ئۇزۇندىن بېرى يېڭى يىلنى ئۆتكەن كۈنلىرىمنى خۇلاسىلەش، كېيىنكى يىلىدىكى پىلانلىرىمنى تۈزۈش بىلەن خاتىرىلەيدىغان مىجەزىم بار.
بۈگۈنمۇ ھەم ھېچقانداق ئەدەبىي تۈس قوشۇلمىغان بۇ يازمام بىلەن 2011-يىلىنى خۇلاسىلەش ئويىغا كەلدىم.
خوش، ئۇنداقتا مەن 2011-يىلى نېمە ئىشلارنى قىلغاندىمەن؟
ئائىلەم تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپتۇ.
ئايالىم ۋە بالىلىرىمنى مۇستەھكەم ئېتىقاد، مەسئۇلىيەت بىلەن قانىتىم ئاستىغا ئېلىپ كەپتىمەن.
شىركەت قۇرۇپتىمەن.
بۇرادەرلىرىم بىلەن قول تۇتۇشۇپ سەكراتقا چۈشۈپ قالغان «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئاتلىنىپتىمەن، مۇئەييەن نەتىجىلەر روياپقا چىقىپتۇ.
«تارىم» ژۇرنىلى ئورگان تور بېكىتى، ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تور بېكىتى قاتارلىق بىر نەچچە نۇپۇزلۇق تور بېكەتنى ياساپ چىقىپتىمەن.
خۇددى مەن چىقمىسام ئادەم چىقمايدىغاندەك يىل بېشىدىن ئاخىرىغىچە 10 نەچچە قېتىم تېلېۋىزىيە، رادىيو زىيارەتلىرىدە بولۇپتىمەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا لىكسىيە سۆزلەپتىمەن.
بىر يېرىم يىل تاشلىنىپ قالغان قەدىناس بلوگىمنى باشلىۋاپتىمەن.
2011-يىلى كىرگەندىن بېرى خەلقئارادىكى سىياسى ۋەزىيەتتىكى قاتماللىقنىڭ ئەكسىىچە، ئىشلىرىم ئاساسەن ئوڭغا تارتىپ كەپتۇ. قىسقىسى، بۇ بىر يىلدا ئالدىنقى 10 يىلدا يېتەلمىگەن نىشانلىرىمغا يېتىپتىمەن.
بۇ جەرياندا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ، ئايالىمنىڭ، بالىلىرىمنىڭ، دوست-بۇرادەرلىرىمنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشىپتىمەن.
رەھمەت سىلەرگە قېرىنداشلىرىم! يىتىملىك دەردىنى تارتقۇزماي بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشتۇرغانلىقىڭلارغا، ھەردائىم مەن ئۈچۈن سەكپارە بولغانلىقىڭلارغا رەھمەت، جانابىي ئاللاھ قىيامەتتىمۇ قېرىنداش بولۇپ ئۆتۈشكە نېسىپ قىلغاي!
رەھمەت سىلەرگە بۇرادەرلىرىم، مېنى قوللىغانلىقىڭلارغا، ئەسلىدىكى قىسمەت ھالىتىمگە قايتىشىمغا قىلغان ياردەملىرىڭلارغا مىڭلارچە تەشەككۇر!
رەھمەت ساڭا مەرۋەرى، مەن ئۈچۈن، ئائىلىمىز ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىڭغا ئۆمۈرلۈك قەرزدارمەن! قادىر ئاللاھ سېنى بەختلىك قىلىش بىلەن بۇ قەرزلىرىمنى قايتۇرۇشقا نېسىپ قىلغاي!
رەھمەت سىلەرگە قىزلىرىم، قادىر ئاللاھ سىلەرنى مەڭگۈ مەندىن پەخىرلىنىپ ياشاشقا، مېنىڭ قىزلىرىم بولۇپ قالغانلىقىڭلارغا شۈكرى ئېيتىپ ياشاشقا نېسىپ قىلغاي!
ئاپتورى: قىسمەت
مەنبە:
http://www.qismet.me
يازما مەنزىلى:
http://www.qismet.me/2011.html