يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: ئارسلان

پاكلىنىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى 13:34:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئاخىرى قىنى

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى 13:36:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باتۇرچەۋەنداز يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى 13:34
ۋاي ئاخىرى قىنى

ئولاش- چولاش ئۇرۇپ دەرىزىدىن تاشلىۋېتەيلىمۇ ماۋۇ ئارىسلاننىداۋامى قېنىىىىىىىى

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى 13:41:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى 13:36
ئولاش- چولاش ئۇرۇپ دەرىزىدىن تاشلىۋېتەيلىمۇ ماۋۇ ئار ...

شۇ شۇ  .....قاشتېشى مۇنبىرگە ئاۋازلىق ئەسەر قىلىپ ئىشلىمەكچىكەن،ئالدىرمايدىغۇ ھىچ
     مۇنبەرگە كىرىپ بۇ تىمىنى ئاچساملا داۋامى يوق،ھە يوق
            بىر ئېغىز ئىنكاسنىمۇ 10غا بۈلەپ يازمىسام خەپ ھە ئارسىلان

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
972 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى 15:38:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ سايىدەك ماڭا ئەگىشىپلا يۈرمەكتە ، لەنىتى ئابتۇبۇس بىكىتىدە يەنىلا شۇ سىما ...
قايتىدىغان يۇلۇمنى ئۆزگەرتەلمەيتتىم، ئامال بار تاكسىدا مېڭىشقا تىرىشاتتىم، بەزىدە ساڭا تىلىفۇن قىلىپ قۇيۇپ ، چۈشلۈك تاماق ۋاقتىنىمۇ ئىشخانىدا ئۆتكۈزۋىتەتتىم. بىراق بۇ يەنىلا مەسلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئەمەس ئىدى . ئۇ ئەمدى تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ قىسقا ئۇچۇر يوللاشتىن بىراقلا تىلىفۇن ئۇرۇشقا ئۆتتى . تىلىفۇن ئىكرانىدا تىترەپ تۇرغان ئەشۇ نۇمۇرنى كۆرسەملا ، بەدىنىم تىكەنلىشىپ ، كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشاتتى . قايتا-قايتا چۈشەندۈرۈشلىرىم ، ئۈتۈنۈشلىرىم بىكارغا كىتىۋاتاتتى .ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مىنى ئۈزىگە قارىتىشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپ يۈرەتتى . بىكەتتىن ھالقىپ مەن خىزمەت قىلىدىغان بىنا ئالدىدا ، بىزنىڭ ئولتۇراق رايۇندىكى گۈللۈكلەردە پات-پات كۈرۈنۈپ قالاتتى . ئۇنى ئۆلتۈرۋەتكۈم ، گۆشلىرىنى قىيما-چىيما قىلىپ ئىتلارغا تاشلاپ بەرگۈم كىلىپ كىتەتتى . مەن قىلالمايتتىم ، شۇنچىلىك ئاجىز ئىدىم .  تىلىفۇنىنى ئالمىسام ئۇ ئاممىۋى تىلىفۇن بوتكىلىرىدىن ، ھەر خىل ھەر ياڭزا نۇمۇرلاردىن تىلىفۇن قىلىۋىرەتتى . سومكامدا ئەجەل سىگنالىدەك توختىماي سايراپ تۇرىدىغان  ، سەن تۇغۇلغان كۈنۈمگە سوۋغا قىلىپ ئېلىپ بەرگەن قىممەت باھالىق ، قىپقىزىل يالتىراپ تۇرىدىغان تىلىفۇنمۇ كۈزۈمگە سەت كۈرۈنۈپ قېلىۋاتاتتى . ساڭا باھانە-سەۋەپ كۆرسىتىپ تىلىفۇن نۇمۇرۇمنى بىر نەچچە قېتىم ئالماشتۇرغان بولساممۇ ، ئۇ يەنىلا ئاپشاركىدەك يىڭى نۇمۇرۇم بىلەن قۇشۇپ ئۆينىڭ نۇمۇرىنىمۇ تېپىۋالدى . ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلسەملا يانفۇننى ئىتىۋىتەتتىم . بىراق ئۆيدىكى قارا مۈشۈك سايراشقا باشلايتتى . سىملىرىنى ئۈزۈپ ، پارە-پارە قىلغۇم كەلسىمۇ ئامالسىز ئىدىم . تىلىفۇن تىروپكىسىنى تۇتساملا ، ئۇنىڭدىن بىر پارچە يالقۇن چىقىپ مىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋىتىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كىتەتتى . كۆپ ۋاقىتلاردا سەن ئالاتتىڭ . شۇ زامات تىنىقىم توختاپ ، يۈرۈكۈم گۈپۈلدەپ سۇقۇپ كىتەتتى . تىلىفۇن ھامان خاتا ئۇرۇلغان بۇلۇپ چىقاتتى . مەن خۇددى سەھنىدە ئۇيۇن قۇيۇۋاتقان ئارتىستەك جىمى دەرت-ئەلەملىرىمنى يېقىملىق تەبەسسۇملىرىم بىلەن پەردازلاشقا مەجبۇر ئىدىم . يۈرىكىم يىغلايتتى ، ئۈزۈمنىڭ ئامالسىزلىقىغا ، بۇ ئىشنى مۇشۇ ۋاقىتقىچە سەندىن يۇشۇرۇپ ، كۈرۈۋاتقان دۇزاختەك كۈنلىرىمدىن ئېچىنىپ يىغلايتتى . چەكسىز مۇھەببەت بالقىپ تۇرغان كۆزلىرىڭ ، ئاتەشتەك ئىللىق باغرىڭ مىنى ۋەھىمىلىك رىئاللىقتىن قايتۇرۇپ ساماۋى گۈزەللىكلەر قوينىغا باشلاپ تۇرسىمۇ ، كۈزۈم ئۇيقىغا ئىلىنغان ھامان ئۇنىڭ يىرگىنىشلىك ئالۋاستىدەك قىياپىتى چۈشلىرىمدىن پەقەت نېرى  بولمايتتى .                                                                                                   
يەنە نىمە كۈنلەر كىلەركىن بۇ بەختى قارا بېشىمغا ؟                                                              
-مەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كاماندىروپكىغا باردىكەنمەن ، بىر ئايلاردا قايتىپ كىلەرمەنمىكىن ....    سۈپسۈزۈك ئاسماننى تۇيۇقسىز قارا بۇران باسقاندەك قورقۇپ كەتتىم . سەن كەتسەڭ مەن تېخىمۇ تۈگىشىپ كەتمەمدىم ، كۆز ياشلىرىم يامغۇر بۇلۇپ قۇيۇلدى . ئۈزۈمنى ساڭا ئېتىپ ، باغرىڭغا سىڭىپلا كەتتىم .

-بارماي دىسەم ئۇناشمىدى، ماڭا چىدىمايدىغىنىڭنى بىلىمەن بىر دانەم ، بىزگە چىدىماقتىن باشقا ئامال يوق ، ھىجراندىن كىيىكى ۋىسال تېخىمۇ شىرىن بۇلىدۇ ...
چىش يېرىپ ھېچنىمە دىمىدىم ، يۈزلىرىڭگە ، لەۋلىرىڭگە ، بۇيۇنلىرىڭغا ئەسەبىيلىك بىلەن سۈيۈپ كەتتىم . خۇددى ئەڭ ئاخىرقى ئايرىلىش بۇلۇپ قالىدىغاندەك ... نىمە دىيەلەيتتىم ؟ مەن گۇيا ئوۋچىنىڭ ئالدىدىكى كىيىك ئىدىم ، جۇدۇندىكى گۈل بەرگى ئىدىم ، شامالدا ئۈچەيلا دەپ قالغان شام ئىدىم . سەن كىتىپ قالدىڭ . كۆز ياشلىرىمنى زورىغا بېسىپ ئاللادىن ساڭا ئامانلىق تىلىدىم .  


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارسلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى 13:32  


Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى 18:03:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرغا تەشنامىز ئارسىلان ئەپەندى

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
972 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى 20:19:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىرايى ، مىھرىبانلىقى سىنىلا تارتقان سىڭلىڭ ماڭا ھەمرا بۇلىدىغان بولدى . بۇ كىچىك ئۇمىقىم ئاق-قارىنى پەرق ئىتىدىغان، كىچككىنە قوللىرى شۇنچىلىك گۈل ، ئادەمنى ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان قىز ئىدى .ئىشتىن كىلىشىمگە كۆكتاتلارنى ئادالاپ مىنى ساخلايتتى ، ماڭا ھەر ھالدا يۈرەك قۇشۇلغان بولسىمۇ كۈنىلىرىم چۈچۈش ، قورقۇش ئىچىدە داۋام قىلماقتا ئىدى . ئۇ سايە ھەر ۋاقىت قۇيۇنتازدەك بىكەتتە ، يوللاردا ، ھەتتا بىنانىڭ ئالدىدا پەيدا بۇلۇپ تۇراتتى.                                             
سەن كىتىپ ئەتىسىلا بىر دوستۇم بىلەن دوختۇرخانىغا باردىم . بارغۇچە قاپىقىم تۇلا تارتىپ ، مىنى ئەنسىز خىياللار قوينىغا ئېلىۋالدى . دوختۇرنىڭ مۇبارەك بولسۇن دىيىشدىن خۇشاللىقىقا چۈمۈپ قېن-قېنىمغا پاتماي كەتتىم، چۈنكى يەنە بىر يۈرەك ۋۇجۇدۇمغا كۈچ بېغىشلاش ئالدىدا تۇرۇۋاتاتتى . بىز ھاياجان ، سۈيۈنۈشلەر ئىچىدە بىر-بىرىمىزنى قولتۇقلىشىپ دوختۇرخانىدىن قايتىپ چىقتۇق . دەرۋازىنىڭ ئالدىدا قانداقتۇر بىر سۇغۇق نۇرنىڭ ماڭا تىكىلىۋاتقانلىقىنى سەزگەندەك بولدۇم ، ئۇ زادى نىمىدۇر ؟ بەلكىم زىيادە سەزگۈرلىشىپ كەتكەن ئوخشايمەن . شۇ تاپتا شۇنچىلىك خۇشال بۇلۇۋاتقان بولساممۇ يۈرۈكۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە بىر مۇجۇلۇش بار ئىدى ، سىقىلىش بار ئىدى . گۇيا كىچىككىنە بىر قۇرت يۈرىكىمنى چىمدىپ تارتىۋاتقاندەك...                                                   
سەن كەتكىلى ئەمدىلا ئىككى كۈن بولغان بولسىمۇ ، جۇدالىقنىڭ دەردىنى ئۇبدانلا تارتىۋاتاتتىم ، سىغىنىشلىرىمنى قۇرسىقىمنى سىلاپ ئولتۇرۇپ بالامغا پىچىرلاپ تۇرۇپ دەپ بىرەتتىم ، كىچىك قىز شەيتانلىق قىلىپ كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرۇپ تۇرسىمۇ ، خىيالىم يەنىلا سەندە ئىدى . ئىشتىن چۈشۈپ كۆكتات بازىرىغا كەلدىم . بۈگۈن كەچتە ئۇمىقىمغا تۇخۇ قورىمىسى قىلىپ بەرمەكچى بولغان ئىدىم . تۇخۇ گۈشى ، ياڭيۇ ، قىزىلمۇچ ... قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم . كەينىمدىن بىرى ئىز قوغلاپ مېڭىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ قەدىمىمنى ئىتتىكلەتتىم . غۇچۇرلىتىپ كۆكتات يۇيۇۋاتىمەن . خىيالىم سەن تامان ئۇچقان ئىدى. شۇنچىلىك شىرىن ، شۇنچىلىك لەزىز خىياللار ئىچىدە ئىككىمىزنىڭ مۇھەببەت بېغىدا سەيلە قىلىۋاتىمەن . بۈگۈن خېلىلا خۇشال ئىدىم . ئۇزۇن يوللۇق تىلىفۇنۇڭ ماڭا كۈچ ،ئىشەنچ بېغىشلىدى . تۈنۈگۈن بالامنىڭ خۇشاللىقى بىلەن مەست بولغان بولسام ، بۈگۈن مۇھەببەتلىك سۆزلىرىڭدىن قەلبىم قايتىدىن لەرزىگە تولدى ، خۇددى يىڭىلا سۆيگەن ئاشىقىنىڭ توي تەكلىپىگە مۇيەسسەر بولغان قىزدەك ... غىڭشىپ ناخشا ئېيتقاچ سۇغا چىلانغان تۇخۇ گۈشىنى سۈزۈۋېلىپ پارچىلاشقا تۇتۇش قىلدىم . لەنىتى تىلىفۇن شۇنداق توۋلىدىكى ،ئەسلىدىلا جىمجىت ئۆيدە مەن تاتلىق خىياللار  بۈشۈكىدە ئەللەيلىنىۋاتقان بولغاچقا ، بايىلا بىلەنگەن ئۆتكۈر پىچاقتا قانداقلارچە قۇلۇمنى كىسىۋالغىنىمنى بىلەلمەيلا قالدىم . دەھشەتلىك بىر ئاغرىق تاپىنىمدىن كىرىپ چۇقامغا چىقتى ، سۈڭىكى كۈرۈنۈپ قالاي دەپ قالغان بارمىقىمغا قاراپ چىقىراپ كەتتىم . نېرىقى ئۆيدە تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان ئۇمىقىم ھايالسىزلا قېشىمدا پەيدا بۇلۇپ جىددىيلەشكىنىدىن تىپىرلاپ كەتتى . قانغا بۇيالغان ئالقىنىمنى قەغەزگە ئۇراپ تىلىفۇننىڭ قېشىغا كەلدىم . توغرا ، سەن ماڭا تىلىفۇن قىلغان ۋاقىتتا تىلىفۇنۇمنىڭ تۇكى تۈگەپ كەتكەچكە ، گىپىمىز ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى . ئاغرىقنىمۇ ئۇنتۇپ دۈپۈلدەپ قېپىدىن چىقىپ كىتەيلا يۈرۈكۈمنى تۇتۇۋالماقچى بولغاندەك كۆكسۈمنى چىڭ بېسىۋالدىم .
ئاھ خۇدا، بەندەم دىسەڭ بۇ كۈنلەرگە قويمىغايسەن . تىلىفۇن ئىكرانىدا مەن سۆيگەن ، ئىنتىزار بولغان ئادەمنىڭ ئەمەس ، ھاياتىمىدىكى ئەڭ نەپرەتلىك ، ئەڭ قورقۇنچلىق بىرسىنىڭ نۇمۇرى لىپىلداپ تۇراتتى . تىلىفۇن توختىماي سايرىماقتا ، ئۆيگە سىڭىۋاتقان ئەكىس سادا بىلەن پىچاقنىڭ ئاغرىقى قۇشۇلۇپ پۇتۇن ۋۇجۇدۇم تىترەپ كەتتى . ئاكام ساقلاپ قالىدۇ ھەدە ... ئۇمىقىمنىڭ پىچىرلاشلىرىدىن ئۈزۈمگە كىلىپ تىروپكىنى ئىتتىكلا قۇلۇمغا ئالدىم . ۋەي ... ئاۋازىم ئۈزۈمگە يىغلامسىرىغاندەك ئاڭلىنىپ كەتتى.
قۇلىقىم تۈۋىدە جاراڭلىغان دۇزاخنىڭ تىگىدىن كىلىۋاتقاندەك ۋەھىمىلىك ، شەيتان پىچىرلاۋاتقاندەك يىرگىنىشلىك بىر  ئاۋاز قەلبىمنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋەتتى .                                            
- سەن ئىكەنلىگىڭنى بىلىمەن ، ئۈيۈڭدە ئاشىقىڭنىڭ سىڭلىسى بارلىقىنىمۇ بىلىمەن . ئۇنىڭ ئالدىدا يۈزۈم تۈكۈلمىسۇن دىسەڭ دەرھال پەسكە چۈش . بىر ئېغىزلا گىپىم بار . چۈشمىسەڭ مەن تېپىپ چىقالايمەن . سىنى ئايىدىم ... سىنى ئاياي دىدىم ... بىر مىنۇت ..                                       
ئۇنىڭ تەھدىتكىمۇ ، يالۋۇرۇشقىمۇ ئوخشىمايدىغان بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ سۇغۇق زىمىستاننىڭ مۇزدەك كاچكۇلىغا چۈشۈپ كەتتىم . ئوتتا قىلدەك تولغاندىم . بۇراندا نەلەرگىدۇ ئۇچتۇم ... قۇلۇمغا يۆگىۋالغان قەغەز قىپقىزىل قانغا بۇيالغانىدى . پىلاستىر ئىزدەش ئىسىمگىمۇ كەلمىدى . ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن . ماقۇل دىگىنىمچە زەردە بىلەن تىروپكىنى قويدۇم . سىڭلىڭ چىرايىمغا قاراپ نىمىلەرنىدۇ دىمەكچى بولغاندەك قىلدىيۇ گەپ قىلمىدى .مەن چۈشۈشنى تاللىغان ئىدىم . مىنى شۇنداق چوڭ بىلىدىغان سىڭلىڭنىڭ ئالدىدا ئۇ چىقىپلا قالسا تۈگەشكىنىم شۇ ئىدى . ناۋادا ئۇ چىقىپ ئىشىكنى مۇشتلاپ ۋاقىراپ-جاقىراپ يۈرسە خوشنا-خۇلۇملىرىمنىڭ ئالدىدا يۈزۈم پوق بۇلاتتى . قەدەملىرىم شۇنچىلىك ئېغىر ، مەجبۇرى سۇراققا ھەيدىلىۋاتقان مەھبۇستەك پەلەمپەيدىن تەسلىكتە چۈشۈۋاتىمەن . چۈنكى ئۇنىڭ ئېغىر ھاسىراشلىرىدىن ، ئۈزۈلۈپ چىقىۋاتقان گەپلىرىدىن ئىچىۋالغانلىقىنى ھىس قىلغانىدىم .گۈللۇكلەرنىڭ ئەتراپىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان چىراقلار ئاللىقاچان يېقىلغان ، بالىلار ئويناۋاتاتتى . چوڭلار توپ-توپ بۇلۇپ قىزغىنلىق بىلەن پاراڭلىرىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى .ئۇ مەندىن نەچچە ئون مىتىر يىراقلىقتىكى قېرى قارىياغاچنىڭ تۈۋىدە مىنى ساقلاپ تۇراتتى . كىسىلگەن قۇلۇمنى يەنە بىر قۇلۇمدا تۇتقىنىمچە تۈگمەن تېشىدەك ئېغىرلاشقان قەدەملىرىم بىلەن يۈزۈمگە دەسسىگەنچىلىك قىلىپ ئالدىغا ماڭدىم . ئۇ مىنى كۈرۈپ ئالدىغا بىر قەدەم چامدىدى . ئېغىزلىرىنى قىيسايتىپ كۈلمەكچى بولدى . ئۇنىڭ پاخپايغان چاچلىرىدىن ، بۇشىتىلغان گالىستۇكلىرىدىن بىزار بۇلۇپ نەزىرىمنى باشقا ياققا بۇرىدىم . بۇ قېتىملىق ئۇچرىشش مەن ئۈچۈن جەڭگە ئوخشايتتى . ئۈزەمنى تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشىپ ، ئۇنى كۈتمەستىنلا ئېغىز ئاچتىم .                                       
- گىپىڭىز بولسا تىزراق دىسىڭىز ، مەن ... ئۇ قۇپاللىق بىلەن گىپىمنى بۈلۈۋەتتى .
- بىلىمەن . سەن بۈگۈن بەك خۇشال ، چۈنكى ئانا بولغىلىۋاتىسەن . بۇنى تۈنۈگۈن سەن دوختۇرخانىغا بارغاندا كەينىڭدە تۇرۇپ تۇيۇقسىز ئاڭلاپ قالدىم ، مۇبارەك بولسۇن . گەرچە بۇيۇڭدىكى بالا مىنىڭ بولمىسىمۇ ئەمما قەلبىمدىكى مەبۇدە سەن بولغانلىقىڭ ئۈچۈن سىنى تەبرىكلەپ قۇياي دىدىم . ئەسلى بالا مىنىڭ بۇلىشى كىرەكتى . سەن پۇرسەت بەرمىدىڭ ...
ئۇ تۇيۇقسىز گىپىدىن توختاپ قۇلۇمغا سىنچىلاپ قاراپ كەتتى . جىددىيلىشىپ قەغەزنى بوش ئۇرۇدۇممۇ ياكى قۇيۇۋەتتىممۇ قۇلۇمدىن يەنە قان ئېقىشقا باشلىغانىدى . ئۇ يانچۇقىدىن قولياغلىق چىقىرىپ قۇلۇمنى تاڭماقچى بولدى .
- ماڭا يېقىنلاشماڭ ... مەن كەينىمگە داجىدىم .
ئۇ چىرايىمغا قارىدى . ئاندىن ئىڭىشىپ قارىياغاچقا يۈلەپ قۇيۇلغان خالتىدىن بىر كوروپكىنى ئېلىپ ماڭا ئۇزاتتى .
- بۇ سەن ئەڭ ياختۇرىدىغان شاكىلات . شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى سوۋغام ، ئەڭ ئاخىرقى ئاۋارە قىلىشىم بۇلۇپ قالسۇن . ئېلىپ قوي .
مەن ئۈن-تۈنسىز تۇرىۋەردىم .
- مىنى ئۆلتۈرۈپ بولدۇڭ ، يەنە پۇخادىن چىقمىدىڭما ؟ ئۇ ھۆكىرەپ دەرەخكە زەردە بىلەن مۇشتلىدى .بەش بارمىغىنىڭ ئۈگىسىدە تەپچىرەپ چىققان قان ئۇنىڭ قوللىرىنى بىردەمدىلا گۈلدار قىلىپ قويدى .
- مەن چىقاي ... ئۇنىڭ چىرايى غەلىتىلا بۇلۇپ  ۋاقىراپلا كەتتى :
- مەن كىتىمەن ، ئەمما سىنىمۇ بىللە ئېلىپ كىتىمەن . مەن ئۇنىڭ گىپىنى چۈشىنەلمەيلا قالدىم . ئۇ ئالدىغا ئېتىلدى . مەن قېچىپ ئۆلگىرەلمىدىم . قانغا بۇيالغان قوللىرى بىلەن قان تامچىپ تۇرغان قوللىرىمنى چىڭ تۇتۇۋالدى . مەن يۇلقۇندۇم .
- قارا ، قانغا بۇيالغان قوللىرىمىز چىراق نۇرىدا خۇددى قىزىلگۈلدەك جۇلالاپ كەتتى . بىراق ئۇ ھامان تۇزۇيدۇ .
چايان چاققاندەك چۈچۈپ كەتتىم . قوللىرىمنى تەستە بۇشىتىپ بار كۈچۈم بىلەن يۈگۈردۈم . سىنى چۇقۇم ئېلىپ كىتىمەن . ئۇنىڭ ئاۋازىغا يىغا ئارلىشىپ كەتتى .
شۇ كىچىىنىڭ قانداق ئۆتكىنىنى تۇيماي قالدىم . ئەتىسى يىغىدىن قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن قاپاقلىرىمغا . قوقاق بېسىپ كەتكەن ئېغىزىمغا قاراپ ھەقىقەتەنمۇ بىر مۇدھىش چۈشنى كۆرگەنلىكىمنى ھىس قىلدىم .
تىلىفۇنۇم سايرىماس بولدى . ئاپتۇبۇس بىكىتىدىن ، ماڭار يوللىرىمدىن ... ئۇ ئۆزلىكىدىن يۇقاپ كەتتى . كۈنلىرىم ھەر ھالدا ئىزىغا چۈشۈشكە باشلىدى . قارىغاندا ئۇ مىنى قايتا ئاۋارە قىلمايدىغاندەك تۇراتتى . بىراق سىنى ئېلىپ كىتىمەن دىگىنى نىمىسى ؟
سەن كەتكىلى 28 كۈن بولدى . ئاخىرى سىنىڭ خوشخەۋىرىڭنى ئاڭلىدىم . ئەتە كىلىدىكەنسەن . ھىجرانلىق كۈتۈشلىرىمگە ، دەككە-دۈككە ئىچىدىكى كۈنلىرىمگە ، ئۇيقىسىز كىچىلىرىمگە خاتىمە بىرىدىكەنسەن . بۇ 28 كۈن ئىچىدە نىمىلەرنى باشتىن كەچۈرمىدىم دەيسەن . سەنسىز ھاياتىمنىڭ ھېچقانداق مەزمۇنى بولمايدىغانلىقىنى ، سەنسىز مۇھەببەت گۈلۈمنىڭ بەرق ئۇرالمايدىغانلىقىمنى تېخىمۇ ھىس قىلدىم . تەييارلىق قىلىشىم كىرەك . سىنى تاۋلانغان ، پاك ، قاردەك غۇبارسىز مۇھەببىتىم بىلەن كۈتۈۋېلىشىم كىرەك . بۈگۈن چۈشتىن كىيىندىن باشلاپ رۇخسەت سورىدىم . مىۋە-چىۋە ، سەي-كۆكتات ، گۈش سېتىۋېلىپ ئۆيۈمگە كەلدىم .سومكامدىكى ئاچقۇچنى ئېلىش ئۈچۈن قۇلۇمدىكى خالتىلارنى يەرگە قۇيۇشقا ئىڭىشىپ ، ئىشىك ئالدىدىكى پالازغا تاشلاپ قۇيۇلغان بىر كونۋېرتقا كۈزۈم چۈشتى . تاپشۇرۇرۋالغۇچى مەن ئىدىم . ئىمزاسىز بۇ خەت ھەيرانلىقىمنى قوزغىدى . ئۆيگە كىرىپ خالتىلارنى قۇيۇپلا كونۋېرتنى يىرتتىم ... كۆزلىرىم قېتىپ قالدى . خەت قۇلۇمدىن چۈشۈپ كەتتى . قۇياش پارلاپ تۇرغان يۇپيۇرۇق كۈندۈزنى قاپقارا تۈن قوينىغا ئالدى . دۇزاخ ئۇتى بىر بالداق ئۆرلىدى ، رەزىلىككە تولغان بۇ دۇنيا يىرگىنىشلىك قان-يىرىڭغا ئايلاندى ،
مۇھەببەت ، نەپرەت مەن ئۈچۈن پۈتۈنلەي ئەھمىيىتىنى يۇقاتتى ... شۇ ھالدا قانچىلىك تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن ، ئالدىراپ دوختۇرخانىغا چاپتىم . دوختۇرخانا دەرۋازىسى ئۇ ئالەمنىڭ بۇسۇغىسىدەك بىلىنىپ كەتتى ، بۇنىڭ راست بولماسلىقىنى تىلەيتتىم ، ئەمما تەكشۈرۈش نەتىجىسى مىنى قۇتۇلۇش مۇمكىن بولمايدىغان زولمەتلىك بىر ھاڭغا رەھىمسىزلەرچە تاشلىۋەتتى . دات-پەريات كۈتۈرمىدىم ، ئۇنى تىللاپمۇ قارغىمىدىم ، سىمايىڭ كۆز ئالدىمدا نامايەن بولغاندا ئىككى تامچە ياش مەڭزىمگە سىرغىپ چۈشتى . ماڭا ئاتا قىلغان مۇھەببىتىڭدىن مەڭگۈ مىننەتدارمەن . نۇرغۇن ئويلىنىش ، ئىككىلىنىشتىن كىيىن ئەڭ ئاخىرقى قارارىمنى چىقاردىم . ۋۇجۇدۇمدىكى ھارغىنلىق ، قورقۇنۇش نەلەرگىدۇ غايىپ بۇلۇپ ئىختىيارسىز كۈلۈمسىرىدىم . دۇنيا ئاخىرەتلىكنىڭ لەنەتلىك تامغىسى بېسىلغان رەزىل تىنىمنى قېنىم ئارقىلىق پاكلىماقچى بولدۇم .  .ئەتىكى گۈزەل ئارزۇ ئارمانلىرىمنى ئۈزۈم بىلەن بىرگە دەپنە قىلماقچىمەن . بالامنىڭ ، سىنىڭ بەختىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادىن كەتمەكچىمەن .  . بارلىق دەرت-ئازاپ مەن بىلەن كەتسۇن . ئۈتۈنەي جېنىم ، ئۈزۈڭنى بىھۇدە قىينىما . ماڭا ۋەدە بەر ، مەن بەختى قارا ۋاپاسىزنى ئۇنتۇپ كەت ..

داۋامى بار بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارسلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى 13:53  


Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى 20:27:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزىز تەنلىرى ئامان بولسۇن.بۇنىڭدىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق ئېسىل تىمىلىرىڭىزغا تەشنامىز

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى 21:22:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە داۋامىنى ساقلامدىمشۇنداق قىزىقىپ ئوقۇۋاتسام

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
972 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى 18:10:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈلۈمىىڭنىڭ سىرلىرى پۈتۈلگەن خاتىرە تۈگىدى . كۆز ياشلىرىم تۈكۈلمەكتە ، يۈرىكىم ئۈنسىز نىدا قىلماقتا . مەن ئۈچۈن تۈلىگەن بەدەللىرىڭ بەك كۆپ ، بەكمۇ كۆپ بۇلۇپ كىتىپتۇ . نىمىشقا بىخەستەلىك قىلغاندىمەن ؟ قىزىرىپ قالغان كۆزلىرىڭگە ، قۇرىغان ياپراقتەك پات-پات سارغىيىپ قالىدىغان چىھرىڭگە نىمىشقا ئىچ-ئىچىمدىن نەزەر سالمىغاندىمەن ؟ سەن نىمانچە كۈتۈرۈشچان ، نىمانداق چىداملىقسەن ؟ شۇنچىۋىلا ئازاپلارنى يەلكەڭگە ئارتىپ يۈرۈپمۇ ، كۈلگىنىڭنىڭ نىمىسى ؟ ماڭا دىسەڭ بەختىمىزگە سايە تاشلىغان ئۇ شۇمبۇيىنى بىرلىكتە يۇلىۋەتمەسمىدۇق ؟ چارە-ئامال ئىزدىمەسمىدۇق ؟ كۆز ئالدىمدا ئۇ ئەبلەخنىڭ خېتى تۇرۇپتۇ . قوللىرىم يىڭىۋاشتىن غەزەپ بىلەن تىترىدى . كۆز ياشلاردىن قىسمەن جايلىرىنىڭ رېڭى ئۆزگەرگەن خەتكە ئۆكسۈپ تۇرۇپ نەزەر تاشلىدىم .

خېتىمنى كۈرۈپ ھەيران قالما ، سەن بۇ خەتنى ئېلىۋاتقىنىڭدا مىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتە سىنى ئاخىرقى قېتىم كۈرۈۋېلىش ئۈچۈن ساقلاپ تۇرغىنىمنى بىلمەيسەن . بۇ ئىش قايسى يۇسۇندا بولمىسۇن ھامىنى يۈز بىرەتتى . چۈنكى مەن مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن كىچىشكە تەييارلانغان ئىدىم . مىنى ئەقلىمدىن ئازدۇردۇڭ ، ياشلىقىمنى ، ئادەملىكىمنى ، غۇرۇرۇمنى نابۇت قىلدىڭ . سەن ئۈچۈن كۆپ قۇربانلىقلارنى بەردىم .مەكتەپتە كەينىڭدىن تۆت يىل يۈرۈپتىمەن . ئىللىق تەبەسسۇمىڭ تۈگۈل ، قىيا بېقىشىڭغىمۇ ئىرىشەلمىدىم . كىشىلەر غاجاپ سۈڭىكىنى تاشلاپ بەرگەن ئىتچىلىكمۇ بۇلالمىدىم .شۇنداقتىمۇ ئۈمىت ئۈزمىدىم . يۇرتۇمدىن ، ئاتا-ئانامدىن كىچىپ مۇشۇ شەھەردە قېلىش ئۈچۈن كىملەرگە يالۋۇرمىدىم ، كىملەرنىڭ بۇسۇغىسىدا خار بولمىدىم ؟ سەن بۇلارنى بىلمەيتتىڭ ، بىلىشنىمۇ ئەسلا خالىمايتتىڭ . ئاخىرى ئارزۇ قىلغان خىزمەتكىمۇ ئىرىشتىم . لېكىن سەن ئاللىقاچان توي لىباسى كىيىپ ، كىلىنچەك بۇلۇپ بولغانىدىڭ . يىغلىدىم ، ئۈلۈۋالماقچىمۇ بولدۇم. يەنىلا چىدىدىم ، سىنىڭ ماڭا   نىسىپ بۇلىدىغىنىڭغا ئۈزەمنى ئىشەندۈردۈم . چاچلىرىم ئاقىرىپ ، كۈزۈمنىڭ قارىسى ئېقىپ تۈگىگىچە ساقلاشقا قەسەم قىلدىم . سايەڭدەك ، قوغدىغۇچىڭدەك ئەگىشىپ يۈردۈم . ھاقارەتلىدىڭ ، قۇپاللارچە رەت قىلدىڭ . ئىچىملىككە بىرىلدىم ، قىزىل چىراقلىق ئايرىم خانىلارنى ماكان قىلدىم . تىنىمغا بىر نىجىس ئىپلاس مەرەزنى يۇقتۇرۋالغىنىمنى بىلگىنىمدە كۆزلىرىمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى . سەۋەپچىسى سەن ئىدىڭ . بىز كۈرۈشكەن كۈنى سوۋغامنى قۇبۇل قىلغان بولساڭ ، ساڭا مەڭگۈلۈك بەخىت تىلەپ ، بۇ دۇنيادىن ئۇن-تىنسىز يۇقالغان بۇلاتتىم . ھاياتىمدىن ئۈمىدىم ئۈزۈلۈپ ، ئەجەلگە قەدەم تاشلاۋاتقان شۇ مىنۇتلىرىمدا يەنە رەت قىلىشىڭ  مەن ئۈچۈن بەك ئېغىر كەلدى . قۇلۇڭدىكى بىلىقنىڭ ئاغزىدەك ئېچىلىپ قالغان يارىنى كۈرۈپ ، كۆڭلۈمدە بىر شۇم خىيال لىپلا قىلىپ قالدى . سىنىمۇ ئازاپنىڭ تەمىنى تېتىپ باقسا قانداق بۇلار دەپ ئويلىدىم . گۈلقەقەلىرىم ئېچىلىپ كەتتى . بىراق كەيىپتىن يىشىلىپ ئەقلىمنى تاپقىنىمدا كىچىككەن ئىدىم . ئېيىقتەك ھۆركىرىدىم ، كىيىكتەك بوزلىدىم ، كىچىك بالىدەك ئىسەدىدىم . ئۈزەمنىڭ نىمە ئىش قىلغىنىمنى ، ساڭا قانداق پەسكەشلىك قىلغىنىمنى ، ساڭا بولغان مۇھەببىتىمنى قانداقلارچە نابۇت قىلغىنىمنى بىلگىنىمدە خىش قېلىپتىن چىقىپ بولغان ، خرۇستالدەك يالتىراپ تۇرغان ئەينىكىڭگە دەز كىتىپ بولغان ئىدى . تۇنجى قېتىم توۋا قىلدىم ، ئاللادىن سەن ئۈچۈن ئامان-ئىسەنلىك تىلىدىم ، بۇ مەرەزنىڭ ساڭا يۇقۇپ قالماسلىقىنى شۇنچىلىك ئۈمىت قىلدىم . سىنى ، دۇنياغا كىلىش ئالدىدا تۇرغان بىگۇناھ جاننى ئويلىدىم . ھەر ھالدا تەكشۈرتۈپ باق . بەلكىم ئارتۇقچە ئويلاردا بۇلۇپ قالغاندىمەن .
ئەمدى مىنى مەڭگۈ كۆرمەيسەن ، ئۈلۈكۈمنىڭ نەلەردە قالىدىغىنىنى ئۈزۈممۇ بىلمەيمەن . لېكىن بىر نەرسە ساڭا ئايان بولسۇنكى ، ھاياتىمدىكى تۇنجى ۋە ئەڭ ئاخىرقى ياخشى كۆرگىنىم ئادىمىم  پەقەتلا  سەن .
خەير ئامان بول ، بەخىت ساڭا مەڭگۈلۈك يار بولسۇن .

تۈگىدى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارسلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى 18:14  


Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى 18:29:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكايىنى نەچچە رەت ئوقىغىنمنىمۇ بىلمەيمەن.بىر مۇنبەرگە كىرسەم بىر ئوقۇيمەن.ئارسىلان ئەپەندىنىمۇ نەچچە رەت سۈيلەپ كەتتىم. بولسا باشقۇرغىچىلار تىمىنى تەھرىرلەپ بىر يەرگە  يىغىپ  نادىرلاپ قۇيسا دىگەن  ئۈمىتتىمەن.
    ئارسىلان ئەپەندىنىڭ بۇنىڭدىن كىينكى ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن!

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 02:22 , Processed in 0.224795 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش