يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 231|ئىنكاس: 6

ئاتا ئانىلار ئۈچۈن كېرەكلىك دىتال [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 00:08:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يېقىندىن بۇيان ئۇكام ئۆيدە بىكارچىلىقتا كومپىيوتۇرغا بەك قىزىقىپ كېتىپ بارىدۇ. تورنى ئۈزىۋېتەي دىسەم، ئۆزۈممۇ ئىشتىن چۈشۈپ كېلىپ  تور كۆرىمەن.

قارىسام ئۇكامنىڭ ئاساسلىق بېرىلىپ كەتكىنى QQمۇڭداشقۇسى ۋە    QQ تورىنىڭ سەي كۆكتات تېرىيدىغان، مەھەللە ياسايدىغان ۋە كىيىم ساتىدىغان دىگەندەك چەك باسمايدىغان ئويۇنلىرى ئىكەن. ئۇكامنىڭ ئۆزىگە مۇۋاپىق بىرەر خىزمەت ياكى ئۆگىنىش نۇقتىسى تېپىۋىلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. ئەمما ھەر دايىم ئۇنىڭ يېنىدا يۈرۈپ بولالمىغاچقا، ئۇنىڭ مۇشۇنداق تور ئويۇنلىرىغا ھەددىدىن زىيادە خۇمار بولۇپ قېلىشىدە ئۆزۈمنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ھېس قىلدىم. ئاتا ئاناممۇ ئۇكامنىڭ بۇ بوشاڭلىقى ۋە ئويۇنخۇمارلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى مېنىڭدىنمۇ كۆرىۋاتىدۇ.

مۇشۇ مەسلىنى ئويلاپ يۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك دىتاللار بولسا دەپ ئىزلەپ باقسام مېنىڭ تەلىۋىمگە چۈشىدىغان مۇنداق بىر دىتال ئۇچراپ قالدى.

دىتال نامى : 展翅鸟家长控制


بۇ دىتال ئارقىلىق  QQ ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باشقا مۇڭداشقۇلارنى، تور ئويۇنلىرىنىڭ ئىجرا بولىشىنى چەكلىگىلى بولىدىكەن. تور بېكەت قارا تىزىملىكىگە  qq.com نى كىرگۈزۈپ قويسام، QQبوشلىقى، مەھەللىسى، دوستلىشىش سۇپىسى ، QQ ئويۇنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى چەكلىۋەتتى. (QQ مىكروبلوگىنىمۇ چەكلەپتۇ تېخى، بۇنىڭغا مەن كىرەتتىم).

شۇ تاپتا مەندىن: ئەگەر ئۆزىمىز QQ چىقماقچى بولساق ياكى QQ مىكروبلوگىغا كىرمەكچى بولسام دىتالنى قوزغىتىپ ئۆچۈرۈپ يۈرەمدۇق دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن.

بۇ دىتال تەڭشەكلىرى ئارقىلىق سىز چەكلىمەكچى بولغان نۇقتىلارنى چەكلىگەندىن كېيىن، « ئائىلە باشلىقى ئىشلىتىش ھالىتى» دىگەننى چەكسىڭىز، بۇ دىتال ۋاقىتلىق ئىجرا بولماسلىق ھالىتىگە كىرىدىكەن. دىمەك، سىز چەكلىگەن تەڭشەكلەر ئىجرا بولمايدۇ. سىز « ئوقۇغۇچىلار ئىشلىتىش ھالىتى» دىگەننى چەكسىڭىزلا، سىز چەكلەش بويرىقى بەرگەن بارلىق تەڭشەكلەر ئىجرا بولىدىكەن.

خوش، مەندىن سىز : بۇ دىتالنى يۇيىۋەتسە چەكلىمىلەر بىكار بولمامدۇ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە. سۆزىڭىز ئورۇنلۇق.

دىتالنى يۇيۇش ياكى قايتىدىن تەڭشەش ئۈچۈن، سىز تۇنجى قېتىم كىرگۈزۈپ بەرگەن شىفىرنى كىرگۈزىشى كېرەك ئىكەن. ئۇنداق بولمىغاندا دىتالنىڭ ئىجرا ھالىتىدىن چېكىنىپ چىققىلىمۇ، مەشغۇلات قائىدىسى بويىچە كومپىيوتۇردىن ئۆچۈرۋەتكلىمۇ بولمايدۇ. ئەگەر دىتال قاچىلانغان ئورۇنغا كىرىپ مەجبۇرىي ئۆچۈرۋەتسە، دىتالنىڭ ئۆزىنى قايتىدىن قاچىلىسا ياكى « ۋەزىپە باشقۇرۇش ئىستونى»نىدىن مەجبۇرىي توختىتىۋېتىش ئېھتىمالى بولىشى مۇمكىن. بۇنى مەن سىناب باقمىدىم.

ھازىرچە ئىېھتىياجىمدىن چىقىۋاتىدۇ. ھە راست، بۇ دىتال ھەقلىق دىتال ئىكەن. ئەمما 30 كۈن ھەقسىز ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. مېنىڭچە 30 كۈنگىچە ئۇكاممۇ تور ئويۇنلىرىنى ئوينىيالماي، پەقەت توردىن خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ئۇچۇرىلا ئىزلىيەلىسە، بەلكىم ياخشى نەتىجە چىقىپ قالار.

شۇڭا بۇ دىتال ۋە ئالاھىدىلىكىنى باشقا تورداشلارغىمۇ تەۋسىيە قىلدىم.

دىتال چۈشۈرۈش ئادرىسى : http://www.duote.com/soft/9155.html

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saye تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 00:11  


بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 00:29:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دىتالنىڭ يەنە بىر شۇنداق ياخشى ئالاھىدىلىكى بولۇپ، پەرزەنتىڭىز مەشغۇلات قىلىۋاتقان شۇ ۋاقىتتا دىتال ئاپتوماتىك ھالدا ئېكران مەشغۇلاتلىرىنى قەرەللىك ۋاقىتتا رەسىم تارتىپ ساقلىۋالىدۇ. بۇ ئارقىلىق، پەرزەنتىڭىزنىڭ قانداق مەشغۇلات قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرالايسىز. بۇغۇ ئۇلارنىڭ شەخسىي مەخپىيىتى، ئەمدى شۇ بالىلارنىڭ توردا ئەسكى نەرسىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالمىسۇن دەيمىزغۇ.

بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام

Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
223
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 08:11:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز بۇ توغرىلىق ھەقىقەتەن ئاز ئىزدەنمەپسىز ،ھازىر ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ تورغا خۇمار بۇلۇپ قېلىش ئەھۋالى ناھايتى تىز بۇلىۋاتىدۇ.شۇ ئاتا-ئانىلار بالىلارغا توغرا بولغان ئۆگىنىش ۋە ئۇيۇن ئويناش مۇھىتى يارتىپ بېرىشى لازىمدۇر.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 12:55:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئۆيدىغۇ كومپيۇتېرنى كۈن- كۈنلەپ ئېچىپ قويساقمۇ بالىلار كېلىپمۇ قويمايدۇ، سەۋەبى تاپشۇرۇق تاپشۇرۇق تاپشۇرۇق... تىن باش كۆتۈرگىچە ئۇيقىسى كېلىپ يوتقانغا ئارانلا ئۈلگۈرىدۇ، دەم ئېلىش كۈنلىردىمۇ يەنە تاپشۇرۇق

Rank: 1

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
137
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 21:13:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى مېنىڭ ئاۋۇ بېشى قېتىپ تۇرغان دوستلىرىمغا دەپ بېرەي تازا خۇش بوپ كەتسۇن

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1179

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 12:03:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئىش قىپسىز سايە!

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 22:02:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىشكەن ، مۇشۇ كۈنلەردە تور بەك قالايمىقان بۇلۇپ كەتتى ،  يامان نىيەتلىك ئادەملەرمۇ  يوق ئەمەس

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 02:57 , Processed in 0.050844 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش