يېقىندىن بۇيان ئۇكام ئۆيدە بىكارچىلىقتا كومپىيوتۇرغا بەك قىزىقىپ كېتىپ بارىدۇ. تورنى ئۈزىۋېتەي دىسەم، ئۆزۈممۇ ئىشتىن چۈشۈپ كېلىپ تور كۆرىمەن.
قارىسام ئۇكامنىڭ ئاساسلىق بېرىلىپ كەتكىنى QQمۇڭداشقۇسى ۋە QQ تورىنىڭ سەي كۆكتات تېرىيدىغان، مەھەللە ياسايدىغان ۋە كىيىم ساتىدىغان دىگەندەك چەك باسمايدىغان ئويۇنلىرى ئىكەن. ئۇكامنىڭ ئۆزىگە مۇۋاپىق بىرەر خىزمەت ياكى ئۆگىنىش نۇقتىسى تېپىۋىلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. ئەمما ھەر دايىم ئۇنىڭ يېنىدا يۈرۈپ بولالمىغاچقا، ئۇنىڭ مۇشۇنداق تور ئويۇنلىرىغا ھەددىدىن زىيادە خۇمار بولۇپ قېلىشىدە ئۆزۈمنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ھېس قىلدىم. ئاتا ئاناممۇ ئۇكامنىڭ بۇ بوشاڭلىقى ۋە ئويۇنخۇمارلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى مېنىڭدىنمۇ كۆرىۋاتىدۇ.
مۇشۇ مەسلىنى ئويلاپ يۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك دىتاللار بولسا دەپ ئىزلەپ باقسام مېنىڭ تەلىۋىمگە چۈشىدىغان مۇنداق بىر دىتال ئۇچراپ قالدى.
دىتال نامى : 展翅鸟家长控制

بۇ دىتال ئارقىلىق QQ ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باشقا مۇڭداشقۇلارنى، تور ئويۇنلىرىنىڭ ئىجرا بولىشىنى چەكلىگىلى بولىدىكەن. تور بېكەت قارا تىزىملىكىگە qq.com نى كىرگۈزۈپ قويسام، QQبوشلىقى، مەھەللىسى، دوستلىشىش سۇپىسى ، QQ ئويۇنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى چەكلىۋەتتى. (QQ مىكروبلوگىنىمۇ چەكلەپتۇ تېخى، بۇنىڭغا مەن كىرەتتىم).
شۇ تاپتا مەندىن: ئەگەر ئۆزىمىز QQ چىقماقچى بولساق ياكى QQ مىكروبلوگىغا كىرمەكچى بولسام دىتالنى قوزغىتىپ ئۆچۈرۈپ يۈرەمدۇق دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن.
بۇ دىتال تەڭشەكلىرى ئارقىلىق سىز چەكلىمەكچى بولغان نۇقتىلارنى چەكلىگەندىن كېيىن، « ئائىلە باشلىقى ئىشلىتىش ھالىتى» دىگەننى چەكسىڭىز، بۇ دىتال ۋاقىتلىق ئىجرا بولماسلىق ھالىتىگە كىرىدىكەن. دىمەك، سىز چەكلىگەن تەڭشەكلەر ئىجرا بولمايدۇ. سىز « ئوقۇغۇچىلار ئىشلىتىش ھالىتى» دىگەننى چەكسىڭىزلا، سىز چەكلەش بويرىقى بەرگەن بارلىق تەڭشەكلەر ئىجرا بولىدىكەن.
خوش، مەندىن سىز : بۇ دىتالنى يۇيىۋەتسە چەكلىمىلەر بىكار بولمامدۇ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە. سۆزىڭىز ئورۇنلۇق.
دىتالنى يۇيۇش ياكى قايتىدىن تەڭشەش ئۈچۈن، سىز تۇنجى قېتىم كىرگۈزۈپ بەرگەن شىفىرنى كىرگۈزىشى كېرەك ئىكەن. ئۇنداق بولمىغاندا دىتالنىڭ ئىجرا ھالىتىدىن چېكىنىپ چىققىلىمۇ، مەشغۇلات قائىدىسى بويىچە كومپىيوتۇردىن ئۆچۈرۋەتكلىمۇ بولمايدۇ. ئەگەر دىتال قاچىلانغان ئورۇنغا كىرىپ مەجبۇرىي ئۆچۈرۋەتسە، دىتالنىڭ ئۆزىنى قايتىدىن قاچىلىسا ياكى « ۋەزىپە باشقۇرۇش ئىستونى»نىدىن مەجبۇرىي توختىتىۋېتىش ئېھتىمالى بولىشى مۇمكىن. بۇنى مەن سىناب باقمىدىم.
ھازىرچە ئىېھتىياجىمدىن چىقىۋاتىدۇ. ھە راست، بۇ دىتال ھەقلىق دىتال ئىكەن. ئەمما 30 كۈن ھەقسىز ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. مېنىڭچە 30 كۈنگىچە ئۇكاممۇ تور ئويۇنلىرىنى ئوينىيالماي، پەقەت توردىن خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ئۇچۇرىلا ئىزلىيەلىسە، بەلكىم ياخشى نەتىجە چىقىپ قالار.
شۇڭا بۇ دىتال ۋە ئالاھىدىلىكىنى باشقا تورداشلارغىمۇ تەۋسىيە قىلدىم.
دىتال چۈشۈرۈش ئادرىسى : http://www.duote.com/soft/9155.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا saye تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 00:11