يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: Aydar

ئايدار-تۇغۇت جېڭى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
553 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
846

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 09:53:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھى ھى ھى بۇنىڭ ئارقىنى يوللىمىسام بولامدۇ نىمە ؟
ئاياللار ئوقۇپ بولۇپ ماڭا ئېسىلىۋالساڭلار قانداق قىلىمەن؟

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 2

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 09:54:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  مۇشۇ تاپتىلا جىددىلىشىپ تىنىقىم توختاپ قالىدىغاندەك بوپ كەتتىم .
مەن تېخى ئەمدى ،توغراقتىن قىزىل رەڭلىك سۇيۇقلۇق ئاققان يېرىنى ئوقۇدۇم ،ئاخىرىنى ئوقۇشتىن قورقىۋاتىمەن .....

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
233 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 09:54:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 09:53 دە يوللىغان
ھى ھى ھى بۇنىڭ ئارقىنى يوللىمىسام بولامدۇ نىمە ؟
ئاياللار ئوقۇپ بولۇپ ماڭا ئېسىلىۋالساڭلار قانداق قىلىمەن؟  ...

ۋاي ياق ..تېز يوللاڭ ! بەك ساقلاپ كەتتىم
مەن تولا ئېچىۋېرىپ مۇنبەرنىڭ مۇشۇ بېتى كونىراپ كېتىدىغان بولدى

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 2

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 10:07:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە ئاخىرى بار تېمىغا باشلاپ قويۇپسىزغۇ سەت قىز بالا .خەپ سىزنى .....
تازا قىزىقىپ ئوقۇۋاتسام تۈگەپ كەتتىيا ؟
چارچاپ قالماڭ ئوماق ،مەن ئالدىرىماي ساقلاي ...
راستىنلا مۇنۇ جىنلارنىڭ ئادەملەر توغرىسىدا دىگەن گەپلىرى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدۇ .
ئويلىنىش كېرەك ھەم ھەممىمىز ئۆزىمىزگە سوئال قۇيۇپ تۈزىتىشىمز كېرەك قەدىردانلىرىم !

Rank: 8Rank: 8

توردا
553 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
846

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 10:24:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ
-نىمە ناخشا؟
-دىباغا بېرىپ ئۆگىنىۋالغان رەپ ناخشىسى، روك مۇزىكىسى ..
-ئوقۇ.
باتۇرەكە توغراق شېخىدىن ياسىۋالغان سازىنى ئېلىپ غەلىتە كۈيلەرگە چېلىشقا باشلىدى. بۇ سازلاردىن چىققان رېتىملىق مۇزىكا ئولتۇرغانلارنى ئۇسۇلغا سالدى، ئۇلار بىر بولۇپ، بېشىنى بىر يەرگە ئەكىلىپ  مۇقۇلدىشىپ ئۇسۇلغا چۈشتى.
بۇ چاغدا توختى مەرەمخاننى ئېسىگە ئېلىپ تولغىنىپ كەتتى، لېكىن ئۇنىڭ پۇت-قولى خۇددى باغلاپ قويۇلغاندەك پەقەت مىدىرلىتالمىدى. دەل شۇ چاغدا ئالەم قاراڭغۇلىشىپ، گۈلخانلار ئېتىلىپ، چاراسلاپ كۆيۈپ كەتتى، ئەتراپتا بىر خىل مۇدھىش قاراڭغۇلۇق، مۇدھىش غېرىبلىق باستى، تۇختىنىڭ تۇرۇپ كەتكۈسى كەلدى، لېكىن تۇرالمىدى. بىر چاغدا ئۇلارنىڭ ناخشىسى ئەۋجىگە چىقتى. ئاتلار چاپقاندەك، خورازلار چىللىغاندەك، مۈشۈكلەر مىياڭلىغاندەك، كىشىلەر چىقىرىغاندەك ئاۋازلار چىقىپ، گۈلخان ئەتراپىدىكىلەر ئەسەبىيلىشىشكە، ياقىلىرىنى يىرتىپ چىقىراشقا باشلىدى.
-جىم، دېدى ھېلىقى بۇرۇتلۇق، چاچلىرى دۈمبىسىگە چۈشكەن باشلىق. –ئۇلار ئىشنى پۈتتۈرگەن ئوخشايدۇ، گۈزەل كۈيلەرگە چېلىڭلار. ھەي ئىسىت مىڭ ياشلىق توغراق بولغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى.
-جانابى ئالەم، ئەكەلدۇق، كۆرۈپ باقسىلا.- توساتتىن ھېلىقى ئىككىسى كېلىپ، قان تامچىپ تۇرغان ئۆپكىنى چوڭىغا بەردى.
-ھە....-ياخشى، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئۆپكىسى بىزگە بەك ئوزۇق بولىدۇ. روھىمىزنى ئۇرغۇتىدۇ، -بايامقى ئىككەيلەن ئۆپكىنىڭ قېنىنى يەرگە ئېقىتماستىن قوللىرىنى تۇتىۋالغان ئىدى.
-قان تاممىغاندۇ؟
-شۇ...بىر تامچە قان بوسۇغىغا تېمىپ قالدى.
-نىمە ؟ مەن سىلەرگە نىمە دىدىم؟
توختى ئەمدى جىددىيلىشىپ نىمە قىلارىنى بىلمەي قالدى. ئاغىزىغا گەپمۇ كەلمەيتتى. لېكىن ئىچىدە ئايتەلكۈرسىنى ئوقۇپ يېرىمىغا كەلگەندىلا ئېزىپ كىتەتتى.
-ماڭ ئاپىرىپ قوي. بولمىسا ئۇلار بىزنى پىتىرىتىۋىتىدۇ، تېز بول.
-خوپ، -ھېلىقى ئىككەيلەن ناخۇش ھالدا كەينىگە ياندى.
-چوڭ كۈيگە چېلىڭلار، ھەجەپ پەيزىم ئۇچتى، چېلىڭلار.
بايىقى سازەندە سازىنىڭ تارىنى غەزەب بىلەن چىرتىپ چىقىراپ ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى. دەل موشۇ چاغدا توختى سۈرىنى تولۇق ئوقۇپ بولۇشقا ئاز قالدى. توختىنىڭ قوپۇپ قاچقۇسى، ئىشەك ھارۋا، ئوتۇن ۋە گۈلخان ئەتراپىدىكىلەرنى تاشلاپ كەتكۈسى كەلدى، لېكىن ئۇ يەنە قىمىرلىيالمىدى. دەل شۇ چاغدا سازنىڭ تارى ئۈزۈلۇپ، ناخشا ئاۋازى توختىدى.
-قېچىڭلار، ئەتراپتا بىرسى بىزنى كۈزىتىپ تۇرۇپتۇ.
ئەتىراپ پاتپاراق بولۇپ كەتتى، ھەممەيلەن چىقىراشقىنىچە ئۆزىنى ھەر يەرگە ئاتتى.
توختى كۆزىنى ئاچقاندا ئىشەك ھاڭراپ ئالەمنى بىر ئالغان، باش كۈزنىڭ تاڭ يورۇغان پەيتى ئىدى، توختى چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەندى، ئۇ ھارۋىنى قوشۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى بىلىپ  ئالدىراپ مېڭىپ كەتتى، مېڭىش ئالدىدا سۆگەتنىڭ ھەر يېرىگە شۇنچە قارىسىمۇ ئاخشام كۆرگەن گۈلخاندىن ئەسەرمۇ يوق تۇراتتى.
-ھە چۈش كۆرۈپتىمەندە، -دېدى ئۇ ئۆزىگە. –خۇداغا شۈكىرى چۈشۈم ئىكەن، ئەمدى ئوتۇنغا ھەرگىز مۇنداق كۈن چۈش بولغاندا ماڭمايمەن.
ئىشەكمۇ بىر نەرسىدىن قورقۇپ كەتكەندەك تاكراڭشىپ چېپىپ كەتتى.
ئۇ ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە ئۆيدىن مەرەمخاننىڭ چىقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، توختى ئىشەكنى باغلاشنىمۇ ئۇنتۇپ ئۆيگە يۈگىرەپ كىردى، كات لېۋىدە مەرەمخان چاچلىرى چۇۋۇق، يۈز كۆزىنى تەر باسقان ھالەتتە ياتاتتى، توختى يۈگىرەپ كىردى-دە، مەرەمخاننىڭ ئايىقىدىكى ئەمدىلا تۇغۇلغان بالىنى كۆرگەن توختى ئۇنى ئالدى ۋە پۇتىدىن تۇتۇپ، كاسسىسىغا بوش ئۇردى، بالىدىن ئىنجا بولمىدى، تۇختى ھۇدۇقۇپ كەتكەنلىكتىن پاققىدە بىرنى سالدى. دەل شۇ چاغدا بالا ‹‹ ۋار ›› رىدە يىغلىۋەتتى. دەل شۇ چاغدا ئۇ بالىنى قويۇپ، ئايالىنىڭ بېشىدىن يۆلىدى.
مەرەمخان بىر دەمدىن كېيىن كۆزىنى ئېچىپ، توختىغا ھالسىز كۈلۈمسىرىدى. شۇ چاغدا توختىنىڭ كۆزىگە ئىسسىق ياش كەلدى.
-جېنىم خوتۇن، مەن يوق، قېشىڭلىدا بولالماپتىمەن، كەچۈرۈڭلار، ئەمدى ھېچيەرگە بارمايمەن.
توختى بالىنى يۇيۇپ، كىندىكىنى ئۆزى كەستى، مەرەمخاننى ياتقۇزۇپ قويۇپ سىرتقا چىقىپ ئوتۇن ئەكىرەي دىيىشىگە بوسۇغىغا تامغان بىر تامچە قاننى كۆرۈپ ئەندىكىپ، چىرايى ئاقىرىپ كەتتى. ئايالى بالىغا قاراپ ھالسىز تەبەسسۇم بىلەن ياتاتتى.


تۈگىدى

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
233 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 10:27:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇھھھھھھھھھھھھھ.......يەنە بىر قېتىم بىر تىنىقتا
دىمىگەن بىلەن خۇدا بىر ساقلاپتۇ مەرىمنى

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
169 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 10:38:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جېنىم خوتۇن دەپ باشلانغان ئابزاس بولمىسىمۇ شۇنداق ياخشى ئاياقلىشىپتىكەن ...ئايدار گۈزەل

Rank: 8Rank: 8

توردا
553 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
846

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 10:40:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىدىكى بىر تامچە قاننى يازىمەن دەپ شۇلارنى قوشقان گەپ.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 2

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 10:41:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇففففففففففففففففف
قارا تەرگە چۆمدىلەر سەكىنەخان ..........
ھەرنىمە بولسا ساق سالامەت يەگىدى .قېنى قىزلار جاندۇنۇپ بولدۇڭلارمۇ ؟
مەرەمنىڭ تۇغىتىنى يوقلاپ كىلەيلى !قېنى ،كىم دىدىيا ،قىرىقىدىن چىققىچە باقىمەن دەپ ؟؟؟؟؟؟؟؟
ھارماڭ ئەزىزەم ئايدار !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 10:46:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرەمخاننىڭ ئۆپكىسىنى ئېلىپ قاچقان بولسا توختى مىڭ قاخشىغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيىتتى. يەنىلا ئايەتۇلكۇرسىنىڭ رولى ئۇلۇغ كەلدى.
بۇ ھېكايىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. ئايدار ھەدەمنىڭ تېنىغا سالامەتچىلىك، ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
كېيىنكى ئەسىرىڭىزنى ساقلايمىز.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 04:34 , Processed in 0.046120 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش