يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 401|ئىنكاس: 18

ئايدار---سىم-سىم يامغۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
842

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى 16:42:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: بۇرۇن يېزىلغان ئەسەر ئىدى....يوللاپ باقتىم، ئوقۇپ پىكىر بىرەرسىلەر ئىنقىلابىي يولداشلار.
بىرىنچى باب


مەن ئوقۇشتىن قالغىلى ئۇزاق بولمىدى، دادامنى كىشىلەر كىتابخۇمار دەيدۇ، لېكىن مېنى ئوقۇتمىغىنىغا ھەيران قالدىم، ناھايىتى شۇ ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى قارارىدىن ئۇختۇرۇش كەلمەي، ئالىي تېخنىكۇم-مەخسۇس كۇرۇستىن ئۇختۇرۇش كەلدى. شىنجاڭ سانائەت ئىنىستوتىنىڭ ئاپتۇماتلاشتۇرۇش كەسپى دىگەن گەپنى كۆرۈپلا دادامنىڭ خۇيى تۇتتى.
-بۇ نىمە كەسىپ؟ زۆھرە دىگەن يىڭناغۇچتەك قىز تۇرسا، ماشىنىلارنىڭ ئىچىدە يۈرسە قانداق بولىدۇ؟ بولدى كىلەر يىلى ئىمتىھان بەرسۇن. مەن بۇنى خېلى ئەقىللىق قىز بولدى دەپ يۈرسەم، تولۇق كۇرسقا، بېيجىڭ-شاڭخەيلەرگە ئۆتەلمەي، نەدىكى ئوغۇللارغا ماس كېلىدىغان كەسىپكە ئۆتۈپ قالغىنىنى دەيمەن.
-دادىسى، ھازىر زامان يىلدىن يىلغا ئۆزگىرىۋاتىدۇ، بالا قايسى كەسپىتە ئوقۇسا مەيلى، ئوقۇپ باقمامدۇ؟ خىزمەتكە بۆلسىلا بولدى ئەمەسمۇ ؟
-نىمىلەرنى دەيدىغانسەن؟ سەن قايسى زاماندا قالغان خوتۇنسەن ھۇي؟ ئاۋۇ ئەبەيدۇللانىڭ ئوغلى پەتتۇللا بېيجىڭدا ئوقۇۋاتىدۇ، ھاشىمنىڭ قىزى زۆھرەدىن سەللا چوڭ، شۇنىڭغىمۇ فۇدەندىن ئۇختۇرۇش كەپتۇ. مۇشۇ زۆھرەنى دەيمەن. تىرىشىپ ئوقۇسا بولىدۇ.
-ئوقۇتمامدىلا بالىنى شۇنداق قىلىپ؟
-ياق!!!كىلەر يىلى ئىمتىھان بەرسۇن، ئىمتىھان بەرمىسە مۇشۇ كىتابخانىنى ئاچسۇن، بالىلارنىڭ كىچىكى دەپ ئەركە ئۆگىتىپ قويدۇڭ، ئاكىلىرىدەك نان يىگەندەك چوڭ بولمىدى قىزىڭ.
-ئۇنداق دىمىسلە... ئوقۇپ باقسۇن...كېيىن بىزگە باش ئاغرىقى تېپىپ بەرسە قانداق قىلىمىز.
-شۇنداق بىر قىلسۇنا!!پۇتىنى چېقىپ نان تاشلاپ بېرىپ باقىمەن.
دادامنىڭ بومبا ئاتقاندەك گەپلىرىدىن رايىم يېنىپ، دېرىزە تۈۋىدىن ياندىم. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپلا نەتىجەم تۈۋەنلەپ كەتتى. كىچە-كۈندۈز دەرسكە قارايمەن، يادلايمەن، تەكرار قىلىمەن، لېكىن نەتىجەم ئاتام ئېيىتقان بايقى، ھەتتا سىنىپتا ئىززەت ئىسىملىك ساۋاغدىشىم‹‹ ئەگەر زۆھرە ئىمتىھاندىن ئۆتەلىسە، ئىككى قۇلىقىمنى كېسىپ بىرىمەن ›› دىۋىدى، سىنىپتىن كۆز ياشلىرىمنى تۆككەن ھالدا يۈگىرەپ چىقىپ كېتىپ، مەكتەپنىڭ بۇرجىگىدىكى تاللار ئارىسىدا بىر ھازا يىغلىغان ئىدىم. ئەمدىلىكتە شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئالىي تېخىنىكۇم بولسىمۇ مەكتەپكە ئۆتسەم، دادامنىڭ ئوقۇتمايمەن دىگىنى نىمىسى؟ ئوقۇتمىسا قانداقمۇ قىلارمەن؟
ياشلىق كۆزلىرىمنى سۈرتۈپ سىرتقا چىقتىم، يازنىڭ ئىسسىق كۈنىدە  چىۋىنلەر مىژىلدىشىپ ئۇچۇپ يۈرەتتى، تاللىق ھويلىمىز سىرتتىن سەل سالقىن بولسىمۇ، لېكىن گۈپۈلدەپ ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئىسسىق ھىد ئادەمنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. ئىززەتنىڭ گېپى كۆز ئالدىمغا كېلىپ مەيۈسلىنىپ قويغان تۇتقىنىمنى بىلمەيلا قالدىم، ئالىي تېخنىكوم بولسا نىمە بوپتۇ؟ ئەخمەتجان ئاكاممۇ شۇ كەسىپتە ئوقۇغان، ھازىر ئىلىكتىر ئىستانسىسىدا ئىشلەيدۇ، مائاشىمۇ نەچچە كىشىلىك يوقىرى، ئۇ بەرگەن پۇللار مېنىڭ پاراغەتلىك تۇرمۇشۇمغا يىتىپ ئاشاتتى، قىزلارغا كۆز-كۆز قىلىپ ئۇنى-بۇنى ئالاتتىم، قىزلارنى مېھمان قىلاتتىم، شۇڭا دادامدىن يۇشۇرۇنچە شۇ كەسىپنى يازغان ئىدىم، ئەمدىلىكتە ئۇ كەسىپتىن ئۇختۇرۇش كەلگەندە دادامنىڭ مېنى ئوقۇتمايمەن دەپ بۆرە جۇۋىسىنى تەتۇر كەيگىنىنى دەيمەن. ئۇختۇرۇش كەلگەنلەر ئارقا-ئارقىدىن ساۋاغداشلارنى چاقىرىپ ئۇزىتىش قىلىۋاتىدۇ، ئايشەمنىڭ، پاتىگۈلنىڭ ئۇزىتىشلىرىغا بېرىپ، ساۋاغداشلار بىلەن پاراڭلىشىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان چېغىمىزدىكى ئىشلارنى دىيىشىپ كۈلۈشمىگەنمىدۇق؟ تېخى مەن ئۇزىتىش چېيى قىلىشنىڭ پىلانىنى تۈزۈپمۇ قويغان ئىدىم، ئۆيدە قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ، دادام بىلىپ قالسا تېرەمنى تەتۈر سويىۋىتىدۇ، سابىر ئاكامنىڭ ئۆيىدە قىلسام چېنىپمۇ كەتمەس دەپ ئويلىغان، سابىر ئاكام ئۆينىڭ چوڭى، ماڭا بەك ئامراق، ھەر قېتىم ئۆيىگە بارسام ئاسىيە ئاچام ماڭا گۆش قورۇپ بەرمەي قالمايدۇ.
-ئاسىيە، زۆھرە كەلدى، ياخشىراق مېھمان قىلىۋالايلى، ئوقۇشقا كەتسە كۆرگۈم كېلىپ كىتەر-ھە؟ دەپ بېشىمنى سىلىغاندا، مەن خۇددى ئۆزۈمنى پويىز ئىستانسىسىدا باشقىلار بىلەن بىللە پويىزغا چىقىپ كىتىۋاتقاندەك، دادام-ئاپاملار، ئاكىلىرىم، يەڭگىلىرىم مېنى ئۇزىتىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ بىر خىل سۆيۈنۈش ئىلكىدە ئۆزۈمنى باسالماي خوشلۇققا چۆمگەن ئىدىم. ئاسىيە ئاچام مەن بارساملا گۆش قورۇيدۇ، ياكى مەن ئامراق تۈگرىگە تەييارلىق قىلىدۇ، ئۆتكەندە بېرىپ ئاسىيە ئاچام بىلەن مېنىڭ ئۇزىتىش چېيىمنىڭ مەسلىھەتىنى قىلىپ قايتىپ كەلگەن ئىدىم. ئەمدى ئۇمۇ سۇغا چىلاشتى. ئۆزىمىزدىن تۈۋەن يىللىقتىكى ھېلىقى قىزلار كۆز ئالدىمغا كېلىۋىدى شۈركىنىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ ئاقسالىقى، پوچىلىقى، بىزنىڭ سىنىپتىكى يىگىتلەر شۇلار تەرەپكىلا يۈگرەيتتى، ئۇلارغا شۇنداقلا قاراپ قويساق، قەستەن نەچچىسى كېلىپ بىزنى سوقىۋىتىپ ئۆتۈپ كىتەتتى. نەچچە قېتىم ھاجەتخانىدا تۇتۇشۇپ قالايمۇ دىدۇق، ئەمەلىيەتتە، تۇتۇشقان مەن ئەمەس، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بايلارنىڭ، باشلىقلارنىڭ قىزلىرى، ئۇلار بىلەن مۈرە سوقۇشتۇرىدىغىنى يەنىلا بىزنىڭ سىنىپتىكى بايلارنىڭ، باشلىقلارنىڭ قىزلىرى ئىدى. ئۇلار ئوبۇرنىدا ئۇرۇشۇپ قالسا، بىزدەكلەر چەتتە قاراپ تۇراتتۇق، بىر دەمدىلا چاچلىشىپ، بىر-بىرىنى مورلىشىپ، تىللىشىپ كەتسە، بىزدەكلەر سىرتىدا يا تالاغا چىقىپ كىتەلمەي، يا ئۇلارغا بولۇشالماي تۇراتتۇق.  ئۇلار بىر دەمدىلا بۇ جەڭنى ئاياغلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىنى تىللاشقىنىچە چىققىپ كىتەتتى. ئەمدى مەن دادامنىڭ زورلىشى بىلەن مەندىن بىر يىللىق تۈۋەن شۇملارنىڭ سىنىپىغا قايسى يۈزۈمنى كۆتىرىپ كىرىپ ئوقۇيمەن؟ مۇشۇ دادامنىزە؟ زادى مۇتئەسسىپ، دىگىنى دىگەن، ئەتكىنى ئەتكەن، ئۆيدە باشقىمىزنىڭ قارار چىقىرىش ھوقۇقىمىز يوق، ئاكىلىرىممۇ دادام ئېپ بىرىمەن دىگەن قىزلارنى ئالدى، پەقەت ئىسمەت ئاكاملا دادام بىلەن قارشىلىشىپ يۈرۈپ، ئۆزى بىلەن بىللە ئالىي مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان، يىراق تاغلىق ھاۋاگۈل ئاچامنى ئالدى، دادام باشتا ئۇلارغا قاپاق ئاچمىدى، لېكىن ھاۋاگۈل ئاچامنىڭ ئوچۇق-يۇرۇقلىقى، ئەقىللىق، ئىشقا پىشقان مىجەزى ئاخىرى دادامنى قايىل قىلدى، لېكىن بۇ ‹‹قايىل بولۇش››بەك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتتى. ئۇلار بىر بالىلىق بولغاندا ئاندىن تاغلىق يېزىدىن شەھەر يېنىپ كىرەلىدى. بالىسىنىڭ ئاغرىپ قېلىپ، قاتناش قۇلايسىز تاغدا ئۆپكە ياللۇغى بىلەن بۇ دۇنيادىن ۋاقتىسىز كەتكىلى تاس قالغاندىلا ئاندىن دادام ئۇلارنى يۆتكەپ ئەكەلدى. دادامنىڭ ئاغىنىسى، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سەمەت تاغام ئۇلارنى بىر تەستىق بىلەنلا بىرىنچى باشلانغۇچقا يۆتكەپ ئەكەلدى.
خىيالىمنى ئاپام بۇزدى، ئۇ مېنىڭ چىرايىمدىنلا بايامقى تالاش-تارتىشتىن خەۋەردار بوپ بولغىنىمنى بىلىپتۇ.
-بالام، -دېدى ئاپام يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، -كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، داداڭنىڭ كاللىسىدىن ئاستا-ئاستا ئۆتۈپ قالار. قانداق قىلىمىز، مىجەزى شۇنداقكەن.
-دادامنىڭ كاللىسىدىن ئۆتكۈچە ئوقۇش باشلىنىپ بولسا قانداق قىلارمىز؟
-ئۇنداقمۇ بوپ كەتمەس، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما.
ئاپامنىڭ تەسەللىيسى كۆڭلۈمنى تېخىمۇ ئىزىۋەتتى. ئۆپكىدەپ يىغلاپ ئۆيگە كىرىپ، ئۆزۈمنى ئېتىپ تازا يىغلىدىم. لېكىن كۆز ياشلىرىممۇ، يېلىنىشىممۇ دادامنى قايىل قىلالمىدى. دادامغا گەپ قىلىش قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. ئاپامنىمۇ نەچچە قېتىم سىلكىۋەتتى. ئاكىلىرىمغۇ دادامغا ئېغىز ئاچالمايدۇ. دادام موماملارنىڭمۇ گېپىنى يىمەيدۇ. ئامال يوق....
ئوقۇشقا كېتىدىغانلار كەتتى،دادام رەت قىلغاندىن كىيىنكى ئولتۇرۇشلارنىڭ بىرىگىمۇ بارمىدىم. ئىززەت ئاتايىتىن ماڭا بىر بالىدىن گەپ ئىۋەتىپ‹‹ زۆھرە مېنى ئۇزىتىپ قويغىلى كەلسۇن، ئۇنىڭغا ئۇختۇرۇش كەلگەن بولسا ئېلىپ كەلسۇن، مەن ئىككى قۇلىقىمنى كېسىپ تەخسىگە سېلىپ رەسمىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ئۇنىڭغا تۇتىمەن›› دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ سوغۇق كۈلدۈم ۋە ئۆيدىكى تەكچىدە دادامنىڭ كىتابلىرى ئارىسىدا بېسىلىپ ياتقان ئۇختۇرۇش قەغىزىمنى ھېلىقى بالىغا تۇتقۇزۇپ قويدۇم.
-ئىززەتكە دەپ قوي، ئۇنىڭ سالپاڭ قۇلىقىنى ئىتمۇ يىمەيدۇ، ئوقۇشقا بارسا ئازراق غەرەز ئۇقۇشقا پايدىسى بولار، ئاۋايلاپ ئىشلەتسۇن، شەرقى شىمال دىگەن بەك سوغۇقمىش، ئۈششۈتىۋالمىسۇن.-دەپ گەپ خالتا قىلدىم. ئۇ بالا ئىززەتنىڭ ئىنىسى بولسا كىرەك. ئىززەتكە بەكلا ئوخشايتتى. سىنىپتا ئىززەتنى ئىززەت ئىلياس دەپ چاقىراتتىم، ئۇ ئۆلگۈدەك تېرىكىپ:‹‹مېنى قىز بالىغا ئوخشاتما››دەپ كېتەتتى. مەن بولسام مۈرەمنى قىسىپ قويۇپ‹‹كىم داداڭنى ساڭا قىزلارنىڭ ئىسمىنى قويۇپ قويسۇن ›› دەپ تۇرىۋالاتتىم. بىر قېتىم تاپشۇرۇق دەپتىرىگە يازغان ئىززت دىگەن ئىسىمنىڭ كەينىگە ‹‹گۈل ››نى قوشۇپ يېزىپ قويسام، مۇئەللىم كىرىپ تاپشۇرۇق تارقاتقاندا ‹‹ئىززەتگۈل ›› دەپ ئىسىم چاقىرغاندا ئۇ ھۆپپىدە قىزىرىپ نىمە قىلارىنى بىلمەي قالغاندى. شۇندىن كېيىن ئۇ ماڭا ئۆچ بوپ قالدى. مېنىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن خوشام قالمىغاندى.
9-ئاي كىردى. ھەممە ساۋاغداشلىرىم دىگۈدەك ئوقۇشقا كەتتى. پەقەت مەن ۋە ئىمتىھاندا نومۇرى كەملىگەن بىر نەچچەيلەنلا قالدۇق. كۆرۈشۈپ قالساق، ئىمكان بار ‹‹بىزگىمۇ خۇدايىمنىڭ كۈنى باردۇ ›› دىيىشىپ تەسەللىي بىرەتتۇق.
-ئاداش، مەيۈسلەنمە، ئىمتىھاندا كۆچۈرۈپ ئۆتۈپ كەتكەنلەرمۇ كىتىدىكەن جۇمۇ. ئالىيە تۆت ئەتراپىدىكىلەردىن كۆچۈرۈپ، ماتىماتىكىدا بىزگە بىر سۇئالمۇ دەپ بەرمەي چىقىپ كەتتى. شۇڭا نەتىجەم كەملەپ قالدى. سەنمۇ ئۇختۇرۇش كەلگەن كەسىپنى ياراتماي ئوقۇمىدىڭغۇ. بىز ئۇنچىۋالا يارامسىز ئەمەس. –دېدى ئايشەم. ئۇ باشقا پەنلەردە ياخشى، پەقەت ماتىماتىكىغا كەلگەندە بېشى ئاغرىيتتى. ئۇ ئالىيەدىن جىق ئۈمىد كۈتكەن ئىدى. لېكىن ئالىيە ماتىماتىكا ئىمتىھانىدا ئۇنىڭغا قەغەزنىڭ ئۇچىنىمۇ كۆرسەتمەپتۇ. شۇڭا ماتىماتىكا نومۇرى توشماي قېلىپ قالغان ئىدى.
-كىم بىلىدۇ، قانچىسى يېنىپ كېلىدۇ دەيسىلە. مانا مەن ئوقۇمايمۇ ئۆز يولۇمنى تاپىمەن. ئەمدى بىرەر ئۆي ئۆيدە ئولتۇرۇپ، ئاندىن ئۈرۈمچىگە چىقىپ ‹‹شېرىن ئاي ھۆسىن تۈزەش مەكتىپى ›› دە ئوقۇپ بىر گىرىم دۇكىنى ئاچىمەن. بىر كۈنلەردە توي قىلساڭلار، توي گىرىمىڭلارنى ئۆزۈم قىپ قويىمەن.-دېدى ئەزەلدىنلا ئوقۇش بىلەن ئانچە خوشى يۇق ھەلىمە. ھەلىمەنىڭ ئۆيىگە بىر قېتىم بارغىنىمدا ئۇنىڭ بىر چاچ مودىلىنى ئالدىغا تىكلەپ قويۇپ، چېچىنى ھەر خىل ياساپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەندىم. سىنىپتا ياكى مەكتەپتە بىرەر پائالىيەت بولسىلا، پائالىيەتكە قاتناشقۇچى، رىياسەتچىلەرنىڭ چېچىنى ياساپ قوياتتى. مەن ئۇنىڭ ئىرادىسىگە قايىل ئىدىم.
-ئوقۇشقا بارساقمۇ ئوقۇش پۇلى دەپ يىلىغا بەش ئالتە مىڭنى، تۇرمۇش پۇلى دەپ ئېيىغا ئىككى-ئۈچ يۈزنى بۇزۇپ چاچىدىكەنمىز. خىزمەت تاپالىساققۇ خوپ، تاپالماي، ئەدناسى مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرۈپ، دىپلۇم ئالالماي كەلسەك ئۆيدىكىلەرنى يىقىتىپ قويىدىكەنمىز. شۇڭا دۇنيادا ياشايدىغان يولنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئوقۇش بولمىغاندىكىن، يىتەرلىك ئوقۇدۇق، ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ يولىنى ئۆزىمىز تاپايلى. قانداق دىدىم، زۆھرە؟
ھەلىمەنىڭ ئىشەنىچ بىلەن ئېيىتقان گېپى مېنى خىيال دېڭىزىدىن تارتىپ چىقاردى. خېلى روھلىنىپ پاراڭغا قوشۇلدۇم، بىز ئوقۇشقا كەتكەنلەر، يىگىت، مودا، رەخىت، بۇ يىلقى ئېقىۋاتقان رەڭ دىگەنلەرنى گېپىنى قىلىپ خېلى كاسىلداشتۇق.
-ھەييى، بۈگۈن سادەت كەلمەي قالدى-دە، ئۇمۇ خېلى پاراڭ قىلىپ بىرەتتى.
-ئادىشىم، ئۇ يىگىتى بىلەن ئالدىراش، توي قىلىمەن دەپ يۈرىدۇ.
-نىمە دىدىڭ؟-مەن ھەيران بولۇپ سورىدىم. سىنىپتىكى سائادەت ئىسىملىك بۇ ساۋاغدىشىمىز ئىنتايىن ياۋاش، مۇلايىم قىز ئىدى. ئوقۇشتا ناچارراق بولغىنى بىلەن مۇلايىملىقى ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىگە ياقاتتى. سىنىپتا سۇئاللارغا جاۋاب بەرسىمۇ قىزىرىپ كىتەتتى. ئۇنىڭ يىگىت تېپىۋالغانلىقىدىن خەۋىرىم يوق ئىدى. توي قىلىدىكەن؟ تۆۋۋە ئۇ قىز توي قىلسا، سىنىپىمىزدىكى ئەڭ بالدۇر توي قىلغان قىز بوپ قالاتتى. توي قىلىشنى بولسا ھېچقايسىمىز ئويلىشىپمۇ باقمىدۇق دەپ ئويلايتتىم.
-ماڭغىنە، نەدىكى گەپلەرنى قىلمىغىنە.-دىدىم .
-ۋاي راست، سادەت توي قىلىمەن دەپ ئۆزى دىدى. بىز كۆرۈشكەندە يىگىتى ئا ياققا بېرىپ تۇرۇپ تۇردى. بويى ئىگىز، سەھرا چىراي، بېشىغا شەپكە كىيىۋالغان بالىكەن. ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.
قىزلار بىلەن خوشلىشىپ تارقالغاندىن كېيىن، ۋېلىسپىتىمگە مىنىپ ئۆيگە قايتتىم، يول بويى سائادەت كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. ئۇ قىز 18 ياشقا كىرىپلا توي قىلىپ كەتسە...توي.... بۇ گەپ كۆز ئالدىمغا كېلىۋىدى، تېنىم جۇغۇلداپ بىر قىسما بولدۇم. مەن ئاكىلىرىمنىڭ، تۇققانلارنىڭ بالىلىرىنىڭ تويلىرىغا قاتناشقان بىلەن ئۆزۈمنى بۇ ئوقۇمغا يېقىنلىشىشقا تېخى يىراق دەپ ئويلايتتىم. پەقەت ئاپامنىڭ ئاغىزىدىن :‹‹ 17 ياشقا كىرگەندە داداڭغا تىگىپ قالغانمەن›› دىگەنلەرنىلا ئاڭلىغان. ئاڭلىشىمچە، ئاپام كىچىك توي قىلىپ بەك جاپا تارتقانمىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارقا-ئارقىدىن ئوغۇل تۇغۇپ بالىلارنىڭ جاپاسى قوشۇلۇپ بەك قىينالغانمىش. ئاپام بۇ ھەقتە بىر گەپ باشلاپ كەتسە ئاغىزى پەقەت توختىمايدۇ. شۇڭا مېنىڭ كاللامغا ياخشى ئوقۇپ، كىچىكىپرەك توي قىلسام دىگەن خىيال ئورناپ كەتكەن ئىدى. لېكىن ئوقۇشتىن ئۈمدىم ئۈزۈلدى. قايتا ئوقۇشنى ئويلىساملا كاللامغا بىر خىل ئاغرىق كىرىپ كىتىدۇ. قايتا ئوقۇغىنىمنى ئىززەت ئاڭلىسا قانداق خوش بوپ كىتەر ھە؟ ئاتايىتىن رۇخسەت سوراپ، مېنى مەكتەپتىن سومكامنى ئېلىپ چىقىپ كېلىۋاتقان ھالەتتە كۆرۈش ئۈچۈن يېنىپ كېلىشتىن يانمايدۇ. ئىززەتنى خوش قىلماسلىق ئۈچۈن بولسىمۇ ئوقۇمايمەن دىدىم ئوقۇمايمەن.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:06:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
233 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 15:14:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئايدارنىززززززززززززززززززززززززززززە قېنى داۋامى ؟

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
842

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 17:32:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى دىگەندىن باشقىمۇ ئىنكاس يازغىلى بولىدۇ بۇ تېمامغا، مەسىلەن ‹‹بەك ياخشى يېزىپسىز جېنىم ئايدارىم !!!›› دىگەندەك.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 18:27:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 17:32
داۋامى دىگەندىن باشقىمۇ ئىنكاس يازغىلى بولىدۇ بۇ تېما ...

كىم سىزنى ياخشى يازسۇن، يېزىپ قويۇپ داۋامىنى يازمىسۇن دەپتىكەن

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
842

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 18:28:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمىسە داۋامىنى يازمايمەن ...قاندىغا ؟!! گەپ بارمۇ ؟

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 18:50:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 18:28
ئەمىسە داۋامىنى يازمايمەن ...قاندىغا ؟!! گەپ بارمۇ ؟

ئۇنداق قىلماڭ جېنىم ئايدارىم، بەك ياخشى يېزىپسىز

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
842

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 18:52:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھى ھى ھى ئالدىنقى ئۈچ بابىنى يېزىپلا توختاپ قالغان ئىدىم بۇ ئەسەرنىڭ،،،،ھېچ ئىلھام تاپالمىدىم دىسە...

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
842

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 18:05:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خىيال ئىچىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىققىنىمدا، ئىشىك ئالدىدىن ئۆتۈپ دادامنىڭ كىتابخانىسى قېشىغا كېلىپ قالاي دەپتىمەن. ئارقامغا بۇرۇلۇپ ئىشىك ئالدىغا كەلسەم ئىشىك ئالدىدا ئاپام خوشنىلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ.
-بالام، قارىسام ئۆتۈپ كىتىپ بارىسەن. بىر نەرسىنى خىيال قىلدىڭمۇ؟
-بىر ساۋاغدىشىمىز توي قىلىدىكەن. شۇنى ئويلاپ كىتىپتىمەن.
-مەكتەپنى پۈتتۈرە-پۈتتۈرمەيمۇ؟ ۋاييەي، بۇ زاماننىڭ قىزلىرىزە،-دېدى خوشنىمىز ھۆرىيەت ئاچام.
-ھۆرىيەتگۈل، بىزمۇ كىچىك توي قىلغانغۇ.
-ياق، دىمەكچىمەنغۇ، ھازىر قىزلار ئالدىرىماي مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىۋاتىدۇ. 18 ياشقا كىرە-كىرمەي توي قىلىۋالسا، ئەتە بەش كۈندە بالىدىن بىرنى تۇغسا، شۇنىڭ بىلەن، ئۆي، بالا-كالا دەپ، پوق-سۈيدۈككە چۆكۈپ كېتىدۇ. ياشلىق باھار دىگەن قىسقا، ھايىت-ھۇيىت دىگۈچە ئۆتۈپ كېتىدۇ.
ھۆرىيەت ئاچام توختىماي سۆزلەپلا كەتتى. ئۇ كىتابنى جىق ئوقۇغان ئايال، گەپ سۆزلىرىدىن ماقال-تەمسىل تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ گېپىدە جۈپ سۆز دىگەننى تۆكۈپلىۋىتىدۇ. مەن ئۇنىڭ گېپىنى تىڭشاشقا ئامراق. لېكىنزە، ئۇنىڭ گېپىنىلا تىڭشاش كىرەك، ئۇنىڭغا ئازراقلا گەپ قىپ قۇيدۇقمۇ بولدى، ئەتە- ئۆگۈن بۇ مەھەللىگە پۇر كېتىدۇ.
ئاپام مېنىڭ چىرايىمنىڭ بىر قىسما بولۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ھۆرىيەت ئاچام بىلەن خوشلىشىپ مەن بىلەن تەڭلا يېنىپ كىردى. ئۈزۈملەر پىشىپتۇ.مۇناقىدىن بىر تال  ئېلىپ پۈۋدىۋىتىپ ئاغىزىمغا سالدىم. مۇناقىنىڭ پىشىشىغا سەل ھايىلى باركەن. ئاچچىق-چۈچۈك بولمىسىمۇ، لېكىن 11-ئايلاردىكى كاناينى قىزىتىدىغان تاتلىق تەمىگە توشماپتۇ.
-بالام، قەتئىي قايتا ئوقۇمامسەن؟
مەن بېشىمنى چايقىدىم، شۇ ھامان كۆزۈمدە ياش تۇمانلىرى پەيدا بولدى. دادامنىڭ رەھىمسىز قارارى مېنىڭ ئىچىمنى ئۆرتەپ، ئامالسىز قالدۇرغان ئىدى. نەگىلا قارىسام مەن مېڭىشنى خالىمايدىغان يول، مەن تاللاشنى، يۈزلىنىشنى خالىمايدىغان رىئاللىق...قانداق قىلىشىم كىرەك؟  ئاپام ئاستا يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى. ئاپامنىڭ مۈرىسىگە بېشىمنى قويۇپ، قوللىرىنى مەھكەم چىڭ تۇتتۇم. ئاپامنىڭ تۇنۇش ھىدىنى، بەدىنىنىڭ يىنىك سىلكىنگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئاپام قاتاڭغۇر قوللىرى بىلەن بېشىمنى سىيلىدى. ئۇنىڭ قوللىرىمۇ تىتىرەۋاتاتتى.
-جېنىم بالام، قايتا ئوقۇپ باقساڭ، ياخشىراق مەكتەپكە ئۆتۈپ قالاردىڭ. ھېچ بولمىسا مۇئەللىمچىلىك مەكتىۋىگە بولسىمۇ مەيلى. قوشنىمىزنىڭ تۇققىنىنىڭ قىزى ئىلىكتىر –ئىنىرگىيە مەكتىۋىنى پۈتتۈرۈپتىكەن، نىم بوپ ئۇ مەكتەپنى يېزىپ قالدىكىن-تاڭ، بۇ يەرگە ئەمەس، ماناسقا بۆلۈپتۇ. ماناستىكى ئىلىكتىر ئىستانسىسىغا كەتتى. ئاتا-ئانىلىرى دىگەن يىغلاپ-قاخشاپ قالدى. ئۇ قىزنىڭ دادىسى داداڭنىڭ ساۋاغدىشى ئىكەنتۇق. داداڭغا كوچىدا ئۇچراپ قېلىپ شۇنداق ھال ئېيتىپ كىتىپتۇ. شۇڭا بۇ ئىش داداڭنىڭ كاللىسىغا قاتتىق تەسىر قىلىپ، بىر تال قىزىمنى ھەرگىز ئۇنداق مەكتەپلەردە ئوقۇتمايمەن دەپ ئۆزىگە ۋەدە قىپتۇ. جېنىم بالام، داداڭنىڭ ئويلىغىنىنى چۈشەن.
ئاپام بېشىمنى سىلاپ ئولتۇرۇپ ناھايىتى ئۇزاق سۆزلىدى. دادامنىڭ ئاچچىقى يامان بولغىنى بىلەن ئاچچىقى ئاسان ياناتتى. لېكىن مەن قىيداپ دادامغا قارىماي يەر بېقىپ ئۈستۈن قارىماي يۈرەتتىم. ئاپامنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ۋۇجۇدۇمدىكى ئېرىمەس مۇز ئېرىگەندەك بولدى. داداممۇ بىر يەرنى ئويلاپ شۇنداق دەپتۇ، لېكىن ماڭا قايتا ئوقۇش تەس كېلىۋاتاتتى.
-ئاپا، مەن ئوقۇمىسام بولمامدا؟-دىدىم مەن ئايانىچلىق قىياپەتتە، -مېنىڭ پەقەت ئوقۇغۇم يوق. قايتا ئوقۇغۇم يوق. بالىلار مېنى زاڭلىق قىلىدۇ. بېرىپ ئوقۇساممۇ ياخشى مەكتەپكە ئۆتۈشۈم ناتايىن.
-داداڭ سېنى ئوقۇسۇن دىگەن.
-دادامغا بىر دەپ باقساڭ، مەن ئوقۇمىسام...
كۆزۈمگە لىققىدە ياش ئالدىم، ئادەتتە ئاسان يىغلىمايمەن. لېكىن بۇ قېتىم مەكتەپكە بېرىش ماڭا ئالامەت تەس كەلدى. ھەتتا ئۆزۈم ئوقۇغان ئانا مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشتىنمۇ ئەيمىنىپ قالدىم. نەچچە قېتىم مەكتەپ ئالدىغىمۇ بارماي، يىراقتىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتتىم. خۇددى ھەممە ئوقۇغۇچى مېنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي ئۆيدە قالغىنىمنى بىلىدىغاندەك، ھەممەيلەن مېنى مازاق قىلىۋاتقاندەك بوپ كەتتى. بۇنداق غېرىبلىق بەك ياماندە.
ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنى تاقىۋىلىپ تازا يىغلىدىم. ئاپام مېنى يىغلىۋالسۇن دىدىمۇ، ئەيتاۋۇر مېنى چاقىرىپ ئاۋارە قىلمىدى. كەچ كىرگەندە ئاندىن چىقىپ يۈزۈمنى يۇيۇپ، ئاپام سالغان قازان نېنى بىلەن قورۇمىدىن ئازراق يىدىم.لېكىن ھېچنىمە گېلىمدىن ئۆتىدىغاندەك ئەمەس، كۆز ياشلىرىم تۆكۈلۈشكە ئاران تۇرىدۇ. تەلىيىمگە ئۆيدە ھېچكىم يوق. ئاپاممۇ خوشنىلارنىڭكىگە چىقىپ كىتىپتۇ. دادام كىتابخانىنى كەچ تاقايدۇ. كەچلىك تاماقنى كەچرەك يەيدۇ ياكى ئاپىرىپ بىرىمىز. كەچتە ئىشتىن چۈشكەنلەر بىلەن گۇڭۇر مۇڭۇر پاراڭلىشىپ ئولتۇرىدۇ. بەزىدە ‹‹كەچتە سودا ياخشى بولىدۇ ›› دەپ قويىدۇ. دادامنىڭ موشۇ كىتابخومارلىقىغا ئەخمەتجان ئاكامدىن باشقىلار كىتاب ئوقۇشقا قىزىقمىدى.
تاماق يەپ بولۇپ، قازا-قاچىلارنى يىغىشتۇردۇم. قازان بېشىنى تازىلاپ بولۇپ، تەلەڭگىلەرنى جايىغا سالدىم. يازلىق ئاشخانىمىز سەل ئىستىن قارايغان بىر ئېغىز پاكارغىنە ئۆي. ئەتتىگەن قوپسام دائىم دادام بىلەن ئاپامنىڭ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ قايماق چاي بىلەن ناشتا قىلغانلىقىنى كۆرەتتىم. ئۇلار جىق پاراڭلارنى قىلىپ كۈلىشەتتى، مېنىڭ كىرگىنىمنى كۆرگەن ئاپام قايماقنى تازا سېلىپ چاي قۇياتتى، مەن نان چىلاپ قورۇما بىلەن يەپ ئاندىن مەكتەپكە ماڭاتتىم.
مەكتەپ، يەنە شۇ مەكتەپ... مەكتەپ ھەققىدە كۆڭۈللۈك ئەسلىمىلەرگە قارىغاندا كۆڭۈلسىز ئەسلىمىلىرىم كۆپرەك. كۆپىنچىسى دەرس سورالسا جاۋاب بىرەلمىگىنىم، گەرچە مۇئەللىم بىر نەرسە دىمىسىمۇ، قىزىرىپ شۇ سائەتلىك دەرسنى خۇددى يىڭنە يەۋالغاندەك تەستە تاماملىشىم، خاتا جاۋاب بىرىپ قويسام بالىلارنىڭ مازاق قىلىپ كۈلۈشلىرى كۆز ئالدىمغا كەلسە تەنلىرىم تىكەنلىشىدۇ. پەقەت تولۇقسىزغا چىققاندا، شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىنى پۈتتۈرگەن بىر مۇئەللىم بىزگە فىزىكا دەرسىگە كىرىپلا تۇنجى بولۇپ مەندىن سۇئال سورىدى. نىمە دەپ جاۋاب بەرگىنىم ئېسىمدە يوق. مۇئەللىم جاۋابنى ئاڭلاپلا :‹‹ئىسمىڭىز نىمە ؟›› دەپ سورىدى. ‹‹مۇئەللىم، ئۇنىڭ ئىسمى زورەم ›› دەپ جاۋاب بەردى بىر ساۋاغدىشىم، مەن خىجىللىقتىن يەرگە كىرگۈدەك بولۇپ تۇرغىنىمدا مۇئەللىم :
-زورەم ئەمەس زۆھرە دەڭلا، ياخشى، ساۋاغداش زۆھرە بۇ سۇئالغا بەك ياخشى جاۋاب بەردى. قارىغاندا بۇ ساۋاغدىشىمىز فىزىكىغا قىزىقىدىغان ئوخشايدۇ. –دېدى. مەن ئاستا بېشىمنى كۆتۈردۈم، مۇئەللىمنىڭ چىرايىدا مەن كۆرۈمەن دىگەن مەسخىرە، تەنىلەرنىڭ ئىپادىسى يوق، پەقەت سەممىيلىك ۋە تەمكىنلىك ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى. ئۆيدىكىلەرمۇ مېنى زۆھرە دەيتتى. پەقەت سىنىپتىكىلەرلا مېنى زورەم، زورە دىيىشەتتى.  شۇندىن باشلاپ مۇئەللىمنىڭ ھەر بىر سائەتتە زۆھرە دەپ چاقىرىشى بىلەن مەن زۆھرە دەپ ئاتالدىم. فىزىكا دەرسىگىمۇ قاتتىق ئىشتىياق باغلاپ، ئۆزۈمنى تۇيمىغان ھالدا نەتىجەم يوقىرىلاپ قالدى. شۇندىن باشلاپ ئويلىسام چىرايىمدا كۈلكە پەيدا بولغۇدەك ئەسلىمىلىرىم باركەن.
ئاپام بىلەن دادام تالادىن نىمىنىدۇر دىيىشكىنىچە كۈلۈشۈپ كىردى. ئۇلارنىڭ كىرىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز ئۇھ تارتتىم. دادامنىڭ كۈلىدىغان چاغلىرى بەك ئاز. بولۇپمۇ مۇشۇ كۈنلەردە، مېنى كۆرسىلا جۇدۇنى ئۆرلەمدىكى، ياكى مېنىڭ دادامنى كۆرسەم جۈدۈنۈم ئۆرلەمدىكى، ئىككىمىز بولساقلا ئۆي ئىچىنى بىر خىل سوغۇقلۇق قاپلاپ، مۇزلاپ كىتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم. ماڭىغۇ شۇ چېچىلغاندىن كېيىن چېچىلىپ باقمىدى، ئەمما كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇپ پاراڭلاشمىغىلى ئۇزۇن بولدى.
-نىمە بولدۇڭ، پۇخساراپ ئولتۇرۇپ كېتىپسەنغۇ؟ -دېدى دادام يېنىمغا كېلىپ. دادامنىڭ بۇ گېپى ئىچىمدىكى يىغا غەليانلىرىنى قوزغىۋەتتى. دادامغا قارىساملا يىغلىۋىتىدىغىنىم ئېنىق ئىدى. شۇڭا ئىچىمدىكى يىغىنى قاتتىق بېسىپ تىرناقلىرىم بىلەن كىگىزنى تىتىپ ئولتۇردۇم.
-بالام، سەن ئاجىز، پۈۋ دىسىلا ئۇچۇپ كەتكۈدەك قىز بالىسەن، سېنى قانداقتۇر ئىلىكتىر ئىستانسىسىلىرىدا، زاۋۇتلاردا ئەمەس، تەتقىقات ئورۇنلىرىدا، مۇنبەردە، ئىشخانىلاردا كۆرۈشنى خالايمەن. دەرستە ۋاي دىگۈدەك ياخشى بولمىساڭمۇ، سەندىن جىق ئۈمىت كۈتۈپ كەلدىم. لېكىن سەن قېرىشقاندەك نەدىكى مەن خالىمايدىغان كەسىپلەرنى يېزىپسەن. مەن خالىمىسامغۇ مەيلى، لېكىن سەن ئۆزۈڭ قىينىلىسەن. بىر تال قىزىمنىڭ قىيىنچىلىققا قېلىشىنى مەن خالامدىم، دىگىنە قىزىم مەن خالامدىم؟
ئاستا بېشىمنى كۆتۈرۈپ دادامغا قارىدىم، دادامنىڭ كۆزلىرى نەملەشمىگەن بولسىمۇ، چىرايىدا مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان مېھرىبانلىق ئىپادىلىرىنى كۆرىۋاتاتتى. دادام بېشىمنى سىيلىدى. مەن شۇ ھامان پاڭڭىدە ئېتىلىپ دادامغا ئۆزۈمنى ئاتتىم.
-دادا، مېنى نىمە قىل دىسىڭىز مەيلى، ئەمما قەتئىي قايتا ئوقۇمايمەن. ئوقۇ دىسىڭىز مېنى يېزىغا ئاپىرىپ قويۇڭ، شۇ يەردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇپ ئىمتىھانغا قاتنىشىمەن.
-نىمىلەرنى دەيدىغانسەن؟ ئوقۇغۇڭ قەتئىي يوقما ؟
-يوق، -دېدىم مەن ئېسەدەپ،-مېنى باشقىلار مازاق قىلىدۇ. تېخى بىر ساۋاغدىشىم ‹‹زۆھرە ئىمتىھاندىن ئۆتەلىسە ئىككى قولقىمنى كېسىپ بېرىمەن ›› دېگەن. جېنىم دادا، مەن ئاران بىر مەكتەپكە ئۆتسەم مېنى ئوقۇتمىدىڭىز مەيلى دىدىم، لېكىن مېنى قايتا ئوقۇشقا قىستىماڭ.
-دادىسى، بالىغا ئىچىلىرى ئاغرىسۇن. نەچچە كۈندىن بېرى بالا ئورۇقلاپ قاچارلىرى(مەڭىزلىرى ) سوغۇلۇپ(ئورۇقلاپ) كەتتى. ئۇنىڭغا قاراپ مېنىڭ يۈرىكىم ئاغرىۋاتىدۇ. بالىنىڭ بەختىنى خۇدايىم بىرەر. ئۇنى ئەمدى قىستىمىسىلا....
مەن ئاپامنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ يىغلاپ دادامغا چىڭ يېپىشتىم. دادام بېشىمنى سىلاپ بىر دەم تۇرغاندىن كېيىن، ئېغىر ئۇھ تارتتى .
-بوپتۇ، ئوقۇمايمەن دىسەڭ ئوقۇما. ئەمىسە بىر ھەپتە دەم ئېلىۋىلىپ كىتابخانىنى ئاچقىن. ھەر كۈنى ھېساب كىتابنى ماڭا قىلىپ بىرىسەن. ئىككى-ئۈچ يىلدىن كېيىن كىتابخانىنى ساڭا ئۆتكۈزۈپ بىرىمەن. كىرىم-چىقىمىغا ئۆزۈڭ ئىگە بولىسەن.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 2

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
289
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 02:58:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى ، يېقىن بىر دوستۇم قايتا - قايتا ئىمتاھان بىرىپ ئاران ئۆتكەنىدى ، ھالىغىمۇ يەتمەپتىكەنمەن ئويلىسام .......  داۋامىغا قىزىقىپ قالدىم ........ ئايدار ھەدە ، ساقلاپ ئىڭىكىمىز چۈشۈپ قالماستا يېزىۋىتەرسىز ......

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 23:41 , Processed in 0.070949 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش