يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1710|نەقىل: 44

پاكلىنىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
972 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 13:54:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاكلىنىش


كاماندىروپكىدىن قايتىپ ئۆيگە كەلدىم . بۈگۈن نىمىشقىدۇ  ئاياق تىۋىشىمنى ئاڭلاپلا ئالدىمغا چىقىپ قارشى ئالىدىغان قاپقارا كۆزلىرىڭنىڭ ئوتلۇق بېقىشىنى كۈرەلمىدىم . قان ... كىرىپلا كۆرگىنىم شۇ بولدى . بىزنى مامۇق تۈشەكلىرى بىلەن شىرىن چۈشلەر قوينىغا باشلايدىغان قار چىچىكىدەك ئاپئاق كىرلىك تاشلانغان كارىۋاتتا  ئۇستا ئويمىچىنىڭ قولىدىن چىققان قاشتېشىى ھەيكەلدەك قېپقىزىل قان ئىچىدە سۇنايلىنىپ ياتاتتىڭ . چىرايىڭ سۈزۈلگەن ، يۇمۇلمىغان كۆزلىرىڭدە قانداقتۇر خاتىرجەملىك ، رازىمەنلىك ئىپادىسى ... ساڭا ئاتاپ ئەكەلگەن سوۋغىتىم قۇلۇمدىن چۈشۈپ كەتتى . ئەتە تويىمىزنىڭ1 يىللىق خاتىرە كۈنى ، يەنە سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ ئەمەسمىتى؟ ئېسىمنى يىغىپ ساڭا تاشلاندىم .  يىپى ئۈزۈلگەن مۇنچاقتەك تۈكۈلۈۋاتقان كۆز ياشلىرىم  مۇزلىغان چىھرىڭگە توختاۋسىز چۈشمەكتە. ئېيتقىنا مەن قانداق قىلاي؟ سىزدىن ئايرىلالمايمەن .... ۋەدە قەسەملىرىڭنى شۇنچە ئاسان ئۇنۇتتۇڭمۇ؟ سەن نىمانچە تاش يۈرەك ، نىمانچە ۋاپاسىز سەن؟ ... نىدالىرىم  يالغۇزلۇق ئۇشقىرتقان تۆت تامنىڭ ئىچىدە لەيلەپ قالدى . ئۆي ئىچىگە زولمەتلىك قاراڭغۇلۇق يېيىلىپ ، ئۇرىدەك كۆزلىرىدىن قىپقىزىل ئوت يېنىپ تۇرىدىغان يىرگىنىشلىك بىر ئالۋاستى ئارىدەك قوللىرىنى سۇزۇپ قاتىل...سەن قاتىل دەپ بۇغۇق ئاۋازى بىلەن پەرياد كۆتۈرگىنىچە كانىيىمدىن سىقتى . يا ... ئاۋازىم بۇغۇلۇپ ، كۆزلىرىمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى . قوللىرىم نىمىنىدۇ ئىزدەيتتى ، كۆزلىرىم نىمىگىدۇ تەلپۇنەتتى . ماغدۇرسىز ئاياقلىرىم تاغ ئاستىدا قالغاندەك ئېغىرلىشىپ كەتكەن تىنىمنى كۈتۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلىپ تىترەۋاتاتتى . بېشىمنى كۆكرىكىڭگە قويدۇم . تەن قەپىزىڭدىن ئايرىلىپ كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان روھىڭ ، قايتىدىن ساڭا ھاياتلىق بەخىش ئىتىدىغاندەك قوللىرىڭنى چىڭ تۇتۇپ ساڭا يەنىمۇ بەكرەك يېپىشتىم . كۆزلىرىم ئىختىيارسىز يۇمۇلىۋاتىدۇ . ئىھتىمال سەن بىلەن چۈش باغچىسىدا كۈرۈشۈشكە ئالدىراۋاتسا كىرەك ....
كۈزۈمنى ئاچتىم ، قان پۇراپ تۇرغان ئۆيدە يەنە شۇ بايىقى مەنزىرە . كۆزلىرىم يەنە ياشقا تولدى . يۈرىكىم ئوقيا تەككەن ئاھۇنىڭ ، قۇربانلىق قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان بىچارە قۇزىنىڭ تىپىرلىشىدەك ئارامسىزلىنىشقا باشلىدى . ئىشەنمەيمەن . بەلكىم مىنىڭ روھىي ھالىتىمنىڭ قانداق بۇلىشىنى كۈرۈش ئۈچۈن ئەتەي شۇنداق يېتىۋالغانسەن ، ساڭا بولغان مۇھەببىتىمنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى سىناۋاتقانسەن .ئۇنداق قىلماي كۈزۈڭنى ئاچ ، جاراھەتلەنگەن قەلبىم ئەكسىنى تاپسۇن . بىزنىڭ تۇنجى ئۇچراشقان ۋاقتىمىز ئىسىڭدە بارمۇ ؟ دولقۇنسىمان چاچلىرىڭ ، ئانار دانىسى پاتۇرۇپ قويغاندەك چىرايلىق يىمىرىلگەن لەۋلىرىڭ ، داغ چىكىتتن خالىي سۈزۈك يۈزلىرىڭ ... تىللىرىمنى كالۋالاشتۇرۇپ ، مىنى ئۇڭايسىزلىقتا قويغانىدى . سۇنئى تاغلادىن نازغىپ چۈشۈۋاتقان سۇلار . سۇ بېتىنى سۇيۇۋاتقان تالى مەجنۇنلار ، ھۆپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن رەڭگارەڭ گۈللەر ... بىزگە مەسلىكى كەلگەندەك لەرزان شامالدا ئويناقشىپ تۇراتتى . شۇ كۈنى ئۈزەمنى بېشىمغا ھۇمايۇننىڭ تاجىنى كەيگەندەك شۇنچىلىك بەخىتىيار ھىس قىلدىم . سەن بارلىقىڭ بىلەن مىنىڭ ئىدىڭ ....  ئەجىبا ، بۇلار كەلمەسكە كەتكەنمىدۇ ؟
  ئۆينى مالىمان قىلىۋەتتىم . سىنىڭ مىنى تاشلاپ كىتىشىڭگە سەۋەپ ئىزدىدىم . نە بىرەر ئىمزايىڭ قۇيۇلغان خەت ، نە سىنى بۇنچىلىك تەلۋىلىك قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان ھېچنىمە تېپىلمىدى . جىنايەتكارسەن . ئۈزۈڭنىلا ئەمەس ، مىنىمۇ ئۆلتۈردۈڭ . قەلبى ئۆلگەن ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادا ھايات يۈرىشىگە قانداقمۇ ئىمكان بولسۇن ؟ ماڭا بەرگەن جاۋابىڭ مىنى بەكمۇ ئۈمىتسىزلەندۈردى . ئېيتقىنا مەنمۇ تۇمۇرۇمنى كىسەيمۇ ؟ بىنادىن ئۈزەمنى ئېتىۋالايمۇ ...
بۈگۈن سىنىڭ يىگىرمە نەزىرىڭنى بەردۇق.. .. مىھمانلار ئۇزاشتى .
ئويدە  تەنھا ھۇقۇشتەك قالدىم . تاملارمۇ ، ئوي جاھازلىرىمۇ ، سۇسىراپ بەرگلىرى سارغىيىشقا باشلىغان گۈللەرمۇ ... ئېغىر قايغۇغا چۈمگەن . سىرتقا چىقالمايمەن . غەيۋەت-شىكايەتنىڭ ئوبىكتى مەن بۇپ قالغان . باشقىلارغا قارىيالمايمەن ، نەپرەتلىك كۆزلەر ماڭا تىكىلگەن . ئاتا-ئاناڭنىڭ ئوغىدەك سۆزلىرى ئىنى سىڭىللىرىڭنىڭ  قۇپاللارچە دۈشكەللەشلىرى كەچكۈز ياپرىقىدەك قورۇلۇپ ، سايىدا ئوسكەن نىمجان كۆكتاتتەك بۇپقالغان ماغدۇرسىز تىنىمنى يەنىمۇ خانىۋەيران قىلماقتا . ئۇلار دىمىسىمۇ سىنىڭ قاتىلىڭ بەلكىم مەندۇرمەن . شۇنداق بولمىسا سەن ئەشۇ ماماتلىق يۇلىنى تاللايتىڭمۇ ؟
كۆزلىرىم چوڭايتىلىپ رامكىغا ئېلىنغان تويلۇق سۈرىتىمىزگە چۈشتى . قوللىرىم  بەللىرىڭنى چىرماۋاتقان ، قىيا بېقىپ تۇرغان شەھلا كۆزلىرىڭدە بەخىت جىلۋىسى .... شۇ ۋاقىتتىكى ‹‹ مۇشۇنداق قېتىپ قېلىشقا رازىمەن ›› دىگەنلىرىم ، سىنىڭ ‹‹ دىققىتىمنى بۆلمەڭە ، رەسىمگە سەت چۈشۈپ قالىمەن ›› دەپ شىۋىرلاشلىرىڭ يەنە قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلىدى . راستىمىنى ئېيتاي ، كۆز ياشلىرىم قۇرۇپ كىتىپتۇ . بىراق سەن قالدۇرغان ئازاپلار يۈرۈكۈمدىن زەررىچە كۈتۈرۈلگىنى يوق . ئۈزەمنى زادىلا ئىشەندۈرەلمىدىم مىنى تاشلاپ كەتكىنىڭگە ...  كىيىملىرىڭدىن ھىدىڭنى پۇرايمەن ، كۆزلىرىم قۇلۇڭ تەككەنلىكى نەرسىلەردىن سىمايىڭنى ئىزدەيدۇ . ھېلىقى ئالۋاستى بولسا ھىڭگاڭ چىشلىرىنى كۆرسىتىپ ‹‹ ئۇ كەتتى ، سىنى تاشلاپ كەتتى ›› دەپ يەنە شۇ بۇغۇق ئاۋازى بىلەن پەريات كۈتۈرمەكتە .
  بولدى قىلمايمەن ، چۇقۇم تاپىمەن . مەندىن نەپرەتلەنگەن بولساڭمۇ ، سىنىڭ ئۇ يولنى تاللىمايدىغانلىقىڭغا يۈرۈكۈم گۇۋاھلىق بىرىپ تۇرىدۇ . پاك مۇھەببىتىڭ ، غۇبارسىز قەلبىڭ ئۈلۈمۈڭ توغرىسىدىكى بىمەنە خىياللىرىمنى بىتچىت قىلىدۇ . مۇشۇ ئۆيدە ، بىزنىڭ كىچىككىنە دۇنيارىمىزدا چۇقۇم بىر مەخپىيەتلىك بار . سەزمىگەندىمەن ، جىن چىراقتەك نۇرسىز پىلىلداپ قالغان كۆزلىرىم كۆرمىگەندۇ ...

داۋامى بار

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 13:57:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلگەن قەدىىمىڭىزگە مۇبارەك ئارىسلان!
تېما ئۆز ئىجادىيىتىڭىز بولسا ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز!

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 14:12:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامنى ساقلايمىز، ھارمىغايسىز ئارسىلان ئەپەندى

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
972 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 14:53:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنبە-ئۈزۈم ، كەچۇرۇڭ ، ئۇنتۇپ قاپتىمەن .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
285 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 19:50:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارسلان،يىڭى تىمىڭىزغا مۇبارەك!
ئىنسان روھى پات-پات پاكلىنىشقا مۇھتاج،ئەمما  پاكلىنىش تەس.لېكىن چۇقۇم پاكلىنىنىش كىرەك.
داۋامىغا بەك ئىنتىزار قىلىۋەتمىگەيسىز!

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 21:36:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى قاچانراق يوللايسىز:P

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
972 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 21:37:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 21:36
داۋامىنى قاچانراق يوللايسىز

نۇرۇزلۇق مۇكاپاتنى ماڭا بەرگەندە ..:lol

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 21:43:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارسلان يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 21:37
نۇرۇزلۇق مۇكاپاتنى ماڭا بەرگەندە ..

:L ھوقۇق ئەزالاردا

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 3Rank: 3

توردا
766 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1416

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 22:03:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدەم مەرھابا ئارسىلان!
  ئوبدان يېزىپ قويىدىكەنسىز، مەن ئەسەرنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كېتىپتىمەن. يۈرەكلىرىم ئىغىر تىنىپ، ئازابلىق بىر خىل ھالەت شەكىللەندى...مۇھەببەتلىك تېما مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدىغان تېمىكەن. داۋاملىق تىرىشىڭ!
  تەكلىۋىم: ئەسەر يازغاندا يەرلىك شىۋىڭىزنى ئارىلاشتۇرۇپ قويماي، ئورتاق شىۋە بىلەن يازسىڭىز. ئىملاغا دېققەت قىلسىڭىز.  ژانىرى ھىكايىمۇ؟؟؟

  داۋامىغا تەشنامىز!:victory:

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
972 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 22:09:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھۋە يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 22:03
قەدەم مەرھابا ئارسىلان!
  ئوبدان يېزىپ قويىدىكەنسىز، م ...

ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت ، ھىكايە .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 07:34 , Processed in 0.109141 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش