يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 774 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: Aydar

ئايدار-تۇغۇت جېڭى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
553 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
846

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 21:50:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەل-پەل...جىنلارنىمۇ باشلاپ كەلدىم. كەچلىكى يېزىشتىن ئۆزۈممۇ قورقىۋاتىمەن.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 23:28:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋزۇسىدىنلا  خېلى سالىمىقى چىقىپ تۇرامدۇ نىمە  ھە  ئايدار ھەدە

Rank: 8Rank: 8

توردا
553 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
846

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 10:55:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ قولىغا سوغۇق شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئۇرۇلدى. قولى تىتىرەپ كەتتى،‹‹ ئىسىت، كۆكلەۋاتقان توغراقنى كەسكىنىم نىمىسى؟  دادام رەھمىتى دائىم كۆكلەۋاتقان دەرەخنى كەسكەن ئادەمنىڭ قولى قۇرۇپ قالىدۇ دەيتتى، قولۇم قۇرىمىغان ھالەتتىمۇ بۇ ماڭا يات ئىشقۇ ؟›› ئۇ سۇيۇقلۇققا سىنچىلاپ قارىدى، سۇيۇقلۇق سارغۇچراق لېكىن بىر قارىسا قان ئارىلاشتەك كۆرۈنەتتى، ئۇ يەردە ياتقان توغراققا قارىدى، توغراقنىڭ قوۋزاقلىرى يېرىلغان، ئەت-يېنىدىن سۇيۇقلۇق ئېقىپ تۇرغان، يوپۇرماقلىرى ئەمدى ھاياتلىق تومۇرى ئۈزۈلگەنلىكىنى بىلمەي، توپىغا ئارلىشىپ بىغەم ياتاتتى، توختىنىڭ كۆزىگە بۇ ھالەت خۇددى زەبەردەسىت بىر ئادەمنىڭ يىقىلغىنىدەك كۆرۈندى. توختى ئەپسۇسلانغان، يۈرىكى ئېچىشقان بولسىمۇ، قۇرۇق كەتمەسلىك ئۈچۈن، توغراققا يەنە پالتا ئۇردى.
3
مەرەمخان ئالىقىنى بىلەن كۈننى توسۇپ تۇرۇپ، توختى كېلىدىغان تەرەپكە قاراپ تۇرۇپ كەتتى، ئەتتىگەن ماڭار چاغدا ‹‹تېز بېرىپ تېز قايتىمەن ›› دىگەن ئىدى. لېكىن كۈن قايرىلىشقا باشلىدى، لېكىن توختىنىڭ قارىسىمۇ يوق، توخۇلار دان تاتلىشىپ، قوقۇقلىشىپ يۈرەتتى. ئۇ بىلىنى تايانغىنىچە ئۇ يەردە ئۇزاق تۇرۇپ كەتتى، ھەر قېتىم توختى ئوتۇنغا كەتكەندە، مەرەمخان كۈن سەل قايرىلىشىغىلا ئىشىك ئالدىغا چىقىپ توختىنىڭ يولىغا قارايتتى، توختى كەڭرى كەتكەن دالىدا ئاۋال خۇددى بىر چىكىتتەك پەيدا بولاتتى، ئاندىن بارغانسېرى يوغىناپ مەرەمخان تەرەپكە قاراپ ئالدىراپ كىلەتتى، ئىشەك ھارۋىسى تۇزۇتقان چاڭ توزان مەرەمخان كۆرۈشنى ئەڭ ياقتۇرىدىغان مەنزىرە، ئۇ چاڭ توزاننى كۆرسىلا قەلبىنى خوشلۇق قاپلاپ، يۈرىكى دۈپۈلدەپ كىتەتتى. توختى ئىشەككە يانداشقان پېتى ئالدىراپ مېڭىپ كىلەتتى، مەرەمخاننى كۆرۈپلا چىرايىدىكى ھارغىنلىق يوقاپ، چاڭ-توپا باسقان يۈزىدە كۈلكە پەيدا بولاتتى. مەرەمخانمۇ ئاشخانىغا يۈگىرەپ كىرىپ، قورۇپ تەييار قىلىپ قويغان تاماقنى سېلىشنىڭ كويىغا چۈشەتتى، توختى تاماق يەۋاتقاندا مەرەمخان گەپ قىلماي توختىنىڭ تاماق يىيىشىگە قاراپ ئولتۇراتتى. توختى تامىقىنى يەپ بولۇپ، چېيىنى ئىچىپ بولغاندىن كىيىنلا مەرەمخان تاماق يەيتتى، ئىككىسى ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا دۇئا قىلىپ، ئاندىن پاراڭنى باشلايتتى، گەرچە توختى ئادەمسىز جاڭگالغا بارغان بولسىمۇ، لېكىن ماڭغاندىن باشلاپ سۆزلىسە مەرەمخاننى قىلچە زىرىكتۈرمەيتتى. بۈگۈن توختى ھەجەپ كېلىپ بولالمىدى، مەرەمخان ئېغىر قات تۇرۇقلۇقمۇ سۇيۇقئاشنىڭ قورۇمىسىنى قورۇپ ، سۈيىنى قۇيۇپ تەييار قىلىپ قويدى، ئەمدى توختى كەلسە، چۆپىنى سالسىلا بولىدۇ، توختى بۈگۈن كەچ قالماي كەلسە، توختىنىڭ ھىدىنى پۇراپ يېتىپ ئۇخلىۋالسا....
قاراڭغۇ چۈشەي دىدى، توققۇزىنچى ئاي دىگەندە بالدۇر قاراڭغۇ چۈشۈپ كىتىدىكەن، كۈز ئىلىنغۇدەك بولغاندا، مەرەمخاننىڭ قوسىقى ئېچىپ، تۇرغۇدەك ماغدۇرى قالمىغاندىلا ئاندىن ئاستا ئۆيگە كىردى،ئۆي توختى كەلمەي كەڭىرىپ قالغاندەك تاملاردىن يالغۇزلۇق تۆكۈلۈپ تۇراتتى. مەرەمخاننىڭ قوسىقى ئېچىپ تارتىشىپ كەتتى، ئاشخانىغا كىرىپ ئوچاققا ئوت قالاپ، سۇيۇقئاشنىڭ چۆپىنى سېلىشقا تەمشەلدى. توختى ماڭار چېغىدا :‹‹ مېنى ساقلايمەن دەپ تاماق يىمەيدىغان ئىشنى قىلما، ئۆزۈڭنى ئويلىمىساڭمۇ بالىنى ئويلا، كۆزۈڭ يوراي دەپ قالدى، بالا ماغدۇرسىزلىنىپ، تۇغۇت تەسلىشىپ قالىدۇ ›› دىگەن ئىدى. ئۇنىڭغا قوساق بىلەن ئولتۇرۇش ئېغىر كەلدى، ئورۇندۇقنى ئەكىلىپ ئولتۇردى. ئوت قالاۋاتقاندا بالىسى مىدىرلاپ ئارام بەرمىدى. ئوتنى ئوبدان قالاپ بولغاندىن كېيىن، رۇسلىنىپ ئولتۇرۇپ بالىسىنى سىلاپ قويدى.
سۇيۇقئاش شۇنداق ئوخشىغان ئىدى، ئۇ سۇيۇقئاشنى ئوتلاپلا غىققىدە بوپ قالدى، بىچارە توختى نەلەردە يۈرگەندۇ، ۋاقتىدا كەلگەن بولسا، ئېشىنى ئىسسىقىدا ئىچكەن بولسا قانداق ياخشى بولاتتى. ئۇ سۇيۇقئاشنى قويۇپ تالاغا چىقتى، ئەتراپنى تۈن قاراڭغۇسى پەردىسىگە ئالغان، ئەتراپ جىمجىت، بىرەر جانۋارنىڭ ماڭغان ئاۋازىمۇ ئاڭلانمايدۇ، توختى كەلگەن بولسا، ئىشەك ھارۋىسىنىڭ تاراقشىغان ئاۋازى ئاڭلىنار بولغىيدى. ئۇ تالادا ئۇزاققىچە تۇرۇپ، سەل مۇزلىغاندىلا قايتىپ كىردى، ئۇنىڭ شىرە ئۈستىدىكى سۇيۇقئېشى مۇزلاپ كەتكەن ئىدى، ئۇ سۇيۇقئاشنى ئىشتىھاسىزلا ئىچىشكە باشلىدى. سۇيۇقئاشنى ئىچىپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، قاچىلارنى يىغىشتۇرۇپ، يۇيۇپ، ئويۇققا تىزدى، دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ قوسىقى دەھشەتلىك ئاغرىپ ئۇنى بىراقلا تەمتىرىتىپ قويدى.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 8Rank: 8

توردا
169 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 21:03:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ توغراقلىقنى بىر ئايلىنىپ باققۇلۇقكەن ....

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 21:25:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇيۇقئاشنى ئىچىپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، قاچىلارنى يىغىشتۇرۇپ، يۇيۇپ، ئويۇققا تىزدى، دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ قوسىقى دەھشەتلىك ئاغرىپ ئۇنى بىراقلا تەمتىرىتىپ قويدى.

ۋاي ئاللا !ئادەمنى قورقۇتۇپ ،ئايدار خانىم مەريەمخاننى يالغۇز ئۆيدە بوشاندۇرۇپ قويمايدىغانسىز -ھە ؟
داۋامى .........................

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
744 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2191

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 21:32:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇنبەردە بار كۈنى بوشانسۇن جۇمۇ ئۆزۈم كىندىك ئانىسى بولىمەن بۇ مەرەمخاننىڭ بالىسىغا

Rank: 1

توردا
12 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى
نادىر
0
يازما
24
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى 00:33:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالا سالامەت تۇغۇلار -ھە؟ ئەنسىرەپ قالدىم . مەرەمخاننىڭ ئۆيى يېقىنراق بولسىمۇ ~ بېرىپ ھەمرا بوپ تۇراتتۇق توختى توغراقلىقتىن كەلگۈچە.....

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى 00:48:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىڭى ئانا بولغانلارنىڭ تەجىربىسى كۆپ ، مەن ھېچ بولمىغاندا قىرىقىدىن چىقىرىپ بېرەي .

Rank: 8Rank: 8

توردا
553 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
846

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى 11:30:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4
توختى شاخلارنى چاتاپ بولغاندا كەچ كىرىپ كەتتى، ھارۋىغا بېسىپ بولۇپ، ئىشىكىنى ھەيدەپ ئالدىراپ ماڭدى، توغراقزارلىقتىنغۇ باشقىلار ياساپ قويغان يول بىلەن چىقتى، لېكىن يول تولىمۇ ئوڭغۇل-دوڭغۇل، كىچە ئايسىز بولغاچقا مېڭىشتا بەك قىينالدى. ئۇ ئۆيگە ئالدىرىمىسا تېخى، ئىشىكىنى بولۇشىغا ھەيدەپ ماڭاي دىسە، ئىشىكى مۈدۈرلۈپ چوقۇرۇلۇپ، ھارۋىنى ئۆرىۋەتكىلى قىل قالاتتى. ئۇ كۈندۈزى ماڭغاندا بىلىمنىگەن يول ئاي قاراڭغۇسىدا تازا ئۇزۇن بىلىندى، يولدا نەچچە قېتىم تىنەپ، يولنى ئاران تېپىپ كەلدى. بىر يەرگە كەلگەندە ئىشەك ماڭغىلى ئۇنىماي تۇرىۋالدى، ئىشەكنى چىۋىق بىلەن ساۋاپ، جىلە بولغىنىدىن ۋاقىراپ ماڭغۇزماقچى بولدى، لېكىن ئىشەك ئىككى قەدەم مېڭىشىغىلا مۈدۈرۈلۈپ، پۇتلىرى پۈكلىشىپ يىقىلىپ قالدى. جىلە بولغان توختى ئىشەكنى ئاران تۇرغۇزدى، شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ ئېسىگە ئىشەكنى سوغارمىغانلىقى، بوغۇزنىمۇ ئاز بەرگەنلىكى كەلدى. بۇنداق ئەھۋالدا مېڭىشتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، ئىشەك ئۆلسە ئۇنىڭ كىرىم يولى ئۈزۈلىدۇ، يەردىن چىققان ئازغىنە نىمەت قۇساققىمۇ يەتمەيدۇ، ئوتۇن سېتىپ كىرىم قىلمىسا بالىسىنى قانداق ئوقۇتقۇلۇق، دەل شۇ چاغدا توختىنىڭ ئېسىگە بالىسى كېلىپ، يۈرىكى چىمىلداپ كەتتى. مەرەمخان بۈگۈن كىچىدىن ساق ئۆتۈۋالسىلا، ئەمدى موشۇ بىر ھارۋا ئوتۇننى ساتقان پۇل بىلەن بالىسىغا ئەت قونغۇچە جاڭگالغا كىرمىسىمۇ بولىدۇ.
توختى ئۆزلىرى ئوتۇن ئەكىلىش يولىدا سايىداپ تاماق يەيدىغان قېرى دوڭغاق سۆگەتنى ئىلغا قىلالىدى. ئۇ يەردە بىر دەم ئارام ئېلىپ، ئىشەكنى سۇغۇرۇپ، يەم بىرىپ ماڭماقچى بولدى. ئۇ ئىشەكنى سۆگەت يېنىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان كىچىك ئېرىقتا سۇغۇردى ۋە بوينىغا تورۋىنى ئېسىپ قويدى. ئۆزىمۇ سومكىدا قالغان قازان نېنى بىلەن سوغۇق سۇ ئىچتى. ئىشەك بىر خىلدا يەمنى يەپ تۇراتتى.
5
مەرەمخان ئاغرىقتىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويايلا دىدى. ئاغرىق بىر تۇتۇپ قويۇپ بەردى، لېكىن يېرىم سائەتتىن كېيىن يەنە تۇتتى.
-ئاھ خۇدا، ئاسانلىق بەرگىن، مۇنداق ئادەمسىز كۈندە يەڭگىپ قېلىشىمدىن ئاللا ساقلىسۇن.
ئۇنىڭ تولغىقى تۇتقانسېرى كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغلاپ كەتتى، قوشنىسىنى چاقىرماقچىمۇ بولدى، لېكىن بالىنىڭ باش سۈيى يېرىلىپ كەتكەن ئىدى، ئانىسى ‹‹باش سۈيى يېرىلىپ كەتسە ماڭماڭ، بولمىسا تۇغۇتىڭىز تەسلىشىپ قالىدۇ. ›› دىگەن ئىدى. شۇڭا ئۇ ماڭالماي يوتقاندىن بىرنى ئاران تەسلىكتە ئېلىپ، ئاستىغا سېلىپ ياتتى.
تولغاق بارا –بارا ئون بەش مىنۇتتىن بەش مىنۇتتا بىرگە ئۆزگەردى، ئۇنى بىلى ئۈزۈلۈپ كەتكۈدەك ئاغرىيتتى،
-.نىمىشقىمۇ ئانامنىڭ قېشىغا كەتمىگەندىمەن. ۋاي ئاللا، ئەمدى قانداق قىلارمەن.
تولغاقنىڭ ئاچچىقلىقىدىن مەرەمخان ھەر يان تولغىناتتى، يىغلايتتى، تەر-كۆز ياش بىرلىشىپ، ئۇنىڭ كۆزىگە كىرىپ تېخىمۇ ئېچىشتۈرىۋەتتى.
دەل شۇ چاغدا دەھشەتلىك تولغاقتىن بىرسى تۇتقان ئىدى، مەرەمخان ئاچچىق چىقىراپ جىم بوپ قالدى.
6
توختى كۆزىنى ئاچقاندا سۆگەت يېنى كۈندۈزدەك يورۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇ كۆزىنى خىرە-شىرە ئىچىپ، ئەتراپنىڭ يەنىلا قاراڭغۇلىقىنى سەزدى. ئەسلىدە سۆگەت يېنىدىراق بىر گۈلخان يېقىلغان، ئەتراپىدا چاچلىرى ئۇزۇن، سالۋا بىر نەچچەيلەن ئولتۇراتتى، ھە، بولارمۇ ئوتۇن ئالغىلى كېلىپ كەچ قالغان ئادەملەركەندە، دەپ ئويلىدى توختى، لېكىن ئوتۇنچىلار ئىچىدە مۇنداق كىيىنىپ يۈرىدىغانلار يوق ئىدى، پەقەت ئوتۇن ساتقىلى چىققاندىلا بەزىبىر چېچىنى قىز بالىلارنىڭكىدەك قويىۋالغان، بوينىغا زەنجىر، چىمەلتەك قولىغا ئۈزۈك سالغانلارنى كۆرگەن، ئۇلار ھەرگىز ئوتۇنغا كېلىپ يۈرمەس. ئۇلار توختىنى كۆرمىگەندەك قىلاتتى، چۈنكى توختى ئىشەك ھارۋىسىنىڭ كەينىدە ئىدى.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى
نادىر
0
يازما
38
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى 11:34:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ قىزقىپلا قالدىمغۇ ئاخىرىغا

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 09:26 , Processed in 0.043349 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش