يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 597 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 205|ئىنكاس: 7

يېڭى يىل لىرىكىلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
201 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
691
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى 23:59:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ! مۇنبەردىكى ۋە مۇنبەر زىيارەت قىلغۇچى بوۋا - موما ، ئاكا - ھەدە ۋە دوست بۇرادەرلەر . كەمىنە دىلروھتىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام !!!  ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن ۋە يىڭى يىلغا ياپيىڭىچە قىياپەت بىلەن روھلۇق ، خوشال كىرىشڭلارنى ، يېڭى يىلدا ئاز بولمىغان نەتىجە ۋە خوشاللىقلارغا ئىرىشىشىڭلارنى بىر ئاللاھتىن تىلەيمەن . تۆۋەندىكى شېئىر ۋە ناخشىلارنى سىزلەرگە يېڭى يىللىق سوۋغا سۈپىتىدە سۇندۇم . ئەمدى ئاز بولسىمۇ كۆپكە تاۋاپ قىلىپ قوبۇل قىلارسىلەر !

جىمىپ كېتەي دەپ باقتىم ....



مۇھەممەدجان راشىدىن


جىمىپ كېتەي دەپ باقتىم ، بولالمىدىم جىم لېكىن ،

سەنسىز چۈنكى مەن ئۇنداق رايىشلىققا كۆنمىدىم .

سېغىنىشتا يۈرىمەن سەۋدايىغا ئايلىنىپ ،

تۈمەن شۈكۈر ، ھېلىمۇ كۆيۈپ يۈرۈپ ئۆلمىدىم .


ئۇنتۇپ كېتەي دەپ باقتىم ، ئۇنتالمىدىم مەن سېنى ،

ئاسىيلىقكەن ، ئويلىسام ، ئۇنتۇش دېگەن يارىنى .

كەلدىمىكىن دەپ سېنى قاراپتىمەن روجەكتىن ،

شامال كېلىپ سۈپۈرسە ئىشىكىمنىڭ قارىنى .


باشقىچە بىر ئىش ئىكەن ، ئەمدى بىلدىم ، ئاشىقلىق ،

ئاشناچىلىق ئەمەس بۇ يارى تۇرۇپ يار تۇتقان .

تاشلىۋەتكەن بولمامدىم تەڭرى بەرگەن تەلەينى ،

قايسى ئانا ئالەمدە ماڭا سەندەك يار تۇغقان ؟!


ئۇخلىماستىن تاڭغىچە ناخشا ئېيتىپ چىققانلار ،

چىنپۈتمىسەڭ تىڭشاپ باق ، قوشقىدا "يار" دەيدۇ .

كىرەلمەستىن بېغىڭغا مەنمۇ شۇنداق زارلايمەن ،

بىرلىرىدىن ئاڭلىسام ، "يار ئىشىكى تار" دەيدۇ .


جىمىپ كېتەي دەپ باقتىم ، بولالمىدىم جىم لېكىن ،

بولۇپ باقتىم تەسەللى جاينامازدىن تاپماقمۇ ،

تاپمايدىكەن تىنچلىق ئەمما سەنسىز بۇ كۆڭۈل ،

ئازاب بولدى كۈنسېرى سەنسىز يالغۇز ياتماقمۇ .


كېچىپ كېتەي دەپ باقتىم ، يىغلىۋەتتىم شۇ ھامان ،

سەندىن كەچسەم ، شۇ ئىكەن تۆكۈلگىنى يۈزۈمنىڭ .

سۆزلەپ تۇرۇپ ۋاپانى شۇ ۋىسالغا يەتكۈچە ،

كەچسەم ئېقىپ كەتمەمدۇ قارىچۇقلىرى كۆزۈمنىڭ ؟


يېتىپ قالساڭ يادىمغا ، ئايلىنىمەن يانغىنغا ،

بۇ يانغىنغا ئاسماننىڭ سۇ چاچقىنى كار قىلماس .

يىغلاپ - يىغلاپ ئاخىرى توختايدىغان جاھانكەن ،

مېنى تەڭرىم سەن ئۈچۈن مەڭگۈ مۇنداق زار قىلماس .


تەرك ئەتمەك تەس بولدى سېنى كۆرمەي دۇنيانى ،

چۈشۈمدىمۇ سەن بولدۇڭ تاڭ ئاتقۇچە كۆرگىنىم .

كېچەلمىدىم ئاخىرى ، سەۋەبىنى بىلىپ قال ؛

يىگىتلىك دەپ سانالدى بۇ ھىجرانغا كۆنگىنىم .







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilroh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى 00:22  


ھەركىم قىلسا ئۆزىگە !

Rank: 4

توردا
201 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
691
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى 00:19:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بولدى كۆزۈم ئىشكىتە

مۇھەممەدجان راشىدىن


يېڭى يىللىق قەدەھكە يەتمەيدىكەن قەدەھلەر ،

يېڭى يىللىق قەدەھنىڭ قەدىردانى مەن ، گۈلۈم .

مەي ئىچكەندەك بولمايمەن نېمىشقىدۇر پىراقتا ،

يېڭى يىللىق سورۇندا كۆرۈنمىسەڭ سەن ، گۈلۈم .


ھارپا كۈنى دۇنيانىڭ تۆت چېتىگە بويلايمەن ،

<<مېنىڭ گۈلۈم گۈل تۇتۇپ قايسى ياقتىن كېلەر؟>> دەپ .

<<ئولتۇرامدۇ پەيتۇندا ياكى ئۇچۇپ كېلەمدۇ ،

ئاتتا كەلسە مۇبادا ، قانداق تۇلپار مىنەر؟>> دەپ .


كېلەر يىلى كېلۇر دەپ كەلدىم سېنى ھەر يىلى ،

<< يارىڭ قاچان كېلۇر؟ >> دەپ كىم سورىسا شۇنىڭغا .

يەنە بىرى يېڭىدىن كېلىپ قاپتۇ يىللارنىڭ ،

سەن كەلمىسەڭ بۈگۈنمۇ ، نېمە دەيمەن ئۇنىڭغا ؟


بىر ھۇجرىغا جەم بولۇپ تۈمەن ئاشىق - مەشۇقلار ،

يېڭى يىلدا مەرىكە - توي قىلغاننى كۆرگەنسەن ؟!

كىم بىلىدۇ ، شۇ ئاخشام تەنھالىققا كۆنەلمەي ،

خەتلىرىمنى ئۆزۈڭمۇ يېنىپ - يېنىپ سۆيگەنسەن ؟!


جىمى جايدا جاراڭلار يېڭى يىللىق قەدەھلەر ،

يايرايدىكەن شۇندىمۇ جۈپتى بارلار باشقىچە .

ئوڭ يېنىمنى سەن ئۈچۈن شۇڭا ئەتەي بوش قويدۇم ،

بولدى كۆزۈم ئىشىكتە تۈن يېرىمدىن ئاشقىچە .


بىر يېنىمدا ئولتۇرساڭ تەڭرى ئۆزى قوشقاندەك ،

خوپ بولمامتى جاھانغا بىزدىن ۋىسال كۆرۈنسە ؟

چۆمۈلمەمتى شەرەپكە تارىخىمىز ، بىزدىكى

ئالبومدىن سۆيگۈنىڭ يەنە بىر بەت ئۆرۈلسە ؟!


دالىلارنى قار باسقان ، ئەمدى قۇشلار نە قىلسۇن ،

ئاۋازىنى شۇلارنىڭ ئاۋازىڭ دەپ بىلەتتىم .

سېنتەبىردە تارتىشىپ ، شۇڭا باقتىم كەينىمگە ،

جامالىڭنى ، مەشۇقۇم ، چۈنكى يازدىن كۆرەتتىم .


جۇدالىقتا سۈكۈتكە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن ،

كەلمىسەڭمۇ شۇ تاڭنى ئاتقۇزىمەن ئەلەمدە .

ئېغىز ئېچىپ بولامدۇ بىراۋلارغا دەردىمدىن ،

يەتكۈزىمەن خەت يېزىپ بىر ئۆزۈڭگە قەلەمدە .


مەرىكىلەرنىڭ چوڭى دەپ ، يېڭى يىلنى ئاخىرى

ئاتاپ قويدۇم سەن بىلەن بولۇنغۇسى دىدارغا ،

قار ئاستىدا ياتسىمۇ ئۇيقۇدىكى دالىلار ،

سەن بار سورۇن ، كەل گۈلۈم ، ئايلىنىدۇ گۈلزارغا .


ئاپتورنىڭ ئانا تاغلار ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى .



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilroh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى 00:21  


ھەركىم قىلسا ئۆزىگە !

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
69
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى 02:30:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىل رويىمغا  سىڭىپ كىردى   لىرىكىلار،
دىلىم يورۇپ بولدى خۇددى قوياش كەبى،
ۋۇجودۇمغا  سالدى ئېللىق   ھارارەتنى،
قەلبىم شۇڭا غوبارسىز ھەم گۇلدەك سەبى،

قوللىرىىڭز ئوخشايدىكەن قىپ قىزىل گۇلگە،
ئېچلىپ تۇرسۇن غۇنچللرى كۇندە پورەكلەپ،
توكولۇپتۇ  بارمىقىڭزدىن  لەرزان  لىرىكا،
ھايا جاندا قالدى مىنىڭ سويگۇم چىچەكلەپ،








Rank: 2

توردا
91 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
223
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى 21:33:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  جىمىپ كەتمەي دەپ باقتىم ، قىلالمىدىم ھىچ لېكىن ،
  پىغان تولغان بۇ كۆڭلۈم تىنچلىقنىلا ئىستەيدۇ .
  ئۇنۇتۇشقا تىرىشىپ كۆپ زورلىدىم ئۆزۈمنى ،
  ئازاپ سىقىپ گېلىمدىن ھىجرانلارغا قىستايدۇ .....

ئىسىل شائىرىمىزنىڭ ئىسىل شىئىرى ..... ئەسكى قىزبالا ...... بۇ يىل ئۇنچە نازۇك ئەمەسمەن ، بولمىسا ئازاپلايدىغان نەرسىلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن كۆرسەتكىنىڭىز ئۈچۈن گېلىڭىزدىن سىقاتتىم .... ھى ھى ....ھازىر چوڭ بولدۇم ، ئەجرىڭىزگە رەخمەت ئېيتىپ ناخشامنى غىڭشىپ چىقىپ كىتىۋىرىمەن ......

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hilal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى 21:38  


باھا سۆز

dilroh  ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن گىلىم بەك كىچىك ھى ھى سىقماڭ ھە  يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى 22:03:41

Rank: 4

توردا
201 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
691
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى 17:23:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hilal يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى 21:33
جىمىپ كەتمەي دەپ باقتىم ، قىلالمىدىم ھىچ لېكىن ،
  پىغ ...

مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ مۇنۇ شئىرلىرىغا تەقلىد قىلىپ بىر شئىر يىزىۋەتمەمسىز `

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1740

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى 16:59:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلروھ سىڭلىمنىڭ يېڭى يىلىمۇ خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكەي!
يېڭى يىللىق سوۋغىلىرىڭىزغا رەھمەت.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
5
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 17:11:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ تىمىغا ئىنكاس يېزىش ئۇچۇن تىزىملاتكاندىم ، ئەجەپ تەسكە چۇشتى بۇ يەرگە خەت يېزىش ، مۇشۇ شائىرنىڭ شىئىرلىرى بولسا ئۇقۇپ قانمايمەن دىسە ! ئادەمگە تەسىر قىلغۇدەك شىئىر يازىدۇ زادى .
ئۇنتۇپ كېتەي دەپ باقتىم ، ئۇنتالمىدىم مەن سېنى ،

ئاسىيلىقكەن ، ئويلىسام ، ئۇنتۇش دېگەن يارىنى .

كەلدىمىكىن دەپ سېنى قاراپتىمەن روجەكتىن ،

شامال كېلىپ سۈپۈرسە ئىشىكىمنىڭ قارىنى .

ھەممىدىن مۇشۇ مىسرا شۇنداق ياقىدۇ ماڭا ..........................قۇلىڭزغا دەت بەرمىسۇن ، كۆپرەك يوللاپ تۇرۇڭ مۇشۇنداق ياخشى نەرسىلەرنى ..............

باھا سۆز

dilroh  ھا ھا شۇ ئاران كىردىڭىز قارىسام تىزىملىتىڭ دىسەم بەش كۈندە كىرىپ بولىدۇ`  يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 19:39:37

Rank: 1

توردا
36 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
0
يازما
76
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 17:29:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسىي بولغۇم يوق ئىدى پەقەت،
لىكىن بولسام ساڭائاسىي ھەق.
ئاي شولىسى چۈشكەن رۇجەكتىن،
خىيال ئەمەس مارا ئۆزۈڭ نەق.

يىڭى يىلنىڭ ھارپاكىچىسى،
ئىلىپ كەلسۇن  قەدەملىرىڭنى،
گۈل ئورنىدا تۇتىمەن ساڭا،
قەلبىمدىكى پاك تىلەكلەرنى.

生活什么味道,自己放调料
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 08:36 , Processed in 0.058191 second(s), 20 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش