتكەن ئىدى ...
بىر قىز ئۈچۈن ياش تۆكۈش مېنىڭ پىرىنسىپىمدا يوقلا بىر خىيال ئىدى.بۈگۈن ئەزەلدىن ئۆزۈمدە بولمىغان بىر خىل تۇيغۇ بار ئىدى.توغرا 5 يىل بوپتۇ،بەلكىم شۇنۇڭ ئۈچۈندۇر نىمە دىگەن تېز ئۆتكەن بۇ ۋاقىتلار.تۆنۈگۈنكىدەك يادىمدا ئىدى.بەلكىم ئۇنۇڭغا بولغان مۇھەببىتىمنىڭ كۈچىدۇر ، ۋاقىتنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن ...
قارلارنى،شېخىللارنى،يىغىلىپ قالغان قالايمىقان نەرسىلەرنى تازلاپ ئۆرپ-ئادىتىمىز بويىچە قائىدىسىنى قىلىۋەتكەندىن كىيىن،سۈكۈتكە تولغان ھالدا ئۇنۇڭ بېشىغا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ كېتىشتۇق.كۆڭلۈمدە ئۇنۇڭغا نىمىلەرنىدۇر دىگۈم كېلىپ قالدىيۇ دىيەلمەيۋاتاتتىم.كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز تۆكۈلۈۋاتقان ياش-تامچىللىرى مېنى بەكلا قېيناۋاتاتتى،ئۇنۇڭ ئاپىسى ئالدىدا بەلكىم بۇنداق ئىرادىسىزلىك،قەيسەرسىزلىكىم باشقىچە تەسىر بەرگەن چېغى ، بىرمەھەل ئۆتكەندىن كىيىن ماڭا سۆز قىلدى ؛
- سۇلتان ، بولدى قايتىلى بالام سىزمۇ توڭلىدىڭىز ھەقاچان ، بۈگۈن ئۇنۇڭدىن ئايرىلغىلى 5 يىل بوپتۇ،بىز باشقىلاردەك ئۇنۇڭدىن ئايرىلغانلىقىمىزنى تەنتەنە بىلەن تەپرىكلەش ئۇسۇلىنى قوللانساق بەلكىم سىزمۇ بۇنۇڭغا قوشۇلمايسىز،يېڭى تۇغۇلغان 5 ياشلىق بالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولمىسا بۇ ، ھازىرقى جەمئىيەت مۇشۇنداق بىر قىسما پائالىيەتلەرنى ئۆزىگە سىڭدۈرۋاپتۇ...
سىزنىڭ بۈگۈنكى كەيپىياتىڭىز بىلەن كۆڭلىڭىزنىڭ بىئاراملىقى ماڭا بىلىندى،ئۇنى يەنە ياد ئېتىپ تۇرغىنىڭىزغا رەھمەت بالام ،ئۆز قىزىمىزدىن ئايرىلغىنىمىز بىلەن سىزدەك ياخشى بىر ئوغۇلنىڭ بىزگە ھەمراھ بولغىنىدىن بىزنىڭ پۈتۈن ئائىلە كىشىلىرى كۆپ مىننەتتار.. بۇ 5 يىل جەريانىدا ھەممىمىزنىڭ كۆڭۈللۈك-كۆڭۈلسىز كۈنلىرى بولدى ، بىراق ۋاقىت مۇشۇنداق تېز ئۆتىدىكەن سىزنىڭ يېشىڭىزمۇ ئەسلى بويىچە ئېيتقاندا بالىلىق بولىدىغان ۋاقىتقا كېلىپ قالدى بىراق سىز تېخى توي قىلمىدىڭىز.
سىزدەك بىر ۋاپادار ئوغلۇمنىڭ بولغانلىقىدىن بەك سۆيۈنۈمەن ئوغلۇم ....
بىچارە مەزلۇمنىڭ يىغا ئاۋازلىرىدىن ئاخىرقى مۇشۇ سۆزلىرىنى ئاڭقىرالىغان ئىدىم،يىغا ئاۋازلىرى بارغانسىرى كۈچىيىپ ماڭا ئېسىلىشقا باشلىدى.ئۆزۈمنى بىر گۇناھكار سۈپىتىدە قويۇپ ئويلاشقا باشلىدىم، ئەينى ۋاقىتتا مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋالغان بولسام مۇشۇ ئىشلارنىڭ بولىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى بەلكىم ۋە ياكى تۈپتىن تونۇشمىغان بولسام ماڭا بۇنداق قايغۇلار كەلمىگەن بولاتتى ....
گۈلزار ئاپامنىڭ ئاۋازىدىن خىياللىرىمنى بۆلۈپ دىدىم ؛
- ئاپا ، سىزنى شوپۇر ئۆيگە ئاپىرىپ قويسۇن ، مەن يەنە بىرئاز تۇراي كەچتە ئۆيىڭىزلەرگە بارىمەن .
بولىدۇ بالام ، سىزمۇ قايتىڭ ئاللاھقا - ئامانەت !
      * * *   
يالغۇزلۇق نىمە دىگەن ياخشى ، قارلار توختىماي چۈشىۋاتىدۇ ، مېنىڭ كۆز-يېشىمنىمۇ ھېچكىم ئاللاھتىن باشقا بەندە كۆرمىدى...
سوفىيە :
ياخشى تۇرىۋاتامسىز ، ئاللاھ ئۆمرىڭىزنى مۇشۇ تۇپراق ئاستىغا ياراتقان چېغى مۇشۇ كەمگىچە سىزنى قايتا ئۇچرىتالمىدىم.مېنى مۇشۇنداقلا تاشلاپ كەتتىڭىز يارايسىز قەدىناس ...
مېنى كۆرەلەمسىز ، مەن سىزنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن ھېلىھەممۇ ماڭا شۇ نەملەشكەن كۆزلىرىڭىز بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپسىز....
دۇنيادىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلار مېنىڭ كۆڭلىمدىكى سىزنىڭ ئورنىڭىزنى تېخى باسقىنى يوق ... ئۆز ئۆيۈمدە بولىۋاتقان گەپلەر ، ئاباي سىز ئاڭلىغان ئاپىڭىزنىڭ گېپى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويىۋاتىدۇ ...
مەن توي قىلامدىم ؟ سىزنى مۇشۇنداقلا تاشلاپ قويامدىم ؟ سىزدىن مۇشۇنداق ئاسانلا ۋاز كېچەمدىم ؟ ...
بەلكىم سىزنىڭ يېنىڭىزدا ياتىدىغان كۈنلىرىم ئاز قالغان چېغى ، خاتىرجەم يېتىڭ قەدىناس ھامان قېشىڭىزغا بارىمەن !
دىگىنىمچە كەينىمگە بۇرۇلدۇم-دە تاماكا قاپچۇقۇمدىن بىر تال تاماكا ئېلىپ ئاغزىمغا سالدىم-يۇ ئاسماندىن بىر ئاۋاز ئاڭلانغاندەك ، ئاسمانغا تىكىلىپ قاراپ قالدىم ...
    ئېھ  ئاللاھ  ،،، بىزلەرگە بەرگەن مۇشۇ مېھنەتسىز ئاپئاق قارلىرىڭغا مىڭ قەدەر شۈكرى !



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   7YIGIT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى 22:32  


باغرىڭغا باش قويغاننىڭ ھەممىسىنى مېنى سۆيىدۇ دىمە.پاشىمۇ ئاۋال قونۇپ ئاندىن قېنىڭنى شورايدۇ ئەمەسمۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
260 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
919

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى 21:30:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەتنى ئوڭشاپ قويۇڭە باشلىق

ھاياتلىق - زىددىيەت ، كېلىشمەسلىك ، شادلىق ۋە قايغۇلارنىڭ مۇجەسسىمىدۇر !!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى 21:33:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilroh يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى 21:30
خەتنى ئوڭشاپ قويۇڭە باشلىق


مانا ئوڭشاپ قويدۇم.

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
95 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
195

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى 21:35:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يېڭى يىلدا يېڭى قەدەم ...

بىزنىڭ ۋەتىنىمىز ئۈچۈن ئۇنتۇلماس بىر يىل بولغان 2008-يىلى چىقىپ كېتىشكىمۇ نەچچە كۈن،نەچچە سائەت ۋاقىت قالدى ...
بۇ بىر يىلدا بۈيۈك چىن ئۈچۈن تارىخ بەتلىرىگە ئورنىتىلغان دۇنياۋى ئولىمپىك مۇسابىقىسى پۈتۈن ئاۋامنى خۇشال قىلغان بولسىمۇ.يىلنىڭ بېشىدىكى ئۈرۈمچىدە بولغان ئوت ئاپىتى،سىچۇئەن ئۆلكىسىدىكى زور يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئامان قالغان ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ئاھۇ-زارلىرى،شىزاڭ ئاپتونۇم رايونىدا بولغان جېدەل-ماجرا،ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى يەنە بىر قېتىم قەبىھلەرچە ئورۇنسىز ئۇرغان قىلمىشى دىگەندەك يەنە يېزىلمىغان چوڭ تىپتىكى يىغىن-پائالىيەت قاتارلىق خەلىقنى ئازابلايدىغان،ئۈمۈتسىزلەندۈرۈپ قايغۇ ئىچىدە قانداقلارچە خىيالغا پېتىپ كەتكىنىمىزنى بىلىپ-بىلمەي كۆزلىرىمىزنى قىزارتىۋالىدىغان دىل-يارىلىرىدىنمۇ خالى بولالمىدۇق ئەلۋەتتە ... بۇ قايغۇ-خۇشاللىقلار بىزنىڭ ۋە پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئېسىدىن چىقمىغۇدەك مۆھۈر تامغىللىرىغا ئايلاندى.
جاھاننىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ بىزنىڭ دۆلەت گەرچە دۇنيا تەرتىۋى بويىچە ھىساپلىغاندا ئارقىدا بولسىمۇ،باشقا دۆلەتلەر ئارزۇ-ئۈمۈت قىلىپ،شۇنچە سەۋەبلەرنى قىلىپ تىلەپ ئالالمايۋاتقان تېنىچلىق بىزگە ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ھەمراھ بولماقتا.بەلكىم مەن ۋە سىزلا ئەمەس دۆلىتىمىزدىكى ھەممە جۇڭگو پۇقرالىرى بۇ تېنىچلىقتىن سۆيۈنمەي قالمايدۇ.مۇنبىرىمىزگە يوللانغان شۇ دۆلەتلەردىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن قان-قان يىغلاۋاتقان بىگۇناھ خەلقلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى-خەۋەرلىرىنى كۆرىۋىلىش تەس ئەمەس.ئۇ تېمىلارغا چۈشكەن ئىنكاسلاردىنمۇ تورداشلارنىڭ ئۇلارغا بولغان مېھرىبانلىقى بىزدىكى ئەڭ ئېسىل پەزىلەتتۇر.ئاللاھ ئىگەمدىن شۇلارغا ئامانلىق تىلەيلى دوستلار ...
بىر ئادەمدە شۈكرى-قانائەت،ئىمان-ئىنساپ،بىر-بىرىگە بولغان سەمىمى كۆڭۈل بولغاندىلا بۇ ھايات شۇنچە گۈزەل تۇيۇلىدۇ ...
مىللىتىمىزدىكى قىسمەن كىشىلەرنىڭ باشقا مىللەتلەردىن ئۆزىگە سىڭدۈرۋالغان تېتىقسىز ئىش-ھەركەت سۆزلىرى ئۇلارغا بولغان نەپرەت ۋە ئاچچىقىمىزنى كەلتۈرسە. زور شۆھرەتلەرنى قازىنىپ دۇنياغا مىللىتىمىزنى تونۇتۇش ئۈچۈن تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان «شۆھرەت مۇتەللىپ» « ئەركىن سىدىق » قاتارلىق بىر نەچچە ئۇلۇغ ئالىملىرىمىز بىزنى قېن-قېنىمىزغا پاتمىغان ھالدا خۇشال قىلىدۇ.ئۇلارنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا تېخىمۇ بەركەت تېپىىشغا،ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلىپ،ئائىلىسىگە بەخىت تىلەپ،تېخىمۇ كۆپلىگەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشى ئۈچۈن ئاللاھتىن تىلەيمىز ئەلۋەتتە ...



ئادەملەرنىڭ نۇرانە سىماسىنى خۇسۇسۇىي رەستخانەمگە ئاستا- ئاستا باشلاپ كىردىم . تىنىمسىز چىكىلداپ تۇرغان ئۈستەل سائىتىنىڭ باتارىيىسىنى ئېلىپ تاشلاپ ، كۆزۈمنى يۇمدۇم . ۋاقىت ئۇقۇمى تامامەن يوقالغان ئاشۇ بوشلۇقتا مەن تامامەن ئېرىپ كېتىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم . بارلىق قانۇن ، چېگرا - توساق ، تام ، تۈزۈم ، سەككىز سائەتلىك مەشغۇلىيەت ، تاماق ، ئۇخلاش ، ئىشقا چىقىش ۋاقتى ، مىللەت كاتوگۇرىيىسى ، رايون تېرىتورىيىسى . . .  ھەممىنى ئۇنتۇپ كەتمەكچى بولدۇم . بىر شەيتان بىر يەردە قۇترىماقتا . . .  بىر پەرىشتە سۈبھى نۇرىدەك پاكىز نۇر چاچقىنىچە چۇقىرامغا يىنىك دەسسەپ كىرىپ كەلمەكتە . . .
مەن تەبىئەتتىن ئەمەس ، تۆت ئەتىراپى مۇزدەك تام بىلەن قورشالغان ، كۈندۈزىمۇ ئىچىدىن مەھكەم تاقىۋالىدىغان ھوجرامدىن ئەركىنلىك ئىزدەيدىغان بوپقالدىم . ئۇ يەردىن ياشلىقنىڭ ھارارىتى تېپچىپ تۇرغان ئىسسىق يۈرۈكۈمنى پايانسىز ئاسمانغا ، چاراقلاپ يۇرۇپ تۇرغان يۇلتۇزلار توپىغا سۇنۇشقا مەجبۇر بولدۇم . مەن ئاشۇ تارچۇق ۋەتەندە ئۆزەمنىڭ بۈيۈك ئادىمىيلىكىمنى يەتكۈچە ئىزدىدىم . تەبىئەتتىن ، ئادەملەردىن ، جەمئىيەتتىن ئەمەس مۇزدەك سوغۇق ، گۆردەك قاراڭغۇ قازناقتىن . مەن ئۆز - ئۆزۈمنىڭ مەھبۇسى . مانا بۇ مەھبۇسسىمان ئەركىنلىك . . . مانا بۇ زامانىۋىي مەدەنىيەت قەسىرىدىكى ئەركىنلىكنىڭ ۋەتىنى !

مەن ئۆتكەن مۇشۇ يىلدا نىمىلەردىن ئايرىلىپ نىمىلەرگە ئېرىشكىنىمنى پەقەت مۇشۇ ئاخىرقى مىنۇتلاردا ھېس قىلالىدىم.ھايات ئەنە شۇنداق تېز ئۆتىدىكەن.كۈتىۋىلىش ئالدىدا تۇرغان 2009-يىلى مەن ۋە بىز ئۈچۈن نۇرغۇن خۇشاللىق ۋە ئازابلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

ئىرادە .. توغرا ئىرادە ...
بۇ سۆزنىڭ قانچىلىك مەنىسى بار ئىكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەسلىكىم مۇمكىن.بىراق بىزدە شۇ سۆزنىڭ گۇڭگا ساداسى مەڭگۈ يۈرەك قاتلىمىمىزدا ئۆركەشلەپ تۇرسا ئىشىنىمەنكى ھەرقانداق ئىش ئۈستىدىن غالىپ كېلەلەيمىز دەپ ئويلايمەن !

ئاخىرقى سۆزۈم :

بىز مىللەت نۇرغۇن ئىشلاردا چىدىماس.« ئۇيغۇر » دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى ناھايىتى چوڭقۇر بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز.بىزگە قالدۇرۇلغان ھەمدە بىزدىن كىيىنكى ئەۋلادلارغا چوقۇم قالدۇرۇش كېرەك دەپ ئويلىغان مىللىتىمىزنى يوقۇتۇپ قويمايدىغان ئۆرۈپ-ئادەت،ئەدەپ-ئەخلاق،ئىززەت-ھۆرمەت قاتارلىق ئەڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىمىزدىن چوقۇم توغرا شارائىت ئاستىدا ئۈنتىنسىز ئىزدىنىش ۋە سۆزلەش كېرەك.ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتكەنگە يەتمەيدۇ.بەزىدە مۇشۇ مەۋھۇم دۇنيادىمۇ نۇرغۇن قىلىقلىرىمىزنى چىقىرىمىز.چوڭلىرىمىز چوڭدەك،كىچىكلىرىمىز كىچىكدەك بولۇپ ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن ئۆتسەك.ئازراق بولسىمۇ پەتىشەپ بولسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن...
ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمىگەن تۇرپاندا بولغان ئانا-بالا ئوتتۇرسىدىكى كىشىلەرنى چۆچىتىدىغان تىراگىدىيە ھەممىمىزگە ئۈلگە بولسا.مىللىتىمىزنىڭ چىرىكلىشىشدىن ھەممىمىز ساقلانساق.جەمئىيىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى بويىچە ھەممە ئىش يولىدا بولۇپ ماڭسا چوقۇم ھەممىمىز خۇشاللىنارلىق،ياخشى كۈنلەرنى كۈتۈۋالىمىز ...
ئالدىمىزدىكى يېڭى-يىللارنى يېڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋىلىش ئۈچۈن تىرىشساق.ئۆزىمىزدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى كۆپرەك جارى قىلدۇرۇپ،كەمچىلىكلىرىمىزنى تولۇقلاپ،ئۆزىمىزگە تەۋە بولمىغان ئىش-ھەركەت سۆزلەرنى ۋاقتىدا تازلىساق بىزدەك ئېسىل مىللەت دۇنيادا يوق ... «ئاللاھ بىزدەك تەقۋادار بەندىلىرىنى ئۆز-پاناھىدا ساقلىغاي» ...



* * * * *

« ئاشىق » ئەسلىمە ...



  بىر ئىش يادىمغا يەتتى ...
« ئۇ » نى شۇنداق يات ئېتىپ تېلفۇن قىلىپ كۆپ سۆزلەرنى قىلماقچى بولۇپ تېلفۇن قىلغان ئىدىم،دوست-يارەنلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن خا خا-شى شى لارنىڭ توختىماي چىقىۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئارتۇقچە سۆز قىلالماي گەپنى يىغىنچاقلا قىلىپ تېلفۇننى قويدۇم.
  ئەشۇ شېرىن مىنۇتلارنى ئەسلەپ تۇرغىنىمدا تېلىفۇنۇمنىڭ ئۇچۇر مەركىزىدىن « تىك تىك تىك ئاكا خەت كەلدى » دىگەن سۆزى خىيالىمنى بۇزدى.شۇنداق تېز سۈرەتتە تېلىفۇن ئۇچۇرىنى تەكشۈرسەم :
- ئۇخخا قىلدىڭىزمۇ ؟
« ياق ، سىزچۇ ؟ » دىيىشىمگە :
تېلىفۇن سىگنالىدىن : ( قاشنىڭ قارىسى سەندە ) ناملىق مۇڭكۈي ياڭرىدى . « مەخسۇس شۇنىڭ تېلفۇنىنى قوبۇل قىلغاندا كىرىشتۇرۋالغان ناخشا ئىدى » ...
شۇنداق تەمكىنلىك بىلەن تېلىفۇننى ئالدىم-دە .. سۆزلىرىمىز ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتاتتى !
كەيپىم-چاغ ۋاقىتلار بولغاي ، ئىشقىلىپ تېلىفۇن باتارىيىمىز كۆيۈپ كەتمەپتۇ.تېلفۇن پۇلىمىز تۈگەپ « كەچۈرىسىز تېلىفۇن ھەققىڭىز بۇ قېتىملىق سۆزلىشىشكە يەتمەيدۇ » دىگىچە پاراڭ سېلىشىپ كېتىپتۇق.
ھېلىمۇ يېرىم كېچە بوپ قاپتۇ بولمىسا يانماي يەنە قىممەت تولۇقلاپ سۆزلەشكۈدەك دەرىجىگە بېرىپ قالغان ئىدۇق ئۇ كۈنى ...
  « كەلمەسكە كەتكەن شېرىن ئەسلىمە ، ئىسسىق پاردىن ئالغان ھارارەت » ...  
   
  ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتكەن بۈگۈنكى  قۇتلۇق ئايەم كۈنىدە « ئۇ » نى يەنە ئەسلىدىم. بىراق بۇ ئەسلەش پەقەت ۋە پەقەت مەندىكى بىر سەزگۈ بوپ قالدى خالاس.شۇ مىنۇتلاردىكى ئاشىق ئەسلىمىلىرى تارىخ بەتلىرىمگە مەڭگۈ مۆھۈر بوپ كەتكۈسى !


مۇھەببەت- خۇددى يىنىك مۇزىكا،ئۇ يۈرەك تارىلىرمدىن،سېغىنىشلىرمندىن،ئنتىلىشلىرىمدىن ئۇرۇلۇپ چىقىدۇ.ئۇنى ئاڭلىسام ئاڭلىغۇم كېلىدۇ،زىرىكمەيمەن.گەرچە ئاڭلىنىۋاتقىنى بەكمۇ كونا،بەكمۇ ئۇزۇندىكى مۇزىكا بولسمۇ ھەر قېتىمقى ئاڭلاشتا يېڭىچە تۇيغۇ،يېڭىچە كەيپىيات ھاسىل بولىدۇ ،مەن شۇنۇڭغا خۇشتار.

قايسى چاغدىن بېرى مۇھەببەت ھەققىدە ئويلنىشنى باشلىغىنمنى بىلمەيمەن.ئۇ مىنىڭ ۋۇجۇدۇمغا شۇنداق شەپىسىز،شۇنداق دەب-دەبىسىز كىرىپ كەلگەن.ۋۇجۇدۇمغا ماكانلاشقاندىن كېيىن نۇرغۇن غەليان،داۋراڭ ۋە پاراڭلارنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ ھەممىسىگە چېداپ كەلگەنمەن.ئۇ بەئەينى قويۇق ئۆسكەن بىر ياپيېشىل دەرەخقە ئوخشايتتى.ئۇ دەرەخنىڭ ئۇرۇقىنى قاچانلاردا تېرىپ،سۇغۇرۇپ،پەرۋىش قىلغانلىرىممۇ يادىمدا يوق.لىكىن ياپيېشىل دەرەخنىڭ ئارامبەخش سايىسى ئېنىق ئىسىمدە.ئەشۇ سايىنىڭ تەسىرىدە كۆزلۈرۈم ئۈزۈمگە بويسۇنمىغان،شېرىن ئارزۇلار كۆپ قېتىم ناز قىلغان ئىدى.ئىشقىلىپ ھەممىسى ياخشى نەرسىلەر ئىدى.كىيىنچە ئۇلارغا باغلىنىپ قالماي دەپ ئويلىغانتىم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   7YIGIT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى 22:34  


باغرىڭغا باش قويغاننىڭ ھەممىسىنى مېنى سۆيىدۇ دىمە.پاشىمۇ ئاۋال قونۇپ ئاندىن قېنىڭنى شورايدۇ ئەمەسمۇ

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى 21:37:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق يەتتە يىگىت بىر چاغلاردا ئاجايىپ يېزىپ قوياتتىڭىز، بەلكىم يېقىندىن بۇيان سىزمۇ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە يۈرگەنسىز، بىراق سىزدىن ئۆتۈنىشىم دوستلارنى يوقلاپ تۇرۇڭ، مۇشۇنداق ئېسىل يازمىلارنى يېزىپ تۇرۇڭ، بىز ئوقۇپ تۇرايلى دىمەكچى، سۆزۈم تامام ھى ھى ھى ...
خەت شەكلىنى ئوڭشىدىم، بىراق رەڭنى ئەسلىدىكىدەك ئايرىيالمىدىم، كەچۈرۈڭ

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
260 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
919

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى 21:42:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى 21:37
شۇنداق يەتتە يىگىت بىر چاغلاردا ئاجايىپ يېزىپ قوياتتى ...

مەن ئەسلى ئۆزىنى دېگەن ھى ھى  

ھاياتلىق - زىددىيەت ، كېلىشمەسلىك ، شادلىق ۋە قايغۇلارنىڭ مۇجەسسىمىدۇر !!!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
95 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
195

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى 21:53:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ياشلىق ئۆتتى ھەقىقەتسىز كۈلۈپ-ئويناپ بەڭۋاشلىقتا،
ئۇ باغدىن بۇ چىچەكتىن شىرنە ئىزلەپ يۈردۈم شاشلىقتا،
ئۆمرۈمنىڭ ئوتتۇزى كەتتى ھەۋەستە سەر پەۋەستە..
سەۋەپ كۆپكەن قىلمىشىمنى ئاقلاي دىسەملا ياشلىقتا.

- - - - -

ھايات دىگەن ئىلاھنىڭ قۇلى،   

ھايات دىگەن شەيتانغا چۇقان،

ھايات دىگەن  ئالۋۇندىكى ئىز،

ئۆچۈپ كىتەر دۇنيادىن ھامان...

ھايات دىگەن ئۇزۇندۇر ئۇزۇن...

ئۆلمەكلىككە تەن بەرگەنلەرگە،

ھايات دىگەن ساراڭدۇر-مەجنۇن،

شەھۋەتلەرگە قول بەرگەنلەرگە...

ھايات دىگەن بىمەنە چۆچەك،

يىشىمى يوق قىسمەتتۇر ئاخىر،

مەھشەرگاھتا تىپىلار جاۋاپ،

ساۋاپ-گۇناھ بولغاندا ھازىر...

ھايات دىگەن ھەر خىل ئىنسانغا،

ئىنسانمۇ ھەم ھەرخىلدۇر ئەزەل،

دۇنيا مەنسۈپ ئەمەس مىھمانغا،

ھەممىمىزنى پەتىلەر ئەجەل...

ھايات دىگەن ئۆلۈم دىمەكتۇر،

ھاياتقا ئاخىر ھەمرادۇر مامات!

ھايات دىمەك بىرمەيدان شاھمات!

ئۆلۈم دىگەن مەڭگۈلۈك ھايات!
ئاڭا قەدىرلەش كىرەك ھاياتنى،

بۇ ھاياتتا ياشاپ ھەم ھەيھات!

- - - - -

تۇغۇلغان كۈنۈمگە...

< تۇغ > نىڭ يازمىسىدىن ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   7YIGIT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى 17:50  


باغرىڭغا باش قويغاننىڭ ھەممىسىنى مېنى سۆيىدۇ دىمە.پاشىمۇ ئاۋال قونۇپ ئاندىن قېنىڭنى شورايدۇ ئەمەسمۇ

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى 22:04:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilroh يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى 21:42
مەن ئەسلى ئۆزىنى دېگەن ھى ھى

قايسىمىز بولساق مەيلىغۇ....

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى 10:40:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئېسىل چىققان يازمىلىرىڭىزكەن.قەۋۋەتلا ياقتۇردۇم

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 03:00 , Processed in 0.202894 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش