بولدى كۆزۈم ئىشكىتە
مۇھەممەدجان راشىدىن
يېڭى يىللىق قەدەھكە يەتمەيدىكەن قەدەھلەر ،
يېڭى يىللىق قەدەھنىڭ قەدىردانى مەن ، گۈلۈم .
مەي ئىچكەندەك بولمايمەن نېمىشقىدۇر پىراقتا ،
يېڭى يىللىق سورۇندا كۆرۈنمىسەڭ سەن ، گۈلۈم .
ھارپا كۈنى دۇنيانىڭ تۆت چېتىگە بويلايمەن ،
<<مېنىڭ گۈلۈم گۈل تۇتۇپ قايسى ياقتىن كېلەر؟>> دەپ .
<<ئولتۇرامدۇ پەيتۇندا ياكى ئۇچۇپ كېلەمدۇ ،
ئاتتا كەلسە مۇبادا ، قانداق تۇلپار مىنەر؟>> دەپ .
كېلەر يىلى كېلۇر دەپ كەلدىم سېنى ھەر يىلى ،
<< يارىڭ قاچان كېلۇر؟ >> دەپ كىم سورىسا شۇنىڭغا .
يەنە بىرى يېڭىدىن كېلىپ قاپتۇ يىللارنىڭ ،
سەن كەلمىسەڭ بۈگۈنمۇ ، نېمە دەيمەن ئۇنىڭغا ؟
بىر ھۇجرىغا جەم بولۇپ تۈمەن ئاشىق - مەشۇقلار ،
يېڭى يىلدا مەرىكە - توي قىلغاننى كۆرگەنسەن ؟!
كىم بىلىدۇ ، شۇ ئاخشام تەنھالىققا كۆنەلمەي ،
خەتلىرىمنى ئۆزۈڭمۇ يېنىپ - يېنىپ سۆيگەنسەن ؟!
جىمى جايدا جاراڭلار يېڭى يىللىق قەدەھلەر ،
يايرايدىكەن شۇندىمۇ جۈپتى بارلار باشقىچە .
ئوڭ يېنىمنى سەن ئۈچۈن شۇڭا ئەتەي بوش قويدۇم ،
بولدى كۆزۈم ئىشىكتە تۈن يېرىمدىن ئاشقىچە .
بىر يېنىمدا ئولتۇرساڭ تەڭرى ئۆزى قوشقاندەك ،
خوپ بولمامتى جاھانغا بىزدىن ۋىسال كۆرۈنسە ؟
چۆمۈلمەمتى شەرەپكە تارىخىمىز ، بىزدىكى
ئالبومدىن سۆيگۈنىڭ يەنە بىر بەت ئۆرۈلسە ؟!
دالىلارنى قار باسقان ، ئەمدى قۇشلار نە قىلسۇن ،
ئاۋازىنى شۇلارنىڭ ئاۋازىڭ دەپ بىلەتتىم .
سېنتەبىردە تارتىشىپ ، شۇڭا باقتىم كەينىمگە ،
جامالىڭنى ، مەشۇقۇم ، چۈنكى يازدىن كۆرەتتىم .
جۇدالىقتا سۈكۈتكە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن ،
كەلمىسەڭمۇ شۇ تاڭنى ئاتقۇزىمەن ئەلەمدە .
ئېغىز ئېچىپ بولامدۇ بىراۋلارغا دەردىمدىن ،
يەتكۈزىمەن خەت يېزىپ بىر ئۆزۈڭگە قەلەمدە .
مەرىكىلەرنىڭ چوڭى دەپ ، يېڭى يىلنى ئاخىرى
ئاتاپ قويدۇم سەن بىلەن بولۇنغۇسى دىدارغا ،
قار ئاستىدا ياتسىمۇ ئۇيقۇدىكى دالىلار ،
سەن بار سورۇن ، كەل گۈلۈم ، ئايلىنىدۇ گۈلزارغا .
ئاپتورنىڭ ئانا تاغلار ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dilroh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى 00:21