" سىزنى " راست ياخشى كۆرىمەن ...
ئاپتورى : 7YIGIT ...
( ھېسيات )

* * * * *
ھەقىقى بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇنۇڭمۇ قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرۈشىنى بىلىش ئۈچۈن،ئۇنۇڭ ئاغزىدىن " سىزنى ياخشى كۆرىمەن " دىگەن سۆزنى چوقۇم ئاڭلاشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلايمەن.
چۈنكى تونۇشۇپ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن بىر-بىرىگە كۆڭۈللىرىنى بىلدۈرگەندە بۇ سۆزنى دىيىشىپ بولىدۇ.
بەزەن كىشىلەر نۇرغۇن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ ، ئۆزىنىڭ نىمىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق ، نىمىگە زار ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ ، يىگىتتىن قايتا-قايتىلاپ " مېنى ياخشى كۆرەمسىز " دەپ سوراۋىرىدۇ.شۇ جەرياندا ئەلۋەتتە يىگىت تەرەپتە سەسكىنىش بولىدۇ.
چۈنكى ئۇنۇڭ ئىش ھەركەتلىرى ، قىلىۋاتقان-ئېتىۋاتقان سۆز-ھەركەتلىرىدىن ھەممىنى بىلگىلى بولىدۇ.
ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەھۋاللارنى بايقىماي ، سىزگە ساتقىنلىق قىلغىنىنى بىلسىڭىز نەق ۋاقتىدىلا قول ئۈزسىڭىز بولىدۇ.
* * * * *

شۇنداق ۋاقىتلاردا تونۇشقان ئىدۇقكى ..
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان " نەۋرۈز " ئىدى.
ھاۋا ، كۈن ، كەيپىيات دىگەنگە گەپ كەتمەيتى.ئاجايىپ خۇشال بولدۇق.خۇشاللىقتا ئۆزىمىزگە توختىماي قارىشاتتۇق.
شۇ دەقىقىلەردە ئۇنۇڭغا بولغان سۆيگۈم كۈچىيىپ ماڭدى.كۈندىن كۈنگە ئۇنى سېغىنىش ئوتى كۈچىيىپ ماڭدى.ئۆتكەن ئاشۇ مىنۇتلار ئۇنۇڭغا بولغان سېغىنىشىم بىلەن لىق تولغان ئىدى.
شۇ كۈنلەرنىڭ مەززىسىنى سۈرۈپ ناھايىتى خۇشال ئۆتكەن ئىدۇق.
ئاللاھتىن مەندەك بىر يېتىمغا شۇنداق ئادەم يولىنى ، ياخشى ئادەم بولۇشنى ، ماڭا ھەقىقى كۆيۈنۈشنى بىلدۈرگۈن شۇ ئىنساننى ئاتا قىلغىنىغا بەكمۇ خۇش بولغان ئىدىم..شۇنداقمۇ رازى بولغان ئىدىم...

ئۇنۇڭ شۇنداق خۇشال كۈلكە ئارمانلىرى مېنى خۇشال قىلاتتى.ئۇ ئۆزىنى ئەڭ بەخىتلىك قىز دەپ ھىساپلىغان ئىدى.بەكمۇ خۇشال بەكمۇ بىغەم ئۆتكەن ئىدى.ماڭا شۇنداق دەيتى :
بىر ئۆمۈر بەدەل تۈلەپ ئۆتۈشكە رازىمەنكى ئۆزگىلەرنىڭ قۇلى بىلەن مېنى كۆمۈپ تاشلىشىڭغا چىدىمايمەن...مىھرىم بىلەن تاشلارنىمۇ،تاغلارنىمۇ ئىرىتىپ تاشلىيالايدىغىنمغا ئىشەنگىنكى ،ئۈمىتسىز لىك بىلەن ماڭا بېقىشىڭغا رازى ئەمەسمەن...
بىر يىگىت تۇرۇپ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قانداقمۇ ئۇنۇڭغا ئاسىيلىق قىلاي..
چۈنكى مەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىمەندە ..
مەنمۇ توختىماي ئۇنى سۆيىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ-بىلدۈرۈپ كەلدىم.شۇنداق غەمسىز ئۆتىۋاتقان كۈنلەردە كىملەرنىڭ جىنى تەگدى ياكى باشقا سەۋەپمۇ بىلمىدىم.ئۇنۇڭ قايتا-قايتا " مېنى سۆيەمسىز " " مېنى ياخشى " كۆرەمسىز دىگەن سۆزلىرى مېنى بارغانسىرى سەپرا قىپ قويدى.
ھەتتا نەچچە قېتىم ئۇنۇڭغا " بولدى ئايرىلىپ كېتىلى " دەپمۇ باقتىم...
بىراق تاكى ھازىرغىچە يەنىلا ياخشى ئۆتىۋاتىمىز.نىمە ئۈچۈنكى شۇنداق كۆڭۈلسىلىك بىزنىڭ ئارىمىزدا پەقەت ئۇزۇنغا بارمايتى.ئەجىبا بۇ مۇھەببەتنىڭ كۈچى ؟؟
ئۇنداقتا ئۇنۇڭ ئۇنچە گۇمانلىنىش-ئەنسىرەشلىرى نىمىگە ھىساپ.
مېنىڭمۇ ئەسلىمەم بولغان ، كىنو-فىلىملەردىمۇ كۆرىمىز بۇرۇنقى ئىشلار ھازىر تەكرارلانمىسىلا ، مېنىڭچە ھازىرقى تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.بۇرۇن شۇ ئۆتمۈش بوپ قالغۇسى.ھەممىلا ئىش ئۆز پىشانىمىزدىكى پۈتۈپ بولغان ئىشلار ، ئۇنى بىز
ئىنسانلارنىڭ ئۆزگەرتەلىشىگە قاناقمۇ قۇدرىتىمىز يەتسۇن...
مەن پەقەت ئۇنى خۇشال قىلىشنى ، ياخشى كۈن كۆرسىتىشنى ئويلاپلا كەلگەن.
كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن مېنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشۇمدا ئازراق ئۆزگىرىشلار بوپ ئۇنۇڭغا بولغان ۋاقتىم بۇرۇنقىدەك بولمىدى.ئەلۋەتتە بۇنىمۇ توغرا چۈشەنگەن ئۇ ، ماڭا ئۆزىنىڭ توغرا چۈشىنىدىغىنىنى ئېيتتى.مەنمۇ ئۇنۇڭدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم !!

تۇرمۇشنىڭ ئازراق ئاچچىق-سوغۇقلىرى ماڭا نىسپەتەن ھېچنىم ئەمەس..
كۆيۈپ تۇرۇپمۇ كۆيمەيمەن ، سۆيۈپ تۇرۇپمۇ سۆيمەيمەن دەپ يالغان سۆزلەش ئادەمنى ئېزىدۇكى ، شۇ دەقىقىدە ئۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان بىر ئاشىق-مەشۇق ئۈچۈن ئاخىر زامان بولىدۇ.
مەن سېنى سۆيمەيمەن ئەمەس سۆيىمەن.پەقەت شۇ سېنى پەقەت ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۈرىمەن دەپلا ئۆزۈمگە بېسىم قىلىۋالغان بولغاندىمەن.مەيلى نىمىلا بولسۇن مېنىڭ سىزگە بولغان سۆيگۈمدە شەك يوق.
ئارىمىزدا بولغان كۆڭۈلسىزلىك ، غەم-قايغۇنىڭ ھەممىسىگە مەن سەۋەپچى بولدۇم.شۇ جەرياندا ئۆزۈمنى ئەيىپلەپ نىمىش قىلىشنى بىلمەي ئاغزىمدىن چىقىپ كەتكەن ھەربىر ئېغىز گەپ " خاتالىق " دەپ قارايمەن.لېكىن ئۇنى شۇنداق ئازابلاشنى پەقەت خالىمايتىم..
------------------------------------------------------------------------------------
نىمىلا بولسۇن بۇنداق چىن مۇھەببەت ھەممىلا كىشىگە نىسىپ بولىۋەرمەيدۇ.
سۆيگۈ كىشىگە ئازاپ ئەكىلەمدۇ ، ياق ئۇنداق ئەمەس.سۆيگۈ ئۇ تاتلىق ھېس ، ئۇنى چۈشەنگەن كىشى ئۈچۈن ئۇ بىر شېرىن ئەسلىمە..
بەزىدە ياخشى كۆرگەن ئادەم بىلەن بىللە بولىمە دەپ بولالمايدىغان ئىشلار بولىدىكەن.
بەزىدە بۇ دۇنيادا سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ، ئايرىلىشقا كۆزىڭىز قىيمايدىغان ئامراق نەرسىلىرىڭىزنى ، ھەتتا سىز ئامراق كىشلەرنىمۇ سىزدىن رەھىمسىزلەرچە ئايرىۋىتىدىكەن .
شۇنۇڭ ئۈچۈن ئەتراپىمىزدىكى بارلىق خۇشاللىق ۋە پۇرسەتنى چىڭ تۇتايلى.ئېغىزدىن چىققان ھەربىر ئېغىز سۆزنىڭ راست بولۇشىغا ئەرلىك غورۇرىمىز بىلەن كاپالەتلىك قىلايلى.
بۇ ھايات پەقەت كۆزدىكى بىر تامچە ياشقا ئوخشايدۇ..توككىدە چۈشۈپ كېتىدۇ ئۇ ۋاقىتتا ئاھ-ۋاھ دىگەننىڭ پايدىسى يوق.ئالدىمىزغا كەلگەن بەخىتنى قەدىرلەيلى.
شۇنۇڭ ئۈچۈن سۆيگۈنۈم :
مەرۋايىتتەك كۆز ياشلىرىڭنى ئىسراپ قىلما!رەقىبىڭنىڭ ئالدىدا قاقاھلاپ كۈلگىدەك ماجالىڭ بولمىسىمۇ،ئىمكانقەدەر مىيىقىڭدا بولسىمۇكۈلۈپ ياشا!
ناۋادا يېغلاشقا توغرا كەلسە، مەنپەئەت ھەم مەنسەپ داستىخىنىدا چەتكە قېقىشلارغا دۇچ كىلىپ ،ئىناۋىتىڭ بۇيۇن قىسىپ قالغاندا ئەمەس،سېخى قەلبىڭدىن ئەلگە نەپ بېرەلمىگەندە يارامسىزلىقىڭدىن ئۆكۈنۈپ يىغلا!
قەلبىمدىكى بارلىق ئازاپلىرىمنى ئۇنتۇپ ، يالغۇز ئولتۇرۇپ ساڭا خەت يېزىۋاتقان مۇشۇ مىنوتلاردا
ئالدى بىلەن چىن كۆڭلۈمدىن چەكسىز سېغىنىش ھېسياتىم ئارقىلىق سالام يوللاشقا
رۇخسەت قىلغايسەن .
مەن ئۆزۇمنىڭ يۇيۇلماس خاتالىققا قەدەم ئالغانلىقىمغا ، بۇ خاتالىق ۋىجدانىمدا جاراھەت پەيدا قىلغانلىقىغا ، بۇ جاراھەت بولسا يۈرۈگۈمگە مەڭگۈ ساقايماس قارا تامغىسىنى باسقانلىقىغا ئىشەندىم .
" سىزنى راست ياخشى كۆرىمەن جىنىم " مەيلى نىمىش بولىشىدىن قەتئىينەزەر !!
2012\4\11