مانا يەنە ئىككى سائەتتىن كېيىن بۇ بەرىكەتلىك يىلنى ئۇزۇتىمىز، مەن ئۈچۈن بۇ يىل بىر خوشاللىق، بەرىكەتلىك يىل بولدى.
بۇ يىل ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى سېخىيلىق بىلەن ئاتا قىلدى، ئەڭ مۇھىمى خاتىرجەم تۇرمۇشۇم تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، ئاللاھ نىسىپ قىلسا يىل ئۆرۈلسە بىزمۇ ئۈچ يىللىق قەدىناسلاردىن بوپ قاپتۇق

، مۇشۇنداق ئۈچ يىلدىن نەچچە ئوننى تەڭ بېسىپ، تەڭ قېرىشقا نىسىپ قىلغاي( بۇ جۈملىنى ئوقۇپ، مېنىڭ قېرىغاندىكى كوت- كوتلۇقىمنى ئويلاپ قىسمەتنىڭ بېشىغا غەم چۈشتىدە

).
قىسمەتنىڭ ئىشلىرى يۈرۈشۈپ ئۆزى ئويلىغان ئىشلارنى بىر- بىرلەپ ۋۇجۇدقا چىقىرىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ چوڭ ئىشلارنى روياپقا چىقىرىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن.( تىرىشىپ كۆپ پۇل تېپىڭ قارىكا

)
پېقىر قىسمەت قارىينىڭ سايىسىدا ھۆكۈمەتتىن خېتىمنى ئېلىپ پەقەت ۋە پەقەت قىسمەتنىڭلا خوتۇنى بولۇش شەرىپىگە ئېرىشتىم

، مانا ھازىر خالىسام ئۇخلاپ، خالىسام تۇرۇپ، بۈگۈن نېمە دەپ باھانە كۆرسۈتۈپ ئارام ئالارمەن دەيدىغان غەمدىن قۇتۇلدۇم.
ئاللاھ خالىسا دادامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى كېتىپ بارىدۇ، ئاپامنىڭ سالامەتلىكىمۇ ئاللاھ خالىسا ھەممىمىزنىڭ تەلىيىگە شۇنداق ياخشى.
ئۇنىمۇ دېدىم، بۇنىمۇ دېدىم، بۇ يىل ماڭا ياراشقان بىر يىل بولدى، ھەممە ئىشلىرىم شۇنداق ئوڭۇشلۇق بولدى، ئاللاھ نېسىپ قىلسا كېلەر يىلىنىڭمۇ، ياق بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق خاتىرجەم، خۇشھال، بەختلىك ئۆتۈشكە سىزنىمۇ، مېنىمۇ نىسىپ قىلسۇن!
سىزگىمۇ رەھمەت قىسمەت! سىزنىڭ، ماڭا، ئائىلىمىزگە، پەرزەنتلەرگە، چوڭلارغا قىلغان ۋاپادارلىقىڭىزنىڭ ئەجرىنى ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆزى بەرسۇن، بۇنىڭ بەدىلىگە تېنىڭىز سالامەت بولسۇن، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن!