بۇ تولا چاينىلىپ كەتكەن «تايىنى يوق شېئىر» نىڭ بىرى.
نېمە؟ «دېھقانغا بېغىشلانغان شېئىرنى تايىنى يوق دەۋاتامسەن» دېدىڭىزمۇ؟
ئاڭلاڭ، مەن بۇ شېئىرنىڭ «تايىنى يوق» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىمەن.
دېھقان ئۇلۇغ دەپ ئەسەر يازىسىز، دېھقان دادام دەپ ناخشا ئېيتىسىز. مەن دېگەن دېھقان پەرزەنتى دەپ قويىسىز بەزىدە.
خوش، دېھقانغا ئىچ ئاغرىتماي تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ دېھقاننى بىچارە دەپ قارىغىنىڭىز بۇ شېئىرنىڭ «تايىنى يوق» ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى بولماي نېمە؟
ھەممە نەرسىنى تەل قىلىپ بەرگەن دېھقان دادىڭىزغا ياندىڭىز. ئۇنىڭ دېھقان بولغانلىقىدىن نومۇس قىلىسىز ھەقاچان. سىز تېخى ھېلىلا دېھقاننى ئۇلۇغ دەپ ماختىغان ئىدىڭىز. ئۆزىڭىز ئۇلۇغ دەپ قارىغان كىشىدىن نومۇس قىلغىنىڭىز بۇ شېئىرنىڭ «تايىنى يوق» ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى بولماي نېمە؟
كۆكتات بازارلىرىغا بارسىڭىز قوشنا ئىككى سېتىقچىنى كۆرىسىز. بىرسىنىڭ توپ تارقىتىش بازىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەن كۆكتات بولغاچ، يۇيۇپ تازىلانغان ھالەتتە كۆزىڭىزنى چاقنىتىپ تۇرىدۇ. ئاۋۇ دېھقاننىڭ تېخى ئەتىگەندە ئېتىزدىنلا كولاپ كېلىنگەن ھالەتتە. دېھقانغا ئوخشاش توپىغا مىلەنگەن، لېكىن دېھقانغا ئوخشاش ئىچى پاكىز، زىيانسىز ھالەتتە.
خوش، دېھقاننى ئۇلۇغلايسىزۇ، ئۇنىڭ كۆكتاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىۋالمايسىز. ئۇنىڭغا ئىئانە ئورنىدا بەرگەن كونا كىيىملىرىڭىز بىلەن شۇ غۇبارسىز دېھقاننىڭ غۇرۇرىغا تېگىشكە پېتىنىسىزۇ، ئۇنىڭ بىلەن نەچچە يۈەنلىك سودا قىلىپ، كەچتە ئۆيىدىكى ئۇششاقۇ-چوڭلىرى بىلەن بىرەر پارچىدىن گۆش يېيىشىنى خالىمايسىز.
بۇ قىلغىنىڭىز بۇ شېئىرنىڭ، توغرىسى سىزنىڭ تايىنى يوق ئىكەنلىكىڭىزنىڭ ئىسپاتى بولماي نېمە؟
خوش، ئۇنداقتا مەرھۇم روزى سايىتنىڭ «دېھقان بولماق تەس» دېگەن شېئىرى تايىنى يوق شېئىرمۇ؟ ياق، زىنھار ئۇنداق ئەمەس. ھۆرمەتلىك روزى سايىت بۇ شېئىرىنى قېنى بىلەن يېزىپ چىققان ئىدى.
ئۇنداقتا روزى سايىت تايىنى يوق كىشىمۇ؟ ياق زىنھار ئۇنداق ئەمەس. بۇ شېئىرنىڭ شاراپىتى بىلەن يەرلىكتىكى بەزى سىياسەتلەر ئۆزگىرىپ، دېھقانلارغا بىۋاسىتە نەپ يەتكەنلىكى، دېھقانلارنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقى (ھازىرقى جۇڭگو مىللەتلىرى)» ژۇرنىلىغا خەت يېزىپ «شائىرنى مۇكاپاتلاپ بېرىڭلار، پۇلىنى كۈزدە بېرىمىز» دېگەنلىكى بۇ شېئىرنىڭ تايىنى يوق شېئىر ئەمەسلىكىنى، شائىرنىڭ دېھقاننىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاققان ھەقىقىي ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
خۇلاسە كالام، بۇ شېئىر تايىنى يوق شېئىر ئەمەسكەن، شائىر تېخىمۇ شۇنداق. بىز بۇ شېئىرنىڭ «تايىنى يوق شېئىر» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايمىز دەپ، باشقىنىڭ «تايىنى يوق» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ سالدۇق. ئۇنداقتا تايىنى يوق شېئىرمۇ ياكى …؟
مەنبە:
قىسمەت بلوگى
يازما مەنزىلى:
http://www.qismet.me/dehqan.html