يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1221 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 3981|ئىنكاس: 57

ئايدار-تۇغۇت جېڭى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
631 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
975

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى 22:47:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                                             تۇغۇت جېڭى

1
مەرەمخان ئېرىنى ئۇزىتىپ بولۇپ، ھاسىرىغىنىچە كاتقا كېلىپ ئولتۇردى. يەلپۈگۈچنى ئېلىپ يەلپۈگىنىچە ئەتراپقا قورقۇمسىراپ قاراپ قويدى، توختى ئوتۇنغا ماڭدى، مەھەللىنىڭ چېتىدىكى بۇ يالغۇز ئۆيدە ئەمدى بىر كىچە يالغۇز ياتىدۇ. ئىشىك ئالدىدا تۇخۇلار قۇقۇلىشىپ، دان ئىزلىشىپ يۈرەتتى، يازنىڭ ئىسسىقى ئادەمنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ، بولۇپمۇ مۇنداق ئىككى قات بولۇپ قالغاندا. مەرەمخاننىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ قالاي دىگەن ئىدى، ئانىسى يىراق مەھەللىدە، ئەكىلىۋالاي دىسە، ئۆيدە بىر مۇنچە ئىشلار بار. توختى موشۇ قېتىم ئوتۇن ئەكىلىپ سېتىپ بولۇپ، ئاندىن ئۇنى ئانىسىنىڭكىگە ئاپىرىپ قويماقچى بولدى، ھېلىمۇ تۇنجى تۇغۇتىنى ئانىسى بېقىپ بەردى، ئۇلارنى سەل كۈچلىنىۋالسۇن دەپ بالىنى شۇ يەردە بېقىۋاتىدۇ، ئەمدى ئىككىنچى تۇغۇتىنىمۇ شۇ يەردە تۇغسا، ئۆزىگىمۇ، توختىغىمۇ سەت ئىدى، لېكىن بارماي بولمايتتى، ھازىر يازنىڭ تازا ياخشى ۋاقتى. بىر نەچچە قېتىم ئوتۇن ئەكىلىپ سېتىۋالسا، ئاندىن پاختا تېرىمى باشلانسا، ئۇنىڭغىمۇ ۋاقىت يەتمەيدۇ.
مەرەمخان ئورنىدىن تۇرۇپ، ئېغىلغا كىردى، ئېغىلدىكى ئەتىيازدا قالغان قالدۇق سامانلار ئىچىدە بىر مۇنچە تۇخۇملار يىغىلىپ كىتىپتۇ، ئۇ تەستە ئىڭىشىپ ئولتۇرۇپ، تۇخۇملارنى ئىتىكىگە ئالدى ۋە ئۇنى ئۆيدىكى يۇغان ئاياغ قېپىغا سېلىپ قويدى. يەكشەنبە بازاردا تۇخۇملارنى قوشنىسىنىڭ تۇخۇملىرىغا قوشۇپ قويسا، ئۇلار سېتىپ پۇلىغا چاي-تۇز ئالغاچ كېلىدۇ، بازاردا يەنە ئوسمىنىمۇ پۇلغا ئالارمىش، ئۇ تېرىغان ئوسمىلىرىنى توخۇ قىغى بىلەن ئوغۇتلىغان ئىدى، تازا كۆكلىدى، تېخى بەزىلىرى ئۇرۇقمۇ سېلىپ بوپتۇ، ئوسما ئۇرۇقىنى يىغىپ قويدى، ئەتىيازدا قوي كىسەل بولغاندا سۇغا دەملەپ ئىچكۈزسە، شۇنداق بەلەن بولۇپ كىتىدۇ.
ئاياغ قېپىغا تۇخۇم سېلىۋاتقاندا مەرەمخاننىڭ قۇسىقى چىم قىلىپ ئاغرىپ قالدى، شۇ ھامان ئۇنىڭ قولى ھەركەتتىن توختاپ قالدى. ‹‹ئىم، ئەمدى توختى يوق چاغدا تۇلغاق تۇتۇپ قالسا، قانداقمۇ قىلغۇلۇق؟›› ئۇنىڭ قوشنىسى تۆنۈگۈن ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرغا كەتكەن، ئەگەر ئۇ بولسىمۇ ئۇنى چاقىرىش ئۈچۈن خېلى مېڭىش توغرا كېلىدۇ.
لېكىن ئاغرىق بىر دەمدىلا يوقاپ كەتتى، ئۇ ئاستا مىڭىپ كاتقا كېلىپ ئولتۇردى، كەچ كىرىشكە خېلى بار، ئىش قىلاي دىسە ئەپسىز، لېكىن شۇندىمۇ كۆڭلىدە بىر ئەنسىزلىك بولغاچقا ئۆيدىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى قىلىشقا باشلىدى.

2
توختى ئىشەك ھارۋىسىنى ھەيدەپ جاڭگالغا ماڭدى، ئۇنىڭ تۇرمۇش غېمى ئازلاپ قالمىدى، بەلكى جىقلاپ كەتتى، ئۇكىلىرى بار، ئۇلارنى ئۆيلىمىسە بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ غېمى ئۇنىڭ يەلكىسىنى خۇددى تاغدەك باستى، بىر ھارۋا ئوتۇن ئېلىپ چىقىپ ساتسا، خېلى پۇل بوپ قالىدۇ، ئۇكىلىرى گەدەنكەش بولمىغان بولسا، ھارۋىدىن ئىككى ئۈچنى قىلىپ ئوتۇن ئەكىرىپ ساتقان بولسا، خېلى ھاللىنىپ قالغان بولاتتى، تويلۇقلارنىڭمۇ كېمى تېپىلاتتى.
توختى غەم بىلەن مېڭىۋىرىپ جاڭگالنىڭ ئىچىگە ئىچكىرلەپ كىرىپ كەلدى. توغراقلار ئىچىدە مېڭىپ، قۇرۇپ قالغان، ئاسان كەسكىلى بولىدىغان توغراقلارنى ئىزدىدى. توغراقزارلىق بىرەر مىڭ موچە كەڭ كەتكەن بولۇپ، كىشىلەر بۇ يەردىن ھەر خىل غەيرى پاراڭلارنى كۆتىرىپ چىقاتتى، بەزىلەرگە كىيىم كەيمەيدىغان، چاچلىرى بىلەن بەدىنىنى يۆگىۋالغان پەرىزات ئۇچرىسا، يەنە بەزىلەرگە گەپ قىلىدىغان جەرەنلەر ئۇچىرايتتى. بەزىلەر تەڭگە تېپىۋىلىپ، ئۇنى تېرىپ شەھەرگە ئاپارسا، بىر دۆۋۋە قۇمغا ئايلىنىپ قالاتتى. لېكىن توختىغا ھېچنىمە ئۇچىرىمىدى. ئۇ كىرىپلا قۇرىغان توغراقلارنى كىسىپ، ھارۋىسىغا پەۋەس بېسىپ ئالدى-كەينىگە قارىماي كىتەتتى، چۈنكى قارا كۆز، لىۋەن ئايالى مەرەمخان ئۇنى ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ ئولتۇراتتى. ئۇنى ئويلىغان ھامان توختى ھېچنىمىگە قارىماي، ئىشىكىنى چاپتۇرغىنىچە ماڭاتتى. مەرەمخان ئىسمى-جىسمىغا لايىق مەرى ئىسسىق، كۆيۈمچان، يۇۋاش ئايال ئىدى، توختىنىڭ نىكاھتىن تەلىيى كەلدى، ئەمدى بۇ بالىسى ساق-سالامەت تۇغۇۋالسا، باللىرىنى چوڭ قېلىپ قاتارغا قوشسا، باشقا نىمىمۇ ئارمىنى بار؟!


داۋامى بار

ئايدارخان ياخشى چۈش كۆسىلە

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1005 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2806

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى 22:50:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىسىدىن قارىغاندا بۇ ئەسەر ئالدىنقى قېتىم يوللىغان ئەسەرلىرىڭىزگە  ئوخشاشمايدىغاندەك قىلامدۇ قانداق ئايدار؟

ھېچنىمە  خۇشياقمايۋاتىدۇ..

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1933

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 12:43:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرەمخان، ئايال كىشى ئۈچۈن ئەڭ قىيىن ھىسابلىنىدىغان بۇ ئۆتكەلدىن قانداق ئۆتەركىن؟
داۋامى ھەدە؟

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
95 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
578

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 20:16:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىغا قىزىقىپ قالدىم .

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى
نادىر
0
يازما
37
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 06:53:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى ساقلايمەن :) :) :)

Rank: 8Rank: 8

توردا
631 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
975

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 10:45:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توختى شۇنچە ئايلىنىپمۇ قۇرۇغان توغراق تاپالمىدى، ئىزدىگەنسېرى جىلە بولدى، ئۇ بۈگۈن كەچ ئۆيگە بېرىپ بولسا بولاتتى، مەرەمخاننىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ، تۇغۇپ تارتىپ قالسا، تۇغۇتلۇق ئايال دىگەن يالغۇز قالسا بولمايدۇ. ئۇنىڭ يۈرىكى بىردىنلا ئاغقاندەك بولدى، بۇنداق كۈنلەردە پۇلنى قوغلىشىپ كەلگىنى نىمىسى ؟ئۇ تېخىمۇ جىدددىيلىشىپ ئىشىكنى بىر توغراققا باغلاپ قويۇپ، قۇرۇغان توغراق ئىزلەپ ماڭدى.  توغراق دىگەن ياشىرىپ مىڭ يىل، قىڭغىيىپ مىڭ يىل، چىرىپ مىڭ يىل ياشايدىغان نەرسە، بۇ يەردىكى توغراقلارنىڭ ھېچقايسىسى مىڭ ياشقا كىرمىگەن ئوخشايدۇ. بۇ يەردىكى ئوتۇنچىلارمۇ ئاز ئەمەس، ھەر چارشەنبە، يەكشەنبە بازىرىدا تىراكتۇر، ھارۋىلارغا بېسىلغان پەۋەس ئوتۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى مانا موشۇ ئاياغقۇمنىڭ. توختىمۇ ئىسىنى بىلگەندىن تارتىپ، موشۇ يەردىن ئوتۇن ئەكىلىپ سېتىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئوقۇشى، دادىسىنىڭ، ئانىسىنىڭ داۋالىنىشى، كۈندىلىك تۇرمۇش چىقىمى، تويى دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك موشۇ يەردىكى توغراقلارنىڭ كۈچى بىلەن بولغان، ئۇلارنىڭ يەرلىرى ئۈنۈمسىز، شورلۇق يەرلەر، پاختا تېرىسىمۇ، بۇغداي تېرىسىمۇ ھوسۇلى پەقەت كۆزلىگەن يەرگە يەتمىدى. توختىنىڭ دادىسى تۇرسۇنمۇ بۇرۇندىنلا ئوتۇنچىكەنتۇق، لېكىن ئۇ ئوغلىنىڭ تويىنى كۆرەلمەي تۈگەپ كەتتى. ئانىسى ھەۋزىخانمۇ دادىسىغا تارتىشقاندەكلا كەتتى.
توختى خېلى يەرلەرگىچە باردى. قېرىشقاندەك ھارۋىغا لايىق ئوتۇنلار تېپىلمىدى، بىر نەچچە يەردە پارچە ئوتۇنلار تۇراتتى، لېكىن ئۇلارنى باسقان بىلەن خېرىدارغا ياراتقىلى بولمايدۇ، ھازىرقى زاماندىكى خېرىدارلارغا گەپ توغرا كەلمەيدۇ، بولسا بىر تىيىن بولسىمۇ ئەرزان ئالسا، ھەتتا ئىشىكى ئالدىغا ئاپىرىپ بەرسە، ‹‹ئۇكام، ھارۋاڭدىن چۈشۈرۈپ، ئاۋۇ بۇلۇڭغا تىزىۋەتمەمسەن›› دەپ گۆشىيىپ تۇرىدىغانلارمۇ بار. تىراكتۇرى بولغان بولسىمۇ، بىراقلا توپ ئوتۇن ئالدىغان كاۋاپخانا، ئاشخانىلارنىڭ خوجايىنلىرى ئالاتتى. ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ شاگىرتلىرى بىر دەمدىلا چۈشۈرۈپ، ھارۋىنى بىكار قىلىپ بىرەتتى. ئوتۇن دىگەننىڭ تىزماقتىن چۈشۈرمەكنىڭ قىيىنلىقى.
توختى خېلى ئىچكىرىگىچە كىردى، ئىچكىرلىگەنسېرى ئۇنى ۋەھىمە بېسىپ، تىنىقلىرى يىتىشمەي قالدى. ئۇ توغراقلىق ئىچىدە قۇرۇغانلىرىنى ئىزدىگەچ تۇيۇقسىز بىر غېرىبلىق باستىكى، ئۆزىنى تۇتالماي قالدى. ئۇنىڭ دادىسى تۈگەپ كەتكەندە ئۇ تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتاتتى، دادىسى ‹‹ئوتۇن سېتىپ خېلى پۇل جەملىدىم، بالامنى ئوقۇتۇپ كادىر قىلىمەن ، ئۇ ئۇكىلىرىنى ئوقۇتىدۇ ›› دەيتتى. لېكىن دادىسى ئوغلىنى گۈزەل كۈنلەرگە ئۇلاشتۇرالمايلا، مىڭبىر ئارمان ئىچىدە كۆز يۇمدى. ھازىر ئۇنىڭ ساۋاغداشلىرى توختىنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ، سالۋا تەلپەك، توپا كىيىملەر بىلەن ئۇچىراپ قالسا ئۇلار ‹‹ئەسلى سەن كادىر بولاتتىڭ، ئۇقۇمىدىڭدە...›› دىيىشىپ كىتىدۇ. دادىسى بولغان بولسا، ھېچبولمىسا، ئۇ تولۇقسىزدىن ئىمتىھان بىرىپ تېخنىكوم مەكتەپلىرىدىن بىرەرىگە ئۆتكەن بولسا ....
ئۇ كۈن قايرىلغۇچە ئىزلىدى. لېكىن بىرمۇ قۇرۇق ئوتۇن تاپالمىدى، كۈنگە قاراپ بېقىپ، ئىشىكىگە بوغۇز بىرىپ، ئۆزى ئېلىۋالغان نەرسىلەرنى يىيىشكە باشلىدى. مەرەمخان نىمىدىگەن كۆيۈمچان، ئۇ ئاخشام قوسىقىنى سۆرەپ، قازان بېشىدا پىسىرلاپ يۈرەتتى. رەخىت سومكىدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم، قازان نېنى، سۇغاق قايناقسۇ دىگەندەكلەر تۇراتتى. بۇنى كۆرۈپ توختىنىڭ ئىچى كۆيدى، نىمە دىگەن كۆيۈمچان خوتۇن؟ ئۇنى قانداقمۇ يالغۇز قالدۇرغىلى بولسۇن؟ ئۇ ئالدىراپ تىنەپ قوسىقىنى بىر قۇر توقلىدى ۋە كۆكلەپ تۇرغان توغراقتىن بىرىگە پالتىسىنى ئۇردى. ‹‹پۇر ›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، بىر توپ قۇشقاچ ئۇچۇپ چىقىپ كەتتى. ئىگىز ئەمەس، لېكىن ھەر تەرەپكە شاخ تاشلاپ ئۆسكەن توغراق ئۇنىڭ پالتا ئۇرۇشلىرىغا جىمجىت تۇرۇپ بەردى.
تۇختى ھارغان-ئاچقىنىنى بىلمەي پالتىنى چېپىۋەردى، بىر دەمدىن كېيىن ئازراق دەم ئېلىش ئۈچۈن ئولتۇراي دىيىشىگە، توغراقتىن ساقىپ چىققان قانرەڭ سۇيۇقلۇق ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئۇنى ھەيرانۇ-ھەس قىلىۋەتتى. راست، توغراقتىن قان ساقىۋاتاتتى. ئۇ قولىنى ئۇزىتىپ، قورقۇمسىرىغان ھالدا ئۇ سۇيۇقلۇققا قولىنى تەككۈزۈپ باقتى.

ئايدارخان ياخشى چۈش كۆسىلە

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى
نادىر
0
يازما
37
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 10:53:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامنى ساقلايمەن

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1933

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 11:21:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ توختى سىرلىق توغراققا ئۇچراپ تەقسىراتقا كەتمىسىدى.:(

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 21:09:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايدار-تۇغۇت جېڭى
پۇتۇن بەدىنىمنى مۇزدەك تىتىرەك باسقان ھالدا بۇ تېمىنى قوزغاتتىم . سەل ئېغىر قوساق كۆتۇرگەن ئاياللارنى كۆرسەممۇ جىددىلىشىپ قالىدىغان ئىش ماڭا ئادەت بولۇپ قالدىمىكىن بىلمىدىم :L

داۋامى قېنى ،شۇنداق قىزىقىپ ئوقۇۋاتسام .....................

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1005 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2806

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 21:28:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
:L :L ئۇف ئاۋۇ توغراقلىقتا مەن يۈرگەندەك جىددىيلىشىپ كەتتىما:(
قورقۇنۇچلۇق ھېكايە ئەمەستۇ ئايدار:o

ھېچنىمە  خۇشياقمايۋاتىدۇ..
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 12:36 , Processed in 0.053022 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش