يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: ئارسلان

پاكلىنىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
813 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1384

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى 07:38:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلى بەك ياخشى چىقىپتۇ. داۋامىغا تەشنابىز.....

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى 12:07:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى داۋامىنى ئوقۇي، قارىغاندا بۇ سىرلىق خاتىرە بارلىق سىرلارنى يېشىدىغان ئوخشايدۇ

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى 12:15:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى قانچە سىرلىقتۇ

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى 16:04:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك  ياخشى  يېزىپسڭز  داۋامىغا  بەكلا  قىزىقىپ  كېتىۋاتىمەن.شۇ قوللىرىڭىز  ھارمىسۇن.....تىزىراق  بولۇڭ.

Rank: 3Rank: 3

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
396
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى 21:37:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ داۋامىنى بىر يېزىۋېتىڭە   

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى 12:11:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى

ئۆيدىكى تىلىفۇننىڭ سايرىشىدىن يۈرىكىم سۇ ئىدى . خاتا ئۇرۇلغان تىلىفۇنلار كۆپەيگەنسىرى ، مەندىكى ئەنسىزچىلىكلەر تېخىمۇ كۈچىيىپ ئۈزەمنى ئالدىڭدا گۇناھكاردەك ھىس قىلاتتىم . دەي دىسەم تىلىم ، دىمەي دىسەم دىلىم كۈيەتتى. سىنىڭ ماڭا بولغان ئەقىدەڭدىن شۇبھىلەنمىسەممۇ سەن يەنىلا ئەركىشى بولغاچقا قەلبىڭدە ماڭا نىسبەتەن گۇمانىي تۇيغۇلارنىڭ سايە تاشلاپ قېلىشىدىن ۋاھىم يەيتتىم . مەن خۇددى ئىككى تاشنىڭ ئارىلىقىدا قېلىپ ماڭارغا يول تاپالمايۋاتقان ئازغۇن يولۇچىدەك ھەممىنى ئىچىمگە يۇتۇشقا مەجبۇر ئىدىم .
ئۇنىڭ بىلەن كۆزىمىز ئۇچرىشىپ قالغان ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپ ، تىنچ ئۆتۈۋاتقان كۈنلىرىم ئۇچۇق ئاسماندا چاقماق چاققاندەك، چېقىندىغان نۇر تالالىرى جىسمىمنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋىتىدىغاندەك ئۆز رېتىمىنى يۇقۇتۇشقا باشلىدى. مەن ئۇ كۆزلەردىن تولىمۇ قورقاتتىم . سىياھدەك قاپقارا قارچۇقلاردا ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان زەھەرخەندىلىك چاقناپ تۇراتتى . قاتتۇرۇپ كىيىۋالغان كاستىيۇم-بۇرۇلكىلىرى، يالتىراپ تۇرىدىغان شىبلىتلىرى ،تۈجۈپىلەپ چىگىلگەن گالىستۇكلىرىدىن ئۇنىڭ مەن نەپەس ئېلىۋاتقان مۇشۇ شەھەردە ياشاۋاتقانلىقىنى قىياس قىلغىلى بولاتتى.
ئۇ مىنىڭ ئۇنۋىرسىتىتتا بىرگە ئوقۇغان ساۋاقدىشىم ئىدى. قاملاشقان قەددى-قامىتى، ئۆتكۈر زېھنى بىلەن سىنىپتىكى نەچچىلىگەن قىزلارنىڭ يۈرىكىگە ئوت سېلىپمۇ ئۈلگۈرگەنىدى. ئۇنىڭ ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇھەببەت مەكتۇپلىرى كىتاپلىرىمنىڭ قاتلىرىدا پات-پاتلا پەيدا بولۇپ قالاتتى. مەجنۇنلارچە مۇھەببىتى مىنى تولىمۇ بىئارام قىلاتتى . سۆيگەن يىگىتىم بارلىقىنى ، ئۇنىڭ ئۈچۈن جىنىم تەسەددۇق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بولالماي بەزىدە تېرىكىپ كېتەتتىم. بىراق ئۇ ئىلمان سۇدەك مۇئامىلەمنى، مەنسىتمەسلەرچە قاراشلىرىمنى پىسەنىتىگە ئالماي كەينىمدىن يۈرگىنى يۈرگەن ئىدى. ئۇنى ئازدەپ نەچچە كۈندە بىر ھاراق ئىچىۋېلىپ ياتىقىم ئالدىدا ئەرۋاھلاردەك چۆرگىلەپ يۈرىشى مىنى بىزار قىلاتتى.
ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ خوشلىشىش زىياپىتى قىلدۇق . قىزلار ئۆكسۈپ يىغلاشماقتا، ئوغۇللار ئازاپ ئىچىدە قەدەھ سوقۇشتۇرماقتا. ياڭراتقۇدىن چىقىۋاتقان مىسكىن كۈيلەر نەچچە يىل بىر قازاننىڭ تامىقىنى يەپ بىر تۇققاندەك ئىجىل بولۇپ كەتكەن يۈرەكلەرگە  تېخىمۇ مۇڭ قوشۇپ بوشلۇقلارغا سىڭىشمەكتە. ئۇ مېنى تانسىغا تارتتى. يىغىدىن قىزارغان، ئۈمىدسىزلىك يېغىپ تۇرغان كۆزلەرگە قاراپ تۇنجى قېتىم ئىتائەتمەنلىك بىلەن ئورنۇمدىن تۇردۇم، ئۇنىڭ كەيىپچىلىكتە كالامپايلاشقان قەدەملىرىگە تەسلىكتە ماسلىشىپ ئايلانماقتىمەن. ھەر قېتىم ئايلانغىنىمدا تەرەپ-تەرەپتىن چېلىقىۋاتقان ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئايرىلىش ئالدىدىكى  مىسكىن روھىي ھالەتلىرىدىن قەلبىم پارە-پارە بولماقتا. مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك ئۇزۇن بىلىنگەن مۇزىكىمۇ ئاخىرى تۈگىدى. ئۇنىڭ قولۇمدىن چىڭلا تۇتۇۋېلىپ بىگىزدەك تىكىلگەن كۆزلىرىدىن بەدىنىم سىقىراپ كەتتى.< مەن چوقۇم مۇرادىمغا يىتىمەن> دەپ قۇلىقىمغا شىۋىرلىشىدىن ئەندىكىپ ئۇنىڭدىن ئاجرىدىم-دە،  باغلاقتىن بوشانغان قوزىدەك ئۆزەمنى قىزلارنىڭ ئارىسىغا ئاتتم ...
تويىمىزدىن كېيىنكى بەختلىك مىنۇتلار ئۇنى كۆڭۈل ئېكرانىمدىن پاك-پاكىزە سۈپۈرۈپ تاشلىغانىدى. ھېچكىمنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىشىنى خالىمايتتىم. نەزىرىمدە پەقەت  سەن بىلەن ئىككىمىزلا بىر-بىرىمىزگە مەنسۈپ ئىدۇق، بىرىمىزسىز بىرىمىزنىڭ بەختىنى قىياس قىلالمايتتۇق. سېنى شۇنچىلىك سۆيەتتىمكى سېنى ماڭا ئاتا قىلغان ئىگەمگە كۈندە يۈزلەرچە تەشەككۈر ئېيتتاتتىم .
ئەشۇ يامغۇرلۇق كۈن ، تەقدىرنىڭ ماڭا رەھىمسىزلەرچە قىلغان چاقچىقى بولسا كىرەك. ئىشتىن چۈشۈپ شارقىراپ قۇيۇلۇۋاتقان يامغۇردا تاكسى توسۇيالماي كوچا ئاپتۇبوس بېكىتىگە كەلگۈچە سۇغا چۈشكەن مۆشۈكتەك بولۇپ ، تەنلىرىمنىڭ ياپراقتەك تىترەۋاتقىنى، كىمىدۇر بىرىنىڭ ھۆل بولۇپ كېتىپسىز دەپ بېشىمغا يامغۇرلۇق تۇتقىنى غىل-پال ئىسىمدە تۇرۇپتۇ. رەھمەت ئېيتقاچ ئاستا بۇرۇلدۇم. بۇرۇلدىميۇ ، يېغىۋاتقان يامغۇر تۇيۇقسز مۆلدۈرگە ئايلانغاندەك ئەسلىدىنلا تىترەۋاتقان جىسمىمگە دەقىقە ئىچىدە زىمىستان سوغۇقى يامراپ كەتتى. كۈلكىگىمۇ ، مىننەتدارلىققىمۇ ئوخشىمايدىغان ئىپادە بىلەن سۇسلا باش لىڭشىتىپ قويۇپ ، ئېغىر تىنىپ پۇشۇلداپ توختىغان ئاپتۇبۇسنىڭ تۇتقۇچىغا ياماشتىم. <چوقۇم مۇرادىمغا يىتىمەن> دېگەن بىر ئاۋاز قۇلاق تۈۋىمدە يەنە جاراڭلىغاندەك بولدى. ئەشۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ ئاپتۇبوس بېكىتىدە مېنى كۈتۈپ تۇرغاندەك پات-پاتلا پەيدا بولۇپ قالىدىغان بولۇپ قالدى . ئۆزەمنى پەرۋاسىز تۇتۇشقا جان-جەھلىم بىلەن تىرىشاتتىم. ئۇنىڭ ماڭا كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى سېزەتتىم . بۇنداق تەكرار ئۇچرىشىش كۆپەيگەنگەنسىرى، قەلپ قەسىرىمنى چۇل-چۇل قىلىپ ئەمدى بىنا بولغان مۇھەببەت قەسىرىمنى كۇمپەيكۇم قىلىۋېتىدىغاندەك بىر خىل ۋەھىمە قەلبىمدە چاياندەك قۇترايتتى. يېنىمدا سىنىڭدەك تاغدەك يۆلەنچۈكۈم تۇرسىمۇ بىراق ئاياللىق يۈرىكىم ئاشۇ قورقۇنچنىڭ تەسىرىدىن ئازات بولالمايۋاتاتتى.

  بەزىدە تەگمىگەن تاياققا ۋاي،  دىگەندەك ئۆزەمنىڭ بىمەنە خىيالىمدىن ئاچچىقىم كېلەتتى . بەلكى ئۇ ئاللىقاچان ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ كەتكەندۇ، ماڭىدىغان يولىمىز بىر بولسا كىرەك، دىگەن ئويلار بىلەن ئۆزەمنى ئەركىن تۇتۇشقا تىرىشاتتىم. بىراق قول تېلىفۇنىمغا تۇيۇقسىز كەلگەن قىسقا ئۇچۇر ، سىزىمىمنىڭ خاتا ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدۇرغان ئەشۇ ۋاقىتتا تېلىفۇننىڭ قولۇمدىن قانداقلارچە چۈشۈپ كەتكىنىنىمۇ بىلەلمەي قالدىم .

داۋامى بار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارسلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى 13:28  


Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى 12:36:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە تەققەزامىز ئاخىرغا

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 3Rank: 3

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
442
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى 13:41:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ مۇرادىغا يەتكەن بىلەن قىزنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىكەندە، ماۋۇ ئېرىمۇ نىمە قىلغان بولغۇيتتى شۇنچىلىك دەككە- دۈككىدە يۈرسىمۇ سەزمەي،قارىغاندا كاماندورۇپكىغا جىق چىقىدىغان بىرسى ئوخشايدۇ

كەيپىم بەك چاغ

Rank: 1

توردا
214 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
136
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى 13:57:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر دەمدىلا تۈگەپ كەتتىبارغانسېرى ياخشى چىقىۋاتىدۇ.داۋامىنى تېزراق يېزىشىڭىزنى كۈتىمەن.ھارماڭ!

مۇزىكا ئىنسان روھىنىڭ ئېنژىنىرى!

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى 15:47:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى   ساقلايمىز

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 08:30 , Processed in 0.060876 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش