روزىنىڭ خاسيىتى بىلەن مانا مۇشۇنداق يېرىم كېچىلەردە ئېرىنمەي تۇرۇپ تاماق ئېتمىز،
بۈگۈن ئىپتار ۋاقتى ئاز قالغاندا قارىسام كوچىلاردا ھەقسىز ئىپتارلىق قوغۇن تاۋوزلارنى تىزۋېتىپتۇ، مەھەللىدىن بىر چوڭراق تاۋۇزنى ئالسام 14 كويلۇق كەپتۇ، دىمەك روزىنىڭ خاسيىتى بىلەن شۇ باقاللار بۇنداق 14 كويدىن نەچچىسىنىڭ مېھرىدىن كېچىدىكەن، يەنە كېلىپ ئۆزى كۆرمىگن، تونۇمايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن . بۇ ئىشنى كۆرۈپ شۇنداق سۆيۈندۈم.
لېكىن مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئاي ئۇلۇغ كۈندە ھاراق ئىچىپ مەست دەلدەڭشىپ يۈرگەن ئادەملەرنىمۇ كۆردۈم، كۆڭلۈم شۇنداقمۇ يېرىم بولدى.
يەنە تېخى يول بويىدىكى ئاممىۋى ھاجەتخانىلاردا تەپ تارتماي تامكا چېكىۋاتقان قىزلىرىمىزنى كۆرۈپ تېخىمۇ بىئارام بولدۇم، باشقا ۋاقىتلاردىغۇ بوپتۇ بۇلارنىڭ ئەركىنلىكى دەيلى بۈگۈنچۇ، ئەتىچۇ..... پەقەت مۇشۇ بىر ئايغۇ.
تۇرۇپلا ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەر پەقەت ئازغىنە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىبادىتى دۇۋاسى بىلەن مۇشۇنچىلىك تۇرۋېتىپتۇ دەپ ئويلاپ قالدىم.
روزىنىغۇ تۇتماڭ لېكىن شۇ ھارام نەرسىلەردىن مۇشۇ ئۇلۇغ كۈنلەردە نېرىراق تۇرسىڭىز بولمامدۇ قېرىندىشىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xakilat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى 02:05