يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: ئارسلان

پاكلىنىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى 00:40:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى

  ئەينەك ئالدىدا ئۇھسىنىش ، نادامەت ئىچىدە ئۈزەمگە قارىماقتىمەن . بۆرتۈپ چىققان مەڭىز سۈڭەكلىرى تىشىۋىتەي دەپ قالغان تاتارغان يۈزلەر ، گۆردەك ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن يۇغان-يۇغان قارىقۇمچاق كۆزلەر ، ھېلىتىنلا يامراۋاتقان ئىنچىكە قورۇقلار ، ۋاقىتسىز ئاق ئارىلاپ كىرلەشكەن رەتسىز چاچلار ،يۇغىناپ قالغان جاۋغايلار... كۆز ئالدىمدا باشقىچە بىر ئادەم ماڭا غەمكىنغىنە بېقىپ تۇراتتى . ئۇ - تالايلىغان قىزلارنىڭ يۈرەكلىرىنى كاۋاپ قىلىپ ، ئىشقى مۇھەببەت ئۇتىدا پۇچۇلاندۇرغان ، كىچىلىرى تۇلۇنئايغا بېقىپ ، ھەسرەتلىك ياشلىرىدىن ئىتەكلىرىنى ھۆل قىلغان ، قىزلىق غۇرۇرىنى بىر چەتكە قايرىپ قۇيۇپ ، كۈڭۈل دۇردانىلىرىدىن ئۈنچىلەر كەشتىلەنگەن سىرلىرى بولمىش مۇھەببەت خەتلىرىنى چىرايلىققىنا رەت قىلىپ  ئاكىلارچە بەخىت تىلىگەن ، سەن ئۈچۈن بارلىغىنى بېغىشلاپ شىرىن مۇھەببىتىڭدىن غالىپلارچە كۈلگەن ، تۇرمۇشنىڭ غەم-غۇسسە خاپىلىقلىرىنى سىنىڭ تاتلىققىنا بىر جىلمىيىشىڭدىن ئۇنتۇپ ، مەڭگۈ سادىق ھەمراھىڭ بۇلۇشقا مەيدە قاققان ، ئۈلۈمىڭدىن كىيىن ئەنە شۇنداق غېرىپ ، ئەنە شۇنداق بىگانە تىرىك مۇردىغا ئايلىنىپ قالغان مەن ئىدىم .ئاخىرەتلىك ھەممە ئىشلىرىڭ ئۆز يۇلى بىلەن تۈگىدى . قىرىق نەزىرىڭ بىرىلگەن ئەشۇ كۈندىن باشلاپ ، سىنىڭ رىئاللىقتىكى تۇرمۇشۇمدىن شەكسىز يۇقالغىنىڭغا ئىشەندىم . ئۆي دەيمەنۇ ، ھازىر مەن تۇرۇۋاتقان مۇشۇ كۈلبىدە راستىنلا ئىككىمىزنىڭ نەچچە يىل بىرگە ياشىغىنىمىزغا ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ ، شۇنچىلىك سۇغۇق ، شۇنچىلىك ۋەيرانە . پىغانلىق نالىلىرىمگە ، ئەسەبىيلەرچە كۈلكىلىرىمگە بىر نەرسە ھەمراھ . ئۇ ھەر ۋاقىت ماڭا قاراپ تۇرىدۇ . كۈلسەم كۈلىدۇ ، يىغلىسام ئەگىشىپ يىغلايدۇ . شۇ تاپتا ئۇ كەينىمدىلا ، ئەينەكتىن ئۇنىڭ ئەكسىنى كۆرمەكتىمەن . ئوت چاقناۋاتقان ئۇرىدەك كۆزلەر ، بوينۇمدىن سىقىشقا تەييارلا تۇرىدىغان ئارىدەك قوللار ، ئادەمنى شۈركەندۈرۈپ تۈگەشتۈرۋىتىدىغان بۇغۇق پەرياتلار...
يالغۇز ئوغلۇمنڭ ئەتىۋارلىقى ، ئۈيۈمنىڭ بىر دانە قىزىلگۈلى دەپ سىنى بېشىغا ئېلىپ كۈتۈرىدىغان ، بارىدىغىنىڭنى ئاڭلىسا ئىشىك ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالىدىغان ئاناممۇ ، بۇ تۇيۇقسىز زەربىدىن بىھۇش بۇلۇپ يېقىلغىنىچە ، كىسەل كارۋىتىدا ئۈنسىز ياش تۈكۈپ ياتىدۇ . دادام ۋاپادار ھەمراھىنىڭ مۇشۇ كۈنگە قېلىشىغا سەۋەپچى بولغان ساڭا ھەم ماڭا ئىچىدە نارازى بۇلۇپ قاپىقىنىمۇ ئاچمايدۇ . بىلەمسەن ، بەخىت ، كۈلكە ... ھەتتا يېقىنلىرىممۇ مەندىن يىراقلاپ كەتتى . ھەممىنىڭ نەزىرىدە چىرايىمۇ ، خۇلقىمۇ › ساداقىتىمۇ ، مىجەزىمۇ ئىشقىلىپ ئاياللار ئارىسىدا كەم تېپىلىدىغان سىنىڭدەك بىر لاتاپەت ئىگىسىنى مەن ئۆلتۇردۈم ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارسلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى 17:19  


Rank: 1

توردا
248 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
23
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى 06:45:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي خۇدايىم، زادى نىمە بولغاندۇ؟ ئاخىرىغا تەشنامەن!
ئىجادىيىتىڭىز ئۇتۇغلۇق بۇلسۇن!بەك ياخشى يېزىپسىز.

Rank: 1

توردا
214 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
136
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى 10:31:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز!داۋامىنى تېزراق يېزىشىڭىزنى كۈتىمەن!

مۇزىكا ئىنسان روھىنىڭ ئېنژىنىرى!

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى 12:50:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ،ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى 22:46:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى

بۈگۈن ئىشقا كەلدىم . خىزمەتداشلىرىمنىڭ غەلىتە مەخلۇققا ئۇچراپ قالغاندەك سۇغۇقلا سالام قىلىشىپ كۈزلىرىنى ئېلىپ قېچىشى ، ئىما-ئىشارەت قىلىشىپ  ئۆز-ئارا قۇلاق يېقىشلىرى نىرۋامغا تەگدى . شۇنداقتىمۇ دەردىمىنى ئىچىمگەيۇتۇپ ئىشخانىغا كىردىم . ئۈستىلىمدە قالايمىقان تاشلاپ قۇيۇلغان بىر تۇقام ماتىرياللار تۇپا-چاڭلار ئاستىدا غېرىپسىنىپ ياتاتتى . ماتىرياللارنى يۇغۇشتۇرۇرۇپ ئۈستەلنى ، كومپىيوتىرنى ئۇرۇندۇقۇمنى ئىنچىكىلىك بىلەن سۈرتۈپ چىقتىم . ئاۋال قىلىدىغان ئىشىمنى ئويلاشقاچ تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇردۇم . كۆپكۆك ئىسلار ھالقا-ھالقا بۇلۇپ تۈرۈلۈپ بوشلۇقلارغا سىڭمەكتە . قەلبىمدە تېخىچە بېسىقمايۋاتقان تەگسىز خىياللار يەنە غەليان كۈتۈرمەكتە ، ئاچچىقىنا ئۇھ تارتتىم . ئولتۇرسام ، قوپسام ، ماڭسام... سەن ماڭا ھەمرا بۇلۇۋاتقاندەك ، پاختىدەك يومشاق بۇدرۇق قوللىرىڭ مىنى تارتىۋاتقاندەك بىلىنەتتى .ئىختىيارسىز دەرىزىدىن بۇيۇنداپ سىرتقا قارىدىم . ياشىرىپ تۇرغان دەرەخزارلىقلار ، بىر-بىرىدىن رەڭ تالىشىپ مەيىن شامالدا نازغىپ تۇرغان گۈللەر ، ھەر خىل سىياقتىكى كىشىلەر كۈزۈمگە چېلىقتى . پەقەت سەنلا كۈرۈنمەيتتىڭ . كۈرۈنۈشۈڭ مۇمكىنلا ئەمەس ئاللىقاچان ئۇ ئالەمنىڭ پەرىشتىسى بۇلۇپ كەتكەنىدىڭ . قەلبىمگە مۆھۈردەك ئورناپ كەتكەن شىرىن ئەسلىمىلىرىڭ ،  تۇپىغا ئايلىنىپ كەتكەن جىسمىڭنىڭ ماڭا قايتا مەنسۇپ بولمايدىغانلىقىغا مىنى ئىشەندۈرۈپ بولغانىدى .بىراق خائىن كۆزلىرىم ماڭا بويسۇنمايتتى ، ئالدامچى كۆڭلۇم يەنىلا سىنى بار دەپ ھەريان چاپاتتى . ئازاپ ، جۇدالىق ، سىغىنىشقا تولغان بۇ كۈنلىرىمنىڭ قاچان ئاخىرلىشىشىغا كۈزۈم يەتمەيتتى .
كۈنلىرىم شۇ تەرىقىدە داۋاملاشماقتا . ئىشقا كىلىمەن ، كىتىمەن . كەچلىرى ھېلىقى يىرگىنىشلىك ئالۋاستى يەنە پەيدا بۇلىدۇ . بىراق بۇرۇنقىدەك ۋاھىم يىمەيمەن . تاماكامنى چەككەچ خىيالىمدا بۇرۇنقى كۈنلىرىمنى داۋاملاشتۇرىمەن . كەچلىك تاماقنى بىرگە يەيمىز . تىلىۋۇزۇر كۈرىمىز . چاقچاقلىشىپ گىرە سېلىشقان پېتى ئۇيقۇغا كىتىمىز ...
يىڭى بىر كۈن تاڭ ئاتتى . قۇياش يەر-جاھاننى قىزدۇرماقتا . كىشىلەر تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش چېپىشماقتا . ئىشخانامغا كەلدىم . كۈزۈم ياشاڭغۇرايدىغان بۇلۇپ قالغاچقا  يىڭىلا سېتىۋالغان تۈۋەن گىرادوسلۇق كۆز ئەينىكىمنى چىقىرىپ ئاۋايلاپ سۇرتتم  . زىھنىمنى يىغىپ ئەتە ئېچىلىدىغان يېغىنغا تەييارلىق قىلىشىم كىرەك . ماتىريال كۈرىۋاتىمەن ، توردىن نىمىلەرنىدۇ ئىزدەيمەن . تىلىغۇنۇم سايراپ قۇلۇغىمغا ئاپىرىشىمغا  ئانامنىڭ يىغلامسىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى . ئىشىكنى تاقىدىم ، كارۋاتتىن يىڭىلا چۈشكەن ئانامنى ساقلىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئالدىراپ ئۈيۈمگە يۈگۈردۈم . بېشىغا ئاپئاق لىچەك سالغان ، ئۇبدانلا جۈدەپ قالغان ئانام نەۋرە سىڭلىم بىلەن يۇلۇمغا قاراپ تۇراتتى . ئەھۋاللىشىپ ئۆيگە باشلىدىم . قالايمىقانچىلىققا تولغان ئۆيدە بىر خىل غېرىپلىق ھۈكۈم سۈرەتتى . ئانام يامراۋاتقان كۆز ياشلىرىنى ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن سۈرتكەچ ئىشىنى باشلىۋەتتى . نەۋرە سىڭلىممۇ ئانامنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە ئۇدۇللا كىيىم ئىشكابىنى ئېچىپ كىيىملىرىڭنى رەتلەشكە باشلىدى . ھەممىنى چۈشەندىم ، ئانام ئايالىنىڭ نەرسىلىرىنى كۈرۈپ تۇرسا مىنى تۈگىشىپ كىتىدۇ دەپ ئويلىغانىكەن . ئۈن-تىنسىز قاراپ تۇردۇم ، كىيىملىرىڭ ، ئاياغ-پايپاقلىرىڭ بىر-بىرلەپ خالتىلارغا قاچىلانماقتا ، يۈرىكىم ئازاپتىن لەختە-لەختە بولماقتا . كۈنسىرى تۇرمۇشىمدىن چىقىپ كىتىپ بارماقتىسەن . قۇلۇم يەتمەيدىغان مەۋھۇم بىر دۇنياغا يول ئالماقتىسەن . ئانامنىڭ يىنىككىنە نۇقۇشىدىن ئىسىمنى تېپىپ ، تەلىۋىنى ئۇرۇنلاش ئۈچۈن قەدىمىمنى سىلجىتتىم . تىترەۋاتقان قوللىرىمنى تەسلىكتە سۇزۇپ ، ئەپچىللىك بىلەن مېخلىۋىتىلگەن تويلۇق سۈرىتىمىزنى ئاجرىتىشقا باشلىدىم . خېلى ھەپىلىشىپ ئاجراتقانمۇ بولدۇم . پالاق قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ رامكىنىڭ كەينىدىن بىر خاتىرە دەپتەر لەيلەپ چۈشتى . رەسىمنى نەۋرە سىڭلىمغا تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ ،خاتىرىنى ئالدىم دە ، كومپىيوتىرىمنىڭ تارتمىسىغا يۇشۇردۇم . ئىسىيادىم ئەشۇ سىرلىق خاتىرىدىلا قالدى . سىنىڭ سىرلىق ئۈلۈمىڭنىڭ سەۋەبى ئەشۇ خاتىرە بىلەن چېتىشلىقتەك ، خاتىرە دەپتەر ھەممىنى سۆزلەپ بىرىدىغاندەك تەقەززا بۇلۇۋاتاتتىم . چۈنكى بۇ خاتىرىنى تۇنجى كۈرۈشۈم ئىدى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارسلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى 13:18  


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى 22:50:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىم....دىگەن بىلەن ئۇخلاش ئالدىدا قۇرۇق چىقىپ كەتمىدىم، قېنى داۋامىنى كۈتىمىز، راستىنلا بۇ قىزنىڭ ئۆلىمىنىڭ سىرى شۇ خاتىرىدىمىدۇ؟

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 1

توردا
248 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
23
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى 21:38:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىزراق يوللاڭە،بەك قىززىقىپ قالدىم.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى 22:57:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ھىكايىلەرنى بىر تىنىقتا ئوقۇسام دەيمەن ، داۋامى قاچان چىقار

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 1

توردا
214 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
136
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى 10:44:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ ئۆلۈمى راستىنلا خاتىرە بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىدۇ؟؟خاتىرىنى تېزراق ئېچىڭە!ئىچىدە نېمىلەر باركىن؟بەكلا قىزىقىپ قالدىم!

مۇزىكا ئىنسان روھىنىڭ ئېنژىنىرى!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى 03:41:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى

مۇقاۋىسىغا بىر جۈپ قىزىلگۈلنىڭ سۈرىتى بېسىلغان ، شۇنچىلىك نەپىس ئىشلەنگەن بۇ خاتىرە دەپتىرىنى ھاياجان ، ئىزتىراپ  ئىچىدە قۇلۇمغا ئالدىم . ئارىسىدا ئېغىزى ئېچىلغان بىر كونۋېرت تۇراتتى، كونۋېرتنى  ئۈستەلگە قويۇپ، مېنى ھاياجانغا سېلىۋاتقان خاتىرىنى ئاستا سىلىدىم. ئۇنىڭ ۋەزنى شۇنچىلىك ئېغىر ئىدىكى ئىختىيارسىز قوللىرىم تىترەپ ، ئالقىنىمغا چوغ ئېلىۋالغاندەك ، خاتىرىنى ئاچساملا مىنى ھىجران ئازاۋىدا يەتكۈچە قىيناپ  قاباھەتلىك چۈشكە ئوخشايدىغان ئاشۇ ئاخىرەتلىك مەنزىلىڭنىڭ ئېچىنىشلىق كارتىنىلىرى كۆز ئالدىمدا نامايەن بۇلىدىغاندەك  ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كىلىپ  تىنىقىممۇ ئىتتىكلەپ كىتىپ باراتتى . ئۈزەمگە چىدام ، مەدەت تىلەپ كۈيۈشۈۋاتقان بارماقلىرىم بىلەن خاتىرىنى ئاچتىم.

بۈگۈن نىمىشقىدۇر خاتىرە يازغۇم كىلىپ قالدى . بەلكىم زىيادە ھاياجانلانغىنىمدىن نىمە قىلىشىم كىرەكلىگىنى بىلەلمەيۋاتقان بولسام كىرەك. شۇ تاپتا يېنىمدا بولساڭ ئىدىڭ كىچىككىنە جېنىمغا پاتمايۋاتقان ، پەقەت بىزگىلا تەۋە بۇ خۇشاللىقنىڭ سىرىنى ئۆز ئاغزىم بىلەن قۇلۇقىڭغا باھار شامىلىدەك شىۋىرلاپ تۇرۇپ ئېيتىپ بەرگەن بۇلاتتىم . مىنى تەبرىكلە ، مەن بالاڭنىڭ ئانىسى بۇلىدىغان بولدۇم . مىنى مىھرىڭ بىلەن سۈيۈپ قوي ،بالىمىز قۇرسىقىمدىلا مىھىر-مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى ھىس قىلىپ يەتسۇن . ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ئانا بولغانلىقىدا دىگەن بۇ ھىكمەتنى كىم ئېيتقان بولغىيدى؟ ئەينەككە نەچچە قېتىم قارىغىنىمنى بىلمەيمەن ، قارىغانسىرىم ئۈزەمنى شۇنچىلىك گۈزەل ، شۇنچىلىك جەزبىدار ھىس قىلىۋاتىمەن. بار ئاۋازىم بىلەن ناخشا توۋلىغۇم ، پۇتلىرىم تالغىچە ئۇسسۇل ئوينىغۇم كىلىۋاتىدۇ. ئەپسۇس، مۇشۇنداق مىنۇتلاردا قېشىمدا بولغان بولساڭ بۇ خۇشاللىقتىن بىرگە ھۇزۇرلانماسمىدۇق .
ئىچىمنى تىڭشاپ ئۈمىتسىزلىك ئىچىدە تۇرغىنىمدا دوختۇرنىڭ مۇبارەك بولسۇن دىگەن خوش خەۋىرى ۋۇجۇدۇمنى شۇنچىلىك يايراتتىكى دىمەيلا قۇياي ،تاس قالدىم كىيىكتەك تاقلاپ كەتكىلى .
ئەتراپقا تويماي بېقىۋاتىمەن، جاھاننىڭ ھەقىقەتەن گۈزەللىكىنى يىڭىۋاشتىن ھىس قىلىۋاتىمەن. دەرەخ ياپراقلىرىمۇ مىنى تەبرىكلەۋاتىدۇ، گۈلدىن-گۈلگە قۇنۇۋاتقان رەڭدار كىپىنەكلەرمۇ مەن ئۈچۈن قانات قېقىۋاتىدۇ . ئاڭلا جېنىم بۈگۈكى ئىشلىرىمنى ساڭا سۆزلەپ بىرەي . دوختۇرخانىدىن چىقىپلا دۇكان ئارىلاپ شۇنداق سىپتا ئىشلەنگەن بالىلار ئايىقى ، كۆرپە، سۈت بوتولكىسى ، ئىمىزگە... قاتارلىقلارنى سېتىۋالدىم . شۇ تاپتا ئۆيگە قايتىپ كىلپ سېتىۋالغان نەرسىلىرىمگە ھەۋەس بىلەن قاراپ ئولتۇرماقتىمەن . قېشىمدا بولغان بولساڭ ئىدىڭ مىنى كۈتۈرۋېلىپ چوكىلدىتىپ سۈيۈپ،ئانىسى دەپ توۋلاپ كەتكەن بۇلار ئىدىڭ .چۈنكى بۇرۇن مەندە نەچچە قېتىم نۇرمالسىزلىق كۈرۈلۈپ دوختۇرغا بارغىنىمىزدا قۇسۇش ، كۆڭلۇم ئاينىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئاشقازاندىكى مەسلە ئىكەن دىگەن دىئاگىنوزغا ئىرىشىپ سالپىيىپ قايتىپ كەلگەن ئىدۇق .سەن ، سۈيۈملۈكۈم بىز تېخى ياش ، چۇقۇم بالىلىق بۇلالايمىز، سەن سالامەت بولساڭلا ماڭا شۇ كۇپايە دەپ تەسەللى بەرگەچ پىشانەمگە مىھرىڭ بىلەن سۆيگەن ئىدىڭ . بىراق بۇ شىرىن چۈشۈم ئۇڭۇمغا ئايلانغاندا بولسا ، سىنىڭ تىزراق قايتىپ باغرىڭغا بېسىشىڭغا تەشنا بۇلۇپ ئولتۇرماقتىمەن . سەن مېڭىشتىن خېلى بۇرۇنلا مەندە ئىلگىرىكى ئەھۋاللار سىزىلگەن بولسىمۇ ساڭا دىمىگەنىدىم بۇ قېتىمقىنىڭ راست بۇلۇشىنى بىلسەم ئىدىم ، شۇ تاپتىكى خۇشاللىقىمدىن سەنمۇ مەست بولماسمىدىڭ . جېنىم ، تىزراق كەل . سىنى ھازىر ئىككى ئادەم ساقلاۋاتىدۇ . ئۇلار سىنىڭسىز ئېچىلىپ كۈلەلمەيدۇ ، سىنىڭسىز بەخىتنىڭ تەمىنى ئەمدى تېتىيالمايدۇ .
مىنىڭ شۇنداق تۇيۇقسىز باشلانغان خۇشاللىقىم ئاتا-ئانامنىمۇ،خىزمەتداشلىرىمنى ھەيران قالدۇردى .دىمىدىم ، بۇ خەۋەرنى ئەڭ ئالدىدا سىنى ئاڭلىسۇن دەپ ئويلىدىم .چۈنكى بۇ مۇھەببىتىمىزنىڭ تۇنجى مىۋىسى ئەمەسمۇ .ئىھتىمال بولغۇسى سىزىكىمدە ساڭا ئامراق بۇپ قالسام كىرەك . ھېلىتىنلا ساڭا شۇنچىلىك زار بۇلۇۋاتىمەن . كىيىملىرىڭنى پۇرايمەن ،سۈرىتىڭگە قانماي سۈيىمەن . تىلىفۇندا گىپىممۇ تۈگىمەي كىتىۋاتىدۇ .ئاپئاق خۇتۇن، ئايرىلغىلى نەچچە كۈن بولماستا گىپىڭ جېقلاپ كىتىۋاتىدۇ ، بەك سىغىنغان ئوخشىمامسەن دىگىنىڭ ئىسىڭدىدۇ . شۇنداق بەك ،بەك سىغىندىم .سەن بىلمەيسەن ، مەن سىنى تۇيۇقسىز خوش قىلىۋىتىشنى ئويلاۋاتىمەن . ئاۋال كەلگىنچۇ ، سىنى مىھرىم بىلەن قۇچاقلاپ سۈيۈپ تۇرۇپ ،مىنى بەك ئۇزۇن تاشلىۋەتتىڭ ، باشقىلارنى تېپىۋالغان ئوخشايسەن دەپ يالغاندىن دومسىيىمەن. مىنى بەزلىگەنسىرىڭ تېخىمۇ قېتىۋالىمەن . سەن تىرىكىپ كىتىسەن ، شۇ چاغدا پىخىلداپ كۈلىمەن دە، دادىسى دەپ ناز بىلەن چاقىرىمەن . چۇقۇم ھاڭ-تاڭ قالىسەن . ئاندىن...
قارا جېنىم بالىلارچە خىياللىرىمنى . بالام ئۈچۈن ، سىنىڭ خۇشاللىقىڭ ئۈچۈن ئۈزەمنى ئۇبدان كۈتۈشۈم ،ۋاختىدا ئۇزۇقلىنىشىم كىرەك ، ئەمدى تاماققا تۇتۇش قىلاي .

بۈگۈن يەنە خاتىرىنى قۇلۇمغا ئالدىم . يوقلىغىڭ شۇنچىلىك بىلىندىكى. گەرچە بالام بىلەن ئۈزەمنى بەزلەپ تۇرغان بولساممۇ ،يەنىلا يالغۇزلۇق ئىچىمنى سىقماقتا . يىغىلىپ قالغان دەرتلىرىم مىنى ھەدەپ يىغىغا زورلىماقتا . سىنى سىغىنماقتىمەن ، ھارارەتلىك باغرىڭغا ئۈزەمنى ئېتىپ ئۆكسۈپ-ئوكسۈپ يىغلىغۇم،كۆز ياشلىرىم بىلەن مىنى ئارامسىزلاندۇرۋاتقان بارلىق دەرتلىرىمنى تۈكۈپ سەندىن تەسەللى تاپقۇم كىلىۋاتىدۇ .مۇھەببەتلىك قاراشلىرىڭ ، پاك غۇبارسىز مۇھەببىتىڭ ماڭا تاغدەك ئىرادە ، كۈچ-قۇۋەت بېغىشلاۋاتقان بولسىمۇ، گۈلدەك بەختىمىزگە سايە تاشلاۋاتقان مۇدھىش بىر قاراڭغۇ كۈلەڭگە ماڭا دەممۇ-دەم يېقىنلاپ ، ئىككىمىزنى مەڭگۈ ئايرىۋېتىدىغاندەك ، بىرلىكتە بەرپا قىلغان سۆيگۈ گۈلىستانىمىزنى خانىۋەيران قىلىۋىتىدىغاندەك ئاچچىق بىر تۇيغۇ قەلبىمدە بىخ سۈرمەكتە .سەن بىلەن ئۈچ يىل مۇھەببەت بېغىدا سەيلى قىپتىمەن،ئۇنتۇلغۇسىز شىرىن دەقىقىلەرنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپتىمەن. ئاخىرى مۇرادىم ۋىسال تېپىپ سەن بىلەن گۈلدەك بىر كىچىك دۇنيامۇ بەرپا قىلىۋاپتىمەن.سىنى تاللاپ ھەقىقەتەن توغرا قىلغىنىمغا ، بەخىتنىڭ ئەبەدىي ماڭا مەنسۈپ بۇلىدىغىنىغا ئىشەنگىنىمدە قەلبىمنى مىسلىسىز ھاياجان، دەپ ئېيتقۇسىز خۇشاللىق چىرمىغانىدى. بىراق بىرسى ئەمدىلا پۇرەك ئېچىشقا باشلىغان بەخىت گۈلۈمگە قارا قۇلىنى سۇزۇۋاتىدۇ . نىمىشقا، زادى نىمىشقا ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمايمەن؟ ئۈزۈملا ھەل قىلالايمەنغۇ دەپ ، ساڭا ئېغىز ئاچماي بەك گۈدەكلىك قىپتىكەنمەن.شۇنچىلىك چارچاش ھىس قىلىۋاتىمەن . يالۋۇرۇشلىرىم ،ئاچچىق تىللاشلىرىم ئۇنى ۋاز كەچتۈرۈش تۈگۈل تېخىمۇ ئەسەبىيلەشتۈردى . ئۇنىڭ تەلۋىلەرچە مۇھەببىتى مىنى خاراپ قىلمىسىغۇ ئاخىر ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارسلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى 13:23  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 10:13 , Processed in 0.046509 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش